- جۇغلانما
- 416
تىزىملاتقان2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
ھەربىر بۆلەك ئۆتۈلىدىغان دەرىس مەزمۇنلىرىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ
ئالدىنقى تەربىيلەشتىن قىسقىچە خۇلاسە :
دەرىس 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلانغان بولۇپ 60كۈندىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن غەلبىلىك كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەن ئاساستا تەربىيلەندى ۋە دۇكاندا بىرتەرەپتىن ئۆگەنگەچ بىرتەرەپتىن ئەمەلىي پىراكتىكا قىلىپ قىممەتلىك تەجىربەساۋاقلارنى يەكۈنلىدى ،ھەم بىرقاتار مەسىلىلەرمۇ ساقلاندى ، تىرىشىپ دەرىس سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلساقمۇ يەنىلا دەرىس تاشلىنىپ قالىدىغان ،يىتەكلەش يىتەرلىك بولمىغان ،ماتىرياللار دەل ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈلمەي كىچىكىپ قالىدىغان ئىشلار يۈزبەردى ،بۇ قېتىم مەسىلىلەرگە دېققەت قىلغان ئاساستا ئوقۇغۇچىلارنى بىر قىسىم لىكسىيە ،كومپيۇتىر شېركەتلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇش ،نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تۇلۇقلىما پالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارارلاشتۇردۇق .
تەربىيەلەش مەقسىتى:شېركىتىمىزھازىرقى جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە بۇندىن كىيىنكى ھەمكارلىق ۋە تەرەقىياتىنىڭ ئوبىكتىپ تەلىپىنى چىقىش قىلىپ جەمىيىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردەئوقىۋاتقان ، پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان،تۇلۇق ئوتتۇرا –تۇلۇقسىز مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن كىيىنكى نىشانى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياشلىرىمىزنى ئاساس قىلىپ قىسقامۇددەتلىك تەربىيلەشنى ئېلىپ بېرىشنى قارارلاشتۇردۇق.
تەربىيلەشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە :
تەربىيلەش ئۈچ بۆلەك بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ :
بىرىنچى بۆلەك: جەمىي ۋاقتى20 كۈن
سۆزلىنىدىغان مەزمۇنلار:
كومپيۇتىر دەسلەپكى بىلىملىرى :windows7,windows8ھەققىدەچۈشەنچە، windows7,windowsنىيوقىرى دەرىجىلىك ئىشلىتىش ،تەڭشەش،ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش دىتاللىرىنى ئىشلىتىش،بەت ياساش، Excelفورمىلالىرىدىن پايدىلىنىپ مۇرەككەپ جەدىۋەللەرنى تۈزۈش قاتارلىق ئىشلىتىش قىممىتى يوقىرى بولغان كومپيۇتىر بىلىملىرى ،توردىن ماتىريال چۈشۈرۈش،ناخشا-مۇزىكاچۈشۈرۈش،ماتىريال ئىزدەش دائىم قوللىنىدىغان بىلىملەر،ئۈندىدار سالونى قۇرۇش،ماتىريال يوللاش تەك بىلىملەر،ھازىرقى توربەت سېستىمىلىرى بولغان Discuzقاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ توربەت قۇرۇش،بەت تىزىش،مۇنبەر قۇرۇش،ئىسىم ئېلىش ، بوشلۇققا باغلاش مۇنبەرنى بوشلۇقتا نورمال ماڭدۇرۇش قاتارلىق توربەت تەشۋىقات بىلىملىرى، تاۋباۋدا دۇكان قۇرۇش،مال چىقىرىش،PHP,ASP,ASP.Net موھىتى قۇرۇش بىلىملىرى سۆزلىنىدۇ.
ئىككىنچى بۆلەك:جەمىي ۋاقتى 20 كۈن
سۆزلىنىدىغان مەزمۇنلار:
كومپيۇتىر قاتتىق دىتاللىرى بىلەن تونۇشۇش،ئۆز-ئاراماسلاشتۇرۇپ قوراشتۇرۇش،يولۇققان كومپيۇتىرمەسسىلىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش،سېستىما قاچىلاش،تەڭشەش،ئۈچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىئەسلىگە كەلتۈرۈش،دائىرلىك تور قۇرۇش،روتىر،خاپ(HUB) لارنى تەڭشەش،windows8,windows7,windows10 قاتارلىق مىكروسوفىت سېستىمىلىرىنى Mac os ,ios8قاتارلىق ئالما سېستىمىلىرى ۋە Linux قاتارلىق باشقا سېستىمىلارنى قاچىلاش،تەڭشەش قاتارلىق بىلىملەر،ئايفون،ئاندروئىدقاتارلىق تېلفونلارغا سېستىما قاچىلاش،ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش،ئاندىروئىد ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىش قاتارلىق تىلفۇن بىلىملىرىنى،كامىرا ئورنىتىش ،يەرلىكتە كۆرسىتىش ،تورلاشتۇرۇپ كۆرسىتىش،تېلفۇندا كۆرسىتىش قاتارلىق بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى بىلىملىرى،LEDئېكران ئورنىتىش قاتارلىق ۋىۋىسكا ئۈسكۈنىلىرىنى قوراشتۇرۇش،تەڭشەش بىلىملىرى ،پرېنتىرنى ئىشلىتىش ،رەڭلىك رەڭسىز بېسىش ،بەت تەڭشەش قاتارلىق بىلىملەرسۆزلىنىدۇ.
ئۈچۈنچى بۆلەك:جەمىي ۋاقتى 20كۈن
سۆزلىنىدىغان مەزمۇنلار:
رەسىم بىرتەرەپ قىلىش دېتالى Photoshop,CorelDRAW Graphics Suite X6نى ئىشلىتىش ،سۈرەت بىرتەرەپ قىلىش،رەسىمخانىچىلىقتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلىق ھۆنەرلەرسۆزلىنىدۇ.
قالغان تەپسىلىي مەزمۇنلارنى تەپسىلاتى دىن كۆرۈڭ
دەرىس ۋاقتى: 70 كۈن بولىدۇ
ئوقۇش ھەققى :2800يۈەن
دەرىس ئورنى:ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل بايراق كومپيۇتىرشەھەرچىسى 4-قەۋەت 16-نۇمۇرلۇق دۇكان
دەرىس ۋاقتى:چۈشتىن بۇرۇن (چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:45 دىن 2:30غىچە بولىدۇ.ھەپتىدە بىركۈن جۈمەكۈنى ئارام ئېلىنىدۇ.)
دەرىس باشلاش ۋاقتى:2015-يىلى10-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىدۇ،ھازىردىن باشلاپ تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى : تېلفۇن: 15899166007, 305704031Qئۈندىدارنۇمۇرى :w15099166007
تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار ئېتىۋار قىلىش سىياسەتلەر:
1. ئەگەر كۇرسانت ئۆگەنگىنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزئالدىغائىگىلىك تىكلەشنى نىشان قىلغان 2015-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوتتۇراتېخنىكوم.مەخسۇس كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى بولسا ئوقۇش پۇلىدا 300يۈەن ئېتىبار قىلىنىدۇ.
2. ھازىرغىچە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۆزئالدىغا ئىگىلىكتىكلەشنى نىشان قىلغان 2012-2015-يىلىغىچە ئارلىقتا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوتتۇراتېخنىكۇم،مەخسۇس كۇرۇس ئوقۇغۇچىلار بولسا ئوقۇش پۇلىدا 400يۈەن ئېتىبار قىلىنىدۇ.
3. تۇلۇقسىز تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ئۆزقىزىقىشى بۇيىچە كومپيۇتىر كەسپىنى ئۈگىنىشنى نىيەت قىلغان ئىگىلىك تىكلەشنى نىيەت قىلغان كۇرسانتلارغا 400يۈەن ئېتىبار قىلىنىدۇ.
4. بۇ قېتىم تەربىيلەنگەن كۇرسانتلار 2015-يىلى ئىچىدەئۆزئالدىغا رەسىمخانا،كومپيۇتىررىمۇنىت مەركىزى،سېتىش،ئاسىراش مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئورۇنلارنى ئۆزنامىدا قۇرىغان بولسا كىيىنكى يىلى تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلىدىن 1000 يۈەن قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.
5. كىيىن ھەمكارلىشىش ئوبىكتى قىلىپ ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
6. باشتىن ئاخىر كومپيۇتىر جەھەتتىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشىپ بېرىلىدۇ.
7. ئۆزيۇرتىدا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولساشېركىتىمىزكومپيۇتىر زاپچاسلارنى توپ باھادا تەمىنلىنىدۇ.
سىنىپ شارائىتى :سىنىپ قىلىنغان ئورۇن مەزكۇردۇكاننىڭ ئىچىدە بولۇپ كۆلىمى 25 كۇۋادىرات مىتىركېلىدىغان يورۇق،ئىچىگە بەش كومپيۇتىر قويۇلغان ،ھەممىسىگە windows7سېستىمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللار سەپلەنگەن قوش يادىرولۇق كومپيۇتىرلار.دەرىسنى بۇيەردىكى كومپيۇتىربازىرىغا ئورۇنلاشتۇرىشتىكى سەۋەپ ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ كۆرۈپ تۇرسا بىلىشكە قۇلايلىق بولىدۇ.
بىخەتەرلىك ۋەياتاق –تاماق مەسىلىسى :ئوقۇغۇچىلارئۆزى ھەل قىلىدۇ.(دەرىس ۋاقتىدىن باشقا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە ئوقۇغۇچى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.)
دېمەك يوقارقى تەربىيلەش كۇرسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ھەرقانداق بىر شېركەتلەرنىڭ كومپيۇتىر بۆلۈملىرى،ئىشخانا خادىمى،توردا بىۋاستە سېتىش ئورۇنلىرى ،توردۇكانلىرى،كومپيۇتىر مەركەزلىرى،رەسىمخانا قاتارلىق يەرلەرنى ئاچالايدۇ ياكى ھېچ كۈچىمەيلاخىزمەت قىلالايدۇ.
دەرىس ئۇيغۇرتىلىدا سۆزلىنىدۇ،ئۇيغۇرچە ماتىرياللارتارقىتىلىپ بېرىلىدۇ
دەرىس ئورنى:ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل بايراق كومپيۇتىرشەھەرچىسى 4-قەۋەت 16-نۇمۇرلۇق دۇكان
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى : تېلفۇن:15899166007, 305704031QQ: ئۈندىدارنۇمۇرى :w15099166007 |
|