- توردا
- 83 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-26
- تىزىملاتقان
- 2010-11-13
- شۆھرەت
- 815
- تىللا
- 454
- تۆھپە
- 440
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 2644
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 100
- تېما
- 13
- نادىر
- 4
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 808
- تۆھپە
- 440
- تىللا
- 454
- شۆھرەت
- 815
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىنتىل سەيناسى!
2009- يىلى UKIJ نىڭ 3- قېتىملىق خەت نۇسخىلىرىنى تۈزىتىش ۋە رەتلەش خىزمەتلىرىدە مەن فونتلارنى تۈزىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئىدىم، ئارىلىقتىكى بەزى ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ خىزمەتلەر توختاپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، داۋاملىق تۈزىتىش خىزمىتىدە بولدۇم، ھازىر UKIJ مۇنبىرىدىگە قويۇلغان ئەسلىدىكى 60 خىل خەت نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىنى رەتلەپ، تۈزىتىپ بولدۇم.
بۇ قېتىم خەت نۇسخىلىرىنى تۈزىتىش جەريانىدا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىندى، شۇنداقلا مەن خىزمەتلەرنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ تاماملىدىم.
1) UKIJ نىڭ بۇ نۆۋەتلىك فونتلىرىنىڭ نەشر نومۇرى 3.0 گە كۆتۈرۈلدى، چۈنكى خەت نۇسخىسىنى تۈزىتىش ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان بىر قانچە خىل ئانا فونت قىلىپلىرى قايتا ئىشلىنىپ، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يېزىقلارنىڭ ئۇلىنىشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلدى.
2) ئانا فونت قىلىپى تەييارلىنىۋېلىنغاندىن كېيىن، UKIJ مۇنبىرىدىكى ئەسلىدىكى 60 خىل فونتنىڭ خەت ئۇستىخىنىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا، ھەرپلەرنى يېڭى فونت قېلىپىغا يۆتكەلدى. ئەسلىدىكى فونت بىلەن بولغان چوڭ-كېچىكلىك، ئۇستىخانلىرنىڭ ئوخشاشلىقى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا، بىر قىسىم ساقلانغان مەسىلىلەر بىرتەرەپ قىلىندى.
3) بۇ قېتىم تۈزىتىلگەن 60 خىل خەت نۇسخىسى ئىچىدىن كېڭەيتىلگەن ھەرپلەر جەدۋىلىدىكى 18 دانە قوشما ھەرپ چىقىرىۋېتىلدى.
4) ئەرەب ۋە پارس يېزىقلىرىدا يېزىق بىرتەرەپ قىلىدىغانلارنىڭمۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىم تۈزىتىلگەن فونتلار ئىچىدە ئاز بىر قىسىم باسما خەت نۇسخىلىرىدا ئەرەبچە ۋە پارسچە ھەرپلەر ساقلاپ قىلىندى. كۆپ قىسىم باسما ۋە ھۆسنخەت نۇسخىلىرىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپلەرنىلا ساقلاپ قېلىپ، ئەرەبچە ۋە پارسچە ھەرپلەر چىقىرىۋېتىلدى.
5) ئالدىنقى قېتىملىق مۇھاكىمىلەرگە ئاساسەن، بارلىق فونتلاردىكى لاتىنچە ھەرپلەر، بەلگىلەر، چېكىت-پەشلەر ئۈچۈن Linux تا تەمىنلەنگەن ھەقسىز فونتلارنىڭ لاتىنچە ھەرپ-بەلگىلىرىدىن پايدىلىنىلدى. لاتىنچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ قاپلاش دائىرىسىگىمۇ بەلگىلىك چەك قويۇلۇپ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى لايىھىسىدە بېكىتىلگەن ھەرپ بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا دائىرىلەندى. ئارتۇقچە ھەرپ-بەلگىلەر چىقىرىۋېتىلىپ، فونتنىڭ ئىخچام ۋە كىچىك بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنداق قىلىپ، ھازىر تۈزىتىلگەن فونت ئىچىدە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە بارلىق ھەرپ-بەلگىلەر، لاتىنچە ھەرپ-بەلگىلەر بولۇپ 400 دىن ئاشمىدى (بۇنىڭ ئۈچۈن UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنى فونت كۆرۈش قۇرالىدا ئېچىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ). ئەرەبچە ۋە پارسچە ھەرپ بەلگىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان فونتتا مەن لاتىنچە ھەرپلەر دائىرىسىنى كېڭەيتىم، بۇنىڭدا ئاساسلىقى بىر فونت ئارقىلىق كۆپ خىل يېزىقنى بىرتەرەپ قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن، دائىم ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ-بەلگىلەر ئىمكان قەدەر تولۇق ئېلىندى (بۇنىڭ ئۈچۈن UKIJ Tuz خەت نۇسخىسىنى فونت كۆرۈش قۇرالىدا ئېچىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ).
6) فونتلارنى ياساش ۋە تۈزىتىش داۋامىدا مەن، ھەر خىل سىستېما مۇھىتلىرىدا ۋە يۇمشاق دېتاللاردا سىناق ئېلىپ باردىم، ھەم ھازىرغىچە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى تۈزەتتىم، بەلكىم يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى بايقىمىغان بولۇشۇم مۇمكىن. شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ فونتلارنى كۆپرەك سىناپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
7) UKIJ مۇنبىرىدىكى 60 خىل خەت نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىنى تۈزىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ياسىغۇچىلار ياكى تۈزەتكۈچىلەرنىڭ فونت ئىچىدىكى ئۇچۇرلىرىنىمۇ، ئەسلىدىكى ئۇچۇرلىرى بىلەن ئوخشاش قىلىپ، يېڭى تۈزىتىلگەن ھازىرقى 3.0 نەشرىگە ئۇچۇرلارنى ئۆز ئەينى كىرگۈزدۈم، بۇ ئۇچۇرلاردا خاتالىق بارمۇ-يوقمۇ بۇلارنىمۇ فونت سىناش داۋامىدا تەكشۈرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
8) بۇ قېتىم يېڭى ياسالغان فونتتىن 14 دانە بار، بۇلارنىڭ 11 ھۆسنخەت نۇسخىسى بولۇپ، ناھايىتى كۆركەم. ئىككى دانە تەڭ كەڭلىكتىكى خەت نۇسخىسى بار، بۇ تەڭ كەڭلىكتىكى فونتلارغا ئېھتىياجى بارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. يەنە بىر دانە تور بەتلەرگە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇنىڭغا UKIJ Tor دەم نام بېرىلدى. بۇ خەت نۇسخىسى ئالدىنقى ۋاقىتتا سىناش ئۈچۈن يوللانغان UKIJ Tuz Tom New دېگەن خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇ قېتىم بۇنىڭغا يېڭى نام بېرىلدى.
9) يېڭى فونتلارنى سىناش ئۈچۈن مەن تۈزىتىلگەن فونتلارنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللاپ قويدۇم، كۆپچىلىك سىناپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي تارقاتساق بولىدۇ. ھازىرقى يوللانغانلىرىنى مېنىڭ سىناشلىرىدىن ئۆتتى، ئەمما بۇ كۇپايە ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىشى كېرەك. سىناش جەريانىغا ۋە فونتلارنى رەسمىي تارقىتىشقا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىزنى مەزكۇر تېمىغا قارىتىڭ.
بۇ قېتىمقى فونت تۈزىتىش خىزمىتى بەك كېچىكىپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە ئىمكانىيىتى بار تورداشلارنىڭ كۆپرەك سىناق قىلىپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ، فونتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://uyghur-archive.com/intil/tima/UKIJ_Fonts_3.0.rar |
|