- جۇغلانما
- 4371
تىزىملاتقان2010-7-21
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
كومپيۇتېر بىلىملىرىنى توردا ئۆگىنىشنى خالامسىز؟
«شاھدىيار تور دەرسخانىسى» بولسا «شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى» 2008- يىلى ئاچقان تور دەرسخانىسىدىن كېيىنكى 2- قېتىملىق دەرسخانىمىز بولۇپ، «شىنجاڭ شاھدىيار ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» قۇرغان كەسپىي بىلىملەرنى ئاساس قىلغان تور دەرسخانا.
دەرسخانىد ا كومپيۇتېر ئىشخانا تېخنىكىلىرى بىلىملىرى (Windows, Office, تور تېخنىكىلىرى)، تەكشىلىكتە ئېلان لايىھەلەش (Photoshop, CorelDRAW, Illustrator, InDesign) يۇمشاق دېتاللىرى، تور بېكەت UI لايىھەلەش (HTML, DIV+CSS, JAVAScript)، يۇقىرى دەرىجىلىك تور بېكەت لايىھەلەش (PHP+MySQL)، يۇمشاق دېتال لايىھەلەش (C#, VB.NET)، ئەپ ئېچىش (Android, iOS) قاتارلىق كەسپلەردىن دەرسلىك سۆزلەشنى مەقسەت قىلدۇق.
دەرسخانىمىزدا Photoshop، تور بېكەت قۇرۇلمىسى UI لايىھەلەش (HTML, DIV+CSS, JAVAScript)، يۇقىرى دەرىجىلىك تور بېكەت لايىھەلەش (PHP+MySQL) قاتارلىق تۈرلەردە دەرسلەر تۇنجى قەدەمدە باشلىنىدۇ.
تۇنجى قارار دەرسلەر ھەقسىز.
دەرسلەر 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى (دۈشەنبە) چۈشتىن كېيىن باشلىنىدۇ. دەرسلەر 9- ئاينىڭ 14، 15، 16، 17، 18، 19، 21، 22- كۈنلىرى (جەمئىي 8 كۈن) ئۆتۈلىدۇ.
لايىھەلەش Photoshop دەرسى سائەت 2:00 دىن 2:50 كىچە 50 مىنۇت ئۆتۈلىدۇ.
تور بېكەت قۇرۇلمىسى دەرسى سائەت 3:00 دىن 3:50 كىچە 50 مىنۇت ئۆتۈلىدۇ.
تور بېكەت PHP دەرس سائەت 4:00 دىن 5:00 كىچە 1 سائەت ئۆتۈلىدۇ.[ئەسكەرتىش] ئۈرۈمچى ۋاقتى ئىشلىتىلىدۇ. دەرس باشلىنىشتىن 10 مىنۇت بۇرۇن تەييار بولۇپ تۇرۇڭ.دەرس سۆزلىگۈچى: «شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى» ۋە «شىنجاڭ شاھدىيار ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش تېخنىكا ئىنژېنېرى، «شىنجاڭ ئىنتىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتپى» كومپيۇتېر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋە غوللۇق كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان ئوسمان مۇئەللىم سۆزلەيدۇ.
مەسلىھەت سوراش ئۇچۇرى: كيۇكيۇ ۋە ئۈندىدار: 317018523
ئالاقە ئېلخەت: shahdiyar@qq.com
دەرسخانا مەخسۇس تور بېتى: www.shahdiyar.com/edu
[سەمىمىي ئەسكەرتىش]: مەزكۇر مەزمۇندا بار نەرسىنى تەكرار سوراشتىن ساقلىنىڭ. ھەممىمىز ئىنتايىن ئالدىراش ئىشلەۋاتىمىز. دەرستە چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا ئوقۇتقۇچى شەخسىي ئۈندىدارىغا ئۇچۇر يېزىپ قويسىڭىز ئۈندىدارنى ئاچقان چاغدا جاۋاب بەرسە بولىدۇ. قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.
شىنجاڭ شاھدىيار ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى |
|