ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1146|ئىنكاس: 3

ھاۋادىن ئازوت ۋە ئوكسىگىن ئايرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  بۇرۇن كۆرگەن ماتىرياللاردىن ئوكسىگىن ۋە ئازوتنىڭ زىچلىقىدا ئازراق پەرىق بارلىقىنى بىلگەنتىم، شۇنىڭ بىلەن 2003-يىللېرى ھاۋادىن ئازوت ۋە ئوكسىگىن ئايرىيدىغان بىر لاھىيە تۈزۈپ كىيىنچە پاتىنت ئىلتىماس قىلارمەن دەپ ئويلىۋدىم، ئۇ ئىش-بۇ ئىشلار بىلەن سۈرۈلۈپ بۇ چاغقا كەپتىمەن. ئوكسىگىن ئايرىش تۇغرىلىق بۇرۇن بىر يەرگە يازغاندەك قىلىۋدىم تاپالمىدىم.

  تۇلۇقسىز دەرىسلىكىدە ئۈگىنىپ ئۈتكىنىمىزدەك ئوكسىگىن رەڭسىز، پۇراقسىز بۇلۇپ، كۈيۈشكە ياردەم بېرىدۇ. نورمال ئاتمۇسفىرا بىسىمىدا نۆلدىن تۈۋەن 218.4 گىرادوستا سۇيۇقلىنىدۇ، نۆلدىن تۈۋەن 183 گىرادوستا پارلىنىدۇ. سۇدا ئاسان ئېرىمەيدۇ، بىر لىتىر سۇدا 30 مىللى لىتىر ئېرىيدۇ.1.428 گىرام ھەر لىتىر. ئاتمۇسفىرانىڭ %21 تىنى تەشكىل قىلىدۇ. يەر يۈزىدىكى زىچلىقى يۇقىرى بۇلۇپ %48.6 كە يىتىدۇ.

  مىدىتسىنا ۋە سانائەتتە كۆپلەپ ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئاددى، تۈۋەن تەننەرىخلىق ئۇسولدا ساپلىقى تۈۋەنرەك ئايرىغاندىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى يەنىلا يۇقىرى.

  ئازوت رەڭسىز، پۇراقسىز بۇلۇپ، كۈيۈشكە ياردەم بەرمەيدۇ. نورمال ئاتمۇسفىرا بىسىمىدا نۆلدىن تۈۋەن 195.8 گىرادوستا رەڭسىز سۇيۇقلۇققا ئايلىنىدۇ. نۆلدىن تۈۋەن 209.8گىرادوستا قارسىمان ھالەتكە كىرىدۇ. زىچلىقى 1.25g/L . ئازوتمۇ سانائەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، بۇ تۇغرىلىق كارۋان بىز گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تىمىسى بار. ئادەتتە ھاۋادىن ئايرىپ كەپشەرلەشتە ئارگوننىڭ ئورنىغا ھاۋادىن ئايرىپ كەپشەرلەشتە ئىشلىتىدۇ. يەنە مىتاللورگىيەدە 900گىرادوسلۇق ھالەتتىكى بىرىكمە تۈمۈر بار پېچقا ئازوت گازى كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە دېزىل تامغۇزۇپ تۈمۈر يۈزىنى سىئانىتلاشتۇرىدۇ، بۇنداق تۈمۈرلەرنىڭ قاتتىقلىقى يۇقىرى بۇلۇپ ئۇنىڭدىن ياسالغان تىغدا ئادەتتىكى تۈمۈرنى قىرالايدۇ. ئادەتتىكى بازغان بىلەن شۇ تۈمۈرگە ئۇرسا بازغانغا شۇ تۈمۈردىكى ئىز چىقىپ قالىدۇ، بازغاننىڭ ئىزى سىئانىتلاشتۇرۇلغان تۈمۈرگە چىقمايدۇ. بۇنداق تۈمۈر كۈپىنچە ماشىنا تىراكتۇرلارنىڭ ھەركەت ئۇزاتقۇچى ئوقى قىلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ.

  تىمىغا قايتىپ كەلسەك ئاتمۇسفىرانى تەشكىل قىلىدىغان ئازوت بىلەن ئوكسىگىننىڭ زىچلىقى ئازراق ئۇخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۇق. ئەمدى ھاۋانى پىرىسلاپ قۇيۇقلىقىنى ئاشۇرساق ئاندىن قاتار تىك تىزىلغان باكلارغا يوللاشتىن بۇرۇن ھاۋادىكى سۇنى ئايرىۋالساق قالغىنى ئارلاشما گاز بۇلىدۇ، ھەم ئېغىر-يىنىكلىكى بۇيىچە قەۋەت ھاسىل قىلىدۇ. بىز مۇۋاپىق ئورۇندىن ئىككى ھاۋا قۇيۇپ بېرىش ئېغىزى ئاچساقلا ئىش پۈتتى دىگەن گەپ، ھاۋا تەركىبىدىكى نىسبەت بۇيىچە ئۈستى تەرەپتىكى ئېغىزدىن %78 ، تۈۋەن تەرەپتىكى ئېغىزدىن %21 ھاۋا قۇيۇپ بېرىلىدىغان قىلىپ تەڭشىسەكلا يۇقىرى تەرەپتىن بىر قەدەر ساپ ئازوت، تۈۋەن تەرەپتىن بىر قەدەر ساپ ئوكسىگىن ئايرىلىپ چىقىدۇ. ئېغىزلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكنى باك ئىچىدىكى بىسىمنىڭ 0.5 مىگا پاسكالدا تۇرىشىغا ماسلاشتۇرۇپ بىكىتىمىز.


   未命名.JPG

يەنە كومپىسسور ئىشلىتىپ مۇناسىپ باكلارغا بىسىملىق قاچىلىساق ياكى شۇ ئېغىزدىن ئايرىلىپ چىققان گازدىن بىۋاستە پايدىلانساق، لازىملىق بولمىغىنىنى ھاۋاغا قۇيۇپ بەرسەكمۇ بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە بىرسىنى قۇيۇپ بەرسەك تەننەرىختىن زىيان تارتىمىز.

  تۈنۆگۈن بار-يوقلىقىنى بىلىپ باقاي دەپ بەيدۇدىن ئىزدىسەم بۇ نەرسە 2012- يىللاردا دۆلىتىمىزدە بازارغا چىققاندەك قىلىدۇ. 空气中制取氧气,空气中制取氮气 دىگەن خەتلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسە ئالى بابا تورىدىمۇ كۆپكەن.

搜狗截图 7年01月01日0406_1.jpg
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-9 17:53:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوكسىگىن بىلەن ئازوتنىڭ چىقىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇممىكىن، ۋاختى بارلار قاراپ بىقىڭلار...
ۋاقتى: 2015-10-17 00:38:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇنىڭدا يوقىرى بېسىم بەرسەكلا بولامدا ؟ تېمپىراتورىنى تۆۋەنلەتمەي ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-10 14:37:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2015-10-17 00:38
بۇنىڭدا يوقىرى بېسىم بەرسەكلا بولامدا ؟ تېمپىراتورىن ...

شۇنداق، ئەمما سۇۋۇتۇش بولسا تىخىمۇ ياخشى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 12:21 , Processed in 0.328605 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat