ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 946|ئىنكاس: 3

"ئەل-ئامان يەرتەۋرەش ئۇچۇر سېستىمىسى" غا پىكىر بەرسەڭلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بۇنبەر ئەھلى، كەشلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن!
  بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر قېتىملىق دەرىستە مۇئەللىم بىر خەرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىزگە : مۇشۇ خەرىتىدىكى ھەربىر قىزىل چىكىت بىرقېتىملىق يەر تەۋرەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ دىگەن ئىدى، كۆپلىگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ يۇرتىدا يەر تەۋرەش ئاساسەن يۈز بەرمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار قاراپمۇ قويماي يانفۇنلىرىنى ئويناپ ئولتۇرۇشتى، بىراق مىنىڭ ۋە سىچۈەندىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ يانفۇن ئويناشقا رايى يوق ئىدى ! چۈنكى، يۇرتىمىز شىنجاڭ ۋە سىچۈەن ئۆلكىسى يەرتەۋرەش بەلۋىغىدا بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بىرى تەۋرىگەن يەرنىڭ كۆپلىكىدىن قىزىلغا بويىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇچاغدىن باشلاپ مۇشۇ توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقسام دىگەن ئوي كاللامغا كىرىۋالغان بىراق بىلىمىمنىڭ كەمچىللىكىدىن بىرەر ئىش قىلالماي كەلگەن ئىدىم. بۇ يىل تۆتىنجى ئايلاردا مۇنبەردىن مۇسابىقە توغرىلىق ئۇچۇرنى كۆرۈپ قانداق نەرسە ياساپ قاتنىشىش توغرىلىق كۆپ ئويلاندىم ، ئويلىنىپ ئويلىنىپ مۇشۇ سېستىمىنى ياساش ئويىغا كەپ قالدىم، مۇكاپاتقا ئىرىشەممىسىمۇ بىر تەرەپتىن ئۈزەمنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرسام يەنە بىر تەرەپتىن كۆپچىلىككە ئازراق نەپ يەتكۈزسەم رازى ئىدىم. ئەپسۇس بەشىنجى ئايدىن باشلاپ ئىمتاھانلار بېسىۋېلىپ بۇ ئىشنى ئۇنتۇپلا قاپتىمەن! ئالتىنجى ئاي كىرىپ يۇرتتا ئۇيەردە يەر تەۋرەپتۇ بۇيەردە يەر تەۋرەپتۇ دىگەن خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى، يەتتىنجى ئايدا گۇمىدا يەر تەۋرەپ يۈرەكلەر تىتىرىدى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنى چۇقۇم باشقا ئېلىپ چىقىشقا بەل باغلىدىم، شۇنداق قىلىپ بۈگۈن سېستىمىمۇ پۈتۈپ قالدى. قۇرۇق گەپنى مۇشۇ يەگىچە قىلاي ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك:
   سېستىما ھەققىدە:
  ئەل-ئامان يەرتەۋرەش ئۇچۇر سېستىمىسى خەرىتە ۋە يەرتەۋرەش ئۇچۇرلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن سېستىما بۇلۇپ، ئاساسلىق ئىقتىدارى ئەڭ يېڭى يەرتەۋرەش ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەش، ئىلگىركى يەرتەۋرەشلەرنى تەكشۈرۈش، چوڭ يەرتەۋرەشلەر خاتىرىسى، يەر تەۋرەش بىلىملىرى، يەر تەۋرەش خەۋەرلىرى، ۋە خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىش ، ئارلىق ئۆلچەش قاتارلىقلار. سېستىمىنىڭ مۇلازىمىر قىسمى java تىلىدا يىزىلغان بۇلۇپ ھەر بەش مىنۇتتا بىر قېتىم دۆلەت يەرتەۋرەش ئۇچۇر مەركىزىدىن يەرتەۋرەش ئۇچۇرلىرىنى ئېلىپ ئاندىن "ئازسانلىق مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى" نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سېستىمىسى ئارقىلىق خەنزۇچە يەرجاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ سانداندا ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سېستىمىنىڭ تور بېكەت قىسمى ئۈچۈن rest api ئېچىپ مۇلازىمەن بىلەن تەمىنلەيدۇ. سېستىمىنىڭ تور بېكەت قىسمى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق html5+css3+js+jquery+bootstrap ئارقىلىق يىزىلغان، خەرىتە قىسمى دۆلەت ئۆلچەش-سىزىش ئىدارىسىنىڭ 天地图 api ئارقىلىق يىزىلغان.
  ھازىر سېستىما ئاساسەن پۈتۈپ قالدى، ئالدىنقى ھەپتە تور نامىدىن بىرنى ئېلىپ 备案 قىلىپ قويدۇم ، ئوڭۇشلۇق بولسا مۇشۇ ھەپتىدە ئېچىلىپ قالار، ھازىرچە ip ئادرىسى ئارقىلىق كىرىپ سېستىمىنى كۈرۈپ باقساڭلار ، قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارنى بەرسەڭلار دىگەن ئۈمۈتتىمەن! رەھمەت
  ئەگەر سېستىمىنىڭ پىروگرامما قىسمىغا قىزىقىدىغانلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز مەن ئەسلى كودىنى بېرەي، كۆرۈپ بېقىپ لازىملىق يەرلىرى بولسا ئىشىلتەسىز.
  سېستىمىدا ھازىرغىچە مەن بايقىغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:
1. يېقىندىن بىرى بەك ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ يەرتەۋرەش ئارخىبى، بىلىملەر، خەۋەرلەر قىسمىغا مەزمۇن تۇلۇقلاپ بولالمىدىم؛
2. سېستىمىنى يانفۇندا ئاشقاندا ئالما ماركىلىق يانغۇنلار ھەمدە بەزى بەيدۇ تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىدىغان يانفۇنلاردا نورمان  ئىشلىمەيدىكەن؛
3.ئۈندىدار دا ئاشقاندا بىرقەدەر ئاستا (سەۋەبى بەلكىم 天地图بىلەن ئۈندىدارنىڭ X5تور كۆرگۈچىسى ئانچە چىقىشالمايدىغاندەك ...)؛
كۆرۈپ بېقىش ئادرىسى:
http://123.56.138.132:1990/project.5000

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-8-12 17:34:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ سىناپ باققاندىن كىيىنكى خاتالىق : 1. خەرىتىدىكى ‹‹ ئارلىق تېپىش ، كوئوردېنات تېپىش  ››  . مائۇس چەككەن ئۇرۇن بىلەن خەرىتىدىكى تاللانغان ئۇرۇن بىردەك ئەمەس .
2-( شەخسى پىكىرىم )  تەرجىمە قىلشىقا ئىشلەتكەن  "ئازسانلىق مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى" نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سېستىمىسىدا تەرجىمە قىلىنغان سۆزنىڭ گىرامماتىكىسدا ئاساسەن خاتالىق بار . شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا تۇنۇشىڭىز بولسا ئاشۇلار ھازىر سىناق قىلۋاتقان تەرجىمە دېتالىنى ئىشىلىتىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-13 19:53:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
@hiyalhan رەھمەت سىزگە. ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ باققىنىڭىزغا ھەمدە پىكىر تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. مەن سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك ئۆزگەرتەي.
ۋاقتى: 2015-8-25 05:32:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمانىڭىزدا ›› تەجىمان ‹‹ دەپ كىرگۈۈپ ئىزدىسەم .... باشقىچە مەمۇن چىقىۋاتىدۇ .
كۆرۈپ بېقىڭ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 03:31 , Processed in 0.133141 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat