ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
ھالالدا بەرىكەت، ھارامدىن نېرى كەت.
كۆرۈش: 5388|ئىنكاس: 23

چۈشۈر:يېڭى يانفون فونتى CJK 2010

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-11-13 23:24:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مەن يەنە بىر قانچە خەنزۇچە قوشۇلغان خەت نۇسخىسى ياسىغان ئىدىم، بۇلارنى يانفونلاردا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ، بولۇپمۇ نوكىيا تېلېفونىدا، ۋىندوۋس موبائىل تېلېفونلىرىغا ماس كېلىدۇ، بۇنىمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://uyghur-archive.com/intil/tima/CJK_Fonts201011.rar
يوللانغان فونت جەمئىي تۆت دانە بولۇپ، بىرىنچىسى ئالپ-يانفون دېگەن فونت بولۇپ، بۇنى ئاندىرويىت مەشغۇلات سىستېمىسىدا تەمىنلەنگەن ھەقسىز فونتتىن پايدىلىنىپ ياسالغان. ئىككىنچىسى ئالپ-نوكىيا ناملىق فونت بولۇپ، نوكىيا تېلېفونىدىكى سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپلەر قوشۇپ ئىشلەنگەن، ئۈچىنچىسى Alp_SimHei ناملىق خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇنى گوگولنىڭ ئاندىرويىت مەشغۇلات سىستېمىسىدا تەمىنلەنگەن ھەقسىز فونتتىن پايدىلىنىپ ياسالغان. تۆتىنچىسى، Alp_SimSun نامىدىكى خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇنىڭغا 9 پىكسىلدىن 18 پىكسىلغىچە چېكىتلىك خەت تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن.
ئاندىرويىت، ۋىندوۋس موبائىل، سامسۇڭ، موتورولا قاتارلىق يانفونلاردا بۇ تۆت خىل فونتنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشىڭلارنى، ھەمدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
نوكىيا تېلېفونىدا ‹ئە› ھەرىپىمىزنىڭ ئۇلانماسلىق مەسىلىسىدە، مەن ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق تىرىشتىم، ئەمما بۇنى فونت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولمايدىكەن. مەن فونتنىڭ ئۇلىنىش قائىدىسىگىمۇ ئامال ئىشلىتىپ باقتىم، ئەمما كار قىلمىدى. FontRuiter قاتارلىق قوراللاردىنمۇ پايدىلىنىپ باقتىم، بۇمۇ كار قىلمىدى، ھەر خىل سىناقلاردىن كېيىن، شۇنى سەزدىمكى، سىمبىيان سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كىرگۈزگەندە ياكى كۆرگەندە، سىستېما بۇ ھەرپلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا، بەزى ئايرىم ھەرپلەرنى بولۇپمۇ ‹ئە›، ‹ئى›، ‹ئې› دېگەندەك ھەرپلەرنى ۋە سۆزنىڭ ئاخىرىدا كېلىدىغان ھەرپلەرنى ئاساسىي رايوندا كۆرسىتىپ قويىدىكەن، ھەممە ھەرپلەر كېڭەيتىلگەن رايوندا كۆرسىتىلگەن بولسا، ‹ئە› ھەرىپىنىڭ مەسىلىسىنى يەنە مەلۇم ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىشقا بولاركەنتۇق، ئەمما مېنىڭچە بۇ مۇمكىن ئەمەسكەن. شۇڭا، بىز نوكىيا شىركىتىگە بۇ ئەھۋاللارنى تەپسىلىي قىلىپ ئىنكاس قىلىپ باقساق، ئۇلار بۇنىڭغا كۆڭۈل بولۇپ قالسا، بۇ مەسىلە ئاخىرقى ھېسابتا ھەل بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەمما، شۇنى بېلىشىمىز كېرەككى، ‹ئە› مەسىلىسىنىڭ ئۇلانماسلىقى، بىز ئۇيغۇر تېلىغا بىر قىسىم قوشما ھەرپلەرنى يۇنىكودقا مەجبۇرىي قىستۇرۇۋالغانغا ئوخشاش ئۆزىمىزدىكى خاتالىق، بۇ خىل خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ جەريانى بەك مۇرەككەپ.
شۇنداق بولسىمۇ، ھەر ھالدا بىرلا ھەرپ ئۇلانماي قالغاندىمۇ، باشقا ھەرپلىرىمىز ناھايىتى نورمال، بەلكى سەل بىئارام قىلسىمۇ، ھەر ھالدا يوقتىن ياخشى، مەسىلىلەر ھەل بولغىچە، مۇشۇ تەرىقىدە ئىشلىتىپ تۇرساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ، نوكىيا شىركىتى بىزنىڭ يېزىقلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالسا، بۇ فونتلىرىمىزدىكى ‹ئە› شۇ ۋاقىتتا نورمال ئۇلىنىدىغان بولىدۇ.
بۇ توغرىسىدا كۆپچىلىكنىڭمۇ ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2012-4-14 23:27:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nezeri يوللىغان ۋاقتى  2012-4-14 19:53
https://uyghur-archive.com/intil/tima/CJK_Fonts201011.rar
ماۋۇ ئادېرىس يوقاپ كېتىپتۇ.
م ...

بۇ يەردىن چۈشۈرۈۋېلىڭ http://www.yolyar.com/html/fonts/index.htm
ۋاقتى: 2010-11-13 23:29:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر ! مانا ئالپ ئەپەندىمنىڭ بىز كومپيۇتېرچىلارغا قىلغان 2010- يىللىق قۇربان ھېيتلىقى بولدى.

باھا سۆز

سەيياھ
  ۋاقتى: 2010-11-14 19:19
تامغىلىرىڭىز خەنچىمۇ قانداق ،ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرۋەتسىڭىزبولغىدەك  ۋاقتى: 2010-11-14 19:19
ۋاقتى: 2010-11-13 23:36:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ھە مەن بىرىنچى بولۇپ سىناپ باقاي wm دىكىسىنى!!!! بۇلاردىن قايسىنىلا ئىشلەتسە بولامدۇ؟؟؟
ۋاقتى: 2010-11-13 23:53:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فونتنىڭ تارقىتىلغىنى ناھايىتى ياخشى بولدى . بولسا تۇرسۇنكا سىزئالما تېلېفۇنغا ئۇيغۇرچە چىرايلىق كۆرسىتىدىغاننىڭ ئىشىنى قىلساق بولاتتى .

بىزمۇ ئازتولا ئۆزگەرتكەن ،لېكىن قاملاشمايۋاتىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-14 00:53:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ، مەنمۇ شۇنى ئۈمىد قىلىمەن، سىز بۇ تۆت خىل فونتنى ئالما تېلېفوندا سىناپ بېقىڭ، مېنىڭچە بىرەرسى ماس كېلىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەگەر مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرى بولسا، مەن ئايرىم قىلىپ بىر فونت ياساپ چىقساممۇ بولىدۇ. مۇھىمى سىناشتا.
ۋاقتى: 2010-11-14 11:16:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Eloghli يوللانغان ۋاقتى  2010-11-13 23:53
بۇ فونتنىڭ تارقىتىلغىنى ناھايىتى ياخشى بولدى . بولسا ت ...

سىزنىڭكىدە ئەجەپ چىرايلىق چىقىپتا سىزنىڭ نېمە تېلفۇن، مەن wm6.5 سىنىغان ھەرىپلەر ئۈزۈلۇپ چىقىۋالدى.. مۇش زادى قانداق ئىش.
未命名.jpg

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2010-11-14 20:42
ياخشى: 5
ئالما تېلېفون ئىدى  ۋاقتى: 2010-11-14 20:42
ۋاقتى: 2010-11-14 16:50:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش AlpSoft نىڭ يازمىسى

ئالما تېلېفونغا سىرتتىن خەت نۇسخىسى قوشۇشنى قانچە قىتىم سىنىغان بولساممۇ بۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى ،شۇنىڭ بىلەن سىز ئالدىنقى قىتىم تارقاتقان يېڭى خەت نۇسخىسى Alp Zy   دىكى ھەرپلەرنى Geeza Pro نىڭ ئەرەپچە ھەرپلەرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قويساق ئاز تولا ئۈنۈم بولغانتى ،شۇڭا مۇشۇ ھەقتە سىز بىر ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىز .
ھەمدە بىىلىكتىكى تۆۋەندىكى ئىككى يازمىنى كۆرۈپ باقسىڭىز ،ھەل قىلىش چارىسى چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
http://www.bilik.biz/bbs/thread-22957-1-1.html
http://www.bilik.biz/bbs/thread-22960-1-1.html
ۋاقتى: 2010-11-14 19:46:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ. مەن نوكىيا s60v3 دە سىناپ باقاي.
يەنە بىر ئىش ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ ئىشى قانداق بولدى؟
ۋاقتى: 2010-11-14 20:20:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
易克0006.jpg    易克0005.jpg
مەن بۇ رەسسىملەرنى nokia n81 دا تارتقان ،
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-14 23:55:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمكانىيىتى بارلار، ئالپ-نوكىيا دېگەن فونتنى كوپرەك سىناپ باقسا، خەنزۇچە خەتلەر بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلەر ئېكراندا ياخشى كۆرۈنەمدىكىن. ھازىر سامسۇڭ ۋە موتورولا تېلېفونلىرىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىۋاتىدۇ، بۇ خىل تېلېفونلار كۆپ ئەمەس. ئاندىرويىت سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن گوگولنىڭ يانفونلىرىمۇ كۆپ ئومۇملاشمىدى. كۆپرەك ئومۇملاشقىنى نوكىيا بىلەن ئالما تېلېفونى، شۇڭا بۇ ئىككىسىدە سىناق قىلىش ئىمكانىيەتلىرىمىز تولۇقراق. ئالما تېلېفونىدا بۇ تۆت خىل فونتنىڭ ھەممىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، ئەمما قايسىسىنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى بېكىتىۋالالىساق، مەن يەنە ئەلالاشتۇرۇشقا تېگىشلىك جايلىرى بولسا ئەلالاشتۇرۇپ، ئالپ_ئالما دەپ بىر فونت ياساپ چىقساممۇ بولىدۇ. نوكىيا تېلېفونىغا ھازىر ئالپ-نوكىيا دېگەن خەت نۇسخىسى خېلى ماس كېلىپ قالدى، پەقەت ‹ئە› ئۇلانمايدۇ، بۇ تېلېفوندىكى سىستېمىنىڭ مەسىلىسى ئىكەن.
ۋاقتى: 2010-11-15 12:48:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش AlpSoft نىڭ يازمىسى
ئالما تېلېفونىدا بۇ تۆت خىل فونتنىڭ ھەممىسى نورمال كۆرۈنىدۇ

تۇرسۇنكا مۇمكېن بولسا ئالمىغا مۇشۇ ئۇيغۇرچە فونتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغىنىڭىزنى ئىيتىپ بەرسىڭىز قانداق ؟
ۋاقتى: 2010-11-15 13:23:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىنىڭ  نوكىيا 5630  ئىدى  ،  نوكىيا فونتىنى  ئىشلىتىپ  كۆردۈم ،   خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى  نورمال ئىكەن ،  بۇرۇنقى  ئىشلەتكەن  خەت  نۇسخىسىدا  بەزى تىنىش  بەلگىلىرى  چىقمىغان  ئىدى   ،  بۇنىڭدا   نورمال   كۈرىنىدىكەن  ، ئاساسىي جەھەتتىن  مەسىلە  يوقتەك  قىلىدۇ  ،  مەن مۇشىنىلا  بايقىدىم  ، يەنە  باشقا   تورداشلارنىڭ  پىكىرىنى   ئاڭلاپ   باقايلى  .. ~!  
ۋاقتى: 2010-11-15 14:07:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش xamxar117 نىڭ يازمىسى
باشقا تەرەپلەرنىمۇ سىناپ، رەسىم تۇتۇپ تەمىنلىسىڭز بوپتىكەن.
ۋاقتى: 2010-11-15 18:16:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فونىتنى  ئىشلىتىپ كۆرگەندىن كىيىن ، بۇرۇنقى  فونىتلارغا  قارىغاندا  بىر قىسىم   ئالاھىدىلىكلىرىنى  ھېس  قىلدىم .   يەنى  سىغىمى  كىچىك  ،  ئاستى  پۇچۇق  چىقىپ  قېلىش  ئەھۋاللىرى  تۈزۈتىلىپتۇ ،  ئەتىگەن  بىر  ئىنكاس   يازغان  ،  ئەمما  رەسىم يوللانمىغان  ئىدى  ،   تورداشلارنىڭ پايدىلىنىىشى  ئۈچۈن ، بىر  قىسىم   سۈرەتلەرنى  يوللاپ  قۇياي  ،  فونىتنى  سىناشقا  ياردىمى  بۇلۇپ  قالا  ~!!!  

ئارلاشما  تېكسست
Screenshot0006.jpg
Screenshot0009.jpg
Screenshot0011.jpg
Screenshot0008.jpg
Screenshot0001.jpg

بايقىغانلىرىم  مۇشىنچىلىك  ئىكەن  ~~!!  
ۋاقتى: 2010-11-20 22:04:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن Nokia  N72 ئىشلتىۋاتىمەن.  مەنمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام بولامدۇ؟
يەنە بىر ئىش ئوپىرا(Opera) دەيدىغان بىرخىل يانغۇن تور كۆرگۈسى بار دەيدۇ.  بۇ كورگۈدە كورسە تور بەتلەرمۇ ئۇيغۇرچە كۈرۈنىدىكەن . بۇ زادى نىمە ئىشتۇ. مەن قاچىلىغان ئىدىم. ئەمما ئىجرا بولمىدى؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2014-3-27 21:58 , Processed in 0.264206 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش