ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 346 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 974|ئىنكاس: 0

Word تا ئىنگلىزچە ھەرپلەرنىڭ چوڭ-كىچىك يېزىلىشىنى ئالماشتۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئېھتىياج تۈپەيلى بىر ماتېرىيالدىكى ئىنگلىزچە سۆز-جۈملىلەرنىڭ يېزىلىشىنى پۈتۈنلەي چوڭ ھەرپكە ئالماشتۇرىدىغان ئىش بولۇپ قالدى. باشتا دىققەت قىلماپتىمەن، تۈر يۈزىدە بىۋاستە ئايلاندۇرىدىغان قوراللاردىن پايدىلىنايمىكىن دەپ ئويلىغان، كېيىن تور بەتلەردىن ئىزدىسەم Word نىڭ ئۆزىدە مۇشۇنداق ئىقتىدار بار ئىكەن.
باشقا تورداشلارمۇ مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە ئۇچرىغان بولسا پايدىلىنار دەپ بۇ تېمىنى يوللىدىم. ئىنتىل سەيناسىنىڭ شوئارى بويىچە، بىلىدىغاننى يوللاڭ، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن، بىلمەيدىغاننى سوراڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن. بىلىدىغانلار ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىڭلار، بىلمەيدىغانلار بىلىۋېلىڭلار.
كېرەكلىك دېتال: Microsoft Office word
مېنىڭ ئىشلەتكىنىم:2013 Microsoft office word كەسپىي نۇسخىسى (تىلى خەنزۇچە)
باشقا يۇقىرى تۆۋەن نۇسخىلىرىدىمۇ ئاساسەن ئوخشاش
بىرىنچى ئۇسۇل:
ئاۋۋال ئۆزگەرتمەكچى بولغان سۆز-جۈملە ياكى تېكىستنى تاللايسىز. ئۈستىدىكى تىزىملىك رايونىغا قارىسىڭىز خەت نۇسخىسى ۋە چوڭ كىچىكلىكىنى تاللايدىغان يەرنىڭ يېنىدا بىر بەلگە بار، شۇ يەردىن تاللاپ ئۆزگەرتىسىز.

ئاۋۇ تىزىملىكتىن بىز كۆپرەك ئىشلىتىدىغىنى ئۈستىدىكى تۆت تاللاش بولۇپ، تەرتىپ بويىچە:
1. جۈملىنىڭ بىرىنچى ھەرپىنى چوڭ يېزىلىشقا ئالماشتۇرۇش
2. ھەممىنى كىچىك يېزىلىشقا ئالماشتۇرۇش
3. ھەممىنى چوڭ يېزىلىشقا ئالماشتۇرۇش
4. ھەر بىر سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپىنى چوڭ يېزىلىشقا ئالماشتۇرۇش
مۇشۇ يەردىن ئۆزىڭىز كېرەكلىك مەشغۇلاتنى تاللاپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئىككىنچى ئۇسۇل:
ئۆزگەرتمەكچى بولغان سۆز-جۈملە ياكى تېكىستنى تاللايسىز. مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، خەت نۇسخا (字体) نى تاللايسىز.

چىققان كۆزنەكنىڭ ئاستى قىسمىدىكى ئۈنۈم (效果) دېگەن تاللاشتىن، ھەممىنى چوڭ يېزىلىشقا ئالماشتۇرۇش (全部大写字母) نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويۇپ جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

يەنە ئېنىق بولمىغان، چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ.
مەزكۇر تېمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-18 18:14 , Processed in 0.112097 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat