پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

ئىنتىل تورى

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى دەرۋازا چاقىرىق [تېما كۆرۈش] تەكلىپ: كومپىيۇتېرغا ئائىت ك ...

تەكلىپ: كومپىيۇتېرغا ئائىت كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش

يوللىغۇچى: turan | يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-12 17:15| كۆرۈلۈشى: 159| ئىنكاس سانى: 9|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

مېنىڭ خەنزۇچە كومپىيۇتېرغا ئائىت كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئويۇم بار ئىدى.لېكىن بىر ئادەمنىڭ قىلغان ئىشى چەكلىك بولىدىكەن ھەم بىر كىتابنىڭ تەرجىمىسى تۈگىگىچە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇن كونىراپ قىلىشى مۇمكىن(ھازىرقىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەتتە بۇنداق بولۇشى تەبىئىي).ئۇچۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ،كومپىيۇتېردىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلار ۋە يۈكسىلىشلەر مەيدانغا كەلدى.ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىمۇ بەلگىلىك تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى.لېكىن يەنىلا ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىدا بەلگىلىك بوشلۇقلار مەۋجۇت.پىقىر(ئۆزۈمنى چاغلىماي) شۇ ۋەجىدىن خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان كومپىيۇتېرغا ئائىت ئەڭ يېڭى كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا(يەنى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى كومپىيۇتېرغا ئائىت ئەڭ كەمچىل بولغان كىتابلارنى)تەرجىمە قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن.جۈمەگە چىقىشتىن بۇرۇن ئىنتىل ئەپەندىگە بۇ ئويۇمنى ئېيتقان ئىدىم،ئىنتىل ئەپەندى بۇ ئويۇمنى قوللىدى.ئەمدى گەپ مۇشۇ ئىنتىل تورىدىكى تورداشلار قوللامدۇ يوق؟ئىنتىل تورىدىكى تورداشلار قوللاپ قولسا گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ مۇشۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارساق؟ئەگەر قوللايدىغان ئادەم چىقماي قالسا بۇ تەكلىپنى مەن بەرمىگەن بولاي!!!

يېڭى ئىنكاسلار

يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 5 كۈن ئالدىدا
مەن پەقەت ئۈجۈر -بۈجۈرنى بىلىمەن، تىلماچلىققا يارىمايمەن...... بولمىسىغۇ ئوتتەك قوللايىتتىم!
يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 5 كۈن ئالدىدا
سىزنىڭ ئويىڭىز، بىر پۈتۈن كىتابنى تەرجىمە قىلىشمۇ ياكى شۇ كىتاپتىكى بىلىملەرنى تاللاپ تەرجىمە قىلىشمۇ؟
يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
شارائىت يار بەرسە بىر پۈتۈن كىتابنى تەرجىمە قىلىش،شارائىت يار بەرمىسە تاللاپ تەرجىمە قىلساقمۇ بولىدۇ.
يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
مېنىڭچە، ياخشىراق كىتاب بولسا بىرنەچچەيلەن بۆلۈشۈپ تەرجىمە قىلىشسا بولىدۇ، مەسىلەن: ئالدىنقى 3~4 بابىنى «تۇران»، ئوتتۇرىدىكى 3~4 بابىنى «ئىنتىل»، ئاخىرىقى 3~4 بابىنى «ئىبرەت» دېگەندەك، تەرجىمىنىڭ باش-ئاخىرىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، تەرجىمە جەريانىدا دۇچ كەلگەن كۆپ ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلارنى مۇشۇ تەرجىمە قىلغانلار ئالدى بىلەن ئۆز ئالدىغا رەتلەپ چىقىۋېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەنىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شۇ بويىچە، ھەممەيلەن بىردەك ئىشلەتسە بولىدۇ.
يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
يەنە مۇنداق بىر مەسىلە بار.تەرجىمە قىلماقچى بولغان كىتابلارنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن،بىرەر ئورۇننىڭ رۇخسىتىنى ئالامدۇق قانداق؟تەرجىمە قىلىدىغان كىتابنى سايىلەپ(تەسۋىر كۆچۈرۈپ)تەرجىمە قىلىدىغان بالىلارغا يەتكۈزۈپ بېرەمدۇق؟
يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
مېنىڭچە، تەرجىمە قىلىشتا بىرەر ئورۇننىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش زۆرۈر ئەمەس، ئەمما ئۇنى نەشر قىلدۇرۇشتا، چوقۇم مەدەنىيەت باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي بولمايدۇ.
يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
مېنىڭچە بۇ ئىشنى توردىكى يازمىلاردىن باشلىساقمىكىن. ئەلبەتتە مەنبەنى قوشۇپ تۇرۇپ قىلىمىز. مەلۇم سانغا يەتكەندە ئاندىن كىتاب قىلىشنى ئويلاشساق.
يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 3 كۈن ئالدىدا
ئەقلىي مۈلۈك قانۇنۇنى بۇيىچە تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش ئۇچۇن رۇخسەت ئېلىش زۆرۆر!
يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 3 كۈن ئالدىدا
ئۇنىڭغىمۇ بولىدۇ.بولسا خەنزۇچىدىن ياخشىراق بىرەر پارچە كىتابنى تېپىپ تەرجىمە قىلساق بولاتتى.

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号 )

GMT+8, 2010-11-17 00:39

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.