پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

ئىنتىل تورى

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى دەرۋازا تەرجىمە\ئاتالغۇ [تېما كۆرۈش] 地址(ئادرېس)نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىل ...

地址(ئادرېس)نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى توغرىسىدا

يوللىغۇچى: turan | يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-12 12:16| كۆرۈلۈشى: 136| ئىنكاس سانى: 10|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

地址[ئادرېس]كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ،مەسىلەن:ئادرېسى:پالانچى يەردە،پوكونچى يەردە دەپ.ئادرېسى دېگەن گەپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئورنى دېگەن سۆز بىلەن بەزىدە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ،بەزىدە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.مەسىلەن:ئادرېسى:ق ش 1-دوختۇرخانىدا ياكى ئورنى:ق ش 1-دوختۇرخانىدا دەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ،ئەمما تور ئادرېسى دېگەنگە تور ئورنى دەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
ئەمدى ئادرېسى دېگەننىڭ مەنىسى يېشەيلى.ئادرېس[تىل تەۋەلىكى]:[رۇسچە[فرانسۇزچە]]،يەشمىسى:1.بىرەر كىشى ياكى تەشكىلات تۇرىدىغان جاينىڭ تەپسلىي نامى؛2.پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىكى شۇ نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ تۇرىدىغان جايى يېزىلغان يېزىق.ئادرېس تېلېۋۇزۇر،مەتبۇئاتلاردا مەنزىل دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ.مەنزىل[تىل تەۋەلىكى]:ئەرەبچە،يەشمىسى:1.سەپەر قىلغاندا توختاپ ئۆتىدىغان،قونىدىغان ياكى يېتىپ بېرىشنى مۆلچەرلەنگەن جاي؛كۆچمە مەنىسى:2.بىرەر ھەرىكەت،كۈرەش نەتىجىسىدە ئېرىشىلىدىغان،
مۆلچەرلەنگەن مەقسەت،مۇددىئا؛يېتىدىغان نىشان؛3.مۇساپە،يول؛ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك مۇشۇ地址(ئادرېس)قا ئۇيغۇر تىلىدا ماس كەلگىدەك سۆز بارمۇ يوق؟بار بولسا قايسىسىنى ئىشلىتىمىز؟مۇشۇلارنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-12 12:18

يېڭى ئىنكاسلار

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 5 كۈن ئالدىدا
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى بار دەپ ئويلامسىز؟ بىزدە قايسى بىر سۆز باشقا مىللەتتىن كەلمىگەن؟ بىزنىڭ تىل يېزىقلىرىمىزنىڭ ھەممىسىلا تەدىرجى تەرەققىياتنىڭ ئەندىزىسى، شۇڭا بىز ئەڭ ياخشىسى بىر كۆزنى قىسىپ مۇشۇ تىللىرىمىزنى ياخشى راۋاجلاندۇرساق شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە، ناۋادا سىز دىگەندەك ئاشۇ ئادرىسنى ئۆزگەرتىمەن دىسىڭىز بۇنى نىشان، مەنزىل دەپ ئالساق مۇئاپىق بولارمىكىن! قالغىنى بۇنداق تىلشۇناسلىقنى ئۆزۈڭلار تەتقىق قىلىڭلار، مىنىڭ سەۋىيەرىم مۇشۇنداق دىيىشكىلا يىتىدۇ!
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 5 كۈن ئالدىدا
تۇرانجاننىڭ ئويلىغانلىرىمۇ ئورۇنلۇق، لىكىن بۇنى ئۆزگەرتىمەن دىيىش ئارتۇقچە..............
ھەممىسىنىڭ ئىشلىتىدىغان ئورنى بار!
تۇرانجان ، ئىشخانىڭىزنىڭ مەنزىلى ................................ نىم دەيمىز؟
تۇرانجان ، ئىشخانىڭىزنىڭ ..................

ياخشىسى يىڭى تىل ياسايمەن دەپ شاپاشلىماي ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغدايلى!
مۇشۇ ھازىرقىدەك ئەھۋالىنى ساقلاپ قالالىساق چوڭ گەپ!
ئەردوچو، دابازا، نەنمىن، سەنشىخاڭزا، شىياۋشىمىن، داشىمىن، كەيفاچۈ....... ياۋسەنبا...... دىيەنشى، شوۋجى، جىزا......
ئاۋال ئىشنى شۇنىڭدىن باشلاڭ!
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 5 كۈن ئالدىدا
ئىبرەت ئەپەندى بىز ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداۋاتىمىزغۇ!!!خەنزۇچە ئاتالغۇ(سۆزلۈكلەرنى) خەنزۇچە ئاتىماي ئۇيغۇرچە ئاتايلى دېگەننىڭ ئۆزى ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغدىغانلىق بولمامدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-12 19:02

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 5 كۈن ئالدىدا
مەن ئەردوچو، دابازا دېمەيمەن،مەن دۆڭكۆۋرۈك،خەلقئارا چوڭ بازار دەيمەن،بەزى ئاڭ سەۋىيىسى تۆۋەن كىشىلەردەك ئۇنداق ئاتىمايمەن!!!
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
بۇرۇن بىر ئىش بولغان . 10 نەچچە يىل بولدى بۇنىڭغا .«شىنجاڭ ياشلىرى »ژورنىلى
« شىنجاڭ ئۆكتەبىر تىراكتۇر زاۋۇتى » بۇنىڭدا قايسى سۆز ئويغۇرچە ؟ دەپ .دىمەك بەزى ئومولاشقان سۆزلەرگە ئامال يوق .ئۆتكەن يىلى «شىنجاڭ گېزىتى »گىمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدىغۇ ؟ ( ش ئۇ ئا ر تىل يېزىق كومىتېتى ) « شىنجاڭ » دىگەن سۆزنىڭ ئىملاسى خاتا .توغرىسى «شىن جىياڭ » لېكىن ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كۆنۇپ قالغاچ ھەم ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بارلىق ۋېۋىسكا ،تامغىلارغا شۇنداق يېزىلغاچقا ئۆزگەرتىلمەيدۇ .دىيىلدى .
بەزىلەر ئادرىس دىگەننى مەنزىل دەپ ئېلىۋاتمامدۇ .بۇنداق ئىنچىكىلىسىڭىز (ھازىرقى زامان ) ئۇيغۇر تىلىدىكى 40%تىن ئارتۇق سۆز سىرتتىن كىرگەن ياكى ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر .(ibrat نىڭ دىگىنىمۇ ئارتۇقچە ئەمەس .بارنى ئۆزگەرتىمەن دىمەي .ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاشنىڭ ئۆزىمۇ خېلى مۇشكۇل ،كەلگۇسىدە ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-13 00:17

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
توغرا دەيسىز،تۇرپان ئەپەندى.ھازىرقى ھالەتنى ساقلاشنىڭ ئۆزىمۇ خېلى مۈشكۈل.ئەمما كونىلاردا قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمدە دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
شۇنداق، تىلىمىزدىكى نۇرغۇن سۆزلەر يات تىلدىن كىرىپ بىزگە شۇ پېتى ئۆزلىشىپ كەتتى، ئۇنى ھازىر ئۆزگەرتىمىز دېسەك، نۇرغۇن ئىش كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» دېگەندەك، شۇ پېتى قوللىنىپ كۆنۈپ قالغان سۆزلەرنى باشقىلارغا مانداق دەيسەن دېسەك، ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىپ بولالمايدۇ. ئەڭ ئاددىيسى تېلېفون (مۇشۇ سۆزمۇ ئېنگلىزچە) نومۇرىنى(بۇ سۆزمۇ ئېنگلىزچە) بىرەرسى سوراپ قالسا مۇشۇ سەينادىكى قانچىلىكىمىز ئۇيغۇرچە ئاتاپ بېرىمىز؟ شۇڭا، مېنىڭمۇ شەخسىي كۆز قارىشىم، ئىلگىرى ئومۇملىشىپ كەتكەنلىرىگە بەك كىرىشىۋالماي، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىرىنى ساپلاشتۇرۇشقا كۈچىسەك، بەلكىم يەنە 50~60 يىللاردىن كېيىن، بىزدىن كېيىنكىلەر بىزدەك بەك ئەبجەشلىشىپ كەتمەس بولغۇيتتى. (ئارتۇقچە بولسىمۇ قىستۇرۇپ قوياي، «قوش تىل» مۇشۇنداق سۈرئەتتە ئومۇملىشىپ كېتىۋەرسە، يەنە 50~60- يىللاردا «بەسەينىڭ خەنزۇچىسى نېمىتى؟ جۈسەينىڭچۇ؟ دەيدىغانلار ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپىيىدۇ!)
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
راست دەيسز،نىدا ئەپەندى.ھازىر بىز يېسىۋىلەك،[بەسەي]كۈدە[جۇسەي]دەپ مۇشۇنداق دېسەك كۆكتات[ئوتياش] ساتىدىغانلار بىزنى باشقا بىر تىلدا سۆزلەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ چۈشەنمەيدۇ بۇ گەپلەرنى.شۇڭا ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قىلىش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 3 كۈن ئالدىدا
مەنزىل دەپلا ئالساقچۇ؟؟؟؟؟؟ياكى قارالىق دەپ كونىنى تىرىلدۇرەمدۇق!
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 3 كۈن ئالدىدا
قارالىق دېگەن ئادرېس دېگەن مەنىدىمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号 )

GMT+8, 2010-11-17 09:07

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.