ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 355 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1362|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

USB چەكلەش دېتالىغا ئۇيغۇرچە قوشۇپتۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندا بىر دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىگە تەرەپكە تىل بولىقىنى يوللاپ قويسام ئۇزۇن ئۆتمەيلا خەت قايتۇرۇپتىكەن. قارىسام دېتالغا ئىگە تەرەپتىن ئۇيغۇرچە قوشۇپتۇ. بۈگۈن شۇنى خەۋەر قىلاي دەپ.
دېتال ئىسمى: USB ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش دېتالى
Removable Access tool (Ratool)
چۈشەندۈرۈش: پروگراممىرلار ياكى كومپيۇتېر بىلەن تولا ھەپىلىشىدىغانلار ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرىنى باشقىلارنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىشىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغۇ دەيمەن. بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ۋىروسلانغان USB ئۈسكۈنىلىرىنى كومپيۇتېرىڭىزغا چېتىپ ئىشلىتىشى سىزنى بىئارام قىلىدۇ. يا ياق دېگىلى بولمىغان. ئەمدى بۇ دېتال ئارقىلىق شۇنداق خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلالايسىز.
تىلى: كۆپ تىللىق، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
نەشرى: 1.3
ئىجرا مۇھىتى: winXP/Vista/win7/win8/win8.1 مەن win8 دا سىنىدىم.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت، مەن 32 بىتتا سىنىدىم.
ئىقتىدارى: كومپيۇتېرنىڭ USB ئېغىزىنىڭ ھوقۇقىنى بەلگىلەش، چەكلەش ۋە ئىشلىتىدىغان چاغدا ئېچىپ ئىشلىتىش دېگەندەك.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.sordum.org/8104/ratool-v1-3-removable-access-tool/
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى:
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى: يېشىل دېتال، پىرىستىن يېشىپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. دېتالنى ئاچقاندا دەسلەپتە ئىنگلىزچە كۆرۈنىدۇ. تاللانمىلار تىزىملىكىدىن تىل تاللاشنى بېسىپ، ئاستىغىراق قارىساق ئۇيغۇر تىلى بار. شۇنى تاللاپ قويساق بولىدۇ.


ئۇيغۇرچە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەر قايسى بەلگە ۋە تىزىملىككە مائۇس ئىستىرېلكىسىنى توغرىلاپ بىردەم تۇرساق چۈشەندۈرۈشى چىقىدۇ.

كۆرۈپ تۇرغان تىزىملىكتىن ماس مەشغۇلاتنى تاللاپ «ئۆزگەرتكەننى قوللىنىش» دېگەننى باسساق، USB ئېغىزىنىڭ بىز بەلگىلەپ بەرگەن ھوقۇق ئەسكەرتمىسى ۋە باشقا مەشغۇلات ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ.

باشقا ھوقۇق بەلگىلەيدىغان مەشغۇلاتلارنى ئەسكەرتمىلەر بويىچە قىلساق بولىدۇ.
باشقا ئىقتىدار ۋە تەڭشەكلەرنى ئۆزىمىز خالىغانچە كۆرۈپ باقساق بولىدۇ.

پارول ئۆزگەرتىشكە كىرسەك سۈكۈتتىكى ھالەتتە پارول سېلىنمىغان بولىدۇ. بۇ يەردىمۇ ھەر بىر كاتەكچىگە مائوس ئىستىرىلكىسىنى ئاپارساق ئەسكەرتىش ۋە چۈشەنچىلەر چىقىدۇ.

بۇ پارول دېتالنى قوزغاتقاندا كىرگۈزىدىغان پارول، يەنى سىز USB ئېغىزىنىڭ ھوقۇقىنى بەلگىلەپ بولۇپ، باشقا بىرىنىڭ بۇ دېتالنى ئېچىپ USB ئېغىزىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىنى خالىمىسىڭىز، دېتالغا پارول بېكىتىپ قويسىڭىز قويسىڭىز بولىدۇ. باشقىلار پارولنى بىلمىسە دېتالنى ئاچالمايدۇ.


باشقا تاللانمىلارنى ئۆزۈڭلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

بۇ يەردىن ھەر خىل USB ئۈسكۈنىلىرىنى ئايرىم چەكلەپ قويغىلى، بارلىق USB ئۈسكۈنىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغىلى ۋە ئاچقىلى بولىدۇ. يەنە USB ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قاچىلىنىشى ۋە ئاپتوماتىك ئىجرا بولۇشىنى چەكلىگىلى بولىدۇ. يەنە چېتىلغان USB ئۈسكۈنىلىرىدىكى يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
ھوقۇق بەلگىلەشكە ئازراق چۈشەنچە بېرەي. سۈكۈتتىكى ھالەتتە ئوقۇش ۋە يېزىشقا بولىدۇ. بۇ ئادەتتىكى نورمال ئىشلىتىش ھالىتى شۇ. ئوقۇشقىلا بولىدۇ دېگەنلىك كومپيۇتېرغا چېتىلغان USB ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدىكى ھۆججەتلەر نورمال ئىشلەتكىلى ۋە كومپيۇتېرغا كۆچۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن كومپيۇتېردىن USB ئۈسكۈنىلىرىگە ھۆججەت كۆچۈرگىلى بولمايدۇ. يەنى ھوقۇقىڭىز يوق دەپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ. نورمال ھالەتكە قايتۇرۇش ئۈچۈن دېتالنى قوزغىتىپ ئوقۇش ۋە يېزىشقا بولىدۇ دېگەن ھالەتكە ئەكەلسىڭىز بولىدۇ. USB ساقلىغۇچى ئۈسكۈنىلەرنى چەكلەش دېگەنلىك ھېچقانداق ھوقۇقى يوق دېگەنلىك، USB ئۈسكۈنىلىرىنى چاتسىڭىزمۇ جىمجىت تۇرىدۇ. چەكلەپ قويغىنىڭىزنى بىلمەيدىغان بىرى يا USB ئۈسكۈنەمدىن چاتاق چىقتى ياكى كومپيۇتېرنىڭ USB ئېغىزى چاتاقكەن دەپ ئويلايدۇ.
ياردەم تىزىملىكىنى چەكسەك مۇناسىۋەتلىك ياردەم، ئىگە تەرەپ بېتى ۋە دېتالنىڭ باشقا ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيمىز.

قالغان جايلىرىنى ئۇيغۇرچە بولغاندىكىن كۆپ چۈشەندۈرمىسەممۇ بولار.
سىغىمى: 428 kb
قوشۇمچە: كومپيۇتېرىڭىزغا يۇنىكود خەت نۇسخىلىرى قاچىلانغان بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ئىگە تەرەپتىن چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
http://www.sordum.org/8104/ratool-v1-3-removable-access-tool/
مۇشۇ بەتكە كىرىپ ئاستىغىراق سۈرسىڭىز ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرسەتكەندەك download (چۈشۈرۈش) دەپ بىر كۇنۇپكا بار. شۇنى باسسىڭىز چۈشىدۇ.

ئىگە تەرەپتىن بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.sordum.org/dns_jumper/downloads36.php
زاپاس ئادرېس:
سومكام: http://www.somkam.com/37f
باشقا تور دىسكا: http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZRQ8e4
قەيەردىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. چالا ئوقۇپلا ياكى ئوقۇمايلا مەشغۇلات قىلىپ يولۇققان مەسىلىگە مەزكۇر تور بەت ۋە مەن ئېگە ئەمەس.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
دىۋان
ۋاقتى: 2015-5-31 22:59:39 | ئايرىم كۆرۈش
بىزگە ياخشى دىتالدىن بىرنى يوللاپ بىرىپسىز،  جۇمۇ .  رەھمەت سىزگە!!!
كۇرسا
ۋاقتى: 2015-6-25 11:43:33 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۈگۈن كۆرگەن ئىككىنچى خوشخەۋەر، يارايسىز، تىرىشىڭ... ئەجرىڭىزگە بارىكاللا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2017-2-25 10:29 , Processed in 0.114938 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat