ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 724|ئىنكاس: 0

تاشقى پىلانېت ساياھىتىدىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-29 21:14  

تاشقى پىلانېت ساياھىتىدىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلەر

بۇگۈن 2099-يىلى-6 ئاينىڭ 21-كۈنى بولۇپ، قىسىمدىن بىزنى دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بەرگەن ئىدى. مەن بۇ دەم ئېلىش كۈنۈمنى ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئاللىبۇرۇن پۇختا تەييارلىق قىلغان ئىدىم. بۇ قېتىم مەن گۈزەل مىركۇرىنى ساياھەت قىلىشنى ئويلىغانىدىم.مىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇگۇزەل پىلانىتىنى ساياھەت قىلىش پىلانىم بار ئىدى. بىراق خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن پۇرسەت بولمىغانىدى. بۇ قېتىم پۇرسەت كەلدى.
  مەن ئەتىگەنلىك تامىقىمنى يەپ بولۇپلا تۇرۇشىمىغا، ئاپتۇماتىك خىزمەت جەدۋىلىمدىن « ئەپەندىم ! ، مىركۇرىغا چىقىدىغان ۋاقىتقا يەنە ئىككى مىنۇت قالدى.» دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى،
شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىسكىلاتتىكى «  ئالەم كىزەر  » ناملىق ئالەم كىمەمنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى،«ئەپەندىم، ۋاقىت توشتى!».
مەن «ئالەم كىزەر» ناملىق ئالەم كىمىسىنىڭ پىروگىرامما تىزىملىكىگە مىركۇرىغا بېرىش بۇرۇقىنى بەردىم. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئالەم كىمىسى ۋە مەن يەرشارىدىن ئايرىلدۇق.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزۈمنى مىركۇرىدا كۆردۈم .
مەن «ئالەم كىزەر»گە ئالەمئارا ئالەم كىمىسى توختىتىش  بۆلۈمچىسىگە بېرىش بۇيرۇقنى بىرىۋېتىپ ساياھىتىمنى باشلىۋەتتىم.
      
                                 1

   مىركۇرى ھەقىقەتەن گۇزەل پىلانىت ئىكەن. مەن ساياھەت قىلىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان گۇزەل مەنزىرىلەرنى كۆردۇم ، مەن شۇنىڭغا ھەيران قالدىمكى  بۇنداق گۈزەل پىلانىتتا بىرەر تال جانلىقنىمۇ ئۇچراتمىدىم، ھەممە يەر شۇنداق جىمجىت،شۇنداق خىلۋەت ئىدى.
ماڭغانسىرى خىياللار دېڭىزغا غەرىق بۇلۇپ كەتتىم. تۇيۇقسىز بېشىمغا بىر نەرسە تەگكەندەك بولدى. كىيىن ھۇشۇمغا كېلىپ قارسام. پۈتۈن بەدىنىم باغلاقلىق ھالەتتە بىر ئۆينىڭ تورىسىغا ئىسىقلىق تۇرۇپتىمەن. قاياقتىندۇر  ئىشىك ئېچىلدى، دە بىر قانچە تاشقى پىلانىت ئادەملىرى كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ چىرايى ئىنتايىن كۆرۈمسز بەتبەشىرە بولۇپ كۆرگەن ئادەمنىڭ قورققىسى كىلەتتى.
ئۇلارنىڭ ئارسىدىن بىرسى سۆز باشلىدى. بىراق مەن ئۇنىڭ سۆزلىرنى چۈشىنەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىل تەرجىمە قىلىش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق بايا دىگەن سۆزلىرىنى قايتا تەكراللىدى، «سەن قەيەردىن كەلگەن جاسوس؟ نىمە مەقسىتىڭ بار؟ پىلانتىمىزنى ۋەيران قىلىشمۇ؟ قۇياش شاھزادىسى ئاۋارە بولمىسۇن. بىز ئۇنىڭغا ھەرگىز ئەل بولمايمىز، ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە ئىلشىمىز» دېدى،دە ماڭا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا: «ئۇنى ئۇجۇقتىرۋېتىڭلار! » دېدى.
مەن كۆڭلۈمدە « ھەي! ئەمدى يەر شارىغا قايتالمىغاننى ئاز دەپ ، جەستىم مۇشۇ يەردە قالىدىغان بولدى » دەپ ئويلىدىم.
بىراق مەن خېلى تەلەيلككەنمەن، سىرىتتىن بىر ئەسكەر كىرىپ كەلدى، ھەمدە «باشلىق بىز ئۇنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى تەكشۇرۈپ باقايلى » دېدى.
مىنىڭ ئاغزى- بۇرنۇم ئېتىۋىتىكلىك بولغاچقا، بىرەر ئېغىزمۇ سۆز قىلالمىدىم.
- « ئۇنى بوشتىۋېتىڭلار !» دىدى، باشتا سۆز قىلغان ئەسكەر.
بىر ئەسكەر ئۆز تىلىدا بىرنىمىلەرنى دىيىشىگىلا، مەن پەسكە چۇشۇپ كەتتىم،
مەن  پەسكە چۈشۈپلا ئالدىراش سۆز باشلىدىم .
-« مەن يەرشارىدىن كەلگەن ساياھەتچى،سىلەر دىگەن ئاتالمىش قۇياش شاھزادىسى ،جاسوس دىگەنلەرنى بىلمەيمەن. مەن ھەر خىل تەشۋىقات ۋاستىللىرىدىن  مىركۇرىيلىقلارنى ناھايىتى مىھمان دوسىت چىقىشقاق دەپ ئاڭلىغان ، ئەمەلىيەتتە  ئۇنداق ئەمەسكەن !» دىدىم، دە يەر شارى ئادىمىلىق كىنىشكىسى ۋە پىلانىتلار ئارا ساياھەت قىلىش كىنىشكىسىنى ئۇلارغا كۆرسەتتىم.
  ئۇلار تەپسىلى تەكشۈرىۋاتاتتى،  
سىرىتتىن بىر ئەسكەر كىردى، ھەمدە:« باشلىق بىز ھېلقى ئالەم كىمىسىنى تەكشۇرۈپ چىقىش ئارقىلىق، ئۇئالەم كىمىسىنىڭ يەر شارىدىن كەلگەنلىكىنى ھەمدە بۇ ئەپەندىمنىڭ راستىنلا يەرشارىلىق ساياھەتچى ئىكەنلىكى ئىنىقلىدۇق » دىدى.
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى مىنى سوراق قىلغان ئەسكەر: «ئەپەندىم ئۇقۇشماسلىق بۇپتۇ، كەچۈرۈڭ! » دېدى.
« ھېچقىسى يوق، بىراق مەن پەقەتلا چۈشەنمىدىم. سىلەر نىمىشقا بۇنچە قاتتىق ھەربى ھالەتتە تۇرسىلەر؟ سىرىتتا بىر تال جانلىقنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدىكەنغۇ؟ » دېدىم مەن.
   سىرىتتىن ساقاللىرى ئىككى غېرىچ كىلىدىغان بىر بوۋاي كىرىپ كىلىۋاتاتتى،قارىسام مىركۇرىنىڭ باش زوڭتۇڭىدەك كۆرىنەتتى، ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن سۆز باشلىدى.                                      
-«ئەپەندىم، بۇ پىلانىت بۇندىن بۇرۇن  بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل، بۇنىڭدىنمۇ ھەيۋەتلىك،قاينام تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، قەيەرگىلا قارىسىڭىز خۇشال خۇراملىق ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى.
-        ھەي!  ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى،
قۇياش شاھزادىسى  قۇياش شەھىرىدە قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي  ئىچى پۇشۇپ ھەرقايسى پىلانىتلارنى ساياھەت قىلماقچى بوپتۇ.
   ئۇ ساياھەت قىلىش جەريانىدا بارغانلىكى پىلانىتلاردا بولۇشىچە زوراۋانلىق قىلىپ، ئادەملەرنى خالىغانچە ئۆلتۇرۈپ، خېلى كۆپ پىلانىتلارنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
ئۇ بۇيەرگە كەلگەندە بۇيەرنىڭ گۈزەللىكىدىن ئەس ھوشىنى يوقىتىپ، مەن بىر شاھزادە تۇرسام بۇنداق گۈزەل، خىلۋەت پىلانىت نىمىشقا ماڭا تەۋە بولمايدىكەن، دەپ بۇيەردىمۇ يەتكۈچە ئەسكىلىكلەرنى قىلدى .ھەمدە بىزگە:« ھەممىڭ بۇ يەردىن يوقىلىش چۈپرەندىلەر ! بۇيەر يالغۇز مەن قۇياش شاھزادىسىگىلا مەنسۇپ» دەپ تەھدىت سالدى.
   بىراق بىز ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلدۇق ئۇ بۇقېتىم بەك كۆپ ئەسكەر باشلاپ كەلمىگەچكە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلدۇق، ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا :« خەپ توختاپتۇرۇش چۈپرەندىلەر،  مەن يەنە كىلىمەن » دەپلا كېتىپ قالغانىدى .
ئۇنىڭ يەنە ئەسكەر باشلاپ كىلىپ بىز بىلەن جەڭ قىلىشى بىز گە بەش قولدەك ئايان .
شۇڭا بىز جىددى جەڭ تاييارلىقى قىلىۋاتاتتۇق. ئۇ ئۆز ئادەملىرىنى ھەرقايسى پىلانىت ئادەملىرى سىياقىدا ياساندۇرۇپ، ئەھۋال ئېگەللەشكە ئەۋەتكەن ئىدى. بىز بايقاپ قېلىپ             ئۇنىڭ ھەممە ئادەملىرىنى ئۇجۇقتىرىۋەتكەن ئىدۇق ،  
بىز تېخى سىز نىمۇ قۇياش شاھزادىسى ئەۋەتكەن جاسوس ئوخشايدۇ، دەپ قاپتۇق» دىدى.
-« ئەپەندىم سىز دەرھال يەر شارىغا قايتىپ كېتىڭ ، بۇيەر بەك خەتەرلىك ھاياتىڭىز ھەر ۋاقىت خەۋىپكە ئۇچىرىشى مۇمكىن » دىدى مىنى سوراق قىلغان ھېلقى ئەسكەر.
- « مەن قايىتمايمەن سىلەرگە ياردەملىشىپ قۇياش شاھزادىسىنى يوقىتىشىڭلارغا ياردەملىشىمەن . بىز يەر شارىلىقلار ئۇنداق توخو يۈرەك ئەمەس ، باشقىلار قېيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا ھەرگىزمۇ بىر چەتتە قاراپ تۇرمايمىز » دىدىم،  مەن .
                                   

2  
« پۇل، مال- دۇنيا، يەر-زېمىن، ھوقۇق-مەنپەئەت،ئۈستۈنلۈك تالىشىدىغان، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان ناچار ئادەتلەر پەقەت بىزنىڭ يەرشارىدىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى باشقا پىلانىتلار ئارىسىدىمۇ كەڭ تارقالغان ئىش ئىكەن. ئۇلار بۇ ئىشلارنى بىزدىن ئۆگەنمىگەندۇ، ھە! »  دەپ ئويلىدىم مەن ئىچىمدە.
- « بىز نىمىگە قاراپ تۇرىمىز ؟ دەرھال جەڭ تەييارلىقى قىلايلى! » دىدىم، مەن  
-  «جەڭ تەييارلىقى ئاللىبۇرۇن پۇتۈپ بولدى» دېدى مىنى سوراق قىلغان ئەسكەر.
ئۇ ئەسكەر مىركۇرىنىڭ  ئەڭ چوڭ ھەربىي ئەمەلدار  بولۇپ، ئىسمى لوس ئىكەن.
-  «ئەسكەرلەر  يېغىلسۇن! » دىدى، لوس.
ئەسكەرلەر يىغىلدى،

ئۇ يەردە يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە كىشى تۇغما قورال كۆتۈرۈپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ، چوڭ-كىچىك ھەممە  كىشى ھەم  ئەسكەر ھەم پۇقرا ئىكەن.
  لوس ئوفېستىېلارغا خاس جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن كۆپچىلىككە:« بۇ قېتىمقى جەڭ بىزنىڭ ھايات-ماماتىمىزنى بەلگىلەيدۇ، بىزنىڭ ئاتا-بۇۋىللىرىمىز تەسلىكتە ياراتقان بۇگۈزەل زىمىنىمىزنى ساقلاپ قېلىش قالالماسلىق پەقەت ئۆزىمىزگىلا باغلىق. بۇقېتىمىقى جەڭدە بەلكىم ھەممىمىز ھاياتىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، شۇندىمۇ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە ئۆزىمىزنىڭ ئەركىلىكى، ھۆرلىكى خۇشال-خۇراملىقى ئۈچۈن ئاخىرىقى بىر تامچە قىنىمىز قالغۇچە كۆرەش قىلايلى! » دىدى.


            3

ھايات مامانلىق جەڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.
قۇياش شاھزادىسى غايەت زور ئوت شارىغا ئولتۇرۇپ ھەممە يەرنى بومباردىمان قىلغاچ ھەيۋە بىلەن كېلىۋاتاتتى.  
ئاخىرقى 5 سىكونىت 1،2،3،4،5 جەڭ باشلاندى. جەڭ ئىنتايىن كەسكىن داۋاملىشىۋاتاتتى
لوس ئېغىر يارلانغان ئىدى. بۇنى كۆرگەن قۇياش شاھزادىسى ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى تېخىمۇ غالجىرلىشىپ كەتتى.
ئۇرۇش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى .  لوس ئولتۇرغان ئۇرۇش كىمىسىگە يەنە بىر تال دەھشەتلىك توپ ئوقى تەگدى. ئۇنىڭ ئۇرۇش كىمىسى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى، بۇۋاقىتتا قۇياش شاھزادىسىنىڭ  ئادەملىرى لوسنى تۇتۇش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپتىن قورشاپ كەلدى. لوس ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدلىگە بىز تەرەپكە كىىلىۋاتقان دۈشمەنلەرنى توسۇپ قالدى.
بىراق ئۇلار تېخىمۇ غالجىرلاشتى ، ئۇلار خۇددى ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك بىز تەرەپ كە يۇپۇرلۇپ كىلىۋاتاتتى.مەن پۈتۈن ھوجۇدۇم بىلەن مىركۇرى ئەسكەرلىرىگە يەنى تىز پۈكمەس مىركۇرى خەلقىگە قاراپ:« پىلانتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى، ھورلىكى، ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ بەخىت سائادىتى ئۈچۈن بىرلىكتە كۆرەش قىلايلى!»دىدىم مەن.
بۇسۆزلەرنى ئاڭلىغان مىركۇرى ئەسكەرلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى تېخىمۇ ئېشىپ دۈشمەن تەرەپكە باتۇلارچە ئېتىلدى.
بۇنى كۆرگەن دۈشمەنلەرنىڭ ئىرادىسى تەۋرەشكە باشلىدى.ئىككى تەرەپ تىغمۇ-تىغ كۈرەش قىلىۋاتاتتى. مەن قۇياش شاھزادىسى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم.ئۇنىڭ ئوت شارىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغاپ، مىنىڭ ئۇرۇش كىمەممۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئۇرۇش قىلالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، مەن ئۇرۇش كىمىسىدىن چۈشۇپ قۇياش شداھزادىسىگە جەڭ ئېلان قىلدىم، دەرۋەقە ئۇنىڭ ئوت شارىمۇ جەڭ قىلالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىكەن. ئۇ ئوت شاردىن چۈشۈپ :« سەن نىمە ئادەم؟ قەيەردىن كەلدىڭ؟ نام شەرپىڭ نىمە ؟ سەن بىلەن ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتىم بولمىسا، نىمىشقا مەن بىلەن قارشىلىشىسەن؟» دىدى.
مەن ئۇنىڭغا قاراپ:« مەن يەر شارى پىدائىيلار ئەتىرتىنىڭ ئەزاسى، ئىسمىم تىنىچلىق جەڭچىسى گەرچە سەن بىلەن ھچقانداق ئۆچ ئاداۋىتىم بولمىسىمۇ، يەلكەمدە ئالەمنى قوغداشتەك مۇقەددەس بۇرۇچ بار، سىنىڭ قىلمىشلىرىڭ چەكتىن بەك ئېشىپ كەتتى، سەندەك زوراۋانلار بولىدىكەن  بۇ ئالەم ۋەيران بولماي قالمايدۇ، شۇڭا سەن بىلەن ئاخىرىغىچە ئېلىشىمەن» دىدىم مەن.  
-  ھا ھا ھا ھا ھا !!! قۇياش شاھزادىسى مىنى مەنسىتمىگەن ھالدا كۇلۇپ تۇرۇپ، « ھۇ سولتەك،  مەن بىلەن ئېلىشماقچىمۇ؟  كىلە ئەمسە ئارزۇيۇڭغا يەتكۈزۈپ قۇياي » دىدى، دە  ماڭا قارىتىپ ئوق ئاتتى، مەن ماشىنا ئادەمنى تىزلىكتە كونتىرول قىلىپ ئۈزۈمنى چەتكە ئالدىم، ھەمدە قايتۇرما زەربە بەردىم، بىزنىڭ ئارىمىز دىكى جەڭ كەسكىن داۋاملىشۋاتاتتى،  مىنىڭ ماشىنا ئادىمىم ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىدى. قۇياش شاھزادىسىمۇ يارلانغانىدى ، قۇياش شاھزادىسى ئادەملىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆلگەنىدى. ئۇ بۇ جەڭدە مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلە تىرىلىشىغا قارىماي قۇياش شەھىرىگە قاراپ قېچىپ كەتتى. ھەي      بىز ئۇنى يەنە قاچۇرۇپ قويدۇكدە،
ئۇ  بۇ قېتىم ئېغىر زىيان تاررتتى، ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۆلدى.
جەڭدىن كىيىن مىركۇرىمۇ ئەسلىدىكى گۈزەل، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ھالىتىگە قايىتتى .
مىنىڭمۇ يەرشارىغا قايتىدىغان ۋاقتىم توشتى .مەن قايتىدىغان ۋاقىتتا  مىركۇرىنىڭ باش زۇڭتۇڭى ماڭا «ئالەم تىنىچلىق مىدالى» نى تەغدىم قىلدى. بىراق مەن رەت قىلدىم
مەن مىركۇرى خەلىقىگە قاراپ تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا: «مەن ئۇنىڭغا لايىق ئەمەس، ئۇنىڭغا پەقەت مىركۇرىنىڭ ھەقىقى قەھرىمانى لوسلا لايىق كېلىدۇ، بۇمىدالنى لوسقا تەقدىم قىلايلى! » دىدىم. مەيداندىن قىقاس- سۈرەنلەر كۆتۈرۈلدى.

ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق، مىركۇرى ئادەملىرىنىڭ قەيسىرانە ئىرادىسى، باتۇرانە جاسارىتى، پۇلاتتەك ئۇيۇشۇشچانلىقى،  قىسقىسى ئۆز پىلانىتىغا بولغان چۇڭقۇر مىھىر-مۇھەببىتى  بۇ جەڭدە قۇياش شاھزادىسى ئۈستىدىن غالىپ كىلىشىگە  تۈرتكىلىك رول ئوينىغان  ئىدى. بۇ پايدا –مەنپەئەت، ھۇقۇق، مال-دۇنيا. ئۈستۈنلىكن  بىلەن باتۇلۇق، ئىتپاقلىق، ئەركىنلىك، مىھرى- مۇھەببەت ئوتتۇرسىدىكى جەڭ.
. بۇنىڭدىن باتۇرلۇق، ئىتپاقلىق، مىھرى-مۇھەببەت قۇشۇلسا ئۇنىڭغا ھېچقانداق كۈچنىڭ تەڭ كىلەلمەيدىغانلىقنى يەنە ئادالەتنىڭ ھامان جاھالەت ئۈستىدىن غالىپ كىلىدىغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ.

  
   

1.گەرچە مىركۇرىنىڭ پەن -تېىنىكىسى قۇياش شەھىرىنىڭ پەن تېىخنىكىسىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن بولسىمۇ،  نىمە سەۋەپتىن  يەنىلا بۇ جەڭدە غەلبە قىلىلالىدى؟
  
2،سىز لوسنىڭ قايسى خىل ئېسىل روھىدىن ئۈگەنمەكچى، ئەگە سىز لوسنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
3، تۆۋەندىكى شەخىسلەرگە باھا بىرىڭ؟
1.لوس
2.قۇياش شاھزادىسى
3. تىنىچلىق جەڭچىسى   

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 15:37 , Processed in 0.271182 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat