ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1493|ئىنكاس: 0

«كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
003039wzhe1nyymryynhey.png
تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار!
      2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلېكتىرون ساھەسىدىكى يولباشچىلارنىڭ بىرى – بىلكان شىركىتى «بىلكان كۆچمە ئۈسكۈنىلەر مۇكاپاتلىق ئەپ لايىھەلەش مۇسابىقىسى»نى ئۇيۇشتۇرۇپ، پىروگراممېرلارغا مەدەت، ئىلھام بەرگەن ئىدى. ئارىدا بىر نەچچە تور بېكەتلەرمۇ كىچىك تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇردى.
      مەلۇمكى، پىروگراممېرلىق – زېھىن، ۋاقىت كۆپ سەرپ بولىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىدا قاتتىق دېتال شارائىتىغا قويىدىغان تەلىپى يۇقىرى، ھەربىر ساھەگە قەدەر تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان، كەلگۈسى تەسىرىنى مۆلچەرلەش ئىنتايىن قىيىن بولغان ئۆزگىچە خىزمەتتۇر. بىزمۇ پىروگرامما ساھەسىدىكى كەسپىي كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەربىر پىروگراممېر ئۇچرايدىغان بېسىم، مۇشەققەتلەرنى تولۇق چۈشىنىمىز.
      شۇڭا، پىروگراممېرلارنىڭ سۇلماس ئىرادىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى ۋە يېڭى نىشانلىرىغا ئىلھام بېرىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇيغۇر پىروگراممىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياش پىروگراممېر ۋە ھەۋەسكارلارنى ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە مۇكاپات تەسىس قىلىشنى قارار قىلدۇق.
      شۇنداق، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى باشلىدى!
      مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنىڭ كونكرېت قەدەم-باسقۇچلىرى ۋە ئالاقىدار ئۆلچەملىرى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

     بىرىنچى. پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر:
      ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
      شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

     ئىككىنچى. پائالىيەت سورۇنى:
      پىروگراممىلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش، تاللاش، بېكىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى (http://bbs.xjcfan.com) دە بولىدۇ.

     ئۈچىنچى. پائالىيەت ۋاقتى:
      2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 00:00 دىن 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 00:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.

     تۆتىنچى. مۇكاپات تۈرلىرى:
      بۇ پائالىيەتتە تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى»غا لايىق پىروگراممىلار باھالاپ چىقىلىدۇ. مۇكاپات پەقەت ھەر بىر تۈردە بىرىنچى بولغان پىروگراممېرغا تارقىتىلىدۇ.
      1. كۆچمە ئۈسكۈنە پىروگراممىلىرى مۇكاپاتى
      (1) iOS ئەپى مۇكاپاتى
      (2) Android ئەپى مۇكاپاتى
      (3) Windows Phone ئەپى مۇكاپاتى
      2. Windows ۋە تور بېكەت پىروگراممىلىرى مۇكاپاتى
      (1) Windows پىروگراممىسى مۇكاپاتى
      (2) تور بېكەت پىروگراممىسى مۇكاپاتى
      ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكى تۈرلەرنىڭ تەپسىلاتىنى يەتتىنچى تۈردىكى «زۆرۈر ئەسكەرتىشلەر»دىن، مۇكاپات سوممىسىنى بەشىنچى تۈردىكى «مۇكاپات سوممىسى»دىن كۆرۈڭ.
      3. ئالاھىدە پىروگرامما مۇكاپاتى
      ئەسكەرتىش: باھالاش ئۆلچىمىنىڭ مۇتلەق كۆپ ماددىلىرىغا ئۇيغۇن، باھالاش ھەيئەتلىرى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن پىروگرامما ئۆز تۈرىدە مۇكاپاتلانغاندىن سىرت، ئالاھىدە پىروگرامما مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشىدۇ.
      مۇكاپات سوممىسى: تەپسىلاتىنى بەشىنچى تۈردىكى «مۇكاپات سوممىسى»دىن كۆرۈڭ.

     بەشىنچى. مۇكاپات سوممىسى:
      1. ئالاھىدە پىروگرامما تۈرىدە ئۈزۈپ چىققان پىروگراممېرغا تۆۋەندىكى مۇكاپاتلار بېرىلىدۇ:
      (1) 10،000 يۈەن نەقپۇل
      (2) پىروگراممېرنىڭ ئىسمى، پائالىيەت نامى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى
      (3) پىروگرامما ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق قورال كىتابلار
      (4) ئۈرۈمچى مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى - مىراس كىيىمچىلىكى تەمىنلىگەن 3،000 يۈەن قىممىتىدىكى مىراس كىيىم-كېچەكلىرى
      ئەسكەرتىش: كىيىم-كېچەكلەرنى پىروگراممېر ئۆزى خالىغانچە تاللىسا بولىدۇ. كىيىم-كېچەك تۈرلىرىنى مىراس كىيىمچىلىكىنىڭ ئورگان تورى http://www.uzmiras.com دىن ياكى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى مىراس كىيىملىرى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن كۆرۈڭ.
      (5) شىنجاڭ تادۇ بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن 1،000 يۈەن قىممىتىدىكى ئالاھىدە رېتسېپلىق ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىرى
      (6) ئالتە ياشتىن كىچىك بالىسى بار پىروگراممېر ئۈچۈن، شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن 235 يۈەن قىممىتىدىكى ۋاللەي بىلىمخۇمار قونچىقى
      (7) شىنجاڭ ياخشى تور پەن-تېخنىكا شىركىتى تەمىنلىگەن 1،000 يۈەن قىممىتىدىكى ئىزدە ھالقىلىق سۆز ئېلانى
      (8) كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا سۈرەتلىك تونۇشتۇرۇلۇش شەرىپى
      (9) «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا سۈرەتلىك تونۇشتۇرۇلۇش شەرىپى
      2. بەلگىلەنگەن تۈردە بىرىنچى بولغان پىروگراممېرغا تۆۋەندىكى مۇكاپاتلار بېرىلىدۇ:
      (1) 5،000 يۈەن نەقپۇل
      (2) پىروگراممېرنىڭ ئىسمى، پائالىيەت نامى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى
      (3) پىروگرامما ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق قورال كىتابلار
      (4) ئۈرۈمچى مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى - مىراس كىيىمچىلىكى تەمىنلىگەن 1،000 يۈەن قىممىتىدىكى مىراس كىيىم-كېچەكلىرى
      ئەسكەرتىش: كىيىم-كېچەكلەرنى پىروگراممېر ئۆزى خالىغانچە تاللىسا بولىدۇ. كىيىم-كېچەك تۈرلىرىنى مىراس كىيىمچىلىكىنىڭ ئورگان تورى http://www.uzmiras.com دىن ياكى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى مىراس كىيىملىرى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن كۆرۈڭ.
      (5) شىنجاڭ تادۇ بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن 500 يۈەن قىممىتىدىكى ئالاھىدە رېتسېپلىق ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىرى
      (6) ئالتە ياشتىن كىچىك بالىسى بار پىروگراممېر ئۈچۈن، شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن 235 يۈەن قىممىتىدىكى ۋاللەي بىلىمخۇمار قونچىقى
      (7) شىنجاڭ ياخشى تور پەن-تېخنىكا شىركىتى تەمىنلىگەن 500 يۈەن قىممىتىدىكى ئىزدە ھالقىلىق سۆز ئېلانى
      (8) كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا سۈرەتلىك تونۇشتۇرۇلۇش شەرىپى
      (9) «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا سۈرەتلىك تونۇشتۇرۇلۇش شەرىپى

     ئالتىنچى. پائالىيەت قەدەم-باسقۇچلىرى:
      پائالىيەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
      بىرىنچى باسقۇچ: پىروگراممىلارنى سۇنۇش باسقۇچى بولۇپ، پىروگراممېرلار ئۆز پىروگراممىسىنى بېكىتىلگەن ئېلخەتكە يوللايدۇ.
      بۇ باسقۇچ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 00:00 دىن 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 00:00 گىچە ئۈچ ئاي داۋاملىشىدۇ.
      ئىككىنچى باسقۇچ: «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى»غا لايىق پىروگراممىنى تاللاش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا باھالاش ھەيئەتلىرى باھالاش ئۆلچىمى بويىچە ھەر بىر تۈر بويىچە پىروگراممىنى تاللاپ چىقىدۇ.
      ئەسكەرتىش: باھالاش ئۆلچىمى ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.
     بۇ باسقۇچ 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 00:00 دىن 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 00:00 گىچە 20 كۈن داۋاملىشىدۇ.
      ئۈچىنچى باسقۇچ: ھەربىر تۈردىكى «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى»غا لايىق پىروگراممىنى تەھقىقلەش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا باھالاش ھەيئەتلىرى تاللاپ چىققان پىروگراممىلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنىپ، ئەسەر ھوقۇقى توغرىسىدا قارشى پىكىرلەر بولمىسا، تۈرلەر بويىچە مۇكاپاتقا لايىق پىروگراممىلار مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.
      بۇ باسقۇچ  2015-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 00:00 دىن 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 00:00 گىچە 15 كۈن داۋاملىشىدۇ.
      تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى»نىڭ نەتىجىسى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 00:00 دىن بۇرۇن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى قاتارلىق تور بېكەتلەر ۋە ئۈندىدارلاردا، 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 5-سانىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
      ئەسكەرتىش: مۇكاپات تارقىتىش ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

     يەتتىنچى. زۆرۈر ئەسكەرتىشلەر:
      1. پائالىيەتتە بىردەك ئۈرۈمچى ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
      2. پائالىيەتكە قانۇنلۇق سالاھىيەتتىكى ھەرقانداق شەخس ياكى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىلار قاتناشسا بولىدۇ. مىللەت، جىنس ۋە ئوقۇش تارىخى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
      3. پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان پىروگراممىنىڭ بارلىق ھوقۇقى چوقۇم پىروگرامما تەۋسىيە قىلغان پىروگراممېرنىڭ ئۆزىدە بولۇشى كېرەك.  ئەسەر (نەشر) ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان پىروگراممىلار پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
      4. پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان پىروگراممىنىڭ ئەسەر (نەشر) ھوقۇقى باشتىن-ئاخىر ئەسلى پىروگراممېردا بولىدۇ.
      5. پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان پىروگراممىلار ھەقلىق، ھەقسىز دەپ ئايرىلمايدۇ. ئوچۇق مەنبەلىك، ھەقسىز پىروگرامما بولۇشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
      6. پىروگراممىنىڭ ئارا يۈزى ئۇيغۇرچە، مەزمۇنى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ۋە يەرلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن، ساغلام، بىخەتەر بولۇشى كېرەك.
      7. پىروگراممىلار باشقا تىلدىكى پىروگراممىلاردىن تەرجىمە قىلىنمىغان، ئىجادىي بولۇشى كېرەك. باشقا تىلدىكى پىروگراممىلاردىن ھېچقانداق ئىلھام ئېلىنمىغان پىروگراممىلار باھالاشتا ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ.
      8. پىروگراممىلارنىڭ قۇرۇلمىسى، ئارا يۈزى ۋە ئىشلىتىلگەن ئايكونلار ئامال بار ئىجادىي بولۇشى كېرەك. باشقا تىلدىكى پىروگراممىلارنىڭ قۇرۇلمىسى، ئارا يۈزى ۋە ئايكونلىرىدىن ھېچقانداق ئىلھام ئېلىنمىغان پىروگراممىلار باھالاشتا ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ.
      ئەسكەرتىش: «ھەمبەھرىلەش، يوللاش، چۈشۈرۈش» قاتارلىق خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ئايكونلارغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.
      9. iOS/Android/Windows Phone ئەپلىرىنىڭ ئېچىش مۇھىتى ۋە قورالىغا، پىروگرامما تىلىغا، ئەپ تۈرىگە چەكلىمە قويۇلمايدۇ. قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى تۆۋەن، يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلغان، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نەشرىگە ماسلىشىشچانلىقى ياخشى، قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى ئەپلەر باھالاشتا ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ.
      10. Windows پىروگراممىلىرىنىڭ ئېچىش مۇھىتى ۋە قورالىغا، پىروگرامما تىلىغا، پىروگرامما تۈرىگە چەكلىمە قويۇلمايدۇ. قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى تۆۋەن، يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلغان، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نەشرىگە ماسلىشىشچانلىقى ياخشى، قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى پىروگراممىلار باھالاشتا ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ.
      11. تور بېكەت پىروگراممىلىرىنىڭ ئېچىش مۇھىتى ۋە قورالىغا، پىروگرامما تىلىغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ. مۇلازىمىتېرغا بولغان تەلىپى تۆۋەن، يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلغان، تور كۆرگۈچ يەكلىمەيدىغان، چوڭ-كىچىك ئۆلچەمدىكى ئېكرانلارغا، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشقان، قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى پىروگراممىلار باھالاشتا ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ.
      12. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار تەمىنلەيدىغان ماتېرىياللار:
      (1) پىروگرامما تىزىملاش جەدۋىلى
      (2) پىروگراممېرنىڭ تەرجىمىھالى
      (3) Windows/iOS/Android/Windows Phone پىروگراممىلىرى ئۈچۈن Exe/ipa/apk/xap ھۆججىتى؛ تور بېكەت پىروگراممىسى ئۈچۈن كۆرگەزمە تور ئادرېسى
      (4) پىروگرامما ئەسلى كودى، مۇناسىۋەتلىك لايىھە ماتېرىيالى، سىناش دوكلاتى
      (5) ئەسەر (نەشر) ھوقۇقى كاپالەت كېلىشىمى (شىركىتىمىز ۋە پىروگراممېر ئىمزا قويىدۇ)
      ئەسكەرتىش: باھالاش ھەيئەتلىرى پىروگراممىلارنىڭ كود يېزىش ئۇسلۇبى، قۇرۇلمىسى، تىلى، تېخنىكا يېڭىلىقى، UI (ئارا يۈز) گۈزەللىكى قاتارلىق زۆرۈر ئۆلچەملەرنىڭ ھەممىسىگە ئايرىم نومۇر قويىدىغان بولغاچقا، يۇقىرىدا ئەسكەرتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ تولۇق ئەۋەتىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شىركىتىمىز مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ قانۇنلۇق تەشكىللىگۈچىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن پىروگرامما ئەسلى كودىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپكە تەمىنلەنمەسلىكىگە، ئاشكارىلانماسلىقىغا، ئەسەر (نەشر) ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر پىروگراممېر بىلەن ئەسەر (نەشر) ھوقۇقى كاپالەت كېلىشىمى تۈزۈلىدۇ.
      13. بىر شەخس ياكى گۇرۇپپا بىر تۈرگە بىرقانچە پىروگراممىنى قاتناشتۇرسا، ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكىنى ئاساس قىلىنىدۇ.
      14. بىر شەخس ياكى گۇرۇپپا بىرقانچە تۈرگە پىروگرامما قاتناشتۇرسا، ھەربىر پىروگراممىغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
      15. بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان پىروگراممىلار باشقا ھېچقانداق مۇسابىقە ۋە پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇلمىغان بولۇشى كېرەك.
      16. پائالىيەتنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ سالاھىيىتى تاكى پائالىيەت ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئاشكارىلانمايدۇ.
      17. بىز بۇ تېما يوللانغان ھەر بىر بېكەتتىكى ئىنكاسلارغا قاراپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن. بۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىدا ھەرقاچان ئۆزگىرىش بولۇشى، مۇكاپات سوممىسى ئۆستۈرۈلۈشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا زۆرۈر ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى ئەسلى تېما (http://bbs.xjcfan.com/thread-4376-1-1.html) غا يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

     سەككىزىنچى. ئاخىرقى سۆز:
      شۇنداق، بۇ پائالىيەت باشلاندى. ھازىردىن باشلاپ ئەسەر (نەشر) ھوقۇقىغا ئۆزىدە بولۇش، ئىقتىدارلىق بولۇش، ئىجادىي بولۇش، قوللىنىشچان بولۇش، قولايلىق بولۇش، ئارا يۈزى گۈزەل بولۇش، قوللىنىلغان تېخنىكا يېڭى بولۇش، كود يېزىش ئۇسلۇبى ياخشى، رەتلىك بولۇش، قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى تۆۋەن بولۇش، مۇقىم بولۇش، كېڭەيتىشچانلىققا ئىگە بولۇش قاتارلىق شەرتلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، پىروگراممىڭىزنى تۆۋەندىكى ئېلخەتكە يوللاپ، پائالىيەتكە قاتناشسىڭىز بولىدۇ.
      ئاساسىي ئېلخەت: master@xjcfan.com
      قوشۇمچە ئېلخەت: xjcfan@sina.com

     بۇ پائالىيەتنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە، چامىڭىز يەتكەن دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
      زۆرۈر بولسا، شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
      تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991
      فاكس نومۇرى: 8554814-0991
      تور بېكەت: http://www.xjcfan.com
      ئېلخەت: master@xjcfan.com
      ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30-ئىشخانا

     * ئەسكەرتىش: پائالىيەتنىڭ ئاخىرىقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە.



ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى


2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 08:09 , Processed in 0.172881 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat