ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 728|ئىنكاس: 1

كەپشەرلەش،كىسىش ماشنىلېرى كاشلىلېرىنى بىر تەرەپ قىلىش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-24 14:05  

  بۇرۇن ئىشلىتىۋاتقان كونا تىپتىكى كەپشەرلەش ماشنىلېرىدىن كەپشەرلەش ماشنىسىنىڭ ھەجىمى چوڭ، توك سەرپىياتى يۇقىرى ھەم ئېغىر بولغاچقا ئاساسەن ئىلىكتىرىك يۇقىرى چاستوتىلىق ئىندوكتىپلىق كەپشەرلەش ھەم كىسىش ماشنىلېرى ئۇموملىشىپ قالدى، شۇنداقتىمۇ مىتاللارنى مىخلايدىغان ۋە مىتال ياپراقچىلەرنى بىۋاستە بىر-بىرىگە چاپلايدىغان 对焊机 ھىملىگۈچ, ۋە ماشنىلار سۇقۇلغاندا ئىچىگە كىرىپ كەتلەن جايلېرىنى تارتىپ چىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان يىپىشتۇرۇپ تارتىپ چىقىرىدىغان ماشنىلار يەنىلا شۇ بۇرۇنقى ئۇسولدا ئەنئەنىۋى ئوراملىق قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەپ بولسا بۇ ماشنىلارنىڭ خىزمەت توك ئىقىمى بەك يۇقىرى بولغاچقا كىرىستال ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئارقىلىق توك ئىقىم رەتلىسە تەننەرخى بەك يۇقىرى بۇپ كىتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ماشنىلارنىڭ تۇلىسى ئىككى سىملىق 220ۋولىتلىق ياكى 380 ۋولىتلىق ئىككى ئوت سىملىق قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
搜狗截图 7年01月01日0036_4.gif
  بۇ خىل ماشنىلار بۇزۇلسا كۈپىنچە قوللۇقتىكى كونتۇروللىغۇچى ئۈز-چات، ئىلىكتىر ماگىنىتلىق رېلى ۋە شۇ رېلنى كونتۇرول قىلىدىغان شەھەر تۇكىدىن ئايرىلغان ئايرىم تۈۋەن بىسىملىق مەنبە ھاسىل قىلىدىغان تىرانسىفورماتور كۈيۈپ كىتىدىغان ئىشلار بار، بەزى تەجىربىسىز رىمونىتچىلار رەقەملىك توك بىسىم كۆرسىتىش سائىتىنىڭ يورۇپ تۇرغىنىغا قارا 220 ۋولىت ياكى 380 ۋولىتلىق تىرانسىفورماتورنىڭ كۈيۈپ كىتىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. چۇنكى ئايرىغۇچى تىرانسىفورماتور توك سائىتىنى توك بىلەن تەمىنلەپ يورۇتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەمىليەتتە بىر قىسىم ئۈسكىنىلەردە توك مەنبە بىسىم كۆرسىتىش سائىتى بىۋاستە مەنبەگە ئۇلىنىپ 220 ياكى 380 ۋولىتلىق توكنى كوندىساتورلۇق بىسىم تۈۋەنلىتىش توك يۇلى ئارقىلىقلا بىۋاستە بىسىم تۈۋەنلىتىپ توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  بۇنىڭ تېخنىكىسى بەك يۇقىرى بولمىغاچقا ئايرىم تۇنۇشتۇرۇپ يۈرمەي. يۇقىرى چاستوتىلىق ئىندوكتىپلىق كەپشەرلەش ۋە كىسىش ماشنىلېرىدىكى ئۇچراتقان كاشلىلارنى يىزىپ قۇيۇش بۇ تىمىنى يىزىشتىكى ئاساسلىق مەقسىدىم.
بۇرۇنلاردا ساناقلىقلا زاۋۇتلار بۇ ماشنىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋاقىتلاردى توك يۇلى تاختىسى ئاساسەن ئۆلچەملىك چىقاتتى، شۇڭا بۇرۇنقى تىمىلېرىمدا ئۇتتۇرغا قويغاندەك ئاساسلىقى قۇۋۋەت لامپىسى كۈيۈپ كىتىدىغان ئىش كۆپرەل يۈز بېرەتتى، يىقىندىن ئىشلەپچىقىرىلغان بەزى كەپشەرلەش ، كىسىش ماشنىلېرىدا توك يۇلى مۇۋاپىق لاھىيلەنمىگەچكە توك يۇلى تاختىسىنىڭ بەزى يەرلېرىدىكى لامپىلار كۈيۈپ كەتسە ئۇلىشىپلا توك يۇلى تاختىسىنىمۇ قۇشۇپ كۆيدۈرۋىتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى مەسلە لاھىيلەشتە بۇلۇپ، بەزىلېرى توك يۇلى تاختىسىنىڭ مىس قەۋىتى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان توك ئىقىمىنى ئىنچىكە ھىساپلىماي بەزى يەرلېرىنى تار قىلىپ قۇيۇشتىن. بۇنىڭدا بايقىغان ھامان تار بۇلۇپ قالغان يەرلېرىنى قىرىپ باشقا مىس سىمنى چاپلاپ كەپشەرلەپ قويغاندا توك يۇلى تاختىسىنى ئۇزۇن يىل ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ.
搜狗截图15年04月24日1229_1.gif
بەزى يەرلېرىدە يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش ھالىتىدە پەيدا بۇلىدىغان پەيىتلىك يۇقىرى بىسىمنى ياخشى مۆلچەرلىمەي ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىش جەريانىدا توك يۇلى تاختىسىغا يىپىشىپ قالىدىغان تۇزانلارنىڭ تەسىرىدىن توك يۇلى مىس قەۋىت ئارلىقلېرى ئاردىسىن ئۇچقۇن چاقناپ كىتىپ شۇ مىس قەۋىتىنىڭ كۈيۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ئىشلەتكۈچىلەر قەرەللىك تازلاپ توك يۇلىنى پاكىز تۇتسا بىر قىسىم ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
ماڭا كىيىن ئۇچرىغان كاشلىدىن بىرى، شۇ قۇۋۋەت لامپىلېرىنى قوزغىتىدىغان سىگنال يوللىغۇچى تىرانسىفورماتوردىن چىققان سىگنالنىڭ كۈچى ۋە يۈنىلىشىنى كونتۇروللايدىغان بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچى 3.3 ۋولىتلىق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ قىسقا يول بۇلۇپ قىلىش ھادىسىسى، ئەگەر توك يۇلىدىكى 3.3 ۋولىتلىق بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بولماي قالسا ئورنىغا 4.2 ۋولىت ياكى 6.2 ۋولىتلىق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىلارنى سىلىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ، ئادەتتە 4.2 ۋولىتلىق لامپا سىلىنسا يۈكسىز ھالەتتە نورمال قوزغالسىمۇ كەپشەرلەش ياكى كىسىش خىزمەت ھالىتىگە كىرگەندە شۇ تەرەپتىكى قۇۋۋەت لامپىلېرىغا بېرىلىدىغان قوزغىتىش بىسىمى يىتەرسىز بۇلۇپ قىلىش سەۋەپلىك شۇ قۇۋۋەت لامپىلېرىنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
搜狗截图15年04月24日1245_7.gif
  كىسىش ماشنىسىدىكى كاشلىلاردىن ئادەتتە چىقىش قىسمىدىكى ئاساسى ئىندوكتىپ ئىقىم بار بولسىمۇ توك يۇلى تاختىسىدا ئۇچقۇنلىتىش تۇكى يۇقاپ كىتىدىغان ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى توك يۇلىدىكى بىسىم ھەسسىلىگۈچ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىلارنىڭ بۇزۇلۇشى ئاز كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىقى 10 كىلوۋولىتلىق  يۇقىرى بىسىملىق ئۇقۇن ھاسىل قىلىشتىكى ئاخىرقى سىغىم كوندىساتورلېرىدا بۇزلۇش كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئۇچقۇن بولمىسا توكقا ئۇلاپ بىر مىنوتلار تۇرغاندىن كىيىن توك مەنبەنى ئۈزۋىتىپ شۇ ئەتراپتىكى كوندىساتورلارنى قول بىلەن يۈز قىسمىنى تۇتساق شۇنىڭ دىن قىزىپ كەتكىنى ئىچكى قىسىمدىن تۇتىشىپ قالغان بۇلىدۇ، ئىلىۋىتىپ ئورنىغا ئامال بار ئوخشاش بىسىملىق، ئوخشاش سىغىملىق كوندىساتور سەپلەپ قويسا بۇلىدۇ. بەك چوڭ ياكى كىچىك سىغىملىق بۇپ قالسا ئۇچقۇن ھاسىل بۇلىش ۋاختى ۋە ئۇچقۇن توك كۈچى تەسىرگە ئۇچرىسا ئىشچى توكنىڭ ئىمپىلوس دۇلقۇن ھاسىل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ نورمال خىزمەت قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە توك ئىقىمىنى كونتۇروللايدىغان رىوستات بۇزۇلۇپ قالسا توك كۈچى ئەڭ يۇقىرى ھالەتتىن ياكى توك كۈچى ئەڭ تۈۋەن ھالەتتە تۇرۇپ قالىدىغان، چوڭ-كىچىك تەڭشىگىلى بولمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.
  يەنە كىسىش ماشنىسىدا بىسىملىق ھاۋادىكى سۇ ھورلېرىنى ئايرىيدىغان سۈزۈك ئەينەكلىك سۈزگۈچمۇ تۇسۇلۇپ قالسا كىسىش بىشىنىڭ ئاسان كۈيۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا ھاۋا بىسىمى (يەل) نورمال بولغان ھالەتتە كىسىش بىشى كۈيۈپلا تۇرغان بولسا ئۇ نەرسىنى ئىلىۋىتىپ بىسىملىق ھاۋانى بىۋاستە( يەل ) بېرىپ سىناپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ھاۋا پومپىسى(ناسوس) نى قەرەللىك تازلاپ ئىچىدە ھاسىل بولغان سۇنى قۇيىۋىتىپ تۇرسا ئۇ نەرسە بولمىسىمۇ بۇلىدۇ.
  ئادەتتە 4 كىلوۋاتتىن 12 كىلوۋاتقىچە بولغانلېرىنى بىر قىتىم قېپىنى ئىچىشتا 150 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە مۇقىم باھادا رىمونىت قىلىدۇ. توك يۇلى تاختىسىنى ئالماشتۇرسا 150 يۈەن باھا قۇشۇپ ئالماشتۇرىدۇ. 35 كىلوۋات ۋە ئۇنىڭدىن چوڭلېرىنى رىمونىت قىلىش ھەققى 1000 يۈەنگىچە بارىدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئۇقۇشتىن تۇختاپ قالغان باللېرىنى ھۈنەر ئۈگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ھۈنەرۋەنلەر بەك ئىنساپ قىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك، خىرىدار نامرات بولسا باھانى ئىچىپ قۇيۇپ، پۇل تاپقاندا بېرىشىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇش كېرەك...
ۋاقتى: 2015-5-3 00:40:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىردانە كەپشەرلەش ماشىنىسى (دىيەنخەنجى)، يەنە بىر تۆمۈر كىسىش ماشىنىسى (چېگې جى)نى دۇكاندا ئىشلىتەتتىم، مەن بىر مەسلىگە يۇلۇقتۇم، ئادەتتە ئۆيدە تۆمۈر كەسسەم ناھايتى تىز كېسىپ بولىمەن، ئەمما دۇكاندا تۆمۈر كەسسسەم پەقەتلا بېسىم يوق، بەكراق كۈچەپ كەتسە، بوشەن سىم كۆيۈپ كېتىدىكەن ... مۇشۇ توكنىڭ قۇۋىتىنى ئاشۇرۇشقا بولارمۇ ... مىنىڭ ئىشلىتىدىغىنىم چىراق سىمى .. ياردەم قىلىسىڭىز ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 16:26 , Processed in 0.177345 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat