ەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار
بىز ئالدىنقى قېتىم [ئۇيغۇرچە ئەپ] [Android] قۇتيار فونتلىغۇچ Samsung نۇسخىسى ئېلان قىلىندى دېگەن تېمىدا تىلغا ئالغان ھەرقانداق نەشردىكى (2.3دىن يۇقىرى بولغان) Android يانفونلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئەپچىسىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدۇق.
مانا ئەمدى شارائىتلار پىشىپ يېتىلگەچكە بۇنى ئېلان قىلدۇق. ئۇنداقتا ئارتۇق گەپنى قويۇپ نەق گەپكە كېلىپ ئەپكە قارايلى.
بۇ ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1 . Android نەشرى 4.0 دىن 5.0 گىچە بولغان ھەرقانداق يانفونغا ماس كېلىدۇ. ئەمما شەرت چوقۇم ROOT ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. چالا ROOT ھوقۇقى ئېلىنىپ قالسا ئىشلىمەيدۇ.
2 . ئەپ ئىچدىكى مۇقىم تۈز خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە تونۇتالايسىز.
3 . ئۆزىڭىز خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى يانفونىڭىزنىڭ SD كارتىسى ئىچىدىكى Qutyar دېگەن ھۆججەت قىسقۇچقا كۆچۈرۈپ قويۇپ، SD كارتىدىن فونت تاللاپ قاچىلاش دېگەن ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
4 . قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى تۈزۈپ چىققان ھەقلىق ۋە ھەقسىز ئەپلەرنى چۈشۈرەلەيسىز.
5 . مۇشۇ ئەپكە قارىتا تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا بىۋاسىتە بېرەلەيسىز.
ئەپ كۆرۈنمە يۈزى:
ئەپنى چۈشۈرۈش
Qutyar-FontInstaller2.0.apk (648.41 KB) چۈشۈرۈش سانى: 0
ئەپ سىغىمى: 648KB
ئەسكەرتىش:
تېما مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا تور بېكەتلەرگە ۋە ئەپ بازارلىرىغا چىقىرىپ قويسىڭىز بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پايدىلانسۇن.
ئەمما بۇ ئەپنى ئىشلىتىپ تېلېفونىڭىز بۇزۇلۇپ قالسا ياكى كېسەك بولۇپ قالسا بىز مەسئۇل بولالمايمىز، شۇڭا ئامال بار Rootھوقۇقى تولۇق بولغان يانفونلاردا سىناڭ. بىز ئىچكى قىسىمدا 30-40 خىلغا يېقىن يانفونلاردا سىناپ سىناقتىن ئۆتكۈزدۇق ئەمما بىز سىنىمىغان يانفونلارمۇ بار.
ئەمدى بىز ياخشى ئىش قىلىمىز دەپ ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تىل ھاقارەتلىرىگە قالمايلى.
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
قۇتيار تور بېكتى
2015-يىلى 8-ئاپرېل |