پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

ئىنتىل تورى

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى دەرۋازا سىستېما [تېما كۆرۈش] ياردەم؛بىر كومپىيۇتىرغا win7 , ...

ياردەم؛بىر كومپىيۇتىرغا win7 , win xp قاچىلاش

يوللىغۇچى: nasrulla | يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-11 01:27| كۆرۈلۈشى: 123| ئىنكاس سانى: 6|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .تورداشلار
مەن يىڭى ئەزا بۇلىمەن، سىلەردىن بىر ياردەم سورىماقچى ئىدىم، يەنى خاتىرە كومپىيۇتىرىمغا 2ياكى 3 سېستىما قاچىلاي دىگەن، مەسلەن ، win7 , win xp , ۋە ئۇيغۇرچە سېستىما قاتارلىق مۇشۇ ئۇچ سېستىمىنى بىر كومپىيۇتىرغا قاچىلاي دىگەن، مۇشۇنداق قاچىلغىلى بۇلامدۇ، ھىچ بولمىسا ئىككىنى بولسىمۇ مەيلىتى،مۇشۇنداق قاچىلغىلى بولسا قاچىلاش ئۇسۇلنى دەپ بەرگەن بولساڭلار بۇپتىكەن، دەرسلىكى بولسىمۇ مەيلى، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن،

يېڭى ئىنكاسلار

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 6 كۈن ئالدىدا
بۇلىدۇ . تامامەن مۇمكىن . ئاۋۋال سىز xp نى قاچىلاڭ ، ئاندىن كىيىن win7نى قاچىلاڭ ، ئەگەر ئۈچۈنجىسى ubuntu بولسا xp نى قوزغاتقاندىن كىيىن Ubuntuنى بىۋاستە قاچىلىىسىڭىز بۇلىدۇ ، ئامال بار ، تەرتىۋىنى ئالماشتۇرىۋەتمەڭ ~!!!

ئەگەر سىز دەۋاتقان 3-سېستىما ئۇيغۇرچە xp ، ياكى باشقا سېستىما بۇلۇپ قالسا بۇنى مۇنبەردىكى ئۇستازلار يەنە تەلىم بەرگەي ، بۇنى مەنمۇ تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ، ئۇتۇق تىلەيمەن ~!
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 6 كۈن ئالدىدا
بىرنى ئىشلەتمەي نىمىشكە 2 نى ياكى 3 نى قاچىلىغىڭىز كەپ قالدى؟
تەكلىۋىم win7 نىلا قاچىلاپ ئىشلىتىڭ...بەرىبىر xp نىڭ دەۋرىمۇ ئاخرىلىشاي دىدى.
ئاللا بۇيرىسا ئۇيغۇرچە ئۇبۇنتۇ تەرجىمىدىن چىقسا شۇنى قۇشۇمچە قاچىلاپ ئىشلىتەمىز...
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 5 كۈن ئالدىدا
GHOST نۇسقىدىكى سىستىما بولمىسا ئاۋۋال XP,ئاندىن WIN7 نى قاچىلاڭ!ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك سىز xp قاچىلىغاندا بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە سىستىمىنى قاچىلىسىڭىزلا كۇپايە!ئۇنىڭدا ئۈچ خىل تىلدا ئىشلىتەلەيسىز!بىراق تەۋسىيەم ئۆلگەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمايدۇ!XP بارا-بارا بازاردىن چىكىنىدۇ.بۇندىن كىيىنكى يۇمشاق دىتال،قوللىنىشچان پىروگراممىلارxp شارائىتىدا نورمال ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.تەۋسىيەم:ئۈچ ئىشەك بىر ئاتنىڭ ئىشىنى قىلىپ بولالمايدۇ،WIN7 نىلا قاچىلاپ ئىشلىتىڭ!
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
ئۇنداق قىلماي تەپسىلىرەك دەپ بەرسەڭلا بولماسمۇ .مەن مۇ ئۈگىنىۋالاي.
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
alqut يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 19:51
ئۇنداق قىلماي تەپسىلىرەك دەپ بەرسەڭلا بولماسمۇ .مەن مۇ ...


تەپسىلىي دېگۈدەك يەرلىرىمۇ يوق. قاچىلىغاندا يۇقارقى تەرتىپ بويىچە قاچىلىشىڭىز، ھەربىر نۆۋەتتە مۇناسىپ دىسكا رايۇنىنى كۆرسىتىپ بىرىشىڭىز كېرەك.
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
XP نى س دىسكىغا قاچىلاڭ ،WIN7 نى د دىسكىغا قاچىلاڭ . قاچىلاش تەرتىپى مۇھىم ئەمەس . ئاندىن كىيىن 双GHOST系统修复工具 نى ئىجرا قىلىۋەتسىڭىزلا ھەر ئىككىلا سىستىما قوزغۇلىدىغان بولىدۇ. ئىككى سىستىمىنىڭ قوزغۇلۇش تەرتىپىنى يۇقارقى قورالنى قايسى سىستىمىدا تۇرۇپ بىر قىتىم ئىجرا قىلىۋەتسەك شۇ سىستىما بۇرۇن قوزغۇلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号 )

GMT+8, 2010-11-17 00:38

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.