ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1985|ئىنكاس: 18

ئۈزۈم ئۈستۈرۈش تۇغۇرسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-16 16:35  

    ئۈزۈم ئۈستۈرۈش تۇغۇرسىدا :
    تۇرپان كىشمىش ئۈزۈمىنى (ئۈزۈم تاللىرى)  تۇپىدىن چىقىرىشتىن ئاۋال باراڭغا ئىشلىتىلدىغان تۈۋرۈك(سىمونت دوڭزا) لەرنى تەكشۈرۈش ، باراڭ ئۈستىگە سىملارنى چىڭ تارتىپ مۇقىملاش، كەتمەن،  گۈرجەك دىگەندەك سايمانلارنى تەييارلاش كېرەك .
    توپىدىن چىقىرىش ۋاقتى تۇرپاندا  3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ، باشقا رايونلاردا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تەك(ئۈزۈم ) ئىچىشنى باشلىسا بولىدۇ ، تەك ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئۆرۈك چىچەكلەشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى 15 كۈن ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
     تەك ئاچقاندا شۇڭ (ئۈزۈم تاللىرى) لارنىڭ كەتمەن تىگىپ يارلىنىشىدىن ئامال بار ساقلىنىش، باراڭغا ئاتقاندا  ئاستا يىنىك ئىتىش، باراڭغا تەكشى رەتلەپ باغلاشتا، شۇڭنىڭ تۇپىسىنى قاقىمەن -دەپ  ،  توقماق بىلەن  ئۇرۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش، باغلىغاندا چۈنەكتىن سىمغا بەك چىڭ تارتىپ باغلاشتىن ساقلىنىش (چىڭ تارتىۋەتسە شۇڭ يۇغنىغاندا، تىك تۇرۋىلىپ ياخشى كۈمۈلمەي قالىدۇ)  ،چۈنەك ئىچى ھەم يەرلەرنى تازلاپ ،تۈزلەپ، رەتلەپ،  قىر ۋە ئېرىقلارنى ئىگىزلىتىش،  شۇڭنى باراڭغا ئىلىپ بولغاندىن كىيىن، قاندۇرۇپ سۇغرىش ۋە  سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ ئازوتلۇق ئوغوت بىلەن ئوغوتلاش ئاز مىقداردا فوسفۇرلۇق ، كالىيلىق ئوغوتلار بىلەن قوشۇمچە  ئوغوتلاش،   بىر مو يەرگە  20-30 كىلوگىرام  ئەتراپىدا ، ئوغوتلىسا بولىدۇ.  چىرىتىلگەن قوي ، كالا قىغىنى چۈنەك  ئىچىگە چىچىپ بەرسىمۇ،  ئورەك كولاپ بەرسىمۇ بولىدۇ ( چىرىتىلگەن قوي ، كالا قىغىنى كۈزدە ئورەك كولاپ بەرسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ).
     تۇرپاندا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا  10كۈندە بىر قىتىم سۇغرىلدۇ ، باشقا نەملىك دەرىجىسى يوقۇرى جايلار سۇغىرىش ۋاقتىنى ئەھۋالغا قاراپ  مۇۋاپىق  ئۇزارتسا بۇلىدۇ .
    (ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بىر رايون بىلەن يەنە بىر رايوننىڭ ۋاقىت پەرقى ئىنتايىن چوڭ بۇلىدۇ، مەسلەن : پىچان ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقىمىز 40-50كىلومىتىر كىلىدۇ، بىراق ۋاقىت پەرقى 7-10كۈن پەرىقلىندۇ،ئۈزۈم ئىشلىرى ناھىيە بازىرىدا كىيىن باشلىنىدۇ  ) .
2225964053461796977.jpg
5922548054985514137.jpg
341651033353753015.jpg
629018387121834651.jpg
6880965169951320231.jpg

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-26 01:28:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپاندا ھازىر% 90 تەكلەر ئىچىلىپ بولدى .  
ۋاقتى: 2015-3-27 22:30:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولسا سەيناغا مۇشۇنداق دىھقانچىلىق بىلىملىرىنى كۆپرەك يوللىنىپ تۇرسىكەن دەيمەن.
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-14 00:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىرىنچى سۈيىنى تەكنى ئىچىپلا  ئۈچ-تۆت كۈن تۇرغۇزۇپ ، ئاق ئازوتنى ئېرىققا چىچىپ سۇ قويساق بۇلىدۇ (بىر مو يەرگە 15كىلوگىرام ئەتراپىدا ) . ئازوتنى تەك تۈپ بىشىغا  قۇيۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ .    1005.tmp.jpg    
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-14 00:34:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سۇ قۇيۇپ ئىككى كۈندىن كىيىن، تەكنى سىمغا چىگىشنى باشلىساق بۇلىدۇ . 6484163459402037861.jpg    
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-16 02:26:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان رايونىمىزدا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، 14-15كۈن ئەتراپىدا ، ئىككىنچى سۈيىنى قويىمىز .شاپتول چىچەكلەش مەزگىلى
1959803823657795004.jpg
3439490596276998236.jpg
7375560730255394635.jpg
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-19 01:05:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەك ياساش بۈگۈن باشلاندى . 2058779542989314290.jpg
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-22 00:31:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-22 00:39  

       تەكنى ياساشتا (چاتاش) ئۈزۈم بولغان يىڭى نوتىنى ئۈزۈم ئۈستىدىن بىر يوپۇرماق قويۇپ ئۇچچىنى ئۈزۈش،  مېۋە بولمىغان نوتىلارنى غول شۇڭ غا  بەش سانتىمىتىر يىقىن بولغانلىرىنى 7-8 يوپورماق قالدۇرۇپ ئۇچىنى ئۈزۈش،  قالغانلىرىنى پۇتىۋىتىش، ئوزۇقلۇقنىڭ ئىسراپ بولشنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم. باراڭ بەك قىلىن بۇلۇپ، يورۇقلۇق چۈشۈشى ناچار جايلارنىڭ يىڭى نوتىدىكى ئۈزۈم ئاستىدىن 2-3 تال يوپورماقنى ئۈزۋىتىشكىمۇ بولىدۇ. IMG_20150421_202613.jpg
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-7 23:30:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-7 23:32  

تەكنى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە چاتاپ بۇلۇش(5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن كىيىن قالسا، ئۈزۈم يەرگە چۈشۈشكە باشلايدۇ ) ، 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن، 5-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بىرىنچى قىتىملىق گېبىرلىن(赤霉素)نى  ئۈزۈم ساپاقلىرىغا چىچىپ بۇلۇش لازىم . 8904_2456220(1).jpg    
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-8 00:14:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-11 23:53  

  گېبىرلىن بىر قوتا 80-100كىلوگىرام سۇغا ، 1گىراملىق خالتىدىكىسى 7-8 گىرام مەخسوس ئىشلىتىلدىغان ئىسپىرت بىلەن ئېرتىلىپ، 8-10 كىلوگىرام سۇغا ئارلاشتۇرۇلۇپ  ئۈزۈم ساپىقىغا تەكشى پۈركىلدۇ.دورا چىچىلىپ بولغاندىن كىيىن، بىر قىتىم سۇغىرىلدۇ.       1A)`RGYO15}~WN`NNUEKQ[F.png 2~Z~S`~P}GS`CO98FANP60P.png NOU1)@5YSS18@[1}]N0YU6C.png
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-12 00:06:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-7يىللىق بولغان كۆچەت تەكلەرگە يىلدا بىر قىتىم گىبىرلىن (赤霉素)پۈركىلدۇ ، پۈركۈش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن، 15-كۈنىگىچە . چىچەك پۈتۈنلەي ئىچىلىپ بولغاندا (ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك) پۈركىلدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-16 16:14:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-16 16:23  

ئۈزۈم   يىشىل ماش تەك چوڭلۇقتا بۇلۇشتىن ئىلگىرى  ياكى يىشىل ماشچىلىك چوڭلۇقتا بولغاندا ،   2-قېتىملىق  گېبىرلىن پۈركىلدۇ.  پۈركۈشتە 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن، 20- كۈنىگىچە پۈركۈلسە بۇلىدۇ .گېبىرلىن بىر قوتا 50-60كىلوگىرام سۇغا ، 1گىراملىق خالتىدىكىسى5-6گىرام مەخسوس ئىشلىتىلدىغان ئىسپىرت بىلەن ئېرتىلىپ، 5-6   كىلوگىرام سۇغا ئارلاشتۇرۇلۇپ  ئۈزۈم ساپىقىغا تەكشى پۈركىلدۇ.دورا چىچىلىپ بولغاندىن كىيىن، بىر قىتىم سۇغىرىلدۇ.
      

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-16 16:19:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.jpg 01.jpg
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-26 00:27:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەك ئېرىقىدىكى نوتىلارنى چاتاش ، ئېرىق ئىچىدىكى ياۋا ئوت-چۆپلەرنى تازلاش ئىلىپ بىرىش لازىم.
   ئوغوتلاش:
   بىر مو يەرگە 30-40كىلوگىرام ئەتراپىدا، فوسفورلۇق ئوغوتنى ئاساس، ئازوت،  كالىيلىق ئوغوتنى قۇشۇمچە قىلىپ ، مىكرو ئىلمىنىتلىق (كالىتسىي، گۈڭگۈرت،ماگنىي،سىنىك،بور .....)ئوغوتلارنىمۇ بىرىش كېرەك.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-8 15:20:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەك شاخلىرى باراقسان ئۈسۈپ ، يورۇقلۇق چۈشۈشى ياخشى بولمىغاندا ، دائىم چاتاپ تۇرۇش (بۇلۇپمۇ چۈنەك، ئېرىق ئىچىنى دائىم چاتاش كېرەك)، ياۋا ئوت-چۆپلەنى ئوتاپ تۇرۇش، بۇلۇپمۇ تۇرپاندا سۇغۇرۇشنى 10كۈندىن ئۈتكۈزۋىتىشكە بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 08:46 , Processed in 0.172663 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat