ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 934|ئىنكاس: 2

تىلۋىزور ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 09:13  

  بىر تىلۋىزور ۇقىرى تەكرارلىق تىلۋىزىيە سىگنالىنى ئارلاشما ھالەتتە كۈچەيتىپ ئاندىن سىگنال تاللاپ كۈچەيتىپ ئۇتتۇرا چاستوتىلىق سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ كىيىنكى بۇغۇمغا يوللاپ بېرىدىغان يۇقىرى تەكرارلىق كۈچەيتىش تاللاش بۇغۇمى (گاۋپىنتوۇ، 高频头 ) ، ئۇتتۇرا چاستوتىلىك كۈچەيتىش بۇغۇمى، ئاۋاز سىگنالى ئايرىش بۇغۇمى، مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال ۋە قۇر قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال ئايرىش بۇغۇمى، يورۇقلۇق دەرىجە سىگنالى ، رەڭ ئايرىش بۇغۇمى دىگەندەك كۆپ بۇغۇملاردىن تەركىپ تاپىدۇ، دىمەك تىلۋىزىيە سىگنالىمۇ خاس ئاۋاز بىلەن سۈرەتتىن ئىبارەت ئىككىلا سىگنال ئەمەس، يەنە قۇر قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال، مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال، ئۈچ ئاساسى رەڭ سىگنالى ۋە يورۇقلۇق سىگناللېرىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، تىلۋىزور ئىكرانى نىپىز ئىكرانلار مەيدانغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاساسەن ئىلىكتىرونلۇق لامپا پىرىنسىپىدا ئىشلەيتتى،  رەڭلىك تىلۋىزوردا ئۈچ دانە ئاساسى رەڭ تېخنىكىسى قوللىنىلغان بۇلۇپ ، قىزىل، يىشىل ۋە كۈكتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسى رەڭنى مۇۋاپىق قۇشۇش ئارقىلىق باشقا رەڭلەر ھاسىل قىلىناتتى، مەن بۇرۇن ئۇقۇغان تىلۋىزور دىگەن كىتاپتا ، يىشىل رەڭ 56، كۈك رەڭ 11، قىزىل رەڭ 29 بۇلۇپ، قىزىل بىلەن كۈك قۇشۇلسا سۆسۈن، قىزىل بىلەن يىشىل قۇشۇلسا سېرىق، كۈك بىلەن يىشىل قۇشۇلسا ھاۋا رەڭ دىگەندەك ، ھەممىسى قۇشۇلسا ئاق رەڭ ھاسىل بۇلىدۇ.
   
رەڭلىك فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدىلا ئۈچ ئاساسى رەڭ پىرىنسىپى بۇيىچە سۈرەتكە ئالىدىغان بۇلۇپ ھەر-قايسى رەڭلەرنىڭ مىقتارى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن خاتىرلىنىدۇ، رەسىم 2 سىنغا ئىلىش پىرىنسىپ رەسىمى. رەسىم 3 بولسا تىلۋىزوردىكى ئۈچ خىل ئاساسى رەڭلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىكراندا رەڭلىك سۈرەت ھاسىل قىلىش پىرىنسىپ ئىسخىمىسى بۇلۇپ، سايىلىك سۈرەت كۆرسىتىش بىلەن ئۇخشاپ كىتىدۇ. بۇرۇنقى ئىكرانلارنىڭ كەينىدىكى ئىلىكتىرون مىلتىقى قىسمىغا قارىسا رەڭسىز تىلۋىزورلاردا بىر تال، رەڭلىك تىلۋىزورلاردا بولسا 3 تال قىزىتىش پىلىكى بار.
  كاپىتالىستىك دۆلەتلەر دەسلەپكى تەرەققىيات ئاساسىدا رەڭلىك سۈرەتنى تىلۋىزىيە سىگنالى قىلىپ تارقىتىش ھەم بۇرۇنقى رەڭسىز تىلۋىزورلاردىمۇ كۆرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ يورۇقلۇق سىگنالى بار قىلىپ pal دەيدىغان تۈزۈمدە سىگنال تارقىتىپ ئۇزۇنغا بارمايلا رەڭلىك سۈرەتنى سۈزۈك چىقىرىدىغان ntsc تۈزۈمىدە تارقىتىشنى باشلىغان، بۇنىڭدا نۇرغۇن پۇخرالار رەڭسىز ۋە pal تۈزۈمىنى قوللايدىغان رەڭلىك  تىلۋىزورلېرىدىن پايدىلىنالماي يىڭىدىن ntsc تۈزۈمنى قوللايدىغان  رەڭلىك تىلۋىزور سىتىۋىلىشىغا تۇغرا كىلەتتى.
  دۆلىتىمىزدە بۇرۇن ئاساسلىقى رەڭلىك ۋە رەڭسىز تىلۋىزورلارنى تەڭ سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە pal تۈزۈمىدىكى تىلۋىزىيە سىگنالى تارقىتىلاتتى. شۇڭا كونا تۈزۈمدە تىلۋىزىيە پىرۇگگىراممىلېرىنى قوللايدىغان نۇرغۇن تىلۋىزورلارنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ خەلىققە زىيان بۇلىشىدىن ساقلانغان ئاساستا ھازىرغىچە شۇ تۈزۈمنى ساقلاپ قالغان.
   تىلۋىزىيەدىكى سۈرەت كۆرسىتىش لامپىسى 766250 دانە يورۇتۇلىدىغان چىكىتتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، مەيدەن تەكرارلىقى(تۇغرىسىغا) 50 گىرتىس، قۇر تەكرارلىقى سىكونتىغا 16325 گىرتىس (تىك) بۇلىدۇ، يەنى ھەر-بىر چىكىت نۇقتىنىڭ رەت بۇيىچە كۈچلۈك ياكى ئاجىز يورىشى ئارقىلىق سۈرەت ھاسىل قىلىنىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى سۈرەت لامپىسى ئىلىكتىرون مىلتىقىدىن ئىتىلىپ چىقىدىغان ئىلىكتىرونلارنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى يۇقىرى سۈرئەتتە تىزگىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قايسى ئىلىكتىروننىڭ قايسى چىكىت نۇقتىغا سۇقۇلىشىنى مەيدان ۋە قۇر ئېغىتقۇچى ئورامىدا ھاسىل بولغان ماگىنىت مەيدانى بەلگىلەيدۇ.
   تۇلۇقسىزدا ئۇقۇغاندا كىنو لېنتىسىدىكى سۈرەتنىڭ سىكونتىغا 24 پارچە يۈتكىلىش ئارقىلىق بىزگە ھەركەتلىنىۋاتقان سۈرەت كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلگەنتۇق، تىلۋىزىيەدە بولسا سىكونتىغا 25لىك سۈرئەتتە ئالمىشىدۇ، يەنى 50 گىرتىسلىق مەيدان ۋە 16325 گىرتىسلىق قۇر تەۋرىنىشىدىن ئىبارەت. كىنو لېنتىلېرىنى تىلۋىزىيە سىگنالىغا ئايلاندۇرۇشتا شۇنداق سىكونتىغا 25 قىتىم ئالمىشىدىغان قىلىپ تەڭشەيدۇ، بۇنىڭدا سۈرەتنىڭ ئازغىنا ئىتتىكلىشى كۆزىمىزگە بەك بىلىنىپ كەتمەيدۇ.
222222222222222.jpg
ئىلىكتىرون لامپىلىق تىلۋىزورنى كۆرگىنىم ئىسىمدە يوق، بىر غۇۋا ئىسخىمىسى؛
33333333333333333333.jpg
بۇ يېرىم ئۈتكۈزگۈچلۈك كىرىستال لامپىلاردىن ئىشلەنگەن تىلۋىزور ئىسخىمىسىنىڭ بىر قىسمى
4444444444.jpg
بۇ يېرىم ئۈتكۈزگۈچلۈك توپلاشتۇرۇلغان  توك يوللۇق رەڭسىز تىلۋىزورنىڭ ئىسخىمىسى؛
555555555555.jpg
  تۈۋەندىكىسى رەڭلىك تىلۋىزور توك يۇلى ئىسخىمىسى؛

1-تىلۋىزور يۇقىرى تەكرارلىق بىشى؛ 高频头

  ئالدى بىلەن رەڭسىز تىلۋىزورلارنىڭ يۇقىرى تەكرارلىق سازلاش قىسمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى، ئادەتتە كۈپىنچە تىلۋىزىيە تارقىتىش چاستوتىسىVHF  تەكرارلىق دائىرىسى 30 دىن 300 مىگا گىرتىسقىچە ۋە UHF تەكرارلىق دائىرىسى 300دىن 3000مىگا گىرتىسقىچە بۇلۇپ ئالدىنقىسىدا 1دىن 12 گىچە قانالدا كىيىنكىسىدە بولسا 13 تىن 56 گىچە قاناللارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
  دەسلەپتە رەڭسىز تىلۋىزورلارنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق قۇبۇللاش بىشى مىخاينىكىلىق ئۇسولدا ئۆزىدىكى تەۋرىنىش ئوراملېرى ۋە سازلاش تەكرارلىقىغا ماس كىلىدىغان ئۆلچەمدە ئورالغان سىم ئوراملارنى مۇناسىپ ئورۇنغا ئۇلاپ ئۈزۈش ئارقىلىق قانال تاللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان بۇلۇپ ، يۇقارقى رەسىمدىكى چوڭ رەڭسىز رەسىم شۇنىڭ قۇرۇلمىسى، ئوڭ تەرەپ ئۈستىنكى بىر رەسىمدىن باشقىلېرى شۇنىڭ مىتال قاپلىق سۈرىتى. رادىئودا يىقىن ئەتراپتىكى تىلۋىزىيە قاناللېرىنى بىۋاستە كۈچەيتىشچان رادىئو قۇبۇللىغۇچ ئارقىلىق قۇبۇللىغىلى بولسىمۇ تىلۋىزىيەدە ئاۋاز، سۈرەت، ۋە قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللار بار بولغاچقا كۆپلىگەن قاناللارنى بىر بىۋاستە كۈچەيتىشلىك توك يۇلى ئارقىلىق نورمال قۇبۇللاپ كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا يەنىلا يۇقىرى تەكرارلىق سىگنالغا ئەسلى سىگنالدىن 38 مىگا گىرتىس يۇقىرى تەكرارلىق سىگنالنى قۇشۇپ ئارىدا يەنە بىر 38 مىگا گىرتىسلىق ئارا چاستوتا ھاسىل قىلىپ شۇنى نەچچە بۇغۇملۇق كۈچەيتىپ ئاندىن شۇنىڭدىن يەنە 6.5 مىگا گىرتىسلىق ئارا چاستوتا ھاسىل قىلىپ ئاۋاز چاستوتىسىنى ئايرىۋالىدۇ، يەنە 10.5 مىگا گىرتىسلىق ئايرىم ئارا چاستوتا سىگنالى ھاسىل قىلىپ ئۇنىڭدىن سۈرەت سىگنالى ، قۇر-مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللارنى ئايرىۋىلىپ قۇر ۋە مەيدان تەۋرەنەۈچلېرىنى سۈرەت مەنبەسىدىكى ئەسلى سىگنالدىكى قۇر-مەيدان سىگناللېرىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاندىن سۈرەت كۆرسىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇرۇنقى رەڭسىز تىلۋىزور كۆرگەنلەر ئىكراندا قىيپاش ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سىزىقلار چىقىۋالغاندا قانال يۈتكىگۈچنىڭ سىرتىدىكى ھالقىسىنى بىسىپ تۇرۇپ بۇراپ سۈرەت نورمال چىققاندا ئاندىن كۆرەتتۇق، شۇنىڭدا 38 مىگا گىرتىسلىق ئۆزىدىكى تەۋرىنىش سىگنالىنى تەڭشىگەن بۇلۇپ، ئارا چاستوتىلىق 38 مىگا گىرتىسلىق سىگنالنى مۇقىملاشتۇرۇغاندىن كىيىن قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللار يىتەرلىك كۈچىيىپ قۇر تەۋرىنىشىنى 16325 گىرتىس ياكى ئەسلى سىگنالدىكى تەۋرىنىشكە ماسلاشتۇرغان بۇلىدۇ. قۇر-مەيدان ئېغىتقۇچى ئوراملېرىدىكى ماگىنىت لاش كۈچىمۇ بىر ۋاقىتتا ماسلىشىپ ئىلىكتىرونلارنى سۇقۇلۇش ئورنىمۇ تەڭ ماسلاشتۇرۇلغان بۇلىدۇ.


سىگنالنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى تىلۋىزور كۆرۈشىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ سىگنال ئاجىز بولسا بىر بولسا سۈرەت يوق ئاۋازى ئاران چىقىدۇ، بىر بولسا چىمىرلاپ نۇرغۇن قار ئۇچقۇنلېرى پەيدا بۇلىدۇ. يۇقىرى تەكرارلىق باش نورمال دائىرە ئىچىدە سەل ئاجىزراق سىگنالنىمۇ كۈچەيتەلەيدىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن بۇلۇپ، سىگنال كۈچلۈك يەردە بىرىنچى لامپا يەنى سىگنال كۈچەيتىش لامپىسىنىڭ ئاساس قۇتۇپ تۇكى كۈچەيتىشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا تەڭشەلگەن بۇلىدۇ، ئەگەر 38 مىگا گىرتىسلىق ئارا تەكرارلىق كۈچەيتكۈچتىن كۈچەيتىلىپ چىققان سىگنال بەك كۈچلۈك بولسا ئاساسى قۇتۇپ توك بىسىمىنىمۇ ماس تۈۋەنلىتىپ سىگنالنىڭ كۈچەيتىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ. بۇ تەرپى رادىئودىكىدەك سىگنال كۈچەيتىشنى ئاپتۇماتىك كونتۇرول قىلىسىمۇ ئۇخشىمايدىغىنى تىلۋىزوردا يەنە ئارا تەكرارلىق سىگنال كۈچەيتىش بۇغۇمى ئارسىدىمۇ بىر كۈچەيتىشنى ئاپتۇماتىك كونتۇرول قىلىش توك يۇلى بار. كەسپى ئاتالغۇدا ئا گ س توك يۇلى دەپ قىسقارتىپ ئاتايمىز، ئىسخىمىلاردا AGC ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
  بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۈتۈشكە تىگىشلىك بىر ئىش بولسا  تىلۋىزور 1883-يىلى كەشىپ قىلىنغان بولسىمۇ 1951-يىللېرىغا كەلگەندە ئاندىن رەڭلىك تىلۋىزور بارلىققا كەلگەن، رەڭ ئايرىش توك يوللېرى تۇلىمۇ مۇرەككەپ بولغاچقا كۈپىنچە رەڭلىك تىلۋىزور زاۋۇتلېرى رەڭ ئايرىش توك يۇلىدا ساناقلىق نەچچە دۆلەتنىڭ مەھسۇلاتىغا تاينىپ كەلگەن. دۆلىتىمىز 2005- يىلغا كەلگەندە ئۆز ئالدىغا رەڭلىك تىلۋىزور ياساپ چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، خېلى نۇرغۇن دۆلەتلەر رەڭلىك تىلۋىزور ئىشلەپچىقىرالىسىمۇ پۈتۈنلەي ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەنگەن زاپچاسلاردا ئىشلەپچىقىرالايدىغىنى كۆپ ئەمەس.
رىمونتچىلىقنى تاشلاپ قويغىلى 15 يىلدىن ئاشقان بولغاچ بىر قىسىم يەرلېرىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىمەن، شۇڭا باشقا تورداشلارنى ئىنكاس ئارقىلىق تۇلۇقلاشقا تەكلىپ قىلىمەن.
مەزمون كۆپ بولسا سىغىم چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقتىن داۋامى ئايرىم تىما قىلىپ يوللىنىدۇ. رەسىملەرنى چۈشۈرۈپ كۆرسە چوڭراق چىقىدۇ.
ۋاقتى: 2015-3-16 17:38:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەر كۆچۈرۈپ كىلىنگەن مەنبەدە قالغاندەك قىلىدۇ، تېما يوللىغاندا بەزى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-16 19:51:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىلۋىزور ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 20:01  


تەھرىرلەپ قۇشۇپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، سەت بولدى...
ئەمما تىمىنى تەھرىرلەپ يوللىساملا يۇقاپ كىتىپ ئىلىشتۇرۋاتىدۇ، يەنە بىرى رەسىم يوللاش چىكى بەك ئاز تەڭشىلىپ قاپتۇ.
搜狗截图 7年01月01日1931_1.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 16:10 , Processed in 0.170654 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat