ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 934|ئىنكاس: 6

دېتال چەكلەش دېتالى RunBlock قا ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپتۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندا بىر دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، تىل ھۆججىتىنى ئىگە تەرەپكە يوللاپ بەرگەن. ئەتىسى خەت ساندۇقىمغا خەت كەپتىكەن دېتالغا ئۇيغۇر تىلىنى قوشتۇق دەپ. ئىگە تەرەپ بېتىگە قارىسام ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشكە ۋە دېتالغا ئۇيغۇرتىلى قوشۇلۇپتۇ. بۇنى خەۋەر قىلىش بۈگۈن نىسىپ بولغان چېغى.
دېتال ئىسمى: دېتالنىڭ ئىجرا بولۇشىنى چەكلەيدىغان دېتال Simple Run Blocker
چۈشەندۈرۈش: بەزى چاغلار بىرەرسى كومپيۇتېرىڭىزنى ئىشلىتىپ چ چ ئېچىۋالاي، تورغا چىقىۋالاي دېگەندەك ئىشلاردىن بىزار بولامسىز؟ سىز يوق چاغدا بىرەرسىنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەلۇم دېتالنى ئىشلىتىۋېلىشىدىن بىزار بولدىڭىزمۇ؟ ئۇ دېتاللارنى يۇيۇۋېتەي دېسىڭىز تېخى. قانداق قىلغۇلۇق؟ مانا بۇ دېتال ئارقىلىق ئاشۇ دېتاللارنىڭ ئىجرا بولۇشىنى چەكلەپ قويسىڭىزلا ئىش تامام. ئۆزىڭىز ئىشلىتىدىغان چاغدا چەكلەشنى بىكار قىلىپ قويسىڭىزلا بولدى.
تىلى: كۆپ تىللىق، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
نەشرى: 1.2
ئىجرا مۇھىتى: winXP/Vista/win7/win8/win8.1 مەن win8 دا سىنىدىم.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت، مەن 32 بىتتا سىنىدىم.
ئىقتىدارى: مەلۇم دېتالنىڭ ئىجرا بولۇشىنى چەكلەش، يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش، دىسكا قۇلۇپلاش ۋە باشقىلار.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.sordum.org/8486/simple-run-blocker-v1-2/
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى: يىشىل دېتال، پىرىستىن يىشىپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. دېتالنى ئاچقاندا دەسلەپتە ئىنگلىزچە كۆرۈنىدۇ. تاللانمىلار تىزىملىكىدىن تىل تاللاشنى بېسىپ، ئاستىغىراق قارىساق ئۇيغۇر تىلى بار. شۇنى تاللاپ قويساق بولىدۇ.


ئۇيغۇرچە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەر قايسى بەلگە ۋە تىزىملىككە مائوس ئىستىرىلكىسىنى توغرىلاپ بىردەم تۇرساق چۈشەندۈرۈشى چىقىدۇ.


ئەمدى ئاساسىي مەشغۇلاتنى چۈشەندۈرۈپ قوياي. ئاۋۋال ئىجرا بولۇشىنى چەكلەيدىغان دېتالنى تىزىملىككە قوشىمىز. ئاۋۇ ئۈستىدىكى قوشۇش بەلگىسى ئارقىلىق دېتالنىڭ قىسقا يول بەلگىسىنى تاللاپ قويساقمۇ ياكى ئەسلىي مۇندەرىجىگە كىرىپ exe ئىجرا ھۆججىتىنى تاللاپ قوشساقمۇ بولىدۇ. ۋە ياكى ئېكراندىكى قىسقا يول بەلگىسىنى ئاۋۇ تىزىملىك رايونىغا سۆرەپ تاشلاپ قويساق ئۆزى ئاپتوماتىك exe ئىجرا ھۆججىتىنى تاپىدۇ.



تىزىملىككە قوشۇپ بولۇپ دىققەت قىلىڭ. دېتالنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە تاللاش تىزىملىكى بار. شۇ يەردىن قىلماقچى بولغان مەشغۇلاتنى توغرا تاللاڭ.

تىزىملىككە قوشمىغانلىرىنى چەكلەشنى تاللاپ قويسىڭىز مۇشۇ دېتال تىزىملىكىگە قوشۇلمىغان دېتاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىجرا بولۇشىنى چەكلەپ قويىدۇ. تىزىملىكتىكىنىلا چەكلەشنى تاللىسىڭىز مۇشۇ دېتال تىزىملىكىگە قوشۇلغان دېتاللارنى چەكلەيدۇ. چەكلەشنى توختىتىشنى تاللىسىڭىز توسۇشتىن توختايدۇ.
ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ھەر قانداق مەشغۇلاتتىن كېيىن تەڭشىگەننى ساقلاشنى ئۇنۇتماڭ. بولمىسا قىلغان ئىشىڭىز بىكار بولىدۇ.

ساقلاپ بولۇپ دېتالدىن چېكىنىڭ ياكى كىچىكلىتىپ قويۇڭ ئوخشاشلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز، يەنى سىز چەكلەشكە بۇيرۇق بەرگەن دېتالنى ئىجرا قىلىمەن دەپمۇ ئىجرا قىلالمايسىز. چىرايلىق ئەسكەرتىشتىن بىرسى چىقىدۇ.

ئەمدى چەكلەشنى توختاتماقچى بولسىڭىز مۇشۇ دېتالنى قايتا ئېچىپ، ئاۋۇ ئۈستىدىكى ئېلىش بەلگىسىنى بېسىپ تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتسىڭىزمۇ ياكى ھەممە دېتالنى چەكلەشنى بىكار قىلماقچى بولسىڭىز ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن چەكلەشنى توختىتىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنە دەيدىغىنىم تەڭشىگەننى ساقلاشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەمدى باشقا ئىقتىدارلىرىغا كەلسەك، ئاۋۇ تاللانمىلارنى چەكسىڭىز بىر تىزىملىك چىقىدۇ.

ئىئانە، باش بەت، ئالاقە دېگەن تىزىملىكلەرنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمىسەممۇ بولار. تورغا ئۇلاپ مەشغۇلات قىلىسىز بۇ تاللاشلاردا. ھەققىدە دېگەننى باسسىڭىز دېتال ئۇچۇرلىرى چىقىدۇ شۇ. (مۇكاپات چىقامدىكى دېگەنما ھى ھى ھى)
قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش ياكى قۇلۇپلاش تىزىملىكىنى باسسىڭىز يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

بۇ يەردىن تاللاپ تۇرۇپ كومپيۇتېرىڭىزدىكى دىسكىلارنى قۇلۇپلاپ قويغىلى، يوشۇرۇپ قويغىلى بولىدۇ. (ئۇيغۇرچە بىلگەندىكىن ئاۋۇ رەسىمگە قاراپمۇ بىلگەنسىلەر قانداق مەشغۇلات قىلىشنى ھەممىنى دەپ بەرمىسەممۇ)
بايىقى تىزىملىكتىكى يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىشنى ئوقۇپلا بىلگەنسىلەر نىمىش قىلىدىغان ئىقتىدار ئىكەنلىكىنى. مەنبە باشقۇرغۇچنى قايتا قوزغىتىش دېگەننى دىسكا قۇلۇپلاپ ياكى يوشۇرۇپ بولۇپ ئاندىن بۇ مەشغۇلاتنى قىلسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەنبە باشقۇرغۇچنى قايتا قوزغىتىدۇ ۋە ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.

ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ھەر قانداق مەشغۇلاتتىن كېيىن تەڭشىگەننى ساقلاشنى ئۇنۇتماڭ. بولمىسا قىلغان ئىشىڭىز بىكار بولىدۇ.
چۈشۈرگەندە ئىگە تەرەپتىن چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

سىغىمى: 396 kb
قوشۇمچە: كومپيۇتېرىڭىزغا يۇنىكود خەت نۇسخىلىرى قاچىلانغان بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ئىگە تەرەپ تەۋسىيە ئادرېس:
http://www.sordum.org/8486/simple-run-blocker-v1-2/
مۇشۇ بەتكە كىرىپ ئاستىغىراق سۈرسىڭىز ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرسەتكەندەك download (چۈشۈرۈش) دەپ بىر كۇنۇپكا بار. شۇنى باسسىڭىز چۈشىدۇ.
زاپاس ئادرېس:
سومكام: http://www.somkam.com/2U9
باشقا تور دىسكا: http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZ-LPwM
قەيەردىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.

باھالاش

2

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-3-11 14:19:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چېكىپسىز، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ياخشى دېتاللارنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ ئىگە تەرەپ ئارقىلىق تىل ھۆججىتىنى كۆپرەك قوشتۇرساق بەكلا ياخشى بولاتتى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-11 15:04:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Koinlun يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 14:19
جاپا چېكىپسىز، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ياخشى دېتاللارنى ...

شۇنداق قىلساق ياخشى بولاتتى. بۇرۇنقى گۇرۇپپىلار ھازىر يوق. مەنمۇ بىكار ۋاقىتلىرىمدا تەرجىمە قىلىپ ، بەزى دېتاللارنىڭ تىل ھۆججىتىنى ئىگە تەرەپكە يوللاپ بەرسەممۇ ھازىرغىچە جاۋاب يوق.
ۋاقتى: 2015-3-11 20:04:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ېرىم سائەت بۇرۇن
تىما ئىگسىگە كۆپ رەھمەن ئەمدى مىنىڭ سورايدىغىنم مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىپ قاتىتىق دىسىكىلارنى قۇلۇپلاپ قۇيساق كومپىيۇىتردا تۇرغا چىقپ كىيىن تورغا چىقساق تور خاتىرسى ساقلانمايدۇ شۇنداقمۇ يە ؟ئەمەسمۇ ؟ماڭا دىسكىلارنى قولۇپلاپ نەرسە چۇشۇرگەندە مەخپى نۇمۇر سورايدىغان ۋە كومپىيۇىترنى قايتا قۇزغاتقاندا تور خاتىرسى ساقلانمايدىغان دىتال ياكى ئۇنۇملۇك ئۇسۇل بولسا يول كۆرسەتسەڭلا خەنچە بىلمىگەچكە ئىزدەشنى بىلمىدىم ھازىرقى ۋەزىيەتتە كومپىيۇىتر سەۋيەم ياخشى بولمىغاچقا كومپىيۇتىر ئىشلىتىش ۋە تورغا چىقىشتىن قورقاپ قالدىم

9قەۋەت xinjang2014
ئىنكاس يېرىم سائەت بۇرۇن
يەنە بىر گەپ مەن تور قوبۇللىغۇچ ئارقىلىق ئەتراپتىكى تورنى يىشىپ تورغا چىقىۋاتىمەن لىكىن بۇگۇن ئىلۋەتتىم ئىشلەتمەي ،ئەمدى شۇندا تورغا چىقساق قانۇنسىزلىق بولامدۇيە ؟قالايمىقان توربەتكە چىقمىغانئاساتا
باش بەت | كىرىش |
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-11 20:34:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xinjang2014 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 20:04
ېرىم سائەت بۇرۇن
تىما ئىگسىگە كۆپ رەھمەن ئەمدى مىنىڭ س ...

مەن تېما يوللىغان خېلى كۆپ قىسىم مۇنبەرگە مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنى چاپلاپ چىقىپسىز. ئەسلىي جاۋاب بەرمەي دېگەن. سەل خىجىل بولۇپ قالدىم.
خەنزۇچە بىلمىسىڭىز مەيلى ، ئۇيغۇرچە بىلىسىزغۇ دەيمەن. ھالقىلىق سۆزلەرنى يېزىپ مۇنبەرنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىنى پايدىلىپ قويۇڭ.
1- سوئالىڭىزغا، بۇنىڭغا يەنىلا شۇ خىلدىكى كەسپىي دېتاللارنى ئىشلەتكەن تۈزۈك. ئىنتىزار ئەپەندىنىڭ سۆزلىگەن دەرسلىكىنى كۆرۈڭ ۋە دېيىلگەن دېتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ.
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum.php?mod=viewthread&tid=6697
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum.php?mod=viewthread&tid=6697
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum.php?mod=viewthread&tid=6695
مۇشۇنىڭدىن قايسى يارىسا شۇنى ئىشلىتىڭ.
2- سوئالىڭىزغا، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ۋىجدانىڭىز كۆتۈرسە، خەقنى بالاغا تىقمايمەن ۋە خەقنىڭ قارغىشىغا قالمايمەن دېسىڭىز ئىشلىتىۋېرىڭ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-11 20:35:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xinjang2014 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 20:04
ېرىم سائەت بۇرۇن
تىما ئىگسىگە كۆپ رەھمەن ئەمدى مىنىڭ س ...

مەن تېما يوللىغان خېلى كۆپ قىسىم مۇنبەرگە مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنى چاپلاپ چىقىپسىز. ئەسلىي جاۋاب بەرمەي دېگەن. سەل خىجىل بولۇپ قالدىم.
خەنزۇچە بىلمىسىڭىز مەيلى ، ئۇيغۇرچە بىلىسىزغۇ دەيمەن. ھالقىلىق سۆزلەرنى يېزىپ مۇنبەرنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىنى پايدىلىپ قويۇڭ.
1- سوئالىڭىزغا، بۇنىڭغا يەنىلا شۇ خىلدىكى كەسپىي دېتاللارنى ئىشلەتكەن تۈزۈك. ئىنتىزار ئەپەندىنىڭ سۆزلىگەن دەرسلىكىنى كۆرۈڭ ۋە دېيىلگەن دېتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ.
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum.php?mod=viewthread&tid=6697
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum.php?mod=viewthread&tid=6697
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum.php?mod=viewthread&tid=6695
مۇشۇنىڭدىن قايسى يارىسا شۇنى ئىشلىتىڭ.
2- سوئالىڭىزغا، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ۋىجدانىڭىز كۆتۈرسە، خەقنى بالاغا تىقمايمەن ۋە خەقنىڭ قارغىشىغا قالمايمەن دېسىڭىز ئىشلىتىۋېرىڭ.
ۋاقتى: 2015-3-11 23:02:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  ئاخرى جاۋاب بىرپسىزدە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 20:14 , Processed in 0.216683 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat