پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

ئىنتىل تورى

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى دەرۋازا ساۋاتلار [تېما كۆرۈش] icp بىجىرىشنىڭ ئەسلىدى مەقسىد ...

icp بىجىرىشنىڭ ئەسلىدى مەقسىدى مۇنداق!

يوللىغۇچى: Qiyas.biz | يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-10 11:54| كۆرۈلۈشى: 128| ئىنكاس سانى: 2|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

يېقىندا بەزىلەر چەتئەلدىن ئالغان بوشلۇققا بىر كىچىدىلا پەرمان چىقىپ ئېچىلماس قىلۋېتىدۇ ،ئۇچاغدا icp نىمۇ بىجىرىش تەس بولىدۇ ...دىگەندەك شەخسىي قىياسلىرى بىلەن تىما ئىنكاس يازغىنى تۇرۇپتۇ .بىز قارايمىز ئۇنداق پەرمان چىقمايدۇ ، چىقارمەن بولسىمۇ \ چىقىشقا يەنە 10 يىل كىتىدۇ ..

شۇنداق دەپ تىما ئىنكاس يازغانلار icp بىجىرىشنىڭ ئەسلى مەقسىدىنى تازا چۈشەنمەيدىكەنسىلەر ...


مەن تۆۋەندە ئادەتتىكى يۇسۇندا چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
icp پەقەت جوڭگۇدا ئادەم كۆپ باشقۇرۇش قولايسىز بولغانلىقتىن يولغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك سىياسەت ،مەسلەن سىزنىڭ ip:127.0.0.3 بولسا بۇ نى دۆلەت ئىچىدە دەپ تۇرىلى ،ھەم icp سىياسىتىمۇ يوق دەيلى، سىز قانۇنسىز ئىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىڭىز بۇنى ھۆكۈمەت بىۋاستە چەكلىۋېتىدۇ . ئۇنداقتا 10ipبولسا بۇنىڭ ئىچىدە 5 چەكلەنگەنگەن بولسا ،پەقەت 5ipلا نۇرمال قالىدۇ شۇنداقمۇ ؟ ناۋادا 7ipئىشلىتىدىغان ئىش كىلىپ چىقسىچۇ؟ ئۇ ھالدا ھۆكۈمەت يېڭى بىر مەنبە قوشۇشقا توغرا كىلىدۇ ،چۈنكى 5ip پىچەتلەنگەن ...بۇ چاغدا پىچەتلەنگەن 5ip ئاتۇقچە مەنبە ئىگەللەيدۇ خالاس، ھۈكۈمەت ئۇنى ئېچىۋېتەي دىسە سىزنىڭ داۋاملىق قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياكى ئەمەسلىكىڭىزنى icp سىياسىتىغا ئوخشيدىغان سىياسەت بولمىغاچقا ئىنىق ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. چەكلەنگەنگە ip نى ئاچمايلى دىسە مەنبە ئىسراپچىلىقى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پىچەتلەنگەن ip قانۇنسىز مەشغۇلات ئېلىپ بارغۇچىدا مەڭگۈ تۇرمايدۇ ،قانۇنلۇق پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچىغا ئۆتكەن ئۆتمىگىنىنى icpدەك ئەنگە ئېلىش بولمىسا قانداق ئۇققىنى بولىدۇ ؟.
دۆلەتتە يولغا قويۇلغان icp سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلىشى مۇشۇ نوقتىنى چىقىش قىلغان . يەنى ipئىشلەتكۈچى چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن ئەنگە ئېلىنىدۇ ،ھەمشۇنداقلا ئىشلىتىشنى توختاتقاندا ئۆچۈرىدۇ ... بۇ مەزگىلدە ip دائىرسىدە قانۇنسىز پائالىيەت كۆرۈلسە شۇ ئەنگە ئالدۇرغان ئادەمگە ئەھۋالغا قاراپ چارە كۆرۈىدۇ ، ياكى شۇ ئادەمنى پىچەتلەيدۇ . بۇنداق بولغاندا 1-دىن قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئۆنۈملۈك زەربە بەرگىنى بولىدۇ .2-دىن بايا ئېيىتقاندەك مەنبە ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 3.دىن توردىكى مەزمۇنلارنىڭ قانۇنىيلىغا ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلغىنى بولىدۇ.4-دىن باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ،تەرتىپكە سېلىشقا قولاي بولىدۇ.
شۇڭا بۇ دۆلەت ئىچىدىكى مەنبەنى ئاسراش،دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈنلا دۇر.
چەتئەلنىڭ تورىنىڭ icp مەسلىسىگە كەلسەك نۆۋەتتە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ سىياسىتى ئىنتايىن ئېنىق ،قانۇنسىز ئۇچۇر بايقالسا ۋەياكى قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللنىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاتسا تىلىگىراف ئاپاراتلىرى ip نى مەڭگۈلۈك پىچەتلەيدۇ ..(دۆلەت ئىچىدىكىدەك 4 كۈن توختىتىپ قويۇپ 2000يۈەن جەرىمانە ئېلىپ قايتا ئېچىپ بەرمەيدۇ). دىمەكچى مەنكى دۆلەت ئىچىدىكى پىچەتلەش قارىغاندا چەتنىڭكىنى دىلىغۇل بولمايلا چەكلىۋېتىدۇ ، (چۈنكى چەتئىلنىڭ مەنبەسى جىق ھەم دۆلىتىمىز ئۇنى باشقۇرۇپ بولالمايدۇ، ھەممە سىرىتنىڭ ئۇچۇرىنى مەسلەن ئامېرىكىنىڭ لاس ۋېگاستىكى بارلىق ipدىكى توربىكەتلەر جوڭگۇدا ئېچىلمىسۇن ! دەيدىغان بۇيرۇقنى ھەرگىز چۈشۈرمەيدۇ. چۈنكى بۇ 1-دىن دۆلىتىمىز ئىسلاھات ئىشكىنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە زىت. 2-دىن بۇ ھازىرقى زامان جوڭگۇ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا زور توسالغۇ ھەم شۇنداقلا چىكىنىش ئېلىپ كىلىدۇ. 3-دىن سىرىتتىن ئېقىپ كىرىدىغان غايەت زور ئېقىم مىقدار يوقايدۇ بۇنىڭ بىلەن تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ كېرىمى تۆۋەنلەپ پايدىسىدىن زىيان چىقىدۇ. شۇڭا چەتئەلدىن مۇلازىمەت تەمىنلەنگە توربىكەتلەرنى مەڭگۈلۈك پىچەتلەش ئەڭ ياخشى چارە) بۇرۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ۋە يېڭى يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنى ئانالىز قىلىشىمىزچە ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى توربىكەت مەسلىسىگە تۇتقان سىياسىتى ،ئىسىم تىزىمغا ئالدۇرۇش،مۇلازىمىتىر سېتىۋېلىش (يەنى بوشلۇق سېتىۋېلىش)-ئەنگە ئېلىش -توربىكەت ماڭدۇزۇش (قانۇنسىز ئۇچۇر بوپ قالسا) جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى ۋە تىلىگىراف ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش-جەرىمانە ئېلىش -ۋە ياكى جىنايى ئىشلار دىلوسى بويىنچە بىر تەرەپ قىلىش.
دۆلەت سىرتىدىكى بوشلۇققا تۇتقان سىياسىتى ،،ئىسىم تىزىمغا ئالدۇرۇش،مۇلازىمىتىر سېتىۋېلىش (يەنى بوشلۇق سېتىۋېلىش)-توربىكەتنى ماڭدۇرۇش (قانۇنسىز ئۇچۇر بوپ قالسا) ئەڭ تىز سۈرئەتتە تىلىگىراف ئورگانلىرى تەرىپىدىن چەكلىۋېتىش-ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش.
دىن ئىبارەت بولىۋاتىدۇ .
ھەم دۆلەت ئىچىدىكى سودا بەتلىرىگە قارىتا سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرىش تۈرىمۇ بار .
مۇنازىرە مۇنبىرى مەسلىسىگە كەلگەندە دۆلەتنىڭ سىياسىتى ئېنىق . توربەت ئاچساڭ بولىدۇ - نىمە قويساق بولىدۇ -ئەمما قانۇنسىز نەرسە قويىدىغان دۆلەتكە ۋە ئاممىغا خەۋپ ۋەياكى ھەرقانداق تەھدىت ئېلىپ كىلىدىغان قانۇنسىز ئىش ھەركەت ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ قالغان ئىشلا بولىدىكەن ،مۇنبەر ئەمەس بىرتال html قويساڭمۇ تاناۋېڭنى قىرىق گەز تارتىمىز دىگەندەك.
ئۈستىدە ئېيتقان ئېقىم مىقدار ۋە تىلىگىرافنىڭ پايدىسى دىگەننى ئاڭلاپ بەزىلەر ھەيران قالغان بولىشى مۇمكىن ، بۇنىڭ پىرىنسىپى مۇنداق : جوڭگۇ تېلېگىرافىنىڭ ئابونىتچىسى ئامىرىكىنىڭ مۇلازىمىتىر ئىشلەتكەن توربىكەتنى زىيارەت قىلىپ 100مىگابايىتلىق دېتالنى چۈشۈردى . ئامىرىكىدىن جوڭگۇغا ئېقىپ كىرگەن ئېقىم 100مىگابايىت بۇنىڭ ئۈچۈن جوڭگۇ تېلېگىرافى ئامىرىكىدىكى تور ئاپاراتىغا 100مىگابايىتقا ھەق تۆلەيدۇ مەسلەن 1مىگابايىتىنى 1 موچەن دىسەك 100مىگابايىت ئۈچۈن 100موچەن يەنى 10يۈەن تۆلەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ زىيارەتچىسى جوڭگۇ تېلېگىرافىنىڭ مۇلازىمىتىر ئىشلەتكەن توربىكەتنى زىيارەت قىلىپ 100مىگابايىتلىق دېتالنى چۈشۈردى . جوڭگۇدىن ئامېكىرىغا ئېقىپ كىرگەن ئېقىم 100مىگابايىت بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا جوڭگۇ تېلېگىرافىغا ھەق تۆلەيدۇ.
مەسلەن 1مىگابايىتىنى 1 موچەن دىسەك 100مىگابايىت ئۈچۈن 100موچەن يەنى 10يۈەن تۆلەيدۇ.
دىگەندەك بۇيەردىكى باھا پەقەت خىيالىيلا يېزىپ قويۇلدى . بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تۆلەيدىغان پۇلىنى پەقەت ئۆزلىرى بىلىشىدۇ.
مەسلەن يەنە بىرگەپنى ئەسكەرتسەم : دۆلەت سىرتىغا قويۇلغان مۇلازىمىتىردا توربىېكىتىڭىز بولسا ئۇنىڭ كۈنلۈك ئېقىم مىقدارى 1000گىگابيىت بولسا بەزى ۋاقىتتا جوڭگۇ تېلېگىرافى سىزنىڭ بېكىتىڭىزنى چەكلەپ قويىشىمۇ مۇمكىن ...سەۋەھبى يەنىلا شۇ پۇل!
ئەمما كۈنلۈكى نەچچە يۈز گىگابايت ئېقىم مىقدار بولسا بولدىلا قانۇنسىز نەرسە بولمىسا بېكىتىڭىز تاقاپ قويۇش نىسبىتى 0%.
مىنىڭ شەخسىي تەۋسىيەم چەتئەلنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلەتسىڭىز مۇستەقىل ip دا توربەت قىلىڭ!

شۇڭا بەزىدە گوگلى无显示网页بولۇپ قالىدۇ ! بۇ خاتالىق گوگلىنىڭ مۇلازىمىتىرىدىن چىققان ئەمەس بەلكى جوڭگۇ تېلېگىرافىنىڭ چىقىمنى تىجىشى سەۋەبىدىن مەسلەن 1سىكونتتا بىر ئابونىت گوگلى ئېچىپ 500كىلوبايىت ئېقىم قىمدار شەكىللەندۈرسە .100مىڭ ئابونىتچى 1سىكونىتغا تەخمىنەن 48828 مىگابايىت يەنى سىكونتىغا 48گىگابايت ئېقىم مىقدا شەكىللەندۈرىدۇ .ئادەتتە جوڭگۇ تېلېگىرافى 无显示网页 قىلىپ 3-5سىكونتقىچە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ....بەزى رايۇنلاردا 1-2 سائەت ۋەياكى 1رەر 2كۈن داۋاملىشىپ قالىدۇ . ئادەتتىكى ھالەتتە گوگلىنى 5سىكونىت 无法显示 قىلىپ قويسا 240گىگابايىت ئېقىم مىقدار يەتكۈزۈلمەيدۇ . بۇنىڭ بىلەن جوڭگۇ تېلېگىرافى ئامېرىكىغا بۇ 5سىكونتتىكى 240گىبايىتنىڭ پۇلىنى تۆلىمەيدۇ .مانا بۇ گوگلى نىڭ پات پات 无显示网页نىڭ سەۋەبى .

ئەلۋەتتە يۇقىرىدا ئالغان سان سىفىرلار پەقەت ئىپادىلەش ئۈچۈنلا مۆلچەرىي ئېلىندى .

يۇقىرىدا ipدەپ ئالغىنىمىز مۇلازىمىتىرلار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ip نى كۆرسىتىدۇ . ئابونىتچىلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلىتىدىغان ip نى بۇ دائېرىگە كىرمەيدۇ!
سۆز ئاخىرىدا : دەيغىنىمىز يەنە شۇ قانۇنسىز توربەت ۋە ئۇيغۇر ئەخلاقىغا زىت توربىكەتنى قىلماڭ ! بولمىسا ھامان بىر كۈنى بېشىڭىزنى يەيسىز. دۆلەت مىزانىدىن چىقسىڭىز ھۆكۈمەت بار ! ئەخلاق مىزانىدىن چىقسىڭىز خۇدا بار ! .


ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال تارقىتىش ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى يارقىن سەھنە : قىياس دۇنياسى

http://www.kiyas.biz


كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ : ئەسلى مەنبە : ئىنتىل سەيناسى - قىياس دۇنياسى يازمىللىرى http://www.kiyas.biz

يېڭى ئىنكاسلار

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 3 كۈن ئالدىدا
ئىملاغا دىققەت قىلىڭ ! تىلىمىزنى قەدىرلەيلى !
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش ئۈلۈشكۈن 20:37
كارامەت چۈشىنىشلىك يېزىلىپتۇ ...بۇ تېما ئوقۇپ قۇيۇشلا ئەمەس - چۈشىنىپ تۇرۇپ ئوقۇشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىكەن ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号 )

GMT+8, 2010-11-13 16:02

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.