ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 794|ئىنكاس: 1

ھۇد ئېيىنىڭ21-كۈنى خەلقئارا ئانا تىل كۈنى - ئانا تىلغا شەيدامىز!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 12:42  



    ھۇد ئېيىنىڭ21-كۈنى(2-ئاينىڭ21-كۈنى) خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى كۈنى. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇر تورىمىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئارىسىدىكى ئېسىل ئوقۇرمەنلىرىگە بايراملىق سالام يوللايمىز!
   دۇنيا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى دۇنيانىڭ ئىناقلىقى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت كومىتېتى 1999-يىلى 11- ئايدا قارار ماقۇللاپ، 2000- يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ تەبرىكلەشنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلق ھەرخىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە، كۆپ خىل تىللىق مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاۋاز قوشماقتا. ب د ت نىڭ بۇنداق بىر كۈننى بېكىتىشىدىكى ئاخىرقى نىشانى چۈشىنىش، يول قويۇش ۋە ئۆز-ئارا دىئالوگ ئاساسىدا كىشىلەرنىڭ تىل ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشتۇر.



سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيا بويىچە 5651 خىل تىل بار ئىكەن، ئەمما ب د ت نىڭ سىتاتىستىكىلىشىچە ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 5000-7000 غىچە بولغان تىل بار بولۇپ، ئارىسىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارمۇ ھەم سان ئىگەللەپ تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە قوللىنىدىغان كىشى سانى 50 مىليوندىن ئاشىدىغان تىللاردىن 13 ى بار: خەن تىلى، ئېنگىلىز تىلى، ھىندى تىلى، روس تىلى، ئىسپان تىلى، گېرمان تىلى، ياپون تىلى، فىرانسۇز تىلى، ھىندونېزىيە، پورتۇگال، بېنگال، ئىتالىيان ۋە ئەرەب تىلىدىن ئىبارەت.



مەملىكىتىمىزدە قانچىلىك تىل باردۇ؟ بۇ مەسىلە تېخى ئېنىق سانى بىلەن ھەل بولغىنى يوق. ھازىرقى ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە 80 خىل تىل بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 61 ى ئاساسلىق تىل ھېسابلىنىدۇ. 61 خىل تىل ئۆز ئىچىدىن بەش چوڭ تىل سېستىمىسى، توققۇز تىل تۈركۈمى، 14 تىل تارمىقىغا بۆلۈنىدۇ.
بايرام بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق، ئەمدىكى مەسىلە، ئۈشبۇ بايرام كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدىڭىز؟
تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە ئەتراپىمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى قىسقىلا زىيارەت قىلىپ ئۆتتۇق. ئۇنداقتا جەمئىيىتىمىزدىكى كىشىلەر بۇ بايرامنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ پىلانىغا ھەم سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ، بەلكىم سىزنىڭ پىلانىڭىز ئۇلارنىڭكىدىنمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئەمما، غايەت زور پىلان بولسىمۇ، كىچىككىنە ئىش-ھەرىكەتتىن غالىپ كېلەلمەيدۇ!



قايناق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بازىرى سوغۇق ھاۋادىمۇ شۇ قەدەر مېھرى ئىللىق. چۈنكى بۇ يەردە ئانا تىل توغرىسىدا قىزغىن سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. زىيارەتنى مۇشۇ يەردىن باشلىدىم.

    تۇنجى زىيارەت ئوبيېكتى بولسا، ئابلىز سودا سارىيىدىكى مەلۇم دۇكان خوجايىنى بولدى.
   سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەتە يەنى 21- فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى كۈنى، سىز بۇ كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىسىز؟
   جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىزنىڭ ئەمدى قىلالايدىغىنىمىز شۇ ئائىلىدىكىلىرىمىزنى ئۆيدە ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىش. ئاندىن خېرىدارلارغا ساپ ئانا تىلىمىزدا سۆزلەشنى ئادەت قىلىش.

   ئىككىنچى زىيارەت ئوبيېكتى بولسا، سودا-ساراي ئايلىنىۋاتقان خېرىدار.
   سوئال: سىزنىڭ پىلانىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق بولامدۇ؟
   جاۋاب: مەن ئۈچ يىل بولدى، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىۋاتقىلى. ھەر يىلى ئانا تىل بايرىمى كۈنى ئانا تىل توغرىسىدا يېزىلغان ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئۆز تىلىدىكى قەسىدىلەرنى توپلايمەن، بۇنى ھەم ئەتراپىمدىكىلەرگە تەشۋىق قىلىمەن.

   چاغانلىق دەم ئېلىشتا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئاھالە خىزمەتچىسى زىيارىتىمىزگە ھەم داخىل بولدى.
   سوئال: خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىدا سىزنىڭ قانداق پىلانلىرىڭىز بار؟
   جاۋاب: مەن بۇ كۈندە ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىمىزنى قۇتلۇقلايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەرمىللەتتىن بولغان خىزمەتداش ۋە دوستلىرىم ھەمدە ساۋاقداشلىرىمنىڭمۇ ئانا تىل بايرىمى كۈنىنى مۇبارەكلەيمەن. ھەممەيلەن يىغىلىشىپ، بىر بىرىمىزنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلەنگەن ئاددىي جۈملىلەرنى ئۆز ئارا ئۆگىنىمىز. بۇ ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە ياخشى دەپ ئويلايمەن.

    ماشىنىسىنى توختىتىپ قويغان شوپۇر ئاكىدىن بۇ كۈندىكى پىلانىنى سورىدىم.
    سوئال: سىز ئانا تىل بايرىمى توغرىسىدا قانداق پىلانلارنى كۆڭلىڭىزگە پۈكتىڭىز؟
    جاۋاب: راستىمنى دېسەم، مەن بۇرۇن ئانا تىل بايرىمى دەپ بايرام بارلىقىنىمۇ ھەم بىلمەيتتىم. مۇشۇ ئۈندىدار ئىشلەتكەندىن بۇيان، مۇشۇنداق بايرامنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ھەيران قالدىم. ھەم بۇ كۈننى چوقۇم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشتىم. ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىرگە ئۆتكۈزىشىمىز مۇمكىن.

    جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن تىجارەتچى ئايالنىڭ سوئالىمغا بەرگەن جاۋابى ھەممەيلەننىڭ ئويلىنىپ كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ.
    جاۋاب: ھەرقايسى يۇرتنىڭ يەرلىك شىۋىلىرى ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. يۇرتلاردىن چىققان چوڭلار ھەرگىزمۇ ئورتاق تىلدا سۆزلىيەلمەيدۇ. گېپىنى چۈشەنمەي، مەسخىرە قىلىشقا قاتتىق قارشى تۇرۇش كېرەك. دۆلەت تىلى ئۇقمىغانلارغا ئۇقىدىغانلار ياردىمىنى ئايىماستىن تەرجىمە قىلىپ بېرىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئەتىدىن باشلاپ مۇشۇ پىلانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن.

    كوچا ئاپتوبۇسى بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان ياش يىگىتتىن ئوخشاش سوئالنى سوراپ كۆردۈم.
    سوئال: ياخشىمۇسىز، ئەتە خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى، سىز بۇ كۈننى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىسىز؟
    جاۋاب: مەن بۇ توغرىلىق ئويلىشىپ باقماپتىكەنمەن. ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت. ئەمدى ئوبدانراق ئويلىشاي.

    ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بانكا خادىمى ئەڭ ئاخىرقى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى. ھەمدە بەكمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى.
    سوئال: ئەتىكى ئانا تىل بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدىڭىز؟
   جاۋاب: ھەئە، بىر پىلانىم بار. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىم كامىل. بۇ يىل «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىپ بېكىتىلىپ ھەممەيلەننى بەك سۆيۈندۈردى. شۇڭا ئەتىكى ئانا تىل بايرىمىدا مەن ئانا تىلىمىزدا نەشر قىلىنغان كىتابلاردىن سېتىۋېلىپ، باشقىلارغا سوۋغا قىلماقچىمەن. ئاندىن بۇندىن كېيىنكى چوڭ پىلانىم بولسا، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ياكى ئەزەلدىن ئانا تىلىنى ئۆگىنىپ باقمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىل ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىنى قوللاش ھەم ياردەم بېرىش.



شۇنداق، بۇ پەقەت بىزنىڭلا بايرىمىمىز ئەمەس. بەلكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ يەنى ئۆز ئانا تىلى بارلىكى مىللەتنىڭ ئورتاق بايرىمى. ئۆز ئانا تىلىمىزنى پىششىق ئۆگىنىش ئاساسىدا، دۆلەت تىلى بولغان خەن تىلىنى يەنى خەلقئارالىق تىل بولغان ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز ھەم زۆرۈر.
ئەسكەرتىش:بۈگۈن دۇنيا ئانا تىلى كۈنى بولغاچقا،مۇشۇ كۈننى خاتىرىلەش ئورنىدا نۇر تورىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى.ئاخىرىدا بارلىق تور ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىنى،يېرىم ئۇيغۇرچە،يېرىم خەنچە سۆزلەيدىغان ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە:نۇر تورى
ۋاقتى: 2015-2-22 10:37:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ قىتىمقى بايرامنى ئىشەكتەك ئىشلەپلا ئۆتكۈزدۈم ، ئويلاپ باقسام پەقەتلا ئەھمىيەتلىكرەك بىرەر ئىش قىلماپتىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 04:20 , Processed in 0.132468 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat