|
مىنىستىرلىق دەپ ئېلىۋاتقىنى خېلى ئۇزۇن بولدى. |
پەقەت شۇلارغىلا دىققەت قىلمىغانسىز؟ ھەر بىر دىكتورنىڭ ئاز دىگەندە بىردىن سۆزنى ئۆزگەرتىش رىكورتى بار، پاتىگۇ سەيدى ۋە دىگەننى ھەۋە دەيدۇ، يەنە بىرسى ئاپتۇنۇم رايۇننى ئاپتۇرۇم رايۇن دەيدۇ.... ئىشقىلىپ بۇلارنىڭ يۇقتۇرۋالغان خۇيلىرى شۇنداق، ئەمما بىز بۇ يەردە قانچىلىك تالاش-تارتىش قىلساقمۇ ئۇلار بۇ يەرگە كىرمەيدۇ! |
يەنىلا «مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى »دىكى دىكتورلارنىڭ تەلەپپۇزى ماڭا ياقىدۇ .ئالدىرىماي ،چۇشۇنىشلىك قىلىپ سۆزلىگەچ ،ئاڭلىغان ئادەم زېرىكىپ قالمايدۇ . |
بولدى قىلىڭلار. بۇ كىچىك مەسىلىلەر. تۈزەتسىلا بولىدۇ. تۆۋەندىكى تاراتقۇ دىكتورلىرىنىڭ تەلەپپۇزلىرىنى ئاڭلىساڭلار قۇسۇۋەتكۈدەكسىلەر. |
ھەقىقىي سنەئەتنىڭ نىمىلىكىنى تازا چۈشۈنىپ كەتمەيمەن،لېكىن ھەربىر دەۋىرنىڭ ئۆزىنىڭ سەنئىتى بولۇدۇ دەپ قارايمەن. مۈمكىن بولسا ياشلارغا كۆپرەك پۇرسەت بەرسە ،يېڭى نەرسىلەر جىقراق چىقسا بولاتتى.سەنئەتكارلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا كۆپ رەھمەت ئېيىتماي تۇرالمايمىز. ئەسلىنى ساقلاش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ ئېلىپ بارمىسا بولمايدۇ.لېكىن چوڭلار ئەسلىنى ساقلاش جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ،ھەم تاراتمىلاردىكى ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ،يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنى ،بولۇپمۇ يېڭىچە ئۇسلۇپ ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلار ھەققىدە كۆپرەك جۆيلۈپمۇ قويۇۋاتىدۇ.......چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ....... بۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋىرگە خاس نەرسىلەر ئاز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ................. يەنە بىرى گەپتە قوللايدىغانلار كۆپرەك ئەمەلىيەتتىدە قوللايدىغانلار ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ.....يەنى ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ ،مەبلەغ سالىدىغانلار ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ.....يەنى پۇل چىقىرىپ ئۇلارنىڭ ناخشا ئالبۇملىرىنى سېتىۋالىدىغانلار ئازلاۋاتىدۇ..... مەنغۇ ئاز بولسىمۇ قوللاپ قوياي دەپ،يېڭى ئالبۇملار بولسىلا،يارىغانلىرىنى، پۇلغا ئېلىپ كېلىۋاتىمەن....... شۇڭا كۆپ قاقشىغاندىن كۆرە ئەمەلىيىتىمىزدە كۆپرەك كۈچ چىقىرىپ،پۇلغا ناخشا ئالبۇملىرىنى سېتىۋالساق..... ئەڭ ياخشى قوللاش بولۇدۇ.....ئاندىن نادىر ئەسەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ دەپ قارايمەن...... جىق سۆزلەپ قويدۇم كەچۈرۈڭلا...... |
ئىنكاسنى خاتا ئورۇنغا يېزىپ ساپتىمەنغۇ..... بۇگۈن ئاران دىگەندە ئىنتىلغا كىرگەنتىم خۇشھاللىقىمدا يەنە بىر تېمىغا يازىمەن دەپ بۇ يەرگە يوللاپ قويۇپتىمەن..... كەچۈرۈڭلا... |
كەمكۈتىسىز ئادەم بولمايدۇ..دىكتورلارمۇ ئادەم......بۇرۇن داڭلىقلارنى بەكلا چوڭ بىلەتتىم.....ئۇلارنىڭنمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق دەردى بارلىقىنى بىلمەيتىم...خۇددى ئۇلار توغۇلىشىدىنلا شۇنداق مۇپەسسەل توغۇلغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىكەنمەن...ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇنداق ئەمەسلىكىن چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن...........ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كەمچىللىكى ۋە دەرت ئەلەملىرى بولۇدىكەن ئەمەسمۇ.....خۇددى بىزدەك.................. شۇڭا ھازىر كۆپ ئىشلارنى چۈشۈنۈپ قالغاندەك بولۇپمۇ قالدىم..... ئادەمگە مۇھىمى كەڭ قورساقلىق،مېھرىبانلىق....ئىكەن... كەڭ قورساپ بولۇپ قاراپ باقايلى.... ئەمەلىيەتتە بۇ بەكمۇ چوڭ ئىش ئەمەس......چۈنكى بىزنىڭ تىل ئادىتىمىزنى تەكشۈرۈپ كەلسەك.... ئۇنداق تىل ئىشلىتىش خاتالىقىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولماس دەيمەن.......قىسقىسى مۇشۇ مۇنبەرنىلا ئالساق بولۇدۇ...مەنمۇ شۇنچە دىققەت قىلدىم دىسەممۇ يەنىلا كۆپ خاتالىقلارغا يول قويۇدىكەنمەن... ەلكىم بۇ مېنىڭ ئادەتلىنىشىم بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ............ شۇڭا بەلكىم ئۇلارمۇ كىچىكىدىن شۇنداق ئادەتلىنىپ قالغان بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن....ئۇلار ھەرگىز شۇنداق دەيچۇ دەپ دىمەيدۇ......ئادەت كۈچىدىن شۇ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويۇدۇ،لېكىن ئۇلارمۇ بايقىسا تۈزۈتىشكە چوقۇم تىرىشىدۇ دەپ ئويلايمەن... شۇڭا مۈمكىن بولسا بۇ خىل خاتالىقلارنى كۆپرەك بايقاپ،يىغىپ بىر ھۈججەت قىلىپ ئۇلارغا پوچتىدىن سېلىپ بەرسەك بولارمىكىن... ئۇلارنىڭمۇ ۋاقتىدا تۈزۈتىۋالىدىغىنىغا ئىشەمچىل كامىل....................بۇمۇ بەلكىم بىزنىڭ نەچچە مىڭ قېتىملا ئىملا تۈزۈتىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن............ توغرا چۈشۈنەيلى...... توغرا يول بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز خاتالىقىىنى بايقىشىغا ياردەمدە بولايلى..........بۇ يەردە قاقشاپ ئولتۇرغان بىلەن ،بۇ پەقەتلا غەيۋەت بولۇدىكىن،ھەرگىز توغرا يول بولالمايدۇ............ |
بۇ كىشىلەر ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلىغا ۋەكىللىك قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئازراق مەسئۇلىيەتچان بولسىكەن دەپ ئويلاپ يېزىۋىدىم. «غەيۋەتخور»، «قاخشىغۇچى» بولۇپ قېلىشمنى پەقەت خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن. |
مىنىڭچە ئۇلارنىڭمۇ ئۇنداق خاتا تەلەپپۇز قىلغۇسى يوقتۇ .بىراق شۇنداق ئادەتلىنىپ قالغاندە .مۇھىمى بىرەرسى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويمىغان بولىشى مومكىن .ئەگەر كۆرسىتىپ قويىدىغان ئادەم بولسا ئۇلارمۇ تۇزەتكەن بولاتتى دەپ قارايمەن . |
|
intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号 )
GMT+8, 2010-11-13 16:01
Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)
© 2001-2010 Comsenz Inc.