ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 955|ئىنكاس: 5

مەن ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
90-يىللاردا تۇلۇقسىزدا ۋاختىمدا مەن بىلەن ئەۋرە تۇققان كىلىدىغان رىمونتچى ئاكامنىڭ ئۈيىدە ئۆزگىرىشچان توكنى تىرانسىفورماتور ئارقىلىق بىسىم ئاشۇرۇپ ئىشلەتكىنىنى كۆرگەندىن كىيىن بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم.
ئاندىن بىر 5-نۇمۇرلۇق باتارىيەنىڭ تۇكىنى ئىلىكتىرماتورغا بېرىپ گىنراتورنى ئايلاندۇرۇپ توك چىقارسام، ئاندىن تىرانسىفورماتوردا بىسىم ئاشۇرۇپ لامپۇچكىلارنى ياندۇرسام، ئاھ!...
  نىمە دىگەن چوڭ بايقاش!...
يەنە چىققان تۇكىنى ئىلىكتىرماتورنى ئايلاندۇرۇشقا ئىشلەتسەم!...
پۈتۈن مەھەللىمىزدە بۇندىن كىيىن توك ئۈچمەيدۇ، ئاۋۇ توك ئىدارىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىۋالدىم!...
بۇ نەرسىنى تىزرەك پۈتتۈرۈپ ئاۋۇ توك ئىدارىسىنى يىغىشتۇرە ئىسىل-سەڭگۈللېرىڭنى! بۇندىن كىيىن سىنىڭ تۇكۇڭنى ئىشلەتمەيمىز دەۋەتمىسەم!...
  قاتتىق ھاياجان بىلەن ئىشنى باشلاپ كەتتىم، ئۇ چاغدا تىرانسىفورماتور ئوراشنى بىلىپ بولمىغان بولساممۇ ئۆيدە 50 ۋاتلىق تىرانسىفورماتور، ئۇيۇنچۇقلارنىڭ باتارىيەدە ئايلىنىدىغان كىچىك ئىلىكتىرماتورلېرى بار ئىدى.
  شۇنىڭ بىلەن بىسىم ئاشۇرغۇچ ئارقىلىق 12 ۋولىتلۇق ئاكۇمۇلياتورنىڭ تۇكىنى تىرانسىفورماتور ئارقىلىق بىسىم ئاشۇرۇپ ئىشلەتمەكچى بولدۇم، ئەمما ئۇلىساملا تىرانسىفورماتوردىن چىققان توكقا ئۇلىغان لامپۇچكا لەپ قىلىپ يىنىپلا ئۈچۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈپ-ئۇلىسام قايتىلانغاندىن كىيىن بىر ئامال تاپتىم. تۇراقلىق توكلۇق كىچىك ئۇيۇنچۇقلاردىن چىقارغان ئىلىكتىرماتورنىڭ چۇتكىسى ئۇلىنىدىغان تاكىتىنى چىقىرىپ يەنە بىر ئىلىكتىرماتورنىڭ ئوقىغا بىكىتىپ ئاندىن چۇتكىسىنى شۇنىڭغا تىگىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ ، ئىلىكتىرماتور ئايلانسا توك نىڭ مۇسبەت ئۇچى يەنە بىر ئۇچقا ئۈزلۈكسىز ئۈزۈپ-ئۇلىنىدىغان قىلدىم، ئاندىن لامپۇچكىمۇ 10 سىكونتچە يانغاندىن كىيىن ئىلىكتىر چۇتكىسى بىلەن تاكىتنىڭ قىززىپ كىتىپ ياخشى توك ئۈتكۈزەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. 25 ۋاتلىق لامپۇچكا يىنىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىزىپ كەتسە مەھەللىنىڭ بارلىق تۇكىنى ئۇلىسام قانداق بۇلار؟...
  شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر تاكىت ئالماشتۇرغۇچنى يىڭىلاپ ئورنىتىپ قايتا سىنىماقچى بولدۇم، بۇ قىتىم لامپۇچكىنىڭ ئورنىغا 2 كىلوۋاتلىق توك ئۇچاقنى ئۇلىدىم. ئۇتۇق قازىنىش پەيتلېرى كەلدى دىگەن ھاياجانلىق ئىستەك ۋە قانداق بۇلار؟ دىگەن سۇئال كاللامدا تەڭلا مەۋجۈت ئىدى.
  تەييارلىق پۈتۈپ بولغاندا شېرىن خىياللار ئىلكىدە توكنى شۇنداقلا ئۇلىشىمغا پارس! قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تاكىت ئالماشتۇرغۇچ كۈيۈپ كەتتى...
  شۇ چاغدا ئاندىن چوڭ يۈككە چوڭ توك ئىقىمى، كىچىك يۈككە كىچىك توك ئىقىمى لازىم بۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندىم...
u=1297199424,1610665654&fm=21&gp=0.jpg

   دىمەك ‹‹ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› بۇلىدىغان ئىش يوقكەن. ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل مەن ئويلىغان ئىلىكتىرماتوردا گىنراتورنى ئايلاندۇرۇپ توك چىقىرىش، چىققان توكتا يەنە ئۆزىنى تەمىنلەش...
دېۋگاتىل ئۈچۈن سۆزۈمنى بۈلۈپ قويدۇم، داۋامىنى دەۋېرەي. 92-يىللېرى 10-ئاي ۋاقىتلېرىدىن ئىلىكتىر كەسپى ئۈگەنگەندىن كىيىن ئەڭ قىزىق تىما يەنە مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل بولدى ، ئالدى بىلەن ئىلىكتىرماتور ۋە تىرانسىفورماتور ئوراشنى ئۈگەندىم، ئۇ چاغلاردا تىرانسىفورماتور ئاساسلىق توك مەنبە ئالماشتۇرغۇچ ئىدى، سۇ پومپىسىمۇ قىممەت ئىدى. 100ۋاتلىق بىر تىرانسىفورماتورنى ئوراپ بىر ياكى ئىككى دانە ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئورنىتىپ موتو ۋە ماشنىلارنىڭ زەرەتلىگۈچى قىلىپ قويساقلا 100 يۈەندىن 150 يۈەنگىچە پۇلغا بېرەتتۇق. ئۇ پۇلغا ئۇ چاغلاردا خېلى كۆپ نەرسىلەر كىلەتتى. ئارلىقتا ئۇستام 150 ۋاتلىق تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ياساش قىزغىنلىقىغا چۈشۈپ كەتتى. شۇ چاغدىلا ئاندىن مەن ياسىغىنىمنىڭ پەقەت يەككە يۈنىلىشتە توك ئۈتكۈزىدىغانلىقىنى، نورمال بىسىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن چىقىدىغان توكنىڭ ئۆزگىرىشچان 50گىرتىسلىق بۇلىشى كېرەكلىكىنى ۋايىغا يەتكۈدەك چۈشەندىم. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ياندا تۇرۇپ لامپىلارنىڭ كۈيۈپ تۇرغىنىنى كۆردۈم، مەن سۇ پومپىلېرىنى ئوراۋاتقان بولسام ئۇستام باشقا نەرسە ياسىماقچى بولغاندا مىنى قىلىۋاتقان ئىششىمنى تۇختىتىپ يىنىغا كىلىپ كۆرۈشكە چاقىراتتى. ئادەتتە يەنە مەخسوس رادىئو قۇبۇللىغۇچنى چۈشەندۈرگەن بىر كىتاپنى ئۆيگە قايتقاندا تەپسىلى ئۇقۇپ دەپتەرگە كۈچۈرۈشۈم ئۈچۈن چوڭ بىر خاتىرە دەپتەرنى قۇشۇپ بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە كەچلىكى خاتىرە يىزىپلا ئولتارمايتتىم، ئۇستامنىڭكىدە كۆرگەن نەرسىلەرنى ئۆيدە تەجىربە قىلىپ نەچچە كۈندە بىر ئىككى-ئۈچ سائات ئۇىلايتتىم.
  شۇنداق قىلىپ بىر يىلغا يىقىن ئۈگەندىم،  1992-يىلى كۈزدە دادام يۈرەك كىسىلى بىلەن ئاغرىپ قىلىپ نەچچە ئاي داۋالاندى، بىزنىڭ بۇ يەر يىقىن بولغاندىكىن 2- دۇختۇرخانىغا ئاپىرىپ بىر مەزگىل داۋالاتتۇق. 93-يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغا يىقىن دادام تۈگەپ كەتتى.
  ئۇ چاغلاردا ئىقتىسادىمىزمۇ يامانلىشىپ قالدى، ئۈگىنىشىممۇ ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ ماڭدى. 96-يىلى ئىچكىرىگە بېرىپ مال ئاچىقىپ سودا قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىۋدىم ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ تۇنۇشلار بىلەن ئۇقۇشۇپ ئۈرۈمچىگە شىنجاڭ سودا تېخنىك ئىشچىلار مەكتىۋىنىڭ ئائىلە ئىلىكتىر سىنىپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئىككى ئاي بىر سىنىپتا ئۇقۇپ يۇقىرلاپ ئۇقۇماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم، بىر مەۋسۈم ئۇقۇپ چىققاندىن كىيىن مۇئەللىمنىڭ يەنە بىر يىل تۇرغىن دىگىنىگە قارىماي ‹‹ئۆيدە كىچىكلەر بار، ئانامغا ياردەملەشمىسەم بولمايدۇ›› دەپ قايتىپ كىلىپ كۈزلىكى رىمونتخانا ئاچتىم...
  شۇ يىللادا كىچىك بازىرىمىزدا رىمونىتخانا كۆپ بولغاچقا تاپقىنىمنى خەجلەپ بۇلۇپ ئۆيدىن ئاچىقىپ باج تۆلەپ يۈرۈپ نەچچە ئاي تۇردۇم، 7- ئايلاردا بىر كۈنى ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئويغانسام دۈمبە تەرپىم ئىچىشىپ تۇرىدۇ، ئەينەككە قارىسام قىزىرىپ بەك كۆپ چىكىت بۇپ قاپتۇ، بىزنىڭ تۇرپاننى ئىسسىق دەپ ئاڭلىغانسىلەر بەلكىم، ئىسسىقتا شۇنداق پىشىپ قاپتىەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ماشنىنىچاقىرىپ لاقا-لۇتقىنى بىسىپ ئۆيگە قايتتىم...
  ئۇنى-بۇنى قىلىپ يۈرۈپ 2008-يىل ئاخىرلېرىدا ماشنىلارنىڭ ئاكۇمۇلياتورىغا توك زەرەتلەيدىغان زەرەتلىگۈچنى مۇسبەت-مەنفى دەپ ئايرىماي ئاپىرىپ 12 ۋە 24 ۋولىتلىق ئاكۇمۇلياتورلارغا چاتسىلا ئۆز ئىچىدىن قۇتۇپ ئالماشتۇرۇپ ھەم 12،24 ۋولىتلىق بىسىمنى ئاپتۇماتىك ماسلاشتۇرىدىغان ‹‹ئاپتۇماتىك زەرەتلىگۈچ›› ۋە ماشنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىچىپ قۇيۇپ ئۇنتۇپ قالسا ئۆزلىكىدىن 10سىكونت ئىچىدە ئۈتىۋاتقان توكنى ئۈزۋىتىدىغان، ماشنىنى قوزغاتماقچى بولسا ماشىنىنىڭ توك مەنبەسىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان گىنراتورنىڭ ياكورى ئايلانسىلا يەنە قايتا توك تەمىنلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ‹‹ئاپتۇماتىك قۇغدىنىشلىق توك تەڭشىگۈچ›› (سەرەڭگە قىپىدەك كىلىدىغان نەرسە، رېل دەپمۇ قۇياتتى) نى لاھىيلەپ ئەۋرىشكە تەييارلاپ ماشنىدا سىنىغاندىن كىيىن پاتىنت ئىلتىماس قىلدىم. ئەلۋەتتە ئۆيدە تەييار ئىقتىساد يوق ئىدى، ئاپامغا دېۋدىم بانكىدىن قەرىز ئىلىپ ماڭا بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى پاتىنتتىممۇ 24 ياشقا تۇشمىغان ۋاختىمدا ئىلتىماس قىلىنىپ بولدى.
  پاتىنت ئىلتىماس قىلغان چاغلاردا بىرەر يەرنى ئىزدىسەم نىشان قىلغان ئەتراپتىكى بىرەر ئىدارىگە كىرسەملا شۇلار ئۇقۇشۇپ بېرەتتى، مۇئامىلىسىمۇ بەك ياخشى. جەمىيەت كۆزۈمگە گۈل كۆرۈنەتتى. ئۆزى يىنىۋالغان شىرىكىمنىڭ كىيىن ھاياجان بىلەن كىلىشىم بىلەن قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ تېخنىكى بىلەن ئىشلەيدىغان بۇلۇپ شىرىكلىكتىن چىكىنىپ بۇلۇپ ئىككى يېرىم يىلدىن كىيىن سوتقا بېرىشىدىن، كىيىن نەچچە يىل ئىچىدە بۇرۇنقى سوتتا ئىقرار قىلغان ئىقرالېرىنىڭ قىلچە نەزەرلەرگە ئىلىنماسلىقىدىن ئاندىن خەقنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكتىن نىمە ئۈچۈن زارلانغىنىنى بىلدىم...
  ھازىر شى رەئىسنىڭ چىرىكلىكنى قاتتىق تۇتىۋاتقىنىدىن، ھەم يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تىپىپ تۇرىۋاتىمەن. دىمىسىمۇ ئۇچۇق-ئاشكارە تەلەپ قىلىپ ئالىدىغان ئىشلارنى سەل ئوڭشالدى دەپ ئاڭلاۋاتىمەن! دۆلەتنىڭ قۇدرەت تىپىشىدا مۇشۇنداق بىر يول تۇتىدىغان باش بولمىسا زادىلا بولمايدۇ...
  ‹‹ئۆيدە كىچىكلەر بار، ئانامغا ياردەملەشمىسەم بولمايدۇ›› بۇ گەپلەرنى ھازىر ئويلىسام توۋا دەپ قالىمەن، ئاپامغا مەن ئەمەس ئاپام ماڭا قاراپ قۇيدى...
  مەن بولسام يىلدا نەچچە ئون مىڭنى ئۇنى ياسايمەن، بۇنى ياسايمەن دەپ سورىۋىتىمەن. خەجلىسەم كەسپىمگە خەجلىگەندىكىن دەپ كۈڭلۈمگىمۇ كېپ كەتمەيدۇ...
  ھازىر نەچچە كۈندە بىرەر قىتىم باللېرىمنى ئىلىپ چوڭ ئۆيگە بېرىپ يەتمىشتىن ئاشقان ئاپام تەييارلاپ قويغان تاماقنى يەپ چىقساممۇ يەنە ئاپام شۇنىڭدىن خوش، ھەپتىدىن ئىشىپ كەتسە چاقىرىدۇ...

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-2-25 20:01:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىمىت ئەپەندى، يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ، مىنىڭمۇ كىچىك ۋاقتىم كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئاشۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تەبىئەت دەرىس ئوقۇتقۇچىمىز ئىككى ماگىنىت تاياقنى بىر دەم ئايلاندۇرۇپ قويۇپ بەرسە توختىماي ئايلىنىدىغانلىقىغا قاراپ، ناھايتى چوڭ تەبىئى ماگىنىتنىڭ ماگىنىت قۇتۇپلىرىنى بىر بىرسىگە تەسىر قىلدۇرۇپ ماڭدۇرۇپ ئىنىرگىيگە ھاسىل قىلىشنى ئويلايتىم ۋە كىچىكلىمگە قارماي ئاكامنىڭ تولۇقسىز فىزىكا كىتاپلىرىنىڭ ئىلىكتىر قىسىمنى قىزىقىىپ كۆرۈپ چىقاتتىم.تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئىنىرگىينىڭ ئايلىنىش قانۇنىيتىنى ئوقۇپ چۈشەنگەن، ئىنىرگە ئايلىنىش جەريانىدا خورايدىكەن. قالدىسى تەلىم بەرگەيسىز..
ۋاقتى: 2015-2-25 20:01:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىمىت ئەپەندى، يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ، مىنىڭمۇ كىچىك ۋاقتىم كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئاشۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تەبىئەت دەرىس ئوقۇتقۇچىمىز ئىككى ماگىنىت تاياقنى بىر دەم ئايلاندۇرۇپ قويۇپ بەرسە توختىماي ئايلىنىدىغانلىقىغا قاراپ، ناھايتى چوڭ تەبىئى ماگىنىتنىڭ ماگىنىت قۇتۇپلىرىنى بىر بىرسىگە تەسىر قىلدۇرۇپ ماڭدۇرۇپ ئىنىرگىيگە ھاسىل قىلىشنى ئويلايتىم ۋە كىچىكلىمگە قارماي ئاكامنىڭ تولۇقسىز فىزىكا كىتاپلىرىنىڭ ئىلىكتىر قىسىمنى قىزىقىىپ كۆرۈپ چىقاتتىم.تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئىنىرگىينىڭ ئايلىنىش قانۇنىيتىنى ئوقۇپ چۈشەنگەن، ئىنىرگە ئايلىنىش جەريانىدا خورايدىكەن. قالدىسى تەلىم بەرگەيسىز..
ۋاقتى: 2015-4-16 17:51:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما بوپتۇ
ئادەم تىرىشقاندىلا نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ ، مەنمۇ ئىلىكتىر ئىشلىرىغا قىزىقىمەن لىكىن ئۇگىنىشكە شارائىتىم ياربەرمىگەنلىك سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ماتىرياللارنى كۆرۇپ ھەيرانلىق ۋە قىزىقىش نەزىرىدە قاراپ ئولتۇرىمەن شۇ
ئاخىردا دەيدىغىنىم شۇ كۆيۇمچان ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ، ئۇلار يوللىرىمىزغا قاراپ تىلفۇنىمىزنى ساقلاپ ئۆتمىسۇن

ئىشلىرىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 18:07 , Processed in 0.165989 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat