گۈلناز تۇرسۇن ئىبرەتنىڭ ناخشا تېكىستلىرى
سېنى سېغىندىم
غېمىم بولدى غېمىڭنى يېيىش،
بەكمۇ تەسكەن ساڭا خوش دېيىش.
چىرايىمدا غەمكىن سارغىيىش،
قانداق قىلاي سېنى سېغىندىم.
چۈشۈم بولدۇڭ ئۇيقۇسىز تۈندە،
كۆيۈپ كەتتى باغرىم تۈتۈندە.
ئەسلىگۈم بار يامغۇرلۇق كۈندە،
قانداق قىلاي سېنى سېغىندىم.
كۆيۈپ-كۆيۈپ «پەسلىگىنىم» راست،
يۈرىكىمنى قەستلىگىنىم راست.
ئۇنتۇيمەن دەپ ئەسلىگىنىم راست،
قانداق قىلاي سېنى سېغىندىم.
تۇرالمىدىم تەغدىر بىلەن تەڭ،
ئۆزگىلەرنىڭ بوپ كەتتى ئەتەڭ.
كۆرۈۋالاي دېگۈم بار كەلسەڭ،
قانداق قىلاي سېنى سېغىندىم.
ياسىدىم باھار
گۈلنى تارتىپ بىچارە كۆڭلۈم،
كۈتۈشلەردىن ياسىدىم باھار.
چېچەكلەر دەپ ۋىسالسىز سۆيگۈم،
كۈتۈشلەردىن ياسىدىم باھار.
يۈرەكلەردە ھەسرەتلىك پىراق،
خۇشاللىقتىن قەلبىم بەك يىراق.
زېمىستاندا تۇرساممۇ بىراق،
كۈتۈشلەردىن ياسىدىم باھار.
جۇدالىقنى، دەردنى ئۇنتاي دەپ،
ھىجرانلاردا بەردەم تۇراي دەپ.
يايرىم كەلسە گۈللەر تۇتاي دەپ.
كۈتۈشلەردىن ياسىدىم باھار.
ھېجران
تاقەتلىرىم تامام تۈگىگىچە،
كۆزلىرىمدىن نۇرلار ئۆچكىچە.
يىغلاپ باقتىم ئۈنۈم پۈتكىچە،
ئۆگىنەلمەي سەنسىز ياشاشنى.
ۋولقان بولدى يۈرىكىم گويا،
كۆيۈپ كېتەر ئۇنىڭدا دەريا.
كۆرۈنمىدى كۆزۈمگە دۇنيا،
ئۆگىنەلمەي سەنسىز ياشاشنى.
يىغلاپ تۇرۇپ خوش دېگەچ ساڭا،
ئېپ كېتىپسەن كۈلكەمنى مانا.
ئوخشاپ قالدى كەچكۈزلەر ماڭا،
ئۆگىنەلمەي سەنسىز ياشاشنى.
«بالام!» دەيسەن، دىلىڭدا پىراق،
ئامالسىزمەن ئارىمىز يىراق.
كۈنلەر ئۇزۇن بولسىمۇ بىراق،
پات يېقىندا بارىمەن ئانا.
دەردلىرىڭگە بولالماي دەرمان،
بىر كۆرمەكنى قىلىپمەن ئارمان.
ئۆز-ئۆزۈمنى ئالدايمەن ھامان،
پات يېقىندا بارىمەن ئانا.
جۇدالىققا يىپسىز باغلىنىپ،
يۈرەكلىرىم، باغرىم داغلىنىپ.
مېھرىڭ دىلدا مەھكەم ساقلىنىپ،
پات يېقىندا بارىمەن ئانا.
ئايرىلمىسام دەيمەن قېشىڭدىن،
چۈشلىرىمنى ئۆرۈپ بېشىڭدىن.
تۆكۈلىدۇ دۇئا يېشىڭدىن،
پات يېقىندا بارىمەن ئانا.
يانماي پەقەت كۆڭۈلنىڭ پەيلى،
مەجنۇن بولدۇم سەن گويا لەيلى.
شۇنداق ئىكەن يۈرەكنىڭ مەيلى،
سېغىنىمەن سېغىنمىساڭمۇ.
يىراقلاردا قېپ قالدى ناۋا،
ئىزدەپ يۈرۈپ دەردىمگە داۋا.
قانداق كوي بۇ بىلمىدىم توۋا،
سېغىنىمەن سېغىنمىساڭمۇ.
يىللاپ-يىللاپ كۆرمەي قاراڭنى،
پەقەت سەندىن باشلاپ پاراڭنى.
ئۇخلىمايلا ئاتقۇزۇپ تاڭنى،
سېغىنىمەن سېغىنمىساڭمۇ.
ۋىسالىڭسىز سۆيگۈم سۇلمامدۇ؟
بۇ يۈرەكلەر دەردكە تولمامدۇ؟
قەلبىڭ بىلەن سەزسەڭ بولمامدۇ؟
سېغىنىمەن سېغىنمىساڭمۇ.
سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك
سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك،
ياشاپ كەلدىم روھى يوق تەندەك.
غېرىپمىكىن كەچكۈزلەر مەندەك،
سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك.
قاناتلىرىم باغلىنىپ قىلدا،
پىچىرلايمەن ئىسمىڭنى تىلدا.
ئۆزۈڭ بولغاچ يادىمدا، دىلدا،
سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك.
ئوخشاپ قالدى قەلبىم ھەسرەتكە،
ئايلانغاندا ئەقىدەم دەردكە.
ئورۇن بەرمەي سۆيگۈم نەپرەتكە،
سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك.
كۆزلىرىمدە مۇڭلانغان دۇنيا،
كۆڭۈللەرگە شادلىق تۇتىيا.
يارالغاندەك سەن ئۈچۈن گويا،
سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك.
مەنبە:ئەزىمەتلەر مۇنبىرى
ئىلاۋە:مەزكۇر ئەسەرنى يازما مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتكەن ئاساستا خالىغانچە تارقاتساڭلار بولىدۇ
http://azimatlar.net/forum.php?mod=viewthread&tid=250
|