- جۇغلانما
- 6636
تىزىملاتقان2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kerindax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-15 15:29
1-كۆرۈنمە تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىش:
نۆۋەتتە تارقىتىلغان نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەمىنلەنگەن. كود ئىچىدىكى [Languages] تۈرى ئىچىگە پەقەت تۆۋەندىكى قۇرلارنى قىستۇرۇپ قويساقلا كۇپايە.- [Languages]
- Name: "uighur"; MessagesFile: "compiler:Languages\Uighur.islu"
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش 2- كۆرۈنمە يۈزى فونتىنى تونۇتۇش:
تىل بولىقى ئىچىگە ALKATIP فونت نۇسخىسىغا تەڭشەلسۇن دەپ يېزىلغان. لېكىن قاچىلانغاقچى بولغان كومپيۇتېردا چوقۇم ALKATIP خەت نۇسخىسى قاچىلانغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن نورمال كۆرۈنىدۇ. شۇڭا قاچىلاش بولىقى قوزغىلىشتىن ئاۋۋال فونتنى ئىشلەتكۈچى كومپىيوتېىغا قاچىلىۋېتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كودنى قىستۇرىمىز:- [Files]
- Source: "C:\Program Files\Inno Setup 5\InstallFont\UighurSystemFontMessage.exe"; DestDir: "{app}\InstallFont"; Flags: ignoreversion
- [Code]
- function InitializeSetup(): boolean;
- var
- ResultCode: Integer;
- ResultStr: String;
- begin
- if
- RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'alkatip(TrueType)' , ResultStr) or
- RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'alkatip (TrueType)', ResultStr) or
- RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'ALKATIP(TrueType)' , ResultStr) or
- RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'ALKATIP (TrueType)', ResultStr) or
- RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'Alkatip(TrueType)' , ResultStr) or
- RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'Alkatip (TrueType)', ResultStr)
- then
- else
- begin
- ExtractTemporaryFile('UighurSystemFontMessage.exe');
- Exec(ExpandConstant('{tmp}\UighurSystemFontMessage.exe'), '', '', SW_SHOWNORMAL, ewWaitUntilTerminated, ResultCode);
- end;
- result:=true
- end;
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش بۇ كود ئارقىلىق كومپيۇتېرغا ALKATIP خەت نۇسخىسىنىڭ قاچىلانغان قاچىلانمىغانلىقىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ھەمدە قاچىلانمىغان بولسا فونت قاچىلاش پروگراممىسىنى قوزغىتىدۇ. قاچىلانغان بولسا بىۋاستە دېتال قوزغىلىدۇ. كود ئىچىدىكى UighurSystemFontMessage.exe فونت قاچىلايدىغان پروگرامما. دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىدە بار.
3-ئوڭدىن سولغا توغۇرلاش:
ئادەتتە بىز خەنزۇچە دېتاللارنى ئىشلىتىپ كۆنگەچكە Windows8 ئۇيغۇرچە چىققاندىن كېيىن كۆپىنچىمىز كۆنەلمىدۇق. چۈنكى ئۇيغۇرچە Windows8 دىكى بارلىق كۆزنەكلەر، ۋە بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلار خەنزۇچە سىستېمىنىڭ دەل ئەكسى بولۇپ چىقتى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرچە سىستېمىنىڭ موشۇنداق ياسىلىشى توغرا بولۇپ، ئادەتتە دېتاللارنىمۇ موشۇنداق ياسىشىمىز موشۇنداق تەڭشىشىمىز كېرەك.
نۆۋەتتە Inno Setup نىمۇ ئوڭدىن سولغا توغۇرلىغىلى بولىدۇ(كۆزنەك توغۇرلانمايدۇ). تۆۋەندىكى قۇرنى قىستۇرىمىز:- [LangOptions]
- RightToLeft=yes
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش مانا موشۇ بىر نەچچە مەسىلىگە دىققەت قىلساقلا، ئۇيغۇرچە مۇكەممەل قاچىلاش بولىقى ياساپ چىقالايمىز.
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
1-Inno Setup(قاچىلاش بولىقى ياسىغۇچ) نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
http://bbs.kerindax.net/showthread.php?tid=39
2-فونت قاچىلاش پروگراممىسى(ALKATIP)
http://bbs.kerindax.net/showthread.php?tid=38
3-Pascall تىلىدىن ئاساس
http://bbs.kerindax.net/showthread.php?tid=55 |
|