يىللىق كىرىمى مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان سەككىز كەسىپ
(ئەرقال تاراتقۇسى)
ئەرقال تاراتقۇسى 4.0 نۇسخىسى ئېلان قىلىندى!
-2014يىلى مەملىكىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى 7 مىليون 270 مىڭ نەپەرگە يېتىپ، «تارىختىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ قىيىن بولغان يىل» غا ئايلانغان. ئەمما بىر قىسىم كەسپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەن تۇنجى يىلىلا ئايلىق كىرىمى تۈمەن يۈەندىن ئاشىدىغان ئىش ئورنىغا ئېرىشەلەيدىكەن، ئەمما بۇ خىلدىكى «پۇل تاپقىلى بولىدىغان» كەسىپلەرنىڭ كۆپ قىسىمى نومۇر چېكى ناھايىتى يۇقىرى بولغان قىزىق نۇقتىلىق كەسىپلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بىرىنچى: ھەشەمەتلىك بۇيۇملار باشقۇرۇش ۋە ماركېتىڭ كەسپى
ئىستاتسىتكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ئالىي دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنىڭ %80 تىن كۆپرەكى جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ بولغان. ھەشەمەتلىك بۇيۇملار كەسپىنى جۇڭگودا تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخىمۇ كۆپ كەسپى خادىملارغا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە كەلگۈسى يەتتە-سەككىز يىلدا دۆلىتىمىز ھەشەمەتلىك بۇيۇملار باشقۇرۇش كەسپىدە 45 مىڭ نەپەر ئىختىساسلىق خادىم كەمچىل بولىدىكەن.
ئىككىنچى: كۆرگەزمە باشقۇرۇش كەسپى
نۆۋەتتە، دۇنيا كۆرگەزمە كەسپىنىڭ يىللىق كىرىمى 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن. جۇڭگو ئاللىقاچان كۆرگەزمە كەسپىدىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئىستاتسىتكا قىلىنىشىچە 2006-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، جۇڭگودىكى كۆرگەزمە مەيدانلىرىنىڭ كۆلىمى %48 ئاشقان.
ئۈچىنچى: بىيولوگىيە تېخنىكىسى
نۆۋەتتە، بىيولوگىيە تېخنىكىسى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ھاياتىي كۈچى ئەڭ ئۇرغۇپ تۇرغان كەسىپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىز بىيولوگىيەلىك تېخنىكا ساھەسىدىكى كەسپىي خادىملار يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىك خادىملار تېخىمۇ كەمچىل ئىكەن.
تۆتىنچى: ھېسابلاش ۋە ئىستاتسىتكا كەسپى
خەلقئارا سۇغۇرتا ماگناتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىنى ئېچىشى ۋە دۆلىتىمىز كارخانىلىرىدىكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھېسابلاش ۋە ئىستاتسىتكا كەسپىدىكى ئۇستا ھېسابچىلار سۇغۇرتا كەسپىدىكى ئەڭ بازارلىق خادىملارغا ئايلىنىدىكەن.
بەشىنچى: قۇرۇلۇش تۈرىدىكى كەسپلەر
ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتى قۇرۇلۇش تۈرىدىكى كەسپلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئالتىنچى : ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپى
كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە، پۇقرالاردا ئاستا-ئاستا ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇش شەكىللىنىدىكەن، ھەمدە ھۆكۈمەتمۇ ماس ھالدىكى سىياسەت-قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىدىكەن. شۇڭا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇ كەسپنىڭ تەرەققىيات ئىستېقبالى ناھايىتى پارلاق ئىكەن.
يەتتىنچى: يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئېنېرگىيە تېجەش كەسپى
يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، تەبئىي ئاپەتنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىگە ئەگىشىپ، تۆۋەن كاربونلۇق يېشىل ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىجىل تەرەققىياتنىڭ زۆرۈر تەلپىگە ئايلىنىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە كەسپى كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مەبلەغ سېلىشتىكى يېڭى يۆنىلىش بولۇپ قالىدىكەن ھەمدە بۇ ساھەدىكى ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياج بارغانسىرى ئاشىدىكەن.
سەككىزىنچى: ئاممىۋى مۇناسىۋەت كەسپى
جۇڭگو خەلقئارا ئاممىۋى مۇناسىۋەت جەمئىيىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت مۇلازىمىتى بازىرىنىڭ يىللىق تىجارەت كۆلىمى تەخمىنەن 26 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %23.8 ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن، ئاممىۋى مۇناسىۋەت كەسىپى بىلىملىرى ۋە يەرلىك مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغان ئىختىساسلىق خادىملار دۆلەت ئىچىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدا مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرالايدىكەن.
تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئەرقال تاراتقۇسىنىڭ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىڭ ياكى يان تېلىفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ.
تور ئادرېسى: www.erqal.com
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق ئەرقال تاراتقۇسىنىڭ ئاندىرويد ياكى ئالما يان تېلىفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ.
|