بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-28 18:16
خىزمەتتىكى 9 ناچار ئادەت
ئوخشاش خىزمەتكە قارىتا، بەزى كىشىلەر ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلالايدۇ، بەزى كىشىلەر ھەتتا ماسلىشالماي ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇلارنى بەلكىم سىزنىڭ بەزى كىچىك ئادەتلىرىڭىز كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: كېچىكىش، كەينىگە سۈرۈش، ئەدەپسىزلىك، خىزمەتتە پاسسىپ بولۇش قاتارلىقلار گەرچە كىچىك ئادەت ھېسابلانسىمۇ، ئەمما كەسپىي ھاياتىڭىزغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. تۆۋەندىكى 9 تۈرلۈك ناچار ئادەت سىزدە بارمۇ يوق؟ خىزمىتىڭىزدە تېڭىرقاش ھېس قىلىپ قالغان بولسىڭىز بۇلارنى كۆرۈپ ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
1. ئاسان ئاچچىقلىنىش
بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئاسان ئاچچىقلىنىش—بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ كەملىكنىڭ ئىپادىسى.
2. ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش
خىزمەتتە رەتسىز قالايمىقان بولۇش، سۆرەلمىلىك قىلىش ۋە قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىش قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى ئۈنۈمى تۆۋەن خىزمەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ۋاقتىدا ئالاقە تورى، مال سېتىۋېلىش تورى، ئويۇن تورى قاتارلىق خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي خوجايىنلارنىمۇ بىزار قىلىدۇ.
3. دائىم كېچىكىش
ئامېرىكىنىڭ مەلۇم بىر كەسپىي پىلانلىغۇچىسىنىڭ قارىشىچە، دائىم كېچىكىش باشقىلارغا يامان تەسىر قالدۇرىدۇ، ھەمدە خىزمەتداشلارغا نىسبەتەن بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
4. ئەدەب تەكەللۇپ كەم بولۇش
«مەرھەمەت»، «رەھمەت»، «كەچۈرۈڭ» دېگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرى قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگەن بىلەن، خىزمەت سورۇنىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەدەبكە سەل قاراش، ئادەمدە تەربىيە كۆرمىگەندەك تەسىر قالدۇرىدۇ.
5. يالغان سۆزلەش
«كىشىلىك تۇرمۇشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش» ناملىق بازارلىق كىتابنىڭ ئاپتورىنىڭ دېيىشىچە، ساختا دىپلوم، كېچىكىشكە يالغان باھانە تېپىش، باشقىلارنىڭ يېڭىلىقىنى كۆچۈرۈۋېلىش، يالغان تالون كەستۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلار سىزنىڭ كەسپىي ھاياتىڭىزغا ناھايىتى ئېچىنىشلىق «.»چېكىتتىن بىرنى قويۇپ قويىدۇ.
6. گەپ سۆزى قوپال بولۇش
ئىشخانىدا گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر رەتلىك بولۇشى كېرەك. لوگىكىسى قالايمىقان بولۇش ياكى گەپ-سۆزى قوپال بولۇش، باشقىلارغا خۇددى ياخشى تەربىيە كۆرمىگەندەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ.
7. كوللېكتىپتىن ئايرىلىپ قېلىش
يەككە ھالدا جاپالىق خىزمەت قىلىش ياخشى ئادەت ئەمەس، كەسپىي ھاياتىدا باشقىلار بىلەن قەتئىي پېتىشالمايدىغان، كوللېكتىپتىكى باشقا ئەزالار بىلەن ھەمكارلىشالمايدىغان كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى تەس. ئەمما خىزمەتداشلار بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىش سىزنى خىزمەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىغا ئايلاندۇرىدۇ.
8. ئىش بېجىرگەندە كەينىگە سۆرەش
ئامېرىكا تىكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورىنىڭ ئېيتىشىچە، كەينىگە سۈرۈش شەخسنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەمدە خىزمەتداشلىرىڭىزنى سىز بىلەن بىللە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىپ، كىشىنى بىزار قىلىدۇ. ناۋادا خىزمەتنى ۋاقتىدا ئورۇندىيالمىسىڭىز كۆپچىلىكىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالىسىز.
9. كەيپىياتى پاسسىپ بولۇش
دائىم قۇرۇق گەپ تارقىتىدىغان ياكى تولا غۇدۇرايدىغان كىشىنىڭ كەيپىياتى پاسسىپ بولىدۇ، كوللېكتىپنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
«ئەرقال كەلگۈسى كارخانىچىلار كۇلۇبى» نىڭ 11 -ئايلىق پائالىيىتى
«ئەرقال كەلگۈسى كارخانىچىلار كۇلۇبى» نىڭ 11 -ئايلىق پائالىيىتى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 29-،30-كۈنلىرى ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
پائالىيەت مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرۇلىشى تۆۋەندىكىچە:
29-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن : لېكسىيە — «خېرىدار مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ۋە ئەلالاشتۇرۇش»
چۈشتىن كېيىن : كارخانا زىيارىتى — شىنجاڭ گېنېرال سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ قەدىرى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
كەچ : پىكىر ئالماشتۇرۇش
30-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن : ئېكىسكۇرسىيە —9 -نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىش پەسىللىك ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسى
چۈشتىن كېيىن : لېكسىيە — « ئەخلاق ۋە كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى »
سودا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ « ئەرقال كەلگۈسى كارخانىچىلار كۇلۇبى » غا قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى
ئادىرىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 389 - نومۇر خەلقئارا تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى 4 - قەۋەت
تېلېفون: 2887000-0991، 15099083154
تور ئادرېسى: http://club.erqal.com
|