ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2594|ئىنكاس: 16

ئىنتىل تورى قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ تەرجىمىھالى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-27 16:46:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۈگۈن تور بەتلەردىن ئىنتىل تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەتكامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. كەمتەر، كىچىك پېئىل ئادەم ئىدى.
باشقا گەپلەرنى قىلىشنى خالىمىدىم.
تەرجىمىھالىنى بىلىۋېلىڭلار
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي
ئابلەتجان ئىبراھىم، 1969-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى  قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.
1- باشلانغۇچ، 1- ئوتتۇرا، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا ( 6- ئوتتۇرا ) مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان.
1987- يىل 9-ئايدا شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستېتوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1992- يىلى  ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.

2005- يىلى ئۆزىنىڭ Office ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە 《بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار》 دېگەننى ئۆزىگە مىزان قىلغان ئابلەتجان ئىبراھىم،  ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى تورى ، بىلىك كۇلۇبى ۋە بىلگە تورىدىن باشقا كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت ئۇيغۇرچە توربەتنىڭ 4- سى  يۇلغۇنجان مۇنبىرى www.yulghunjan.com نى 《 بىلگەننى يوللاڭ بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن، بىلمىگەننى يوللاڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن》 دېگەن مەنىلىك شۇئارى ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان.

شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مول بىلىملىرى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئاجايىپ پەزىلىتى ئارقىلىق ئىنتايىن كۆپ كومپيۇتېر، تور ھەۋەسكارلىرى، Office ھەۋەسكارلىرىنى يۇلغۇنجان مۇنبىرىگە جەلىپ قىلغان ۋە ئاجايىپ قىزغىنلىققا چۆمگەن كومپيۇتېر، Office بىلىملىرى مۇنبىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

2007-يىلى ئەسلىدىكى يۇلغۇنجان مۇنبىرىنىڭ نامىنى ئىنتىل سەيناسىغا ئۆزگەرتىپ www.intil.cn  نامى بىلەن 2009-يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان.

2008-يىلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئېگە يوليار ئۇلىنىش تورى http://www.yolyar.com نى قۇرغان،www.yolyar.com/rawa  ئادرىسىدا ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى تۇنجى ئۇچۇر تورىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەمدە 2009-يىلى مۇھتاج نامىدا ئايرىم http://muhtaj.com ئۇچۇر تورىنى قۇرغان.

2010- يىلىدىن باشلاپ خەلقئارالىق تور نامى  www.intil.biz نامىدا كومپيۇتېر،تور ۋە Office بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئىنتىل سەيناسى تور بېكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

بىز بۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش روھىغا ئېگە، باشقىلارغا ياردەم بەرسە كۆڭلى ئېچىلپ قالىدىغان، مېھنەتكەش ئۇستاز ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز.

ئىنتىل تورىدىن كېيىن قۇرۇلغان روھلان تور بېكىتى، قىياس تورى، ئادۇۋكات تورى،  شەربەت تورى، بۇلاقجان تورى، ئالما ھەۋەسكارلىرى تورى، بىلىملەر تورى، توقسۇ تورى، بىجىرىم تورى، قاراسۇ تورى، قۇتيار تورى، تور كاتىپ، بەشتاش تورى، ئەتىرگۈل تورى، يۈكسىلىش تورى، ئۇچقۇن تورى، كوئىنلۇن تورى (ھازىر ئىنتىل سەيناسى بىلەن بىرلەشكەن) .... قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى مانا مۇشۇ ئىنتىل سەيناسىدا تۈرلۈك كومپيۇتېر ۋە تور بىلىملىرىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىدە يىتىشىپ چىققانلاردۇر.
ئابلەتكامغا ئائىت ئۇچۇرلار روھلان مۇنبىرىدىن ئېلىندى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-27 16:53:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار ئابلەتكامنىڭ سۈرىتى بولسا يوللاپ قويساڭلار
باشقۇرغۇچىلار تېمىغا قىستۇرۇپ قويسا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-27 19:59:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايا ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشتىم
ئاخشام يۈرىكى ئاغرىغاندەك قىلىپ، ئۆيىدىكىلەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپتىكەن. رەھمەتلىك شۇ يەردە جان ئۈزۈپتۇ.
ئۆيىدىكىلەردىن ئەھۋال سوراپ قويۇشنى خالايدىغانلار
13909988638 مۇشۇ نومۇرغا تېلىفون قىلىڭلار(ئىشى يوقلار ئاۋارە قىلماڭلار)
ۋاقتى: 2014-11-27 20:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بۇلۇپتۇ، بىز بۇندىن كىيىن، ئابلەتكامنىڭ ئىزىنى بىسىپ، باشقىلارغا ياردەم بىرىش روھىدىن ئۈگىنىپ، ئىنتىل تورىدا باشقىلارغا ئۈزلۈكسىز ياردەم بىرىش بىزنىڭ بۇرچىمىز. ئابلەتكامنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.
ۋاقتى: 2014-11-28 10:26:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن توردىن ئايرىلغىلى خېلى بولغان ئىدى .بۇ خەۋەر مىنى بەك ئازاپلىدى .ئىنتىل تورىغا ھېچ ئىش بولمايدۇ .ھەممىمىز بىرلىكتە .ئابلەت ئۇستازنىڭ ئىزىنى بېسىپ .قۇلۇمىزدىن كىلىشچە .ئىنتىلدا خىزمەت قىلايلى باللا .
ۋاقتى: 2014-11-28 11:31:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تورغا كۆپ چىقمايتتىم، ئابلەتكام بىلەن ئالاقىنى ئۈزمىگەن ئىدىم، ئاخشام توردىن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازاپلاندىم، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ئىنتىل ئۈچۈن ئابلەتكامنىڭ ماڭغان ئىزىنى ئۆچۈرمەي مېڭىشقا مىنىڭ ھەقىقى ئىشەنچىم بار.
ۋاقتى: 2014-11-28 21:07:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمگە مۇھتاج بۇلۋاتقان خەلقىم ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قۇشۇشقا تەييارمەن، بىلگەنلىرىمنى دەپ بىرىمەن ، بىلمىگەننى سورايمەن.   
ۋاقتى: 2014-11-29 19:52:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇستازنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۇرىمەن . يوقۇرقى تەرجىمىھالىدىن بىلدىم ، ئۇستازىمىز ئابلەتجان بىلەن قۇرداش ئىكەنمەن ، ئۇستاز گەرچە بىۋاستە مېنىڭ ئۇستازىم  بولمىسىمۇ ، ئۇستاز بىلەن بىۋاستە تونۇشمىساممۇ ئۇستازنىڭ توردىكى ھارماي باشقىلارغا قىلغان ياردەملىرىدىن مەنمۇ نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولغان ، شۇنۇڭ ئۈچۈن مەنمۇ ئۇستاز دەپ ئاتىدىم ،  كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم ، ئۇستازىمىز كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ، باشقىلارغا بېرىۋالغان كىچىككىنە ياردىمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاردۇغىنى چىقىرىپ ، چارچاپ قالغان ئوخشايدۇ .
   
ۋاقتى: 2014-11-29 19:54:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجانغا ئوخشاش جاپاكەش شەخسىيەتسىز توھپىكارلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ سالامەتلىگىنىمۇ ئويلاپ ئۈزۈن ئومۈرلەرلەر كۆرۈشىگە تىلەكداشمەن ، چۈنكى ئۇلاردەك ۋۇجۇدى ياخشىلىق بىلەن سۇسۇغۇرۇلغان كىشىلىرىمىز بىر كۈن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسە بىر كۈن باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش دەپ ياشايدۇ .
ۋاقتى: 2014-11-29 21:39:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن روھلان تورىدىن ئۇستازنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپ بەكمۇ ئېچىندىم. تۈنۈگۈندىن بېرى خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك بوپ قالدىم.
مەن گەرچە ئىنتىلنىڭ كونا  ئەزاسى بولمىساممۇ ئىنتىلغا ئەزا بولغان قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئۇستازنىڭ بىلىم سۆيەر،باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆزىنىڭ شەرەپلىك بۇرچى دەپ بىلىدىغان ئىنتايىن ياخشى پەزىلەتلىك كىشى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار ئۇستازدىن بىلىم ئالغان بولۇشى، كومپىيۇتور بىلىملىرى جەھەتتە  ئۇستازنىڭ خالىس ياردەملىرىىگە ئېرىشكەن بولۇشى مۈمكىن. ئۇستاز ئىنتىلدەك مانا مۇشۇنداق بىلىم يۇرتىنى قۇرۇپ، نۇرغۇن چاڭقىغان يۇرەكلەرنى سۇغاردى ، مىننەتسىز قان تەر ئاققۇزدى، بىلىمخۇمارلارنى يېتەكلىدى. ئۇستازنىڭ تەرجىمەھالىدىن قارىغاندا يېشىمۇ ئانچە چوڭمۇ ئەمەسكەن بولمىسا، ئەپسۇس رەھىمسىز تەقدىر ئۇستازنى بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىدى. ئۇستازدەك مانا مۇشۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر جەميىتىمىزدە كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.  مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇستازنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ بىر كۆرىشىۋالسام، پۇرسەت بولسا بىر مىھمان قىلىپ ھۆرمىتىنى قىلىۋالسام دىگەن نىيەتلەردە بولغان ئىدىم. ئەپسۇس نىسىپ بولمىدى .....مەن ئۇستازنى ئەسلەيمەن. ئۇستازنىڭ ئېسىل پەزىلىتى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات.
ۋاقتى: 2014-12-2 15:09:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بۇلۇپتۇ، بىز بۇندىن كىيىن، ئابلەتكامنىڭ ئىزىنى بىسىپ، باشقىلارغا ياردەم بىرىش روھىدىن ئۈگىنىپ، ئىنتىل تورىدا باشقىلارغا ئۈزلۈكسىز ياردەم بىرىش بىزنىڭ بۇرچىمىز. ئابلەتكامنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.
ۋاقتى: 2014-12-4 11:32:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىلنىڭ ئىككى يىللىق يىغىلىشى .كاۋاپنى پاچىلىغان ئۇستاز دەل ئابلەت ئەپەندىم بۇلىدۇ
كىرىپ كۈرۈڭ
ۋاقتى: 2014-12-8 22:41:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         راسىتمۇ بۇ
     ئۇستازنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !

    كۆرۈپ تولمۇ ھەيران قالدىم نىمىش بوپ كەتتى ئەمدى .مەن ئەڭ دەسلەپ كومپيۇتىر بىلمنى ئالغان تور بەتنىڭ قۇرغۇچىسى ...  
     بىرنەچچە قىتىم ياردىمى ئاستىدا قىلالمغان ئىشلىرىمنى قىلۋالغان ئىدىم تولىمۇ كەمتەر ئادەم ئىدى
  يۇقرقى قىرىندىشم ئويلىغاندەك مىنىڭمۇ كۈنلەنىڭ بىردە كۆرشىپ دىدارلاشقىم باتتى ئەپسۇس

             كىم بىلىدۇ نىمە ئىش بولدى ،قانداقسىگە مەرھۇم دەپ دەپ يېزىلىپ قالدى .
ۋاقتى: 2015-2-9 18:03:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ ئەپسۇس ، " ياخشىغا كۈن يوق ، يامانغا ئۆلۈم " دىگەن شۇدە !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:19:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 12:22  

بۇ خەۋەرنى ئەڭ كەينىدە كۆرگەن مەن ئوخشايمەن.
مەرھۇم بىلەن ئۈرۈمچىدە نەچچە قېتىم دىدارلاشقان ھەم چ چ  ،تېلىفۇندا ئانچە-مۇنچە ئالاقىدە بولۇپ تۇراتتىم.بۇ بىر يېرىم يىل مەن ئۈچۈن شۇنداق ئالدىراشچىلىق ئىچىدىكى كۈنلەر بولۇپ كەتتى، تورغىمۇ ئاساسەن چىقالمىدىم. بۇ ئىشلاردىن تولىمۇ خەۋەرسىز قاپتىمەن .
نەچچە ھەپتە ئىلگىرى مەن تېخى ئابلەتجاننىڭ چ چ  سىغا ئۇچۇر يوللىغان ئىدىم.قارىسام جاۋاپ يوق. ئۆزەمچە ھازىر ھەممە يەردە، بولۇپمۇ جەنۇپتا خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىراشچىلىقتىن بېشىنى قاشلىغۇدەك ۋاقتىمۇ يوق،بەلكىم ۋاقتى چىقمىغاندۇ بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈشكە دەپ ئويلاپ ،ئاۋارە قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن تېلفۇنمۇ قىلمىغانتىم. ئۇ ئاللىقاچان بىزنى تاشلاپ كىتىپتىكەن ئەمەسمۇ !!!
  مەرھۇم بىلەن ياش جەھەتتە قۇرداش-بۇرادەر -دوست، بىلىم جەھەتتە شاگىرت-ئۇستاز مۇناسىۋىتىدە ئىدۇق. بۇنداق ياپ-ياشلا كىتىپ قېلىشىنى ئۇخلاپ چۈشۈمدىمۇ كۆرمەيتتىم... مۇشۇمۇ ئادىللىقمۇ !!
   قەشقەرگە بېرىشقا پۇرسەتلا بولسا ،قەبرىڭىزنى يوقلاشقا ئاللاھ نىسىپ قىلغاي !
  دىنىمىزدا" ئىنسان بالىسىنىڭ ئاغزىغا بىر كەلىمە ئىلىم سالغان ئىنسان --جەننىتى " دىيىلىدۇ. سىز بەك جىق ئىلىملەرنى سالغان ،سالغاندىمۇ مىننەتسىز سالغان ئىنسانسىز !!!   ئورنىڭىز جەننەتنىڭ تۆرىدىن  بولىشىغا  چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن !!!!!!!
سىزدىن بىزگە مۇشۇ رەسىم بىزگە خاتىرە بولۇپ قالدى 1.jpg

قېرىنداشلار ،يۇقۇرىدا دىيىلگەن 13909988638 بۇ نومۇر كىمنىڭ نومۇرى بولىدۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا ئۆيدىكىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرى بولسا بۇ يەرگە ياكى باشقۇرغۇچىلار ئۈندىدار توپىغا قالدۇرۇپ قويساڭلار !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 13:58 , Processed in 0.343488 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat