ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 798|ئىنكاس: 0

تاكسى توسۇپ رەت قىلىنغاندا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-25 18:41:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تاكسى توسۇپ رەت قىلىنغاندا


ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى11-ئاينىڭ 25-كۈنى

تاكسى توسسا توختىمايدىغان ياكى ئالدىدا توسقانغا توختىماي ئارقىدىكى كىشىگە توختايدىغان، مىللەت ئايرىپ توختايدىغان، ئەرگە توختىماي ئايالغا توختايدىغان ، قېرىغا توختىماي ياشقا توختايدىغان، ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ يۈكى بارغا توختىماي يوققا توختايدىغان ئەھۋاللارنى ھەممىمىز دىگىدەك ئازدۇر-كۆپتۇر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئالدىنقى كۈنى بىر قېرىندىشىمىز  مۇشۇنداق بىر مەسىلىنى، ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەن. ئەسلى مەزمۇنى مۇنداق:" ئ‍ەسسەلامۇ ئ‍ەلەيكۇم بۇرادەرلەر،كەچۈرۈڭلار مەن سىلەردىن تىمىغا مۇناسىۋەتسىز تاكسىلارنىڭ يول يۈرۈش قانۇنى ياكى نىزامىغا دائ‍ىر مەلۇمات سورىماقچى ئ‍ىدىم. بىلىدىغانلار بولسا بىر مەلۇمات بەرگەن بولساڭلار…بۇنى سىلەرنى ئ‍اۋارە قىلىپ سوراشتىن مەقسەت، مەن قانچىلىغان قېتىم تاكسىغا ئ‍ولتۇرۇشتىن تاكسى شوپۇرىنىڭ سەۋەپسىز رەت قىلىشى سەۋەپلىك مەھرۇم قىلىندىم. مىنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم قانداق بولغاندا شوپۇرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ،بىز تاكسى توسساق ئ‍ېلىشنى رەت قىلغاندا، قايسى ئ‍ۇرۇننى ئ‍ىزدىسەك ئ‍ەرزىمىز ئ‍اقىدۇ ياكى تاكسى ئ‍ۆزىنىڭ بولغاندىكىن ئ‍ېلىش ئ‍الماسلىق ئ‍ۆزىنىڭ ئ‍ىشىمۇ؟ مەن بۇ ھەقتە پەقەت ساۋاتسىزكەنمەن،بىلىدىغانلار بولسا بىلىمىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئ‍ايىمىغان بولساڭلار. كەچۈرۈڭلار ۋاقتىڭلارنى ئ‍الدىم.
     بۇ كىشىلەر رادىئو قاتارلىق ۋاستىلەردە كۆپ قېتىم ئىنكاس قىلغان ۋە يىللاردىن بىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان مەسىلە.كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بۇ توغرىلىق خېلى ئايدىڭلىشىپ قالغان بولىشى مۇمكىن، بەزىلەر مەندىن بەكرەك بىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بىلگىنىمنى دەپ ئوتتۇرىغا قويسام، بىلگەنلىرىمىزنىڭ پىكرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ مۇكەممەللەشسە ئەجەپ ئەمەس. ئادەتتە يولۇچى تاكسىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن، بارماقچى بولغان ئورنىنى سوراپ بولۇپ يولۇچىنى چۈشۈرىۋەتكەن بولسا ياكى تاكسى شوپۇرلىرى تۆۋەندىكىدەك 5 تۈرلۈكتىن باشقا ئەھۋالدا، ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن يولۇچى ئالماسلىققا ياكى چىقىپ بولغان يولۇچىنى چۈشۈرىۋىتىشكە بولمايدۇ:
1.        يولۇچى توختاشقا بولمايدىغان يەردە تاكسى توسقان بولسا؛
2.        خەتەرلىك بۇيۇملار ياكى ماشىنىنى بۇلغايدىغان بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭغان بولسا؛
3.        مەس ياكى روھى كىسەللەر قارىغۇچىسى يوق ھالەتتە تاكسى توسقان بولسا؛
4.        يولۇچىلار كەچلىك ۋاقىتتا شەھەر سىرتىغا ياكى باشقا شەھەرگە چىقماقچى بولۇپ، تىزىملاش ئېلىپ بارمىغان بولسا؛
5.         باشقا قائىدە-قانۇنغا خىلاپ  تەلەپلىرى بولسا؛
يۇقۇرقىدەك ئەھۋال كۆرۈلگەندە، مۇنداق قىلساق بولىدۇ. تاكسى ئىچىدە ئەرز-شىكايەت قىلىش تېلېفونى ۋە شوپۇرنىڭ ئۇچۇرى بولغان بولىدۇ. شۇم نۇمۇرغا تېلىفون قىلىش ياكى تاكسى توسسا توختىمىسا يەرلىك تاكسى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلساق بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەھەر باشلىغى قىزىق لىنىيىسىگە  تېلېفون قىلساقمۇ، مەخسۇس خادىم ئىشنىڭ تەرەقىياتىغا مەسئۇل بولىدۇ.
تاكسىچىلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى خارەكتىرىدىكى كەسىپ بولغاچقا، تاكسىنىڭ يولۇچى ئېلىشنى رەت قىلىشى مۇلازىمەت قىلىش كىلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. تاكسى شىركىتى شىركەت نىزامىدا،يولۇچىنى ئېلىشنى رەت قىلسا،ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمىغان سوممىلىق جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقىنى بەلگىلەنگەن. ئەلۋەتتە، بۇ تېلېفون ئۇرۇپ قويۇش بىلەنلا بولىدىغان ئىش   ئەمەس، يولۇچى مۇناسىپ ئىسپاتلار ياكى گۇۋاچىلار بىلەن تەمىنلىشى كىرەك بولغان بولىدۇ. بەزى يولۇچىلار ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلمايدۇ، بەزى گۇۋاچىلارمۇ ئاۋارىچىلىق ھىس قىلىپ گۇۋالىقتىن ئۆتۈپ بەرمەيدۇ. بۇ تاكسىچىلارنىڭ قانۇن-بەلگۈلىمىنى كۆزگە ئىلماي، خالىغانچە يولۇچى ئېلىشنى رەت قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يامراپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.  تاكسىچىلار ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ، يولۇچى ئالماسلىغى كىراچىلىقنىڭ ئەسلى مۇددا-مەقسىدى بىلەن زىت كىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىش،خىلاپلىق قىلغانلار چوقۇم جازالىنىشى كىرەك!
پاش قىلىش تېلېفۇنى: 96511
ئۈرۈمچىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى: 4620007
ئۈرۈمچى شەھەر باشلىغى قىزىق لىنىيىسى: 12345

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 06:25 , Processed in 0.130517 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat