- توردا
- 476 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-9-23
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 1780
- تىللا
- 2693
- MSN帐号
- aelsoft@hotmail.com
- تۆھپە
- 841
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 7456
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 10
- خاتىرە
- 20
- يازما
- 357
- تېما
- 51
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 21
 
- تۆھپە
- 841
- تىللا
- 2693
- شۆھرەت
- 1780
|
كوئىنلۇننىڭ يازمىسىدىن ئۈزۈندە:
مۇشۇ msnدىگەننىمۇ QQئارقىلىق ئۇققان بولغۇيتتۇق؟!!!
---------------------------
سىز بەلكىم شۇنداق بىلگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما MSN بولسا Windows نىڭ ئۆزى بىلەن بىللە تارقىتىلغان ئالاقە قورالى، مەن بىلسەم Windows Me زامانىسىدىلا بار ئىكەنتۇق (بەلكىم 98 سىستېمىسىدىمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا توردا پاراڭلىشىش دەيدىغان ئۇقۇم ھازىرقىدەك بەك كەڭرى ئومۇملاشمىغانلىقتىن بولسا كېرەك، 98-يىللىرى كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمىزدا، 98نىڭ NetMeeting دەيدىغان بىر ئىقتىدارى ئارقىلىق تار دائىرىلىك توردا پاراڭلاشقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغان، ئەمما شۇ چاغدىكى شارائىت يار بەرمىگەنلىكتىن بۇنى سىناشقا مۇۋەپپەق بولمىغان ئىدۇق).
ئەمدى سەيناداشلارغا دەيدىغىنىم. خېلى بۇرۇنلا QQ نىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ماتېرىياللىرىنى ئوغرىلايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە بولغان (بەلكىم 2008-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بولسا كېرەك)، بۇ ھەقتە مەن «گوگۇل ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە» دېگەن تېمامدىمۇ ھەرقانداق بىر ئۇچۇرنىڭ تور دۇنياسىدا ھەرزامان نازارەت قىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم. بۇ قېتىم 360 بۇ ئىشنى چىڭىغا چىقىرىۋەتتى، تېڭشۈن بولسا نومۇسسىزلىق قىلدى، ئۇ ھەقلىق ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قىلچە ئويلاشماستىن (ھەقسىزلىرىنى ئويلىشىشنىغۇ ئويلىشىپمۇ قويمىدى)، ئۆز ئالدىغا QQ نى ئىشلىمەس قىلىپ قويدى. مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ، تېڭشۈننىڭ ئۈستىدىن (ھەقلىق ئەزالار) ئەرز قىلسا ئېقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن (لېكىن جۇڭگوچىلىقتا بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس). بۇ قېتىمقى ئىككى تەرەپ كۈرىشىنىڭ ماھىيىتى دەل مەنپەئەت كۈرىشىدۇر. ئەمما بۇ كۈرەش ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە بولماستىن، بىزدەك مىليونلىغان بىگۇناھ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپيۇتېرىنى ئۇرۇش مەيدانى قىلدى.
مېنىڭچە بولسا، مەن ھەر ئىككىلىسىدىن ۋاز كېچىشكە رازى. سەۋەپ: ئۇلاردا بار ئىقتىدارلارنى مەن خالىغان باشقا دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن. ئۇلارنىڭ مەن بىلىدىغان ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارلىرى:
360 نىڭ:
1- سىستېما يېڭىلاش (سىستېما ياماقلىرىنى ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، لازىملىرىنى تاللاپ، ياماپ بېرىدۇ)
2- دېتال يېڭىلاش (كومپيۇتېرىمغا قاچىلانغان دېتاللارنىڭ نەشرى يېڭىلانغان بولسا ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، يېڭىلاپ بېرىدۇ)
3- ئەخلەت تازىلاش (ئىشلىتىش جەريانىدا كومپيۇتېردا پەيدا بولغان ئەخلەت ھۆججەتلەر، تور زىيارەت خاتىرىلىرى قاتارلىقلارنى بىر كونۇپكا بىلەنلا تازىلاشقا بولىدۇ)
QQ نىڭ:
1- پاراڭلىشىش
2- ئېلخەت ساندۇقى
3- ئوقۇغۇچ (بىر نەچچە خەنزۇ ئاپتورلارنىڭ بلوگلىرىغا مۇشۇ ئوقۇغۇچ ئارقىلىق مۇشتىرى بولغان، يېقىندا Igoogle غا كۆچۈرىۋەتمەكچىمەن)
ھازىرغىچە QQ نى ئىشلىتىپ كېلىشىمدىكى سەۋەپ، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز ئارا ھۆججەت يوللاشتا (مەن ئالاقە قىلىدىغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ھەممىسى QQ ئىشلىتىدىغان بولغاچقا) مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەلدىم.
ئەمدى بەزىلەر تارتىشىپ قىيالمايۋاتقان QQ نىڭ دەرىجىسىگە كەلسەك، ئۇ دەرىجە ھېچنېمىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، بىر ئۆمۈر QQ ئىشلەتسىڭىزمۇ بۇ دەرىجىنىڭ چېكىگە يېتىپ بولالمايسىز، دەرىجىڭىزنىڭ يۇقىرىلىقى سىزنىڭ بىلىمىڭىزنىڭ موللىقى ياكى بايلىقىڭىزنىڭ كۆپلىكى ۋە ياكى ئابرويىڭىزنىڭ يۇقىرىلىقىنى بەلگىلىمەيدۇ. (بىلسەم، ئەلباشىمىز رەئىس خۇجىنتاۋنىڭ دەرىجىسى ئاران بىر يۇلتۇزغۇ دەيمەن، ئۇ تېخى بۇ نومۇرنى تېڭشۈنگە بۇيىل زىيارەتكە بارغاندا قوبۇل قىلدى. نومۇرىنىڭ قانچىلىقى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنمىدى.) يۇقىرى دەرىجىدە سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز پەقەت باش سۈرەت ئۆزگەرتىش، توپ قۇرۇشلا. ھەقلىق ئەزالارنىڭ خېلى كۆپ ھوقۇقلىرى بولىدىكەن، بىر ۋاقىتلاردا مەن خېلى قىزىققان ئىدىم، ئەمما ئۆتكەن يىل تور «تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن»دىن كېيىن، ئويلاپ باقسام، ھەقلىق ئەزا بولماي توغرا قىپتىمەن. ۋاقتى كەلگەندە، بىرەر نېمىنى باھانە قىلىپ نومۇرىڭىزنى توختىتىپ قويسا، سىز ھېچنېمە قىلالمايدىكەنسىز. |
|