- جۇغلانما
- 238
تىزىملاتقان2011-12-7
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kemter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-22 18:31
ئاۋال بۇ قوللانما توغورلۇق ئاز تولا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي
javascript بولسا ئىنتىرنىتتا ئەڭ مودا بولغان بىر قوليازما تېلى بولۇپ،بۇ ئاساسلىق توركۆرگۈچلەردە خىزمەت قىلىدۇ ،جۈملىدىن Ie ,Firefox.Safair chrome قاتارلىقلار,ئەلۋەتتە بۇيەردە بەك مۇرەككەپلەشۈرۋەتمەسلىك ئۈچۈن توركۆرگۈچتە قوللىنلىدۇ دەپ يازدىم ئەمما،بۇنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى تور كۆرگۈچ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ،بۇ تىل يەنە مۇلازىمىتىر تەرەپ پىروگىراممىسى ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدىغان بولۇپ ھەر تۈردىكى سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرى بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ،جۈملىدىن mysql,mongodb ،بۇ تىل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائى ئوچۇق كود سۇپىسى بولغان github دىمۇ ھەرئايلىق داڭلىق تىللارنى باھالاشتا ئالدىنقى 10 تىلنىڭ ئىچىدىكى ئورنىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپلا قالماي يەنە داۋاملىق ئەڭ ئالدىغا قاراپ مىڭىۋاتىدۇ،بۇ تىل بىلەن بىز ھەرخىل مۇرەككەپ ھىسابلاش مەشغۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلالايمىز،جۈملىدىن نېرۋا سىستىمىسى ۋە ماششىنا تىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىز بۇ تىل بىلەن پروگىرامما يىزىشنى باشلاشدىن بۇرۇن چوقۇم HTML / XHTML نى بىلىشىڭىز كىرەك ،js بەتتىكى ھەربىر ئىلىمىنتى باشقۇرۇش خۇسۇسىيتىغا ئىگە،دىمەكچىمەنكى javascript ئارقىلىق بەتتىكى ھەربىر dom ئىلىمىنىتنى خالىغانچە كونتىرول قىلالايسىز،dom دىمەكلىك document object model نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ سىز توركۆرگۈدە ئاچقان پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر بىكەت دەل مۇشۇ dom بىلەن تۈزۈلگەن ئېلىمىنتلاردىن ئىبارەت،شۇنداقلا بۇ تىل يانفۇن ۋە كومپيۇتىرنىڭ قاتتىق دىتاللىرىغا كىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ،جۈملىدىن كامىرا،مىكروفون،قاتتىق دىسكىدىكى ھۆججەت قاتارلىقلار. مەقسەتكە كەلسەك بۇ قوللانمىنى يىزىشتىكى مەقسەت قانداقتۇر javascript نى يڭىدىن باشلىغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتىريالى قىلىش ئەمەس،بەلكى javascript دىكى دائىملىق خاتا چۈشەنچىلەر ۋە بىرقسىم مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى يىشىپ بىرىش،شۇڭلاشقا ئەگەر سىز javascript دىن ئاز تولا خەۋرىڭىز بولماي تۇرۇپ ،بۇ قوللانمىدىن پايدىلانماقچى بولسىڭىز كۆزلىگەن مەقستىڭىزگە ئىرىشەلمەسلىكىڭىز مومكىن،چۈنكى بۇ قوللانما javascript دىن ئوتتۇرھال سەۋىيەگە ئىگە بولغانلارغا ماس كىلىدۇ،بىشىدىن باشلىماقچى بولسىڭىز ئىنتىرنىتتىكى باشقا قوللانملارنى بىرقاتار كۆرۈڭ ۋە ئەمەلى سىناپ يىزىپ ئاساسى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇڭ،ئاندىن بۇ قوللانما سىزگە ،سىزJavascript دا ئۇچىرىغان بىشىڭىزنى قايدۇرغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا زور ياردىمى تىگىدۇ،ئەگەر ئاللاھ خالىسا
بىرنەچچە ئايلار ئىلگىرى بۇ قوللانمىنىڭ توربىكەت نۇسخسىنى ئىلان قىلغان ئىدىم،ھازىر تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشۇپ ئىلىكتاب نۇسخسىنى مەنزىل كىتاب تورىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بۆگۈن پۈتتۈرۈپ ئىلان قىلدىم
ئلىكتابنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى
http://tormahiri.github.io/-/
|
|