ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 338 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1093|ئىنكاس: 6

2015-يىلى تارىختىكى ئەڭ دەبدەبىلىك كىنو يىلى بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-10 13:48:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 13:49  

تەييارلىغۇچى؛ kuyaxoghli ( ئىزدىنىش)

كىنو تارىخىغا نەزەر سالساق 1994-يىلىنى ئېسىل كىنولار ئىشلەنگەن كىنو يىلى دەپ تەرىپلەيمىز. بۇ بىر يىلدا قۇيۇلغان فىلىملەردىن   شاۋشانىكنىڭ تۈرمىدىن قېچىشى肖申克的救赎، فورست گامپ阿甘正传، شىر پادىشاھ، لىئون 这个杀手不太冷، ھەقىقەت ۋە يالغانچىلىق، ئېد ۋۇد  Ed Wood، پەسكەشلىك 低俗小说، ھايات ماماتلىق پەيت 生死时速 قاتارلىق فىلىملەر ھازىرغىچە نادىر فىلىملەرنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلمەكتە. 1994-يىلدىن ھازىرغىچە20 يىل ئۆتتى. گەرچە  بۇ 20 يىل جەريانىدا خاككىر ئىمپىرىيىسى، ھۆكۈمران ئۈزۈك، ئۆمۈچۈك پالۋان، ئاۋاتار، شەپەرەڭ پالۋان، خاررى پوتتېر، پىلانتلار ئارا ئۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار كىلاسسىك فىلىملەر ئىشلەنگەن بولسىمۇ كىلەر يىلى يەنى 2015-يىلى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ دەبدەبىلىك كىنو يىلى بولىدۇ دەپ قارالماقتا. 2015-يىلى قۇيۇلىدىغان فىلىملەر مەيلى سان جەھەتتىن بولسۇن ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بىزگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرىدۇ.كىلەر يىلى نۇرغۇن يىڭى فىلىملەر ئىشلىنىدۇ شۇنداقلا بۇرۇن ئالقىشقا ئېرشكەن نۇرغۇن ئابىدە خاراكتىرلىق فىلىملەرنىڭ داۋامى ئىشلىنىدۇ. تۆۋەندە 2015-يىلى قۇيۇلىدىغان بىر قىسىم فىلىملەرنىڭ قۇيۇلۇش ۋاقتىنى كۆرۈپ باقايلى. بۇ فىلىملەر ئىچىدە چۇقۇم سىز ياقتۇرىدىغان بىر نەچچە فىلىم بار.
(ئالاھىدە ئەسكەرتىش : خەنزوچە سەۋىيەم ناھايتى چەكلىك،كەچلىك سىمىنا خىزمەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىلغان بولغاچقا فىلىم ئىسىملېرىنى ئۆزۈم بىلگىنىمچە تەرجىمە قىلدىم. توغرىسىنى كۆپچىلىك توغرىلاپ بەرسەڭلار، قالايمىقان تەرجىمە بۇلۇپ قاپتۇ دەپ كايىپ قالمىساڭلار)


دەھشەتلىك بوراندىن قۇتقۇزۇش --飓风营救3 (ئەنگىلىيە)
قۇيۇلۇش ۋاقتى:2015 -يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى (ئەنگىلىيە)
رېژىسسور: ئولىۋېر مىكادون
باش رول: لېئام نېسسىن


يەتتىنچى ئوغۇل --第七子
قۇيۇلۇش ۋاقتى:2015-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى
رېژىسسور: سېرگى.بودروۋ
باش رول: بېن بارنېس، جۇلىئان مۇر


سۈرئەت ۋە ھېسيات 7 --速度与激情7
قۇيۇلۇش ۋاقتى:2015-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى.
رېژىسسور : جېيمىس ۋان
باش رول: مىكائىل رودرىگىز، ۋىن دىسېل..پائۇل ۋوكېر قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئىنىسى كود ۋوكېر ئۇنىڭ ئورنىدا رول ئالىدىغان ئوخشايدۇ. ماۋۇ فىلىمدە شۇنداق قىلىپ دانىئېل، مىكائىل، ۋېن دىسېئىل ئۈچ تاقىرباش رول ئالىدىغان بوپتۇ.

قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2 --复仇者联盟2:奥创纪元
قۇيۇلۇش ۋاقتى: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
رېژىسسور: جوس ۋېىدون
بۇ فىلىم قىساسكارلار ئىتتىپاقىنىڭ داۋامى. يېشىل گىگانت، تۆمۈر ئادەم، ئۆمۈچۈك پالۋان، ئامېرىكا كاپىتانى قاتارلىق بىر پاتمان قەھرىمانلارنى بىر فىلىمنىڭ ئىچىدىلا كۆرەلەيسىز.
فىلىم ئىشلىگۈچى شىركەت: دېسنى

يۇرا دۇنياسى ---侏罗纪世界
قۇيۇلۇش ۋاقتى: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
بۇ فىلىم سىزنى 65 مىليون يىل بۇرۇنقى يۇرا دەۋرىگە باشلاپ بارىدۇ. بۇ فىلىمنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۈچ بۆلۈم يۇرا دەۋرى 侏罗纪公园 دىگەن فىلىمنى كۆرۈپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يىڭى تۆت پالۋان---新神奇四侠
بۇ فىلىم تۆت پالۋاننىڭ داۋامى.


ئاخىر زامان ئۇرۇشى2(زومبىلار دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ داۋامى)--末日之战2
بىرەد پىت باش رول ئالغان بۇ فىلىم 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

قارا كېيىملىك ئادەم4---黑衣人4
ئاۋالقى ئۈچ قىسمى خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇدا ۋېل شىمىس بىلەن چېڭلۇڭ بىرلىشىپ تۆتىنچى قىسىمنى ئىشلەپتۇ. 2015-يىلى 7-ئايدا قۇيۇش پىلانلانغان.

ئاخىرلاشتۇرغۇچى5---终结者:创世纪
ئاخىرلاشتۇرۇغۇچى بۇ بۆلەكتە سىۋاشىنگىر ئۆزى باش رول ئالىدىكەن.
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

مۇستەققىللىق كۈنى 2 ---独立日2
تاشقى پىلانت ئادەملېرى بىلەن بولىدىغان جەڭ. زۇڭتۇڭمۇ ئايرۇپىلان ھەيدەپ جەڭگە قاتنىشاتتى بىرىنچى بۆلۈمدە. 14 يىلدىن كېيىن ئىككىنچى بۆلۈم ئىشلىنىدىغان بوپتۇ.
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى قۇيۇلىدۇ.


چۈمۈلە ئادەم---蚁人
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

خاسىيەتلىك ئادەم---超人:钢铁之躯2
خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ تازا كونا نۇسخىسىنى ھەممىمىز كۆرگەن. بۇ فىلىمنى كۆرۈشتىن بۇرۇن خاسىيەتلىك ئادەم قايتىپ كەلدى(超人归来) بىلەن شەپەرەڭ پالۋان (蝙蝠侠) نىڭ ھەممە قىسىملېرىنى كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى يىڭىدىن ئىشلەنگەن بۇ فىلىمدە خاسىيەتلىك ئادەم بىلەن شەپەرەڭ پالۋان تۇتىشىپ قالىدىغاننىڭ گىپى بار.
قۇيۇلۇش ۋاقتى: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى

قەستلەش قائىدىسى---刺客信条
قۇيۇلۇش ۋاقتى: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى

زىرەكچاقلار سارىيى2---精灵旅社2
ئەلۋەتتە بۇ فىلىمنى كۆرۈشتىن بۇرۇن يەنىلا بىرىنچى بۆلۈمنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن كۆرۈڭ. بىرىنچى بۆلۈممۇ بەك ئېسىل ئىشلەنگەن. بۇ كارتون 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

بوند 24---邦德24
يەنە شۇ دانىئىل دىگەن تاقىرباش رول ئالغان 007 نىڭ كىنوسىكەن.
قۇيۇلۇش ۋاقتى:2015-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى

ئاچلىق ئۇيۇنى 3---饥饿游戏3:嘲笑鸟(下)
ئاچلىق ئۇيۇنىنىڭ ئاۋالقى قىسىملېرى خېلى ياخشى چىقتى. ئەمدى ۋەقەلىكنىڭ تازا كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا كەلدى. بۇ فىلىم 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

كىلەر يىلقى فىلىملەرنىڭ سەركىسى يەنىلا مۇشۇ .
پىلانتلار ئارا ئۇرۇش 7 ---星球大战7
پىلانتلار ئارا ئۇرۇش ئېھتىمال تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىش مۇمكىن دىگەن ئىدى. ھەر نىم بولسا يەنە كۆرەلىگۈدەكمىز. يەنە خاررىسۇن فۇت باش رول ئالغۇدەك. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇيۇلىدۇ.


دانتىنىڭ دوزاخ سەپىرى---但丁的地狱
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇيۇلىدۇ. رەسىم بىلەن فىلىم ئىسمى ماس كەلمىگەندەكلا بۇ كىنونى دانتىنىڭ ئىلاھ كۈيىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن دىگەنتى. ماۋۇ رەسىمدە دەن بىروۋننىڭ داۋىنچىنىڭ كودى دىگەن گەپلەر تۇرىدۇ. تام كىرۇس رول ئالغان كىنوكەن چۇقۇم ياخشى چىقتى. تام كىرۇس يىقىندا رول ئالغان 明日边缘 بىلەن 遗落战境 ئىككى فىلىم بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ.

ئالۋاستىلار ئۇرۇشى--魔兽争霸---魔兽世界
ۋار كىرافت ناملىق شۇ ئۇيۇنغا ئاساسەن ئىشلەنگەن فىلىم. بۇ ئۇيۇن يىقىنقى بىر قانچە يىلدا پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تور ئويۇنى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بۇ فىلىم 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇيۇلىدۇ.

گۇمپىچى مۈشۈكئىيىق3--功夫熊猫3
ئىلگىركى ئىككى قىسمىمۇ خېلى قىزىقارلىق ئىشلەنگەن. لېكىن خەنسو خىزمەتداشلېرىم بىز جوڭگولۇقلارنى مازاق قىلغان فىلىمكەن دەپ قاقشاپ يۈرەتتى. مەن قارىسامغۇ ئۇنداقمۇ ئەمەستەك. بەلكىم كۈنۈپ قالغاندىمەن. ئىشقىلىپ بوپقويىدۇ بۇلۇپمۇ كىچىك بالىلارمۇ خېلى ئامراق بۇ كارتونغا.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇيۇلىدۇ.


ئىمكانسىز ۋەزىپە5---碟中谍5
تام كىرۇس باش رول ئالغان. ئىلگىركى تۆت فىلىممۇ بەك ياخشى ئىشلەنگەن. بۇداقىسىمۇ ياخشى چىقتى ھەقىچان. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇيۇلىدىكەن.


ئاكىرا---阿基拉
ئىشقىلىپ كىلەر يىلى يىل ئاخىرى قۇيۇلىدىكەن. ماۋۇ موتو ئاخىرقى فانتازىيە 7-قىسمىدىكى كىلوئۇد مىنىدىغان موتونى ئەسلىتىدىكەن.

مەن ماشنا ئادەم2---我,机器人2
机械公敌 دىگەن فىلىمنىڭ ئىككىنچىسىكەن. ۋېل سىمىس باش رول ئالغان.

مەن بىر رىۋايەت 2---我是传奇2

ئەسەبى ئىپتىدائى ئادەملەر2---疯狂原始人2
ماۋۇ كارتوننىڭ بىرىنچىسى قىزىقارلىق چىققان. ئەمدى ئىككىنچىسى چىققۇدەك.

تىراۋۇس مەگگى---特拉维斯·麦基
لىئوناردو دىكاپرىئو باش رول ئالغان ناھايتى داڭلىق رازۋىدكا رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىمكەن.

كىلەر يىلى قۇيۇلىدىغان فىلىملەردىن يەنە كارىپ دىڭىز قاراقچىلېرى، پىلانتلار ئارا ئىزىپ قىلىش(星际迷航3)، دىڭىز ئاستى دۇنياسى (海底总动员2)، بۇزغۇنچى (无敌破坏王2)، يەتتە ئەزىمەت (豪勇七蛟龙)، تېد (泰迪熊2 ) قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر فىلىملەر بار.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-10 21:32:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە نامى: ئاۋاتار 2
خەنزۇچە نامى: 阿凡达2
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيە/ھەرىكەتلىك/خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى 12 - ئاي (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: كارپ دېڭىز قاراقچىسى 5
خەنزۇچە نامى: 加勒比海盗5:死无对证
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيە/ھەرىكەتلىك/خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى

ئۇيغۇرچە نامى: پلانېتلار ئۇرۇشى 7
خەنزۇچە نامى: 星球大战7
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيە/ھەرىكەتلىك/خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى

ئۇيغۇرچە نامى: ئالۋاستىلار دۇنياسى
خەنزۇچە نامى: 魔兽争霸
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيەلىك/ھەرىكەتلىك/خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: پىرومتى ناملىق ئالەم كېمىسى 2
خەنزۇچە نامى: 普罗米修斯2
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيەلىك/ھەرىكەتلىك/خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2014 - يىلى ياكى 2015 - يىلنىڭ بېشى

ئۇيغۇرچە نامى: ئاخىرلاشتۇرغۇچى 5
خەنزۇچە نامى: 终结者5
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيەلىك/ھەرىكەتلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: تەيدى ئېيىق 2
خەنزۇچە نامى: 泰迪熊2
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: كومىدىيەلىك/ئائىلە
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى (ئامېرىكا)


ئۇيغۇرچە نامى: مۇستەقىللىق كۈنى 2
خەنزۇچە نامى: 独立日2
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيەلىك/ھەرىكەتلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: مەھشەر كۈنىدىكى جەڭ 2: مۇردىلارنىڭ يەرشارىنى قالايمىقان قىلىشى
خەنزۇچە نامى: 末日之战2僵尸全球大乱战
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيەلىك/ئاپەت/خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: دېڭىز ئاستىدىكىلەر 2
خەنزۇچە نامى: 海底总动员2
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: كارتون/فانتازىيەلىك/خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى 12 - ئاي (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش 2
خەنزۇچە نامى: 环太平洋2
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيەلىك/ئۇرۇش/خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: سىرلىق ساندۇق 5
خەنزۇچە نامى: 夺宝奇兵5
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: ھەرىكەتلىك/خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: قاتىلنىڭ ئەقىدىسى
خەنزۇچە نامى: 刺客信条
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: ئۇرۇش/ھەرىكەتلىك/خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: يېڭىلمەس بۇزغۇنچى شاھ 2
خەنزۇچە نامى: 无敌破坏王2
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: كارتون
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: كرۈدلەر 2
خەنزۇچە نامى: 疯狂原始人2
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: كارتون/ھەرىكەتلىك/كومىدىيە
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى  (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: خەتەرلىك پەيتتە 4
خەنزۇچە نامى: 尖峰时刻4
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: كومىدىيە/ھەرىكەتلىك/خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى  (ئامېرىكا)


ئۇيغۇرچە نامى:مۇردىلار ماكانى 2
خەنزۇچە نامى: 僵尸之地2摸爬滚打
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: خەتەرلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى  (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: زېرەكچاقلار 3
خەنزۇچە نامى: 蓝精灵3
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: كارتون
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: يېشىل پالۋان 2
خەنزۇچە نامى: 绿灯侠2
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيە/ھەرىكەتلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: ئۆلۈمىنى كۈتۈش
خەنزۇچە نامى:死侍
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيە/ھەرىكەتلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى  (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: ئاكىرا
خەنزۇچە نامى: 阿基拉
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: ھەرىكەتلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: نۇر ھالقىسى
خەنزۇچە نامى: 光环
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: فانتازىيە/ھەرىكەتلىك
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى  (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: تىن تىننىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى 2
خەنزۇچە نامى: 丁丁历险记2
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: كارتون
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: رەزىلمەننىڭ ئالدىنقى رىۋايىتى
خەنزۇچە نامى: 卑鄙的我外传
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: كارتون
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى  (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچە نامى: ئەيۋېن ۋە چىپار تىيىنلار 4
خەنزۇچە نامى: 艾尔文和花栗鼠4
دۆلىتى: ئامېرىكا
ژانىرى: كارتون
تىلى: ئىنگلىز تىلى
قويۇلۇش ۋاقتى: 2015 - يىلى  (ئامېرىكا)
ۋاقتى: 2014-11-11 10:55:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە . مەن ياخشى كۆرىدىغان كىنو تۈرلىرىكەن ساپلا...
ۋاقتى: 2014-11-11 10:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىنولارنى بەك ياخشى ئىشلەيدۇ جۇمۇ بۇ خەق!
ۋاقتى: 2014-11-11 18:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلەر يىلى فىلىملەرنىڭ داۋامى تۇلۇقلىنىدىغان يىل دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمىگۈدەك
ۋاقتى: 2014-11-13 12:31:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋا تازا نوچى كىنولار چىقامدۇ نىمە......
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-13 22:44:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2015 كىنولىرىنىڭ ئېلانى

http://v.ku6.com/show/Gtwpj2WWJEZ0BTKlRoXy6Q...html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-3-18 07:02 , Processed in 0.156551 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat