- جۇغلانما
- 1805
تىزىملاتقان2014-7-2
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
دەرس ئىشلىگۈچى: sarwan
كومپيۇتېردا يېزىق تەھرىرلەش كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۇقۇم. ھازىر مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىدارە، شىركەتلەردە قەلەم بىلەن خەت يېزىلمايدۇ. بارلىق يازمىچە مەزمۇنلار كومپيۇتېر بىلەن تەييارلىنىدۇ. مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇقلارنى ئېلخەت بىلەن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.
مەن ئىشلەۋاتقان ئورۇن قۇرۇلغىلى 60 يىل بولغان ئورۇن. قىلىدىغان ئىشلار پۈتۈنلەي ئەقلىي ئەمگەك. قۇرۇلغاندىن باشلاپلا خىزمەت قەغەز، قەلەمگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان خىزمەتلەر تەدرىجى كومپيۇتېرغا كۆچتى. ناۋادا تەسسادىپىي توك كىتىپ قالسا پۈتۈن خىزمەت توختايدۇ. ھەتتا خىزمەتچىلەر توك يوق دەپ ئۆيىگە كەتكىلى ئاران تۇرىدۇ.
مەيلى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئىچىدىكى يېشى 50 تىن ئاشقانلار بولسۇن ياكى پىنسىيىگە چىققان 60-70 ياشلىق تەتقىقاتچىلار، تەرجىمانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئىككى بارمىقى بىلەن چوقىلاپ خەت بېسىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. دېمەك قېرىدىن ياشقىچە، ھەرقانداق كەسىپتىكىلەرنىڭ كومپيۇتېردا يېزىق تەھرىرلەشكە ئىھتىياجى چۈشىدىكەن. شۇنداقلا بۇ ئەسىردە بۇنىڭغا مەجبۇر بولىدىكەن. بۇرۇن خەت يازالمايدىغانلارنى ساۋاتسىز دېگەن بولسا ھازىر كومپيۇتېردا خەت يازالمايدىغان، تەھرىرلىيەلمەيدىغانلارنى ساۋاتسىز دېسە بولىدىكەن.
مەن سىنلىق دەرسلىك ئىشلەشنى نىيەت قىلغاندىن باشلاپ بۇنداق بىر يېزىق تەھرىرلەشكە ئائىت دەرسلىك ئىشلەيمەن دەپ ئويلىمىغان. ئاساسلىق يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى ئىشلەيمەن دەپ ئويلىغان. ئەمما تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىش مىنىڭ بۇ دەرسلىكنى ئىشلىشىمگە سەۋەب بولدى.
* ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ نورمال يېزىق تەھرىرلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغانلار كۆپ. مەن بىر قانچە ئىدارە، شىركەتلەردە ئىشلەش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۈتۈن ئوقۇش جەريانىدا خېلى كۆپ كومپيۇتېر مەشغۇلات دەرسلىكىنى ئوقۇسىمۇ، كۆپۈنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىدا كومپيۇتېر بار بولسىمۇ، تاپشۇرۇقلىرىنى كومپيۇتېردا ئىشلىسىمۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى كومپيۇتېردا يازسىمۇ، ئەمما مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە ئەمەلىي خىزمەتتە ئۆز ھۆددىسىدىن چىققۇدەك يېزىق تەھرىرلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالمايدىكەن.
* خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممە خىزمىتى كومپيۇتېردا بولىدۇ. ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى كومپيۇتېردا قىلىدۇ، تەرجىمە ماتېرىياللار ياكى ماقالىلەرنى تەھرىرلەيدۇ، ژورناللارنىڭ بېتىنى ياسايدۇ دېگەندەك. ئەمما Wordتىكى ئادەتتىكى بەزى مەشغۇلاتلارنى قىلالماي مىنى ياردەمگە چاقىرىدۇ. خېلى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزەمنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن.
* دوسلۇرۇمنىڭ ئىچىدە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، قالە يازىدىغانلارمۇ خېلى بار. گەرچە ئۇلار خېلى ئۇزۇندىن بۇيان يازمىلىرىنى كومپيۇتېردا يېزىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ يازمىلىرىنى پەقەت ئۇدۇللۇق يېزىپ ساقلايدىغانلىقىنى، باشقا مەشغۇلاتلارنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، مىنىڭ ئۆزلىرىگە يېزىق تەھرىرلەش مەشغۇلاتىنى ئۆگۈتۈپ قويۇشۇمنى بىر قانچە قېتىم تەلەپ قىلدى. ئەمما مەن ھەر بىر ئادەمگە بىر ئۆگۈتۈپ قويالمىغۇدەكمەن. ئەمما بىر سىنلىق دەرسلىك تەييارلىسام لازىم بولغان جايلىرىنى ئۆزلىرى كۆرىۋالسا بولغۇدەك.
* مەن يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىگە ئائىت كەسپىي دەرسلىكلەرنى سۆزلىسەم ئۆگىنىدىغانلار بىر قەدەر ئاز. ئەمما يېزىق تەھرىرلەشكە ئائىت دەرسلىككە ئىھتىياجلىقلار تېخىمۇ كۆپ ئىكەن. يەنى ھەرقانداق كەسىپتىكى كومپيۇتېر مەشغۇلاتچىلىرى ئۆزىنىڭ كەسپىي دائىرسىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە يېزىق تەھرىرلەشكىمۇ ئىھتىياجى چۈشىدىكەن.
* يېزىق تەھرىرلەشكە ئائىت سىنلىق دەرسلىك بىزدە تېخى بوشلۇق ئىكەن. تورلاردا بۇنداق بىر دەرسلىك يوق ئىكەن. گەرچە خېلى يىللار بۇرۇن بىر قىسىم كومپيۇتېر مەشغۇلات دەرسلىكلىرى(ئۆگۈتۈش يۇمشاق دېتاللىرى) تارقىتىلغان بولسىمۇ ھازىر يوق ئىكەن. ئىشلەتكۈچىلەر لازىم بولغاندا سېتىۋالالمايدىكەن. قىسقىسى ھەقسىز دەرسلىك يوق ئىكەن.
يۇقارقىدەك سەۋەبلەرنىڭ تۈرتكىسىدە 2 ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ دەرسلىكنى ئىشلەپ چىقتىم. دەرسلىك كىرىش سۆز، يېزىق تەھرىرلەش ئاساسلىرى، قىستۇرۇش مەشغۇلاتلىرى، جەدۋەل مەشغۇلاتلىرى، ئۇسلوب، ھۆججەت قۇرۇلمىسى، بەت ئورۇنلاشتۇرۇش، ساقلاش ۋە بېسىش، خاتىمە قاتارلىق بابلارغا بۆلۈنگەن، جەمئى 42 قىسىم. Word تىكى ئاساسلىق، ئادەتتىكى يېزىق تەھرىرلەشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك مەشغۇلاتلار تولۇق سۆزلەنگەن.
بۇ دەرسلىكنى قانداق ئۆگۈنىمەن؟
* Word تا يېزىق تەھرىرلەشنى بىر قەدەر ئەتراپلىق ئۆگەنمەكچى بولغانلار دەرسلىكنى تولۇق بىر قېتىم كۆرىۋەتسە ياخشى.
* ئادەتتە كومپيۇتېردا يېزىق تەھرىرلەيدىغانلار ئۆزى ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى دەرسلىكنىڭ ماس بۆلىكىدىن تېپىپ شۇنىلا كۆرۇپ مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەتسە بولىدۇ. مەسىلەن: ئىزاھات قىستۇرۇش، مۇندەرىجە ھاسىل قىلىش… دېگەندەك.
* مەيلى دەرسلىكنى باشتىن ئاخىر تولۇق كۆرۈڭ ياكى تاللاپ كۆرۈڭ چوقۇم مەشغۇلات قىلىڭ. كومپيۇتېر مەشغۇلاتى كۆرۈپلا ئەستە تۇتىۋالسا بولىدىغان نەرسە ئەمەس. چوقۇم ئۇنى مەشىق قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ تەجىربىسىگە ئايلاندۇرۋىلىڭ.
بۇ دەرسلىكنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن قانداق شارائىتلارنى ھازىرلىشىم كېرەك؟
ئاددىي بولغان كومپيۇتېر مەشغۇلاتلىرىنى بىلىشىڭىز كېرەك. جۈملىدىن مائۇس ئىشلىتىش، كونۇپكا تاختىسى ئىشلىتىش، پىروگراممىلارنى ئېچىش- تاقاش… قاتارلىق.
بۇ دەرسلىك ئۇيغۇرچە Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسىدا، ئۇيغۇرچە Microsoft Word 2013 تە سۆزلەندى. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كومپيۇتېرىغا ئۇيغۇرچە Microsoft Word 2013 قاچىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
Microsoft word نىڭ Windows,Mac مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىكى نەشىرلىرى ئاساسەن ئوخشاش. سىز ئۆگۈنۈپ بولغاندىن كىيىن ھەرقانداق نۇسخىدىكى، ھەرقانداق تىلدىكى نەشرىنى ئىشلىتەلەيسىز.
بۇ دەرسلىكنى قانداق چۈشۈرىمەن؟
بۇ دەرسلىك Bittorrent Sync يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ھەمبەھىرلەندى. سىز ئالدى بىلەن كومپيۇتېرىڭىزغا Bittorrent Sync يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاپ دەرسلىك چۈشۈرۈش بېتىدىكى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى بېسىپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
بۇ دەرسلىكنى قانداق كۆرىمەن؟
بۇ دەرسلىكنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى تەمىنلىنىش بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچىدىكى سىن ھەمبەھىرلەش تورى Youku تورىغىمۇ چىقىرىلدى. Youku تورىدىن بىۋاستە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما ئىنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن. شۇڭا توردىن بىۋاستە كۆرۈش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.
چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن سىن ھۆججەتلىرى MP4 فورماتىدا تەييارلانغان. Windows, Mac, Linux, Android, iOS ھەر قانداق مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى سىن قويغۇچلار قويالايدۇ. ئۆزىڭىز ياخشىراق دەپ قارىغان ياكى دائىم ئىشلىتىدىغان سىن قويغۇچ بىلەن قويۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
سىنلار 720P ئىنقلىقتا(1280×720) تەييارلانغان. شۇڭا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىكران ئىنىقلىقى 1280×720 ياكى بۇنىڭدىن يۇقۇرى بولىشى كېرەك. كومپيۇتېردىن باشقا iPad ياكى باشقا تاختا كومپيۇتېرلاردا كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ. ئەمما يانفوندا كۆرۈش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.
بۇ دەرسلىك ھەقسىزمۇ؟
دەرسلىك پۈتۈنلەي ھەقسىز. مەنبەسى ۋە ئاپتورىنى ئەسكەرتكەن ھالدا خالىغانچە پايدىلىنىشقا، باشقىلارغا كۆچۈرۈپ بىرىشكە، تارقىتىشقا بولىدۇ. ئەمما سېتىشقا، سودا خاراكتىرىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
بۇ دەرسلىكنىڭ خىزمىتىڭلار ياكى ئۆگۈنىشىڭلارغا ئازراق ياردىمى تەگسە مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خوشال.
دەرسلىك چۈشۈرۈش بېتى: http://www.elierkin.com/blog/tutorial/
پىر- تەكلىپ، ئىنكاسلار بولسا بىلوگدىكى ئەسلى ئادرىسقا قالدۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
|
|