ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 925|ئىنكاس: 12

SIE تور كۆرگۈچ ئۇيغۇرچىلاشتى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۇ دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويۇپ تورغا يوللايمەن يۈرگىلى نەۋاخ، لېكىن مۇشۇ كەمگە قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولۇمنىڭ ئۇچىدا تېما يېزىشنى خالاپ كەتمىگەچكە ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم، ئەيىبكە بۇيرىماڭلار.
دېتال ئىسمى: SIE تور كۆرگۈچ(ئىلىم-پەن تور كۆرگۈچ)   Science Internet Explorer
چۈشەندۈرۈش: ئىلگىرى تور يۈزىدە ماتېماتىكا سوئالى ئىشلەيدىغان بولۇپ قېلىپ، سوئال بار تور بەتنى ئاچساق بەزى فورمۇلا ۋە ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەر نورمال كۆرۈنمىگەن ئىدى. نەچچە تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرساقمۇ ئوخشاش، كېيىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز مۇشۇ تور كۆرگۈچنى تەۋسىيە قىلغان. يېقىندا يەنە ئىشلەتمەكچى بولۇپ قېلىپ، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بولۇپ قارىسام تىل ھۆججىتى ئوچۇقكەن، يۇنىكود قوللايدىكەن، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم.
تىلى: ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە
نەشرى: 1.0.3.3
ئىجرا مۇھىتى: ئىگە تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشقان چۈشۈرۈش ئادرېسلىرىدا Win9X Win2000 WinXP Win2003 Vista Win7 دەپتۇ. مەن  win7 64bit تا سىناپ باقتىم.
ھالىتى: 32&64 بىت
ئىقتىدارى: ئادەتتىكى IE تور كۆرگۈچ بىلەن كۆپ پەرقى يوق تور كۆرگۈچ. ئاساسلىقى توردا تەبئىي پەن سوئاللىرىنى ئىشلىگەندە فورمۇلا ۋە ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى نورمال كۆرسىتىشتەك ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى بار. سىغىمى كىچىك، ئەپچىل دېتال.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى: ئاۋۋال دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. ئېكراندا IE تور كۆرگۈچنىڭ سىنبەلگىسىگە ئوخشايدىغان سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.

دېتالنى قوزغىتىمىز، ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجىكىدە خەنزۇچە يېڭىلاش ئەسكەرتىشى چىقىدۇ (تورغا ئۇلانغان ھالەتتە). يېڭىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى سىزگە تور كۆرگۈچنىڭ مۇھىم قىستۇرمىسىدىن ئىككىنى چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. يېڭىلىنىپ بولغاندا دېتال قايتا ئېچىلىدۇ. ئەمدى دىققەت قىلىڭ. دېتالدىن چېكىنىپ دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىنى ئاچىسىز. مەن دېتال بىلەن تەمىنلىگەن تىل ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپ دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى language ناملىق قىسقۇچ ئىچىگە كۆچۈرىمىز، بۇ چاغدا «بۇ ھۆججەت بار، ئالماشتۇرامسىز؟» دەپ ئەسكەرتىدۇ، ھەئە دەپ ئالماشتۇرۇۋېتىڭ. ئەمدى ئېكرانغا قايتىپ دېتالنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر تىلى ئىنگلىزچە بولۇپ قالغان بولسا ئۈستىدىكى تەڭشەك بەلگىسىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن Language نى تاللاپ، ئاندىن Chinese نى تاللىسىڭىز ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە، ئىشلىتىش ئۇنچە تەس بولمىغاچقا تەپسىلىي چۈشەندۈرمىدىم.


تەڭشەكتىن بىر قىسىم تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

يەنە دېتال ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىڭىز كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

mathQ نومۇرىڭىز بولسا دېتالغا تىزىملىتىپ كىرىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

تەڭشەكنىڭ يېنىدىكى ساقلانما تىزىملىكىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تور بەتلەرنى ساقلىۋالغىلى ۋە ساقلانمىلارنى تەھرىرلىگىلى، ئۆچۈرگىلى بولىدۇ.

ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىدىكى بىر قىسىم قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى ئۆزۈڭلار بىر-بىرلەپ ئىشلىتىپ باقارسىلەر

سىغىمى: دېتال ۋە تىل ھۆججىتى بىلەن 4.17mb
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
链接: http://pan.baidu.com/s/1gdrc5BP 密码: br8p
https://kanbox.com/f/9K0e
http://mail.sina.com.cn/netdisk/download.php?id=c8751d1fba59bc1a3d157a07c245af2553

قايسى ئادرېستىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
تەشەككۈر: مەزكۇر دېتالنىڭ تەرجىمىسىگە پىكىر-تەكلىپ بەرگەن كۈلكە(يۈسۈپجان تۇرسۇن) ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-11-6 10:57:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dostingiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 11:18  

ياقتۇردۇم، يەڭگىل ھەم پاكىز ئىكەن. تىل ھۆججىتىنى ئىگە تەرەپكە يوللاپ بەرسىڭىز بولغۇدەك. Science IE 1.0.3.2 til boliqi.rar (2.45 KB, چۈشۈرۈش سانى: 369)

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2014-11-15 13:36
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-6 11:24:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dostingiz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 10:57
ياقتۇردۇم، يەڭگىل ھەم پاكىز ئىكەن. تىل ھۆججىتىنى ئىگە  ...

ئىگە تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشتىم ۋە تىل ھۆججىتىنى يوللاپ بەردىم، ئۇلار تېخنىك خادىملارغا يوللاپ بەرگەنلىكىنى، ئۇلار ماقۇل كۆرسە كېيىن قوشۇپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ماڭىمۇ تەشەككۈر ئېيتىشىپ كەتتى.
ۋاقتى: 2014-11-6 11:37:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 11:24
ئىگە تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشتىم ۋە تىل ھۆججىتىنى يوللا ...

ياخشى بوپتۇ، ULY چىسىنىمۇ يوللىۋەتسىڭىز قانداق بولا؟ FormatFactory مۇ شۇنداق.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-6 12:05:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dostingiz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 11:37
ياخشى بوپتۇ، ULY چىسىنىمۇ يوللىۋەتسىڭىز قانداق بولا؟ Fo ...

ئاۋۋال ئىگە تەرەپ جاۋاب قايتۇرسۇن، قوشۇلسا ئۇنىمۇ قىلىپ قويارمەن.
ۋاقتى: 2014-11-6 14:26:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتتى ياخشى بوپتۇ !
داۋاملىق قوللايمىز !!!
تىرىشىڭ !!!
ۋاقتى: 2014-11-11 11:01:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاۋباۋ Mozilla Firefox تا ئېچىلماپتى، مۇشۇ تور كۆرگۈچتە ئاچسام ئېچىلدى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-11 15:13:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dostingiz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 11:01
تاۋباۋ Mozilla Firefox تا ئېچىلماپتى، مۇشۇ تور كۆرگۈچتە ئاچسا ...

سىزگە بولسىمۇ پايدىسى تېگىپتۇ دە
ۋاقتى: 2014-11-15 13:35:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم، ئۆزى يەڭگىل ئىكەن. ئېلان توسۇش ئىقتىدارىمۇ باركەن تېخى.
ۋاقتى: 2014-11-25 11:28:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ نەشرىنى كۆتۈرسەم  Science IE 1.0.3.3 ئۇيغۇرچە تىل ھالىتى ئۆزگەرمىدى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-25 14:49:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dostingiz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 11:28
بۇنىڭ نەشرىنى كۆتۈرسەم  Science IE 1.0.3.3 ئۇيغۇرچە تىل ھالىتى  ...

بولىدىكەنغۇ ئەمىسە، ئىگە تەرەپ جىمجىت، تېخنىك خادىملارغا بەرگەن تىل ھۆججىتىنى دەپ يۈرىدۇ
ۋاقتى: 2014-11-26 10:29:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-27 23:20 , Processed in 0.238049 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat