- جۇغلانما
- 977
تىزىملاتقان2014-6-28
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
ئەرقالنىڭ ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىشتىكى ئۆلچەملىرى
بىرىنچى: ئادىمىيلىك سەمىمىيلىك ئاساسدا، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ئىككىنچى: مەسىلە ھەل قىلىش قابىلىيىتى مۇستەقىل ۋە كوللېكتىپ ھالەتتىكى ئانالىز قىلىش ۋە مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچى: كەسپىي قابىلىيەت خىزمەت تەجرىبىسى بارلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ، ئەمما خىزمەت تەجرىبىسى يوقلارغىمۇ پۇرسەت بېرىلىدۇ، ئوقۇش تارىخى ۋە كەسپىگە چەكلىمە قويۇلمايدۇ. باشقىلار: مىللىتى، جىنسى، يېشى، چەكلەنمەيدۇ. ئەرقالنىڭ ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنى IT: ئەرقال ئۇچۇر تېخنىكىسى پروگراممىر(JS+HTML+CSS, iOS, Android, PHP)، يۇمشاق دېتال سىناش خادىمى، تەكشىلىكتە لايىھەلىگۈچى، يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچى، تۈر باشقۇرغۇچى، ماركېتىڭ خادىمى، ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرغۇچى تاراتقۇ : ئەرقال ئىقتىساد تاراتقۇسى مۇخبىر ، تەھرىر، تەرجىمان، ماركېتىڭ خادىمى، تۈر باشقۇرغۇچى، مالىيە خادىمى، ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرغۇچى ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى: ماركېتىڭ خادىمى، تەكشىلىكتە لايىھەلىگۈچى، ئارقا سەپ مۇلازىمەتچىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرغۇچى ئەرقال كاپىتالى: مەبلەغچىلىك دىرېكتورى، مەبلەغچىلىك ئانالىزچىسى، ماركېتىڭ باش نازارەتچىسى، مالىيە خادىمى ئەرقال كوللېكتىپىنىڭ خىزمەت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلىشى 6:00—7:00 ئەرقال كۇتۇپخانىسىدا كىتاب- ماتېرىيال كۆرۈش ۋاقتى) ئىختىيارىي( 7:00—8:00 ئەرقال يىغىن زالىدا مۇزاكىرە ۋاقتى )ئىختىيارىي( 8:00—12:00 چۈشتىن بۇرۇنلۇق خىزمەت ۋاقتى 12:00—2:00 چۈشلۈك ئارام 2:00—5:00 چۈشتىن كېيىنلىك خىزمەت ۋاقتى 5:00—6:00 ئەرقال چېنىقىش زالىدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋاقتى )ئىختىيارىي( ھەپتىدە خىزمەت ۋاقتى بەش يېرىم كۈن، شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن كوللېكتىپ تەرەققىيات كۈنى )ھەرخىل پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، پائالىيەتكە قاتنىشىش ئىختىيارىي، (دەم ئېلىش كۈنىنى خىزمىتىگە تەسىر يەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، خالىغان كۈنگە ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. خەلقئارا تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى -5قەۋەت contact@erqal.com www.erqal.com 0991-2887000 |
|