ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم سەينادىكى ئەزىز تورداشلار!
ئەلدىن ئەلگە نەپ دەپتىكەن ، بۈگۈن دوستلارغا يەنە بىر لازىملىق كود ئېلىپ كەلدىم .
بۇ ئۇسۇلدا ئاساسلىق JS بىلەن پەرىقلەندۈرىدۇ .
ئەڭ ئاۋۋال بىز M.js ھۆججىتىنى بوشلۇقتىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يوللايمىز . ( مەسىلەن : js/m.js ) بوشلۇق مۇندەرىجىسىدىكى JS ناملىق قىسقۇچنىڭ ئىچىگە .
ئادەتتە JS ھۆججەتلىرى مۇشۇ قىسقۇچ ئىچىدە بولىدۇ ئەمەسمۇ .
كېيىنكى قەدەمدە ، بىز ماۋۇ كودنى باش بەتنىڭ ئىچىگە ، ياكى header.html ياكى top.html , header.php top.asp ، index.html , index.asp دېگەندەك قايسى باش بېتىڭىز بولسا شۇنىڭ ئىچىگە قوشىسىز .
كود مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
تەھلىل :
js/m.js بولسا بايا مەن دېگەن js ھۆججىتى شۇ ، يولى چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك . ئاستىدىكى http://intil.biz/m بولسا دەل ئابونت يانفوندا زىيارەت قىلغاندا ئالمىشىدىغان ئادرېس شۇ ، بۇ يەرنى ئۆزىڭىزنىڭ يانفون بەت ئادىرسىڭىزغا ئالماشتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ .
گەرچە كود ئاددىي بولسىمۇ ، كۆپلىگەن تورداشلارغا لازىم بولىدۇ دەپ ئويلايمەن . ( ئۆزۈممۇ ئىلگىرى مۇشۇ مەسىلىگە يولۇققان ئەمەسمۇ )
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن .
M.js نى چۈشۈرۈش ئادىرسى : چۈشۈرۈش |