ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم سەينادىكى ئەزىزلەر!
گەپنىڭ قىسقىسىغا كەلسەك ، ئېلىپ كەلگەن بەت سېستىمام بولسا :
1. خەۋەر بەت ؛
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى :
خەۋەرنى سىز بىردىن بىردىن قوشۇپ ئاۋارە بولۇشىڭىز ھاجەتسىز . ھەممە خەۋەرنى ئۆزلۈكىدىن يىغىپ كېلىدۇ. بەت ئېچىپ باشقۇرۇشقا ۋاقتى يەتمىگەن بېكەت باشلىقلىرىغا ماس كېلىدۇ.
يانفون بېتى بار بولۇپ ، ئارقا بەتتىن قوشۇلغان مەزمۇنلار ماس ھالدا يانفون بېتىدىمۇ نورمال كۆرۈنىدۇ .
يانفون بېتىنىڭ ئۈندىداردا ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى بار بولۇپ ، سىزگە يەنە كۆپلىگەن IP ئېلىپ كېلەلەيدۇ .
بەت يۈزى پاكىز ، بىرقۇرمۇ ئارتۇق كود يوق ، SEO ياخشى ئوينالغان ، ئىزدەش ماتورى تېزلا ئىزدەپ تاپالايدۇ .
بەتنى ASP كەن دەپ ئېسىلىۋالماڭ ، بىزگە لازىمى ئىقتىدار ئەمەسمۇ ؟ ئاق مۇشۇك قارا مۇشۇك چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك دەپتىكەن . ئابونىت سىزنىڭ بېتىڭىزگە كىرىپ ،
بېتىڭىزنىڭ ASP ياكى PHP لىكىگە قارىمايدۇ ، ئابونت بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا بېتىڭىزنىڭ كۆركەملىكى ، بېتىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپ ئازلىقى ۋەھاكازالار. . .
PC بەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى :
يانفون بېتىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:
كۆرۈش ئادىرسى : بۇ يەرنى بېسىڭ
2. ئۇلىنىش بەت ؛
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
بەت يۈزى كۆركەم ، بەتنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە ئارقا بەتتىن باشقۇرالايسىز .
يانفون بېتى بار بولۇپ ، يانفۇندىمۇ نورمال زىيارەت قىلالايدۇ .
ھەممە ئىقتىدارى تولۇق ، توردا ئېقىپ يۈرگەن ئەخلەت بەتلەردىن ئەمەس .
ئېچىلىش سۆرىتى تېز ئارتۇقچە كودلار يوق.
PC بەت كۆرۈنمە يۈزى:
يانفون بەت كۆرۈنمە يۈزى:
كۆرۈش ئادىرسى : بۇ يەرنى بېسىڭ
3. MTV بەت سىستېمىسى ؛
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى :
بەت يۈزى كۆركەم ، ئارتۇق كود يوق ، HTML5 , CSS3 قوللىنىلغان .
يانفون بېتى بار ، يانفون بېتىدىكى MTV لارنى ئۈندىداردا ھەمبەھىرلەشكە بولىدۇ .
PC بەت كۆرۈنمە يۈزى :
يانفون بەت كۆرۈنمە يۈزى:
كۆرۈش ئادىرسى : بۇ يەرنى بېسىڭ
لازىم بولسا تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ ، سىزگە يارايدۇ دەپ ئويلايمەن . يەنە بىرقانچە بەتلەر بار ئىدى . ھەممىنى يوللاي دېسەم خىجىل بولدۇم .
ياخشى پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر ، تەنقىدىي پىكىرلەر بولسا كەچۈرۈڭلار ئاڭلىمايلا قوياي . . .
بەتكە تولۇقلاپ ئىقتىدار قوشىدىغان ئىش بولسا قوشۇپ بېرىمەن . (بەتنى سېتىۋالسىڭىز )
باھاسىغا كەلسەك باھا 300 كويدىن يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدۇ ، ئەمما سانى چەكلىك ( بەتنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى خالىمايمەن)
ھەقىقىي ئېلىش نىيىتىڭىز بولسا ئايرىم ئۇچۇر قىلىڭ .
ئەڭ ئاخىرىدا ، جاپاكەش باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئېغىر كۆرمەي تېمامنى تەستىقلاپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن . |