ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 848|ئىنكاس: 0

ئامىرىكا دوللىرى نىمىشقا بۇنچە يامان داۋامى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-28 20:28:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئامىرىكا دوللىرى ۋە دوللار كۆرسەتكۈچى :

ھەر قايسى دۆلەتلەر قەغەز پۇل ئىشلەتكەندىن كېيىن پىرىۋوت نىسبىتى بارلىققا كەلدى ، ھەم پىرىۋوت نىسبىتىنى مۇقىم قىلدى ، بۇنداق قىلىش بۇرۇن دۇنياغا ناھايتى ياخشى بولغان گۈللىنىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن ، ئەمما يەنە شۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا دۇنيا سودىسىنىڭ گۈللىنىشى ھەم ئىقتىسادى كىرزىسلارنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشى مۇقىم پىرىۋوت نىسبىتىنىڭ كۆپلىگەن يىتەرسىزلىكىنى ئاشكارلىدى ، شۇ سەۋەپدىن يەنە شۇ ئامىرىكا مۇقىم پىرىۋوت نىسبىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۆزگىرىشچان پىرىۋوت نىسبىتىنى قوللاندى ( مۇقىم پىرىۋوت نىسبىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۆزگىرىشچان پىرىۋوت نىسبىتىنى قوللىنىش كىلىشىنامىسى بار ، كىلىشىم ئىسمىنى ئېسىمگە كەلتۈرۈپ بولالمىدىم ) .

مۇقىم پىرىۋوت نىسبىتىنىڭ ھىم پايدىلىق زىيانلىق تەرەپلىرى بار ، پىرىۋوت نىسبىتى مۇقىم بولسا ، خەتەر ئاز ، مەبلەغ كىرگۈزۇپ چىقىرىشتا خەتەر يوق ، خەلقئارالىق ھىساپ ئاددى ، ئۇچۇق بولىدۇ ، ئىمپورت - ئىكىسپورتتا مال باھاسى مۇقىم بولىدۇ ، تاشقى پىرىۋوت ھايانكەشلىك قىلمىشى بولمايدۇ ۋە باشقا دىگەندەك . كەمچىللىكى بولسا تاشقى پىرىۋوتتىن پايدىلىنىش ئۆنۈمدارلىقى تۆۋەن ، سودىدىكى بازار تەڭشەش رولى تۆۋەن ، دۆلەت ئىچىدىكى كىچىك داۋالغۇشمۇ دۆلەت ئىقتىسادىغا چوڭ تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ .

ئۆزگىرىشچان پىرىۋوت نىسبىتىنىڭمۇ پايدىلىق زىيانلىق تەرەپلىرى بار ، پىرىۋوت نىسبىتى ئۆزگىرىشچان بولسا ، خەتەر كۆپ ، خەلقىئارالىق ھېساپ بوغۇشتا چىقىم كۆپ بولىدۇ ، تاشقى پىرىۋوت بازىرىدا ھايانكەشلەر كۆپ بولىدۇ ۋە باشقىلار . ئارتۇقچىلىقى بولسا ، تاشقى پىرىۋوت زاپىسىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ ، ئاكتىپ پاسسىپ بالانىسلارنى تەڭشەشتە بازارنىڭ رولى چوڭ بولىدۇ ، دۆلەت ئىچىدىكى كىرزىسلارنى ھەل قىلىش ئاسان يەنى خەلقىئارانىڭ يەردىمىدە بولىدۇ .

مۇقىم پىرىۋوت بىلەن ئۆزگىرىشچان پىرىۋوتنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا بىرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى يەنە بىرسىنىڭ كەمچىللىكى ، بىرسىنىڭ كەمچىللىكى يەنە بىرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى .

مەن مۇتلەق ئۆزگىرىشچان پىرىۋوت نىسبىتىنى قوللىغۇچى ، ئەگەردە ئۆزگىرىشچان پىرىۋوت نىسبىتى قوللانمىغان بولسا بىز مەبلەغ سېلىۋاتقان تاشقى پىرىۋوت بازىرى بولمىغان بولاتتى ، خەلقىئارا ئوتتىرىسىدىكى مەبلەغ پايدىلىنىش ئۆنۈمى بۇنچە يۇقىرى بولمىغان بولاتتى .

ئامىرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى بولسا ئامىرىكا دوللىرىنىڭ بىر سېۋەت پۇلغا بولغان پىرىۋوت ئايرىۋاش نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى دوللار كۆرسەتكۈچى بولسا ئامىرىكا دوللىرىنىڭ ياۋرۇ ، ياپۇن يىنى ، فونىستېرلىڭ ، كانادا دوللىرى ، شىۋىتسىيە پۇلى ، شىۋىتسارىيە پۇلىغا بولغان پىرىۋوت ئايرىۋاش نىسبىتى كۆرسىتىدۇ ، ئەمدى ھازىر باشقىلار بەزى ۋاقىتتا ئامىرىكا دوللىرىنىڭ يىگىرمە نەچچە خىل پۇلغا بولغان پىرىۋوت ئايرىۋاش نىسبىتىدىكى ئامىرىكا دوللار كۆرسەتكۈچىنى قوللىنىدۇ ، بىز ئاساسلىق قوللىنىدىغىنىمىز يەنىلام بېشىدىكى ئالتە خىل پۇلغا بولغان پىرىۋوت ئايرىۋاش نىسبىتىدۇر .

ئەڭ دەسلەپتە دوللارنىڭ ئالتە خىل پۇلغا بولغان نىسبىتى يەنى دوللار كۆرسەتكۈچى 100 بولغان ، بۇ قىممەت تارىختا 165 گە چىققان ، ھەم 75 نىڭ ئاستىغىما چۈشۈپ باقتى ، ھازىر 85 ئەتراپىدا ئايلىنۋاتىدۇ . دوللار كۆرسەتكۈچىنى بىر پۇتۈن قارىساق دوللار بىلەن ئالتە خىل پۇلنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى 50 پىرسەنتتىن بولىدۇ . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكى دوللارنىڭ خەلقىئارا سودىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ، ئەمدى ئالتە خىل پۇلنى بىر پۇتۇن گەۋدە دەپ قارىساق ياكى بىر نىسبەت دەپ قارىساق ئۇنداقتا ھەر قايسى پۇللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش نىسبىتى ياۋرۇنىڭ 57.6 ، ياپۇن يىنى 13.6 ، فونىستىرلىڭ 11.9 ، كانادا پۇلى 9.1 ، شىۋىتسىيە پۇلى 4.2 ، شىۋىتسارىيە پۇلى 3.6 ، نىسبەتتە بولىدۇ ، بۇ ئەڭ دەسلەپكى قىممىەت ھازىر بەلكىم ئازراق ئۆزگىرىش بولغان بولىشى مۇمكىن ، ئەمما شۇ قىممەتلەردىن جىق پەرىقلەنمەيدۇ ياكى پەرقى يوق دىيەرلىك .

يۇقىرقى قىممەتلەردىن شۇنى كۆرگىلى بولىدىكى دوللار كۈچىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ، ھەم شۇنى بايقايمىزكى دوللار كۆرسەتكۈچىنى بەلگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى بىۋاستە دۇنيا سودىسىغا ، تاۋار باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .

دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆزگىرىشى نۇرغۇن تاۋارلار بىلەن ئۆزگىرىش ئوڭ تاناسىپ ، ياكى تەتۈر تاناسىپ تۈزىدۇ ، ئەمدى بۇنى سىز مۇتلەق مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ قارىۋالسىڭىز بولمايدۇ ، بەزىدە ئوڭ تاناسىپ تۈزىدىغان قانۇنىيەت تەتۈر تاناسىپ تۈزىشى مۇمكىن ۋە ياكى تۈزمەسلىكى مۇمكىن ، پەقەت مۇشۇنداق رەڭگارەڭ ، قانۇنىيەتلىك ، قانۇنىيەتسىز بولغاندىلا ئاندىن بازار سىز بىزنى قىزىقتۇرالايدۇ ، جەلىپ قىلالايدۇ ، ھاياجانغا سالالايدۇ . مۇتلەق قانۇنىيەتنىڭ كىمدە بولىدىغانلىقىنى كۆپچىلىك بۈلىدۇ ، شۇڭا بازار ئۆزگىرىشىنى قېلىپلاشتۇرۋېلىش توغرا ئۇسۇل ئەمەس .

تۆۋەندە بىز دوللار كۆرسەتكۈچى بىلەن تاۋار ئوتتىرىسىدىكى بەزى بىر ئاساسەن مۇقىم بولغان قانۇنىيەتلەرنى كۆرەيلى .

دوللار كۆرسەتكۈچى ئامىرىكا ئىقتىسادى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ ، ئىقتىساد ئۆسۈم بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ .

دوللار كۆرسەتكۈچى بىلەن تاۋار باھا ئۆزگىرىشىنىڭ مۇناسىۋىتى : باياتىن دىگەندەك نۇرغۇن تاۋارلار دوللار ئارقىلىق باھا سۇندۇرلۇپ ئېلىپ سېتىلىدۇ ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭ تاۋارلار باھاسى بىلەن دوللار كۆرسەتكۈچى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ ، ئەمدى دوللار كۆرسەتكۈچى بىلەن ئامىرىكا ئەمىلى ئۆسۈم نىسبىتى ( ئامىرىكا زاپاس پۇل كوممىتى چىقارغان ئۆسۈم نىسبىتىدىن پۇل پاخالچىلىق نىسبىتىنى ئېلىۋەتكەندىكى ئۆسۈم نىسبىتى ) ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ ، يەنى ئەمىلى ئۆسۈم قانچە يۇقىرى بولسا دوللار كۆرسەتكۈچى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ ، ئەمىلى ئۆسۈم نىسبىتى قانچە تۆۋەن بولسا دوللار كۆرسەتكۈچى شۇنچە كىچىك بولىدۇ . دوللار كۆرسەتكۈچى مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئامىرىكا پايچىكلىرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ، دۆلەت زايۇمى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ دىسەكمۇ بولىدۇ ، ئەمما بۇما ئۆسۈمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئېيتىلغان . مەسىلەن دۆلەت زايۇمىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىدىن پۇل پاخالچىلىق نىسبىتىنى چىقارغاندىن كېيىنكى نىسبىتى ئەمىلى ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن پەرق قانچە چوڭ بولسا (ئەمىلى ئۆسۈمدىن شۇنچە چوڭ بولسا ) زايۇمنىڭ پايدىسى شۇنچە ياخشى بولىدۇ ، كىشىلەر زايۇمنى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ ، بۇ چاغدا دوللار كۆرسەتكۈچى نىسبەتەن ئاجىز ياكى چۈشۈش يۆنىلىشىدە بولىدۇ ، تەتۈرى تەتۈر يۆنىلىشتە بولىدۇ .

دوللار كۆرسەتكۈچىگە يەنە ياۋرۇپا ئىقتىسادى ، ياپۇن ئىقتىسادىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ، دوللار كۆرسەتكۈچى بولسا ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەمىلى ئىقتىسادى ئۆزگىرىش بىلەن بەك قويۇق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ . ( ئامىرىكا دوللىرى دىگەننى دوللار دەپلا يازدىم ) .

ئامىرىكا دوللىرى ۋە ئامىرىكا ئىقتىسادى :

ھەر قانداق بىر كۈچلۈك ئىقتىسادى بولغان دۆلەت ئارقىسىدا كۈچلۈك بولغان سانائەت كۈچى بولىدۇ ، كۈچلۈك سانائەت كۈچلۈك ئىقتىسادقا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، ئامىرىكا سانائىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلىشىدا نۇرغۇن ئامىللار بار ، مەسىلەن مائارىپ تۈزۈلمىسى ، سىياسەت تۈزۈلمىسى ، دۇنيا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىسى دىگەندەك ، كۈچلۈك ياساش كۈچى ئامىرىكىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا دۆلىتىگە ئايلاندۇردى ( بۇ يىل دۆلىتىمىز ئامىرىكىدىن ئېشىپ ئەڭ چوڭ سودا دۆلىتى بولدى ) ، ئامىرىكا پۈتۈن دۇنيادىن خام ئەشيا كىرگۈزىدۇ ، ھەم پۈتۈن دۇنياغا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدۇ ، بۇ ھال يالغۇز ئامىرىكىلا ئەمەس پۇتۈن دۇنيانى مەنپەئەتلىنۋاتىدۇ ، بۇ سودىلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە ئامىرىكا دوللىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .

ئامىرىكا ساياھەتچىلىرىنىڭ پۇتۇن دۇنياغا تارقىلىشى بىر ھىساپتا دوللارنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىغا ئوخشاش ، نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇشۇ ساياھەتچىلەرگە تايىنىپ دۆلەت چىقىمىنى قامدايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپ ساياھەتچىلەر ئۈچۈن قولايلىق سىياسەتلەرنى چىقىرىدۇ ، مەسىلەن دوللارنى بىۋاستە شۇ دۆلەتتە ئوبرورت قىلىشقا يول قويۇش دىگەندەك . دۇنيادىن ئامىرىكىغا بېرىپ ئىشلەش جان باقىدىغانلارمۇ كۇرمۇڭ ، ئۇلارنىڭ ئېلىپ قايتىدىغىنى بولسا يەنە شۇ ئامىرىكا دوللىرى .

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى مۇشۇلاردىن سىرىت دوللارنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرىشىدىكى مۇھىم ئامىلنىڭ بىرسى ئامىرىكا جەمئىيىتىنىڭ سىڭدۇرىشچانلىقى ، يەنى قايسى ئېرق ، دىن ، مىللەت بولسۇن ناھايتى تىزلا ئامىرىكا جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئاينىلالايدۇ ، گەرچە بۇ نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسۇن بۈگۈنكى دۇنيادا ھىچقانداق دۆلەت ياكى رايۇندا بۇ خىل ئالاھىدىلىك يوق بولسىمۇ ئاجىز ھالەتتە . ئالدىنقى ئامىللارنى قاتتىق كۈچ دىسەك ئېنىقكى ئامىرىكا جەمئىيىتىنىڭ سىڭدۇرىشچانلىقى يۇمشاق كۈچ ھىساپلىنىدۇ ، بۇنىڭ رولى دوللارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ساقلاشتا كۆرۈمسىز ھالەتتە چوڭ تېرەك بولاۋاتىدۇ دەپ قارايمە .

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم دوللارنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنى ئىرىشىشكە تىگىشلىك ھەققى ، گەرچە نەپكە ئىرىشىشتە بىز ئەمگەككە تايىنىىپ قىممەت يارىتىۋاتقان ، ئۇلار ماشىنىدا پۇل بېسىپ قىممەت يارىتىۋاتقان بولسىمۇ ، دۇنيادا مۇشۇنداق بىرلىككە كەلگەن پۇلنىڭ بولىشى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىسىغا پايدىلىق ، ئەلۋەتتە ئامىرىكىلىقلار بىزدىن بەكراق تىرىشىدۇ ، ئەمگەك ئارقىلىق قىممەت يارىتىدۇ ، بىراق ئۇلاردا پۇل بېسىپ قىممەت يارىتىش ئىقتىدار بار ، ئۇندىن بۆلەك ھىچقانداق دۆلەت بۇنداق تەمىناتتىن بەھرىمان بولالمايدۇ .

ئىقتىسادى ھادىسىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بەك مۇرەپكەپ ، كۆپ خىل ئامىلدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ ، شۇڭا تەھلىل ئېلىپ بارغاندا ئامال بار جىق نەرسىلەردىن پايدىلىنىڭ ، ھەم مەلۇم بىر قانۇنىيەتنى ئاساس قىلىۋالماڭ ، بۈگۈن ئاساسلىق ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلغان ئامىل كىيىنكى قېتىم ھىچقانداق رولى بولماسلىقى مۇمكىن .

بىلىدىغانلىرىمنىڭ چەكلىك بولغانلىقىدىن ھەم ۋاقىت سەۋەبىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەپسىلى سۆزلەشكە بولماي قالدى ، بەزى مەزمۇنلار خاتا ياكى مۈجىمەل بوپ قالغان بولسا تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمە .

بۇ ماقالىنى ھەر قانداق تور بەتكە كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ ، بىراق ئەجرىم ئۈچۈن ئۇندىدار نۇمۇرىمنى بىللە كۆچۈرسىڭىز رەھمەت .

ئۈندندار نۇمۇرۇم : 728339627


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 20:02 , Processed in 0.271903 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat