ئامىرىكا دوللىرى نىمىشقا بۇنچە يامان بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا خەلق پۇلىنى ئوبرورت قىلىمىز ، بەزىلىرىمىز ئۈچ تۆت ئەۋلاد خەلق پۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە شاھىت بولغانلارمۇ بار. يېقىنقى يىللاردىكى خەۋەرلەردە خەلق پۇلىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن سودا شىرىكچىلىكىدىكى دۆلەتلەر بىلەن خەلق پۇلىنى شۇ دۆلەت پۇلى بىلەن بىۋاستە ئالماشتۇرۇپ سودا قىلىش كىلىشىمنامىسىنى ئىمزالاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز . خەلق پۇلىنىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا بولغان قىممىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن دۆلەتلەر خەلقى ئۆزلىكىدىن خەلق پۇلىنى ساقلاۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلىغان بولساق كېرەك (بۇنداق پۇل ساقلاشتىن كېلىدىغان پايدا نىسبەتەن يۇقىرى ) . سىزگە ماڭا بەلكىم چەت ئەلنىڭ پۇلىنى كۆرسەتسە بىر ياكى ئىككى دۆلەتنىڭ پۇلىنى تونىيالىشىمىز مۇمكىن ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تونىيالايدىغىنى ئامىرىكا دوللىرى بولسا كېرەك . چەتئەللىكلەرمۇ ئوخشاش ئۇلارما ئوخشاشلا ئامىرىكا دوللىرى ، ياۋرۇ ، ياپۇن پۇلى دىگەندەك پۇللارنى تونۇيدۇ . چەت ئەللەردە ساياھەت قىلغانلار ، خىزمەت قىلغانلار ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ، تونۇيدىغىنى يەنىلا ئامىرىكا دوللىرى . بىز ھەممىمىز ۋوللىۋوت كىنولىرى ياكى باشقا كىنولاردا دائىم ۋەيرانچىلىق ، بالايى ئاپەت كەلگەندە مەيلى باي بولسۇن قاراقچى بولسۇن ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن ھەممىسى ئامىرىكا دوللىرى ئېلىۋېلىشنى تەكىتلەيدۇ ، بۇ ھەم رىئاللىقتىما شۇنداق ، مەسىلەن ئادەم تۇتقۇن قىلغانلار بىۋاستە ئامىرىكا دوللىرى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇنداقتا سىز بىر مەسىلىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ئاشۇ كىشىلەر نىمىشقا ئامىرىكا دوللىرىنى تەلەپ قىلىدۇ ، چۈنكى يەرشارىنىڭ ھەر قانداق بىر بۇلىڭىدا ئامىرىكا دوللىرىنى تاپقىلى بولۇپلا قالماي ئىشلىتىشچانلىقى شۇنداق يۇقىرى ، ھەم شۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى كۆپلەپ دوللارنى ساقلايدۇ ، ( دۆلىتىمىزدە پەقەت خەلق پۇلىلا قوللىنىدۇ ، شۇڭا بىز چەت ئەل پۇلىنى جىق تونۇپ كەتمەيمىز ، ئەمما سىزگە تەۋسىيەرىم بىر كۈنلەردە خەلق پۇلى ئامىرىكا دوللىرىغا كاساتلاتسا سىز دوللارنى ئىككىلەنمەي ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ ، يالغۇز دوللارلا ئەمەس خەلق پۇلى ھەر قانداق بىر پۇلغا كاساتلاشسا سىز شۇ پۇلنى ساقلاڭ ، بۇنداق بولغاندا سىز نۆل خەتەر بىلەن كۆپ پۇل تاپالايسىز ) . بەلكىم كاللىڭىزغا بىر سۇئال كەلگەن بولىشى مۇمكىن ، نىمىشقا ئامىرىكا دوللىرى بۇنچە يامان . نىمىشقا ئامىرىكا دوللىرى بۇنچە يامان ، ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ سەۋەپ نەتىجىسى بولىدۇ ، مەسىلەن بىزدىكى بەزى بىر ئىللەتلەر ، چۈشكۈنلۈكلەرنى نەچچە يۇز ئالدىدىكى تارىخقا ئارتىش ، گەرچە بۇگۈنكى كۈندە ياخشى بولغان ئىلگىرلەشلەر بولغان بولسىمۇ ، بىز ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ يىتەرسىز بولىشى ، جەمئىيەت تەرەتقىياتىنىڭ ئۆنۈملۈك ، ئاساسىنىڭ پۇختا بولىشىغا كۆرسىتىۋاتقان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنىرگىيىسى بەك ئاجىز بولىۋاتىدۇ ، ياپۇنلۇقلارنىڭ بۇگۈنكى نەتىجىسىنىڭ سەۋەبى ئەجداتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىقلارنى قۇبۇل قىلىشى ھەم ئۇلارنى ئۆز جەمئىيىتىگە ئۆزلەشتۈرۋېتىش ۋە بۇگۈنكى كۈندىكى ياپۇن ئەۋلادلىرىنىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىقى . دۆلىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا ئورنىدىكى نەتىجىلىرىنى بىز يېقىنقى زامان ئىسلاھات ئېچىش يولىنىڭ توغرا بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن كۆرسەك، ئۇنىڭ ئورنىنىڭ بەزى بىر يېتەرسىزلىكلىرىنى ئوخشاشلا تارىختىكى بەزى بىر سەۋەنلىكلەرگە ئارتىمىز . ئوخشاشلا ئامىرىكا دوللىرىنىڭ بۈگۈنكى تەسىرى ئاشۇ ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ، ئىزدىنىشلىرى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى ئامىرىكىلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . ئۇنداقتا ئامىرىكا دوللىرىنى بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىپ تۇرغان زادى نىمىلەردۇر ؟ ئامىرىكا دوللىرى ۋە ئېنىرگىيە : 1. ئامىرىكا دوللىرىنىڭ بىردىنبىر نىفىت باھاسىنى بىكىتىشتىكى پۇل بولىشى . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى ئامىرىكا بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىفىت ئېشلەپچىقىرىش دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تەۋرەنمەس بولغان نىفىت باھاسىنى پەقەت ۋە پەقەت ئامىرىكا دوللىرى ئارقىلىق باھا ھىساپلاش كىلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى ھەم بۇنى نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى ئەزا دۆلەتلەرگە كېڭەيتتى ھەم ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى . شۇنىڭدىن تارتىپ ئامىرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈك ئاجىز بولىشى بىۋاستە نىفىت باھاسىنىڭ قانداق بولىشىغا تەسىر كۆرسەتتى . ئۇنداقتا نىفىت باھاسىنى بىكىتىشتىكى بىردىنبىر پۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامىرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئاشسا نىفىت باھاسى چۈشىدۇ ، ئامىرىكا دوللىرى پاخاللاشسا نىفىت باھاسى ئۆسىدۇ . دەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغان بىر نوختا شۇكى نۇرغۇن دوسلار بۇ كىلىشىمنى بەلكىم سەئۇدىنى ئامىرىكىغا يەردەم قىلغان سۈپىتىدە قارايدۇ ھەم سەئۇدىنى تىللىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇ كىلىشىمدىن سەئۇدى ، ئامىرىكا ھەم باشقا نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى ، ئىمپورت قىلغۇچى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا مەنپەئەتلەندى ، ئەلۋەتتە ئامىرىكىنىڭ ئېرىشكەن پايدىسى ئەڭ كۆپ بولدى ھەم بولاۋاتىدۇ ، چۈنكى ئۇ دوللارغا بۈگۈنكى دۇنيادا تەۋرەنمەس تېرەك بولاۋاتىدۇ . 2. ئامىرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ نىفىت ئىستىمال قىلىش دۆلىتى بولىشى . ھەممىمىزگە مەلۇمكى تۆنۈگۈنكىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىفىت ئىستىمال قىلىش دۆلىتى ھەم ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولسا ئامىرىكا ئىدى ( ھازىر جوڭگۇ ئەڭ چوڭ نىفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت ، ئامرىكىنىڭ ئۆزىدىكى بىر نىمە ھاسىلاتلىق ئېنىرگىيەنى ئېچىش ، ئىسمىنى بىلەلمىدىم ) ، شۇ سەۋەپتىن ئامىرىكا ئىقتىسادى گۈللەنسە تەبىلا نىفىتقا بولغان ئېھتىياج ئېشىپ نىفىت باھاسى ئۆرلەيدۇ ، دوللارنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ . نىفىت باھاسى ئۆرلەپ كەتسە زاۋۇت شىركەتلەرنىڭ ئېشلەپچىقىرىش تەنەرقى ئېشىپ كېتىپ ، ئامىرىكا ئىقتىساد ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ، ئىقتىساد ئېشىش ئاستىلىسا نىفىت باھاسى چۈشىدۇ . يۇقارقى تەپسىلاتلاردىن شۇنى بىلىلەيمىزكى ھەر قانداق بىر دۆلەت نىفىت سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامرىكا دوللىرى ئېشلىتىدۇ ، بۇ ھال ئۇنىڭ ئېشلىتىش دائىرىسىنى تېخىمۇ جانلىقلىققىا ، كەڭرىلىككە ئىگە قىلغان . ئەمدى بەزى بېر دۆلەتلەر ئۆز پۇلى ياكى نەرسىلەر ئارقىلىق نىفىت سېتىۋالىدۇ ، بۇنداق سېتىۋېلىشتىما ئوخشاشلا ئاۋۋال نىفىت باھاسى ئامىرىكا دوللىرى بويىچە ھېساپلاپ ئاندىن دوللارنى شۇ دۆلەت پۇلىغا سۇندۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدۇ ، بۇ خىل سودىنى ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم بىر شەرت نىفىت سېتىۋالغۇچى دۆلەت بىلەن نىفىت سېتىپ بەرگۈچى دۆلەتنىڭ چوقۇم قويۇق سودا ئالاقىسى بولىشى كېرەك ، ئۇنداق قويۇق سودا ئالاقىسى بولمىسا بۇ خىل دوللارنى بىرلەمچى شەرت قىلىپ ئۆز پۇلى ياكى نەرسە ئارقىلىق نىفىت سېتىۋېلىش ئاساسەن يۈز بەرمەيدۇ . ھازىر ھەممەيلەنگە ئايانكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى كۈچى شۇنداق يۇقىرى ، ئەمما دۆلىتىمىز ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلىدىغان نەرسە بولغان نىفىتنى سېتىۋېلىشتا باياتىنقىدەك ھالقىلار مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن خەلق پۇلىنىڭ ئېشلىتىشچانلىقىنى كېڭەيتىشتىكى چوڭ بىر تەسىر كۈچ بولاۋاتىدۇ . ئامىرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنىرگىيە ئىستىمال دۆلىتى بولىشى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىفىت بازارنىڭ ئامرىكىدا بولىشىنى شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن ، ئەمدى لوندۇن بازىرىما شۇنداق چوڭ بىراق ئىككىلىسى ئوخشاش بىر مەنپەئەتتە . ئامىرىكا دوللىرى ۋە ئالتۇن : قەدىمدىن تا ئالدىنقى ئەسىرگىچە ئالتۇن ئىزچىل خەلقىئارادا ئومۇميۈزلۇك قوللىنىپ كەلگەن ، ھەم پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلىدىغان بىردىنبىر ئوبرورت ۋاستىسى بولغان ، ئەمما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن تارتىپ ئالتۇننىڭ ئورنىنى ئامىرىكا دوللىرى ئېلىپ خەلقىئارادا ئومۇميۇزلۇك قوللىنىلدى . 19 - ئەسىردە ئەنگىليە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىنى كونتىرول قىلغان ھەم بارلىق سودىدا ئالتۇن بىرلىك قىلغان پۇل ئالماشتۇرۇش يولىنى قوللانغان ، بەلكىم بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئەمىلى ئەھۋالغا ماس كەلگەن بولىشى مۇمكىن ( ئەنگىليە ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 30~40 پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن ) ، يەنى ئەنگىليە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق پۇتۇن دۇنياغا مال تاراتقان ، دۇنيا ئوبروتىدا ئالتۇن قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن كۆپلەپ ئالتۇن ئەنگىليەگە يىغىلغان ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگىليەنىڭ ئىقتىسادى كۈچى ئاجىزلاپ ئامىرىكا تەدرىجى سانائەت ئىشلەپچىرىشتا ئاساسى ئورۇنغا ئۆتتى ، بۇ ۋاقىتتا ئامىرىكا يەنىلا ئالتۇن بىرلىك قىلغان پۇل ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللاندى ، چۈنكى ئەينى چاغدا ئامىرىكا ئاساس قىلغىنى ئەنگىليەنىڭ ئىقتىساد ئېڭى . ئامىرىكا ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىگە يېقىن ئىگەللىشىگە ئەگىشىپ دۇنيا ئالتۇن زاپىسى ئامىرىكىغا يېغىلدى . 50 ~ 60 - يىللاردا ياۋرۇپا ، ياپۇنلارنىڭ تەدرىجى باش كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ ئالتۇن كۆپلەپ ئامىرىكا قولىدىن چىقىپ كىتىشكە باشلىدى ، بۇ چاغدا ئامىرىكلىلىقلار قاندا قىلغاندا مۇشۇ ئالتۇنلارنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقى ھەم دوللارنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئىزدەنگەن ، ھەم كۈچلۇك ئىقتىسادىغا تايىنىپ مەجبۇرى ئاساستا ئالتۇننى بىرلىك قىلغان پۇل ئالماشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئامىرىكا دوللىرىنى ئاساس قىلغان پۇل ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللاندى . شۇنىڭدىن تارتىپ دۇنيادا دوللار ئاساس ئالتۇن ئىككىلەمچى بولغان ۋەزىيەت شەكىللەندى . بۈگۈنكى دۇنيادا ئالتۇن سودىسىنىڭ مۇتلەت كۆپ قىسمى يەنىلا دوللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ ، مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى دوللارغا بېقىنىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان ، يەنى دوللار قىممىتى ئاشسا ئالتۇن باھاسى چۈشىدۇ ، دوللار كاساتلاشسا ئالتۇن باھاسى ئۆسىدۇ ، بۇ يەردە ئالتۇن مۇتلەق پاسسىپ ئورۇندا ئۆزگىرەيدۇ ، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئالتۇننىڭ يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويغان ھەم ئالتۇننىڭ قايتىدىن ئاشۇ قىممەت باھاغا قايتىشىنى ئارزۇ قىلىشى مۇمكىن ، بۇ بەلكىم ھازىرقى ئامىرىكا يۈرگۈزگەن ئىقتىساد سىياسەتلىرىگە ئاساسەن ئېيىتقاندا بىر چۈشگە ئوخشاش خىيال بولسا كېرەك ، شۇڭا يۇقىرى باھادا ئالتۇن ئېلىپ ساقلىغانلار بولسا باھا مۇۋاپىق ئۆرلىگەندە قولىدىن چىقىرۋېتىشنى ئويلىشپ باقسا بولىدۇ ، لىكىن كەلگۈسى بەش ئالتە يىلدىن كېيىن بەلكىم باشقىچە بولىشى مۇمكىن بۇنى شۇ ۋاقىتىكى ئەھۋالغا قارايمىز ئەلۋەتتە . ئالتۇننىڭ مۇشۇنداق پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى ، سودىنىڭ ھەممىسى دوللاردا ئېلىپ بېرىلىشى دوللارنىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى ھەم ئورنىنى مۇستەھكەملىدى ، دۇنيادا ئالتۇن سودىسىلا ئەمەس بەلكى چوڭ تاۋارلار سودىسىنىڭ كۆپىنچىسى دوللار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ ، بۇ تاۋارلار ئىچىدە پەقەت ئالتۇننىڭلا پۇل ئوبرورت بولۇش رولى بار ، ھېلىھەم دوللاردىن قالسىلا ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغان ئوبرورت قورالىدۇر ، بىر كۈنلەردە ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋېتى چۈشۈپ كەتسە بەلكىم ئالتۇن قايتىدىن باش كۆتۈرىشى مۇمكىن . مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش قورالى ئىچىدە دوللار يەنىلا بىرىنچى تاللاش ، ئەگەردە دوللار كۇرسى چۈشۈپ كەتسە ئالتۇن بىز ئويلىشىدىغان ئەڭ ياخشى تاللاش بولىدۇ . دوللار قىممىتى ئاشسا كىشىلەر قولىدىكى ئالتۇننى چىقىرىپ كۆپلەپ دوللار ساقلايدۇ ، بۇ ھال ئالتۇننىڭ باھاسىنى تېخىمۇ چۈشۈرۋەتىدۇ . دوللار كۇرسى چۈشسە كىشىلەر كۆپلەپ دوللارنى قولىدىن چىقىرىپ ئالتۇننى سېتىۋالىدۇ ، بۇ ھال دەل ئالدىنقى بېر مەزگىل ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى بولىشى ھەم ھازىر تۆۋەن بولىشىدىكى ئەھۋالنى تامامەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . |