ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 791|ئىنكاس: 3

(bilgejan) يۇرت سەپىرىدە ھېس قىلغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-28 13:19:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يۇرت سەپىرىدە ھېس قىلغانلىرىم
بىلگەجان

مەن 2014-يىلى9-ئاينىڭ 11-كۈنى تېكساس شىتاتى ھىيۇستون شەھىرىدىكى جورج بۇش خەلىقئارا ئايرودرومىدىن يولغا چىقىپ ئەتىسى بېيجىڭ خەلىقئارا ئايرودرومغا يېتىپ كەلدىم ۋە ئۇزاقتىن بىرى زارىقىپ كۈتكەن بىر ئايلىق ئەھمىيەتلىك ئەھمىيەتلىك سەپىرىمنى باشلىدىم. بۇ سەپىرىم مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. بۇ جەرياندا ئۆزۈم لايىق بەزىدە نالايىق بولغان كاتتا ھۆرمەتنىڭ ساھىبى بولۇش نېسىپ بولدى. مەن مىننەتدار بولغان كىشىلەر ۋە ئىشلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولدى. شۇ ئەزىزلەر ئۆزلىرى كىملەرنى كۆزدە تۇتقانلىقىمنى بىلىدۇ دەپ قاراپ بۇ يەردە بىردىنبىر تىلغا ئالمايمەن. خۇلاسە شۇ بولدىكى، بۇ بىر ئاي ۋەتەندىن ئامېرىكىغا ئىلىپ قايتقىنىم تېخىمۇ چوڭقۇر يۇرت سۆيگۈسى، يېڭى نىشان ۋە ئېغىر بۇرچ تۇيغۇسى بولدى. تەسىراتلىرىم سوۋۇپ قىلىپ تەمىنى يوقىتىشتىن بۇرۇن قەلەمگە ئالاي دەپ نۇرغۇن گەپلەرنى بىر-ئىككى بەتكە يىغقان بولدۇم. بۇلار پەقەت مېنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىپ 5 يىل بولغاندىن كېيىن قايتا بارغىنىمدا ماڭا قالدۇرغان تەسىراتلىرى، مەيلى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسۇن-بولمىسۇن سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئىستىدىم. مەن بۇ قېتىملىق سەپىرىمدە جۇڭگو مېدىتسىنا پەنلەر ئاكادىمىيىسى قارمىقىدىكى ئاساسى مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (بېيجىڭ شېيىخې مېدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتىدا) ۋە شىنىجاڭ ئۇنىۋېرستېتى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدىن ئىبارەت ئىككى ئاكادىمىك ئورگاننىڭ تەكلىپى بىلەن ئىلمىي لىكسىيە سۆزلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. نەتىجىدە مەن بۇ ئىككى ئىلمىي لىكسىيەدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش شەرىپىگىمۇ ئېرىشتىم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆسمۈرلەر ۋە سىتۇدېنتلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەر مېنى ئەڭ خۇشال قىلغان ۋە پەخىرلىنىدىغان ئىشلاردىن بولۇپ قالدى. مېنىڭ بۇ تەسىراتلىرىم ئەلۋەتتە مەن بارغان جايلار، كۆرۈشكەن كىشىلەر ۋە قاتناشقان پائالىيەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇ ۋەجىدىن ئاۋۋال مېنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشۇم، بىر ئاي جەريانىدىكى ئىلمىي ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلىرىمنىڭ قىسقىچە تىزىملىكىنى دېققىتىڭلارغا سۇنىمەن. كېيىنچە ھەر بىر پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلىرىمنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتۈشكە پۇرسەت بولۇپ قالار. قالغىنى قانچىلىك كىشىنىڭ بۇ مەزمۇنلارغا قىزىقىشىغا باغلىق.

بېيجىڭدا تۇرغان ۋاقتىم 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بولۇپ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىم تۆۋەندىكىچە:

9-ئاينىڭ 13-كۈنى ----- مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى تۇرمۇش پىروگىراممىسىدا سۆھبەت
بۇ سۆھبەت 10-ئاينىڭ 1-2-كۈنلىرى ئاڭلىتىلغان بولۇپ، مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز توردا بۇ يەردىن ئاڭلاڭ: http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA3NTExNDcyMg%3D%3D&mid=200927923&idx=2&sn=8b4ff7605ce5215ddaadc19303111dab&scene=2&from=timeline&isappinstalled=0#rd


9-ئاينىڭ 14-كۈنى ----- پايتەخىت پىداگوكىكا ئۇنىۋېرستېتىدا بېيىجىڭدىكى سىتۇدىنتلار بىلەن چەتئەلدە ئوقۇش توغرىسىدا سۆھبەت.
بۇ سۆھبەتتىن ئۈزۈندىلەر پات ئارىدا توردا يوللىنىدۇ.


9-ئاينىڭ 15-كۈنى ----- جۇڭگو مېدىتسىنا پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە «ئىت باش مايمۇن ھامىلىسى مېڭىسىنىڭ گېنومى ۋە ئېپىگېنوملىرىنى ئوپراتسىيە قىلىش (قېدىرىش) - ئانىلاردىكى ئېنىرگىيەنى كېمەيتىشنىڭ ھامىلە مېڭە يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي لىكسىيە (ئېنگىلىز تىلىدا).



ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقتىم 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بولۇپ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىم تۆۋەندىكىچە:

9-ئاينىڭ 16-كۈنى ----- ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت.


9-ئاينىڭ 17-كۈنى ----- ئانا مەكتىپىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدا «ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇقنى كېمەيتىش مىكرو RNA نى ئاساس قىلغان مىخانىزىملار ئارقىلىق ھامىلە ئالدى مېڭىسىدىكى ئاچقۇچلۇق گېن سېگناللىرىنى ئۆزگەرتىدۇ» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي دوكلات.


9-ئاينىڭ 18-كۈنى ----- شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا سۆھبەت.
بۇ سۆھبەت 10-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى 5-قانىلىدا ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 7:30 دا قويۇلىدۇ.


9-ئاينىڭ 19-كۈنى ----- ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى «شەھەر خاتىرىسى» پروگراممىسىدا سۆھبەت.
بۇ سۆھبەتنىڭ بىر بۆلىكى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كۆرسىتىلگەن، يەنە بىر بۆلىكى ئالدىمىزدىكى بىر-ئىككى ھەپتىدە كۆرسىتىلىدىكەن.


9-ئاينىڭ 19-كۈنى ----- شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت.
(بۇ سۆھبەت ۋىدىئوغا ئىلىنمىغان)


9-ئاينىڭ 20-كۈنى ----- قارلۇق ۋە ئۆزتۈرك شىركەتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىدىغان «ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى»دە ئۇيغۇر تىلىدا ئىلمىي لىكسىيە.
بۇ لىكسىيەنىڭ تولۇق مەزمۇنى پات ئارىدا تورغا يوللىنىدۇ.


يەكەندە تۇرغان ۋاقتىم 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولۇپ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىم تۆۋەندىكىچە:

9-ئاينىڭ 24-كۈنى ----- ئانا مەكتىپىم ئازاتباغ يېزا چېدىرتوغراق مەكتەپتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت.


9-ئاينىڭ 24-كۈنى ----- ئانا مەكتىپىم ئازاتباغ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت.


9-ئاينىڭ 26-كۈنى ----- ئانا مەكتىپىم يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇستازلار بىلەن سۆھبەت.


9-ئاينىڭ 27-كۈنى ----- ئانا مەكتىپىم يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت.
بۇ سۆھبەت توغرىسىدا يەكەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر بەرگەن، سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى پات ئارىدا تورغا يوللىنىدۇ.


بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىم، پىروفىسور-ئۇستازلار، جامائەت ئەربابلىرى، كارخانىچىلار، تورچىلىق ساھەسىدىكى شەخىسلەر، يازغۇچى-ئەدىبلەر، دېھقانلار، ئوقۇغۇچىلار... ئىشقىلىپ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ۋە مول تەسىراتلارغا ئېرىشتىم. مەن يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرنى ئاساس قىلغان ۋەقەلەر ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمنى پات ئارىدا سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.

داۋامى بار...
ۋاقتى: 2014-10-30 19:51:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل ئىش بۇپتۇ....... بۇ دۇكتۇرىمىزنىڭ ئامىرىكىدىن قايتىپ كىلىپ ئانا يۇرتىدا ھەرخىل لىكسىيەلەرنى سۆزلىگەنلىكىنى بەكمۇ سۇيۇندۈم.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-25 11:57:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرت سەپىرىدىن تەسىراتلىرىم (1) - كورىيە ئايرودرۇمىدا


نېمىشقىدۇر بۇ قېتىم ھىيۇستوندىن ئۇچقىچە ئۇنچىۋالا ھاياجانلىنىپ كەتمىدىم، بەلكىم ئەتىگەن سائەت 4:30 دە تۇرغانچە جىددىيچىلىك ئىچىدە ئايرودرۇمغا كىلىپ يۈك-تاقلارنى جايلاشتۇرۇپ ئاخىرى ئايروپىلانغا چىقىپ ئورۇنلاشقىچە خېلى ئۇيقۇسىراپ كەتكەنلىكىمدىن بولسا كېرەك. بىز تۇرىدىغان سان ئانتونىيو شەھىرى ھىيۇستونغا 3 سائەتلىك يول بولغاچقا ئالدىنقى كۈنى كەچتە ھىيۇستوندىكى بىر ئۇيغۇر دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە كىلىۋالغان ئىدۇق. مەن شۇ كۈنى دەمئىلىش قىلىپ ئالدىرىماي تەييارلىقلارنى قىلىپ ماڭاي دەپ ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما بۇ ئۇزاق سەپەرگە مېڭىشتىن بۇرۇن مەن تاماملىشىم كېرەك بولغان ۋەزىپىلەرمۇ ئاز ئەمەس بولغاچقا كەچ سائەت ئالتىلەردە ئاران دېگەندە ئىشخانىدىكى ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كىلەلىدىم. شۇنداق قىلىپ ھەممە نەرسىلەرنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ ئۆيدىن چىققۇچە كۆز باغلانغان ۋاقىت بوپتۇ، ئايالىم ۋە قىزىمنى ئىلىپ دوستلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە كەلگىنىمىزدە بولسا ئاللىقاچان يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇيغۇردىن بىرنى كۆرسەك خېلى مۇڭداشلىرىمىزنى قىلىشىۋالىدىغان ئادىتىمىز بويىچە بىر كېچىگىچە بالىلىرىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ چۆچۈرىلەرنى تۈگۈپ بىزنى سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلىغان بۇ دوستانە ساھىبخانلار بىلەن يەنە بىر-ئىككى سائەت مۇڭدىشىپ ئۇخلىغىچە سائەت 2:00 دىن ئاشقان ئىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئىشقا بارىدىغان دوستىمىز يەنە بىزگە ناشتىلىقىمىزنى بېرىپ تاڭ يورۇماستا ئايرودرومغا ئىلىپ ماڭدى. ئامېرىكىدا بۇنداق ئىش يۈز بەرگىنىنى ئامېرىكىلىقلار ئاڭلىسا چوقۇم ئەقلى ھەيران بولماي قالمايدۇ، ئەمما بىز ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلارنى دائىم قىلىپ تۇرىمىز چۈنكى بىزدىكى قېرىنداشلىق مېھرىنى ئۇلار بىر ئۆمۈر چۈشىنەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمقى سەپەردە بىز مىننەتدار بولۇشقا تىگىشلىك ئىشلار بۇ يەردە باشلانغان ئەمەس، سەپەرنى پىلانلىغاندىن باشلاپ بىزگە ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلغان ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەن دوستلىرىمىزنىڭ كۆپلۈگىدىن بىز ئۆزىمىزنى سۆيۈلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ ئويلىماي تۇرالمايتتۇق.

مانا، كورىيە ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئېسل مۇلازىمەتلىرىدىن، ئازادە ۋە يېقىشلىك ئايروپىلان مۇھىتىدىن ھوزۇرلىنىپ بىر-ئىككىنى ئۇخلاپ بولغۇچە 15 سائەت ئۆتۈپ گۈزەل سىئۇل ئايرودرۇمىغا يېتىپ كەپتۇق. ھېچ چارچاش ھېس قىلمىغان ئىدىم چۈنكى تەلىيىمىزگە يارىشا ئەزەلدىن بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ باقمىغان ئىككى يېرىم ياشلىق قىزىم ئاساسەن ئۇخلاپ دېگۈدەك غەلۋىسىز ئولتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىيۇستوندىن ماڭغۇچە كورىيە ئاۋىئاتسىيىسىدىكىلەر بىزگە ئالدىمىزدا باشقا ئورۇنلار يوق قاتاردىن بىردىن ئورۇن تاشلاپ بېلەت كېسىپ بېرىپتۇ. نېمە ئۈچۈن بىزگە يانمۇ-يان كىلىدىغان ئورۇنلارنى بەرمىگەندۇ بۇلار دەپ ئويلاپ سەل بىئارام بولۇپ قالغان ئىدىم، بېلەتلەرنى ئالماشتۇراي دېسەم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ بولغاندىكىن غۇدىراپ قالغىنىم قالغان بولغانتى. ئەمما بۇ غۇدراشلىرىمغا ئايروپىلانغا چىقىپ بولۇپ ئاندىن پۇشايمان قىلىپ قالدىم چۈنكى ئۇلار مەقسەتلىك ھالدا شۇنداق قىلغانىكەن، مانا ئەمدى ئارىدىكى بوش ئورۇنلاردا ھېچكىم بولمىغاچقا ئالتە ئورۇننىڭ ھەممىنى ئىگەللەپ بالىمۇ، بىزمۇ پۇتىمىزنى سوزۇپ ئۇخلىيالىدۇق. سىئۇل ئايرودرومىغا كىلىپ بېيجىڭغا ئالمىشىدىغان ئايروپىلانغا چىققۇچە 3 سائەتكە يېقىن ۋاقىت بار ئىدى. سىئۇل ئايرودرۇمى ھەقىقەتەن ئازادە ۋە پاكىزە بولۇپ، بىز كىرىپلا بىر توپ ئەنئەنىۋى كورىيانچە كېيىملەرنى كېيىۋالغان بىر توپ كىشىلەرنى ئۇچراتتۇق. بۇ يەردە ئەسلى كورىيانلار ئۆز مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ بىر ئەنئەنىۋى كورىيانچە توي كۆچۈرۈش مۇراسىمى ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتە بولسا كورىيان ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرى چېلىنىۋىتىپتۇ. كورىيىلىكلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىن ئاڭلىغان بولسام مانا ئەمدى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بولدۇم.


كورىيە ئايرودرۇمىغا كىلىپ تۇنجى بايقىغان ئوخشىماسلىق شۇ بولدىكى، بۇ ئايرودرۇمنىڭ ئىچى ناھايىتى ئىسسىق ئىكەن. ئامېرىكىدا ھەر قانداق ئۈستى يېپىق ئورۇننىڭ ئىچى ئادەتتە ناھايىتى سالقىن بولۇپ بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ سالقىنلىقنى ياخشى كۆرىدىغان مىجەزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمدى تىپىك بىر شەرق دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كورىيە بىزگە ئالدىمىزدىكى بىر ئايدا بىز ھېس قىلىدىغان ئوخشىماسلىقلاردىن سېگنال بەردى. بىز بىردەم يېرىم-دەم  بۇ چىرايلىق ئايرودرومنىڭ ئىچىدىكى دۇكانلارنى ئارىلايلى دەپ بىر دوقمۇشقا جايلاشقان زىبۇ-زىننەت دۇكىنىغا قىزىقسىنىپ كىردۇق، ئەمما بۇ دۇكان بىز كىرگەن تۇنجى ۋە ئاخىرقى دۇكان بولۇپ قالدى چۈنكى بىز ئامېرىكىدا مۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىمىغىلى خېلى ئۇزۇن يىللار بولغاچقا بۇنداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى سەل ئۇنتۇپ قاپتىكەنمىز. ئايالىم بىر ھالقىنى ئىلىپ كۆرۈپ باقماقچى بولغانتى، پىركازچىك خانقىز ناھايىتى چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ ئىلىپ بەردى ۋە قولىدىكى ھېسابلىغۇچقا سانلارنى كىرگۈزگەچ كورىيان تىلىدا بىر مۇنچە چۈشەندۈرۈپ كەتتى ۋە بۇ ساننىڭ دوللار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇ زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ باھاسىنىڭ ناھايىتى قىممەت ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىنمۇ زىبۇ-زىننەت ئىلىش پىلانىمىز بولمىغاچقا بىز ئۇنى ئالمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتساق، بۇ كورىيان خانقىز دەرھال ئەرزانراقلىرىنى ئۆزى ئىلىپ كۆرسەتكىلى تۇردى، ئۇلارنى ياقتۇرمىغانلىقىمىزنى ئېيتساق بىزنى ماڭغىلى قويماي يەنە باشقىلىرىنى ئىلىپ كۆرسەتتى. بىز بۇنىڭدىن بىرئاز بىزارلىق ھېس قىلىپ، ئاخىرى ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىبۇ-زىننەت ئىلىش ئويىمىزنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىۋىدۇق، باياتىن بىرى كۈلۈپ 32 چىشىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چىقىپ تۇرغان بۇ خانقىز تۇيۇقسىز «كەت، كەت!!!» دېگەندەك قولىنى شىلتىغاچ شۇنچىلىك سەت بىر ھومايدىكى ئۇنىڭ بۇ قىلقىدىن سەسكىنىپ كەتتۇق ۋە چېۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ بۇلارنىڭمۇ شىياۋشىمىندىكى دۇكانچىلاردىن پەرقى يوقلۇقىنى پەملەپ ئاستا دۇكاندىن چىقىپ كەتتۇق. ئامېرىكىدا بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەيدىغان بولغاچقا خىلى بىر كەمگىچە بۇ قوپال مۇئامىلىدىن ئېسىمىزگە كىلەلمىدۇق ۋە بۇنداق ئىشلارنىڭ جۇڭگودا يۈز بېرىپ تۇرۇش ئېھتىمالىنى ئەسكە ئېلىپ ئازراق روھىي تەييارلىق ھازىرلىۋالغان بولدۇق. كېيىنكى بىر نەچچە سائەت ۋاقىتنى بېيجىڭدىكى ئالدىمىزغا چىقماقچى بولغان دوستلار بىلەن سۆزلىشىپ، بالىنى ئوينىتىپ دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈپ ھاياجان ئىلكىدە بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىققان بولدۇق.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-25 11:59:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرت سەپىرىدىن تەسىراتلىرىم (2) - بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا


دەسلەپتىكى 15 سائەتلىك ئۇزۇن يولدا بىلىنمىگەن ھاردۇقلار سىئولدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقىپلا بىلىنىشكە باشلىدى. ئەمدى كۆزۈم يۇمۇلغان ۋاقىتتا كورىيەچە پاسوندا چاچلىرىنى تۈگۈپ كۆك رەڭلىك كوپتا-يوپكا كىيىۋالغان ئايروخانقىز نېمە تاماق يەيدىغانلىقىمنى سوراپ ئۇيقۇمنى بۇزدى. ئەزەلدىن ئۇيقۇمدىن ئويغاتقاننى ئۆچ كۆرىدىغان بولغاچقا بۇ خانقىزغا گەپ قىلىشمۇ خوشياقماي قالدى ۋە پەقەت بىر ئىستاكان مۇز سالغان سوغۇق سۇ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ داۋاملىق ئۇخلاشقا تىرىشتىم. شۇنداق قىلىپ قايتا ئۇخلاپ بولالماي خىياللارغا غەرق بولۇپ مۈگىدەپ ئولتۇرۇپتىمەن. شۇ ئەسنادا ئالدىنقى قېتىم 2010-يىلى بېيجىڭغا كەلگەندىكى ئىشلار يادىمدىن كەچتى. كىشىلەر ماڭا ئامېرىكىدىن جۇڭگوغا بارسىلا نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ دېگەن ئىدى، ئەمما مەن ئالدىنقى قېتىم بېيجىڭغا دەسسىمەي تۇرۇپ بۇ گەپنىڭ راستلىقىنى ھېس قىلىپ بولغان. ئۇ قېتىم خەينەن ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرغان ئىدىم ھەم ئايروپىلاندىكى يېرىمدىن كۆپ يولۇچىلار جۇڭگولۇقلار ئىدى. ئايروپىلان بېيجىڭ ئايرودرومىغا قونۇپ تېخى يەردە سىيرىلىپ مېڭىۋاتقاندا ئايروپىلاننىڭ يۇقىرى تىزلىنىشتە ئاستىلاۋاتقىنىغا قارىماي ياشانغان جۇڭگولۇق بوۋاي-مومايلار ئورنىدىن تۇرىۋىلىشقا باشلىدى. ئايروپىلان خادىملىرى بۇنى كۆرۈپ پەقەت خەنزۇ تىلىدا يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى بوشاتماي ئورنىدا جىم ئولتۇرۇشى كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، كىشىلەر بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇۋالغان كىشىلەر ئايروپىلان توختىشى بىلەن تەڭ ئۆزلىرىگە نۆۋەت كىلىشىنى ساقلىمايلا ئالدىغان ماڭغىلى تۇردى-دە، ئايروپىلاندىن چۈشكىچە زور بىر قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەيدا قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئامېرىكىلىقلار تۈگۈل جۇڭگونىڭ پويىزلىرىدا كۆپ قېتىم ئولتۇرۇپ ئادەتلەنگەن مېنىڭمۇ بۇ ئىش كۆزۈمگە قەتئىي سېغمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىشقاندەك ئۇ چاغدا ئورنۇم ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىغا توغرا كەلگەن بولغاچقا ئايروپىلاندىن چۈشكىچە كەتكەن 30 مېنۇتتەك ۋاقىتتا جۇڭگولۇقلاردىكى «ئوخشىماسلىقلار»نى كۆرۈپ بىزار بولۇشقا باشلىغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ بىر كىچىككىنە ئىش بىلەن جۇڭگولۇقلار مۇنداق ياكى ئۇنداق دەپ باھا بېرىش ئالدىراڭغۇلۇق بولسىمۇ، ھېچبىر يەردە كۆرمەيدىغان بىر ئىشنىڭ بېيجىڭدا يۈز بېرىشى ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىر تەساددىپىيلىق ئەمەس، بەلكى بىر مەسىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. خىيۇستۇندىن سىئۇلغا كەلگۈچە ئولتۇرغان ئايروپىلاندا بۇنداق ئىش كۆرۈلمىدى، ئەمما سىئولدىن بېيجىڭغا ئۇچقان ئايروپىلاندا گەرچە كورىيەلىكلەر كۆپرەك بولسىمۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەستى. شۇڭا بۇ قېتىم قانداق بولار دېگەن سوئاللار بىلەن يەنە ئۇيقۇغا كەتتىم. تەلىيىمگە يارىشا، بۇ قېتىم ئايروپىلاندىكى ياشانغانلارنىڭ سانى ئاز بولغاچقىمىكىن-تاڭ، ئايروپىلاندىن چۈشكىچە «قاتناش قىستاڭچىلىقى» يۈز بەرمىدى.

بىز بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندە ئاللىقاچان كەچ سائەت 9:00 دىن ئاشقان بولغاچقا ئايرودرومدىن يۈك-تاقنى ئىلىپ چىققۇچە ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بارغان ئىدى. بۇ قېتىم بېيجىڭدا مېنى ئىلمىي لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان بېيجىڭ شېيخى ئۇنىۋېرستېتىدىكى پىروفىسور پېڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن ئىككى ئوقۇغۇچىسى بىلەن بېيجىڭدىكى دوستۇم ئابدۇمىجىت بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئابدۇمىجىت بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم. گەرچە بۇ ئىككىمىزنىڭ تۇنجى يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈشىمىز بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ قەلبىمىز ئاللىقاچان تۇتىشىپ كەتكەن بولغاچقا كۆرۈشۈپلا ناھايىتى تەبئىي رەۋىشتە دوستانە سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتتۇق. مېنىڭ كىملىكىم يوقاپ كەتكەچە، ئابدۇمىجىت ئىككىمىز ئالدى بىلەن ئايرودرۇم ساقچىخانىسىنى ئىزدەپ تېپىپ كىملىك يۈتۈپ كەتكەنلىك ئىسپاتىنى قانداق ئالدىغانلىقىمىزنى سورىدۇق ۋە بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان كۈنى كىلىپ بىجىرىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئالدىراپ ۋاڭ فۇجىڭدىكى مېھمانخانىغا ماشىنا بىلەن يول ئالدۇق. ئابدۇمىجىت بۇ قېتىم مەن ئۈچۈن ئاز جاپا تارتمىغان ئىدى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ۋىزا رەسمىيىتى بىجىرىشىمگە توغرا كىلىدىغان بولغاچقا ئالدىن كىلىشىش، ۋىزا ھەققىنى تۆلەش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇ نەچچە سائەتلەپ ئىشىنى تاشلاپ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېغىر ئالماي مۈشكۈلۈمنى ئاسان قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئابدۇمىجىت بىلەن مەن توردىكى يازمىلىرىم ئارقىلىق تونۇشقان. ئۇ ئىزدىنىش تورىدىكى مېنىڭ يازمىلىرىمنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمىنىم بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ كەسپىي ئىجتىمائىي پەن بولسىمۇ، ئەمما مەن يازغان يازمىلاردىن بىئولوگىيەگە قاتتىق قىزىقىشى قوزغالغان ياشلارنىڭ بىرى ئىكەن. ماڭا خەت يازىدىغان نۇرغۇن ياشلار ۋە سىتۇدىنتلارغا قارىغاندا ئابدۇمىجىتنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ ئېغىزىدا دەپلا قويۇپ بولدى قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى دېگەن ئىشىنى قىلىدىغان يىگىت ئىكەن. ئۇ بىئولوگىيەگە ئىشتىياق باغلىدىم دەپلا توختاپ قالماستىن، بەلكى مەندىن ئۇ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەدىكى كىتاب-ماتىرىياللارنى سورىدى ۋە مەن بىلەن كۆرۈشكىچە بىئولوگىيەگە ئائىت تېمىلاردا ئالاقە قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇقۇملارنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپتۇ. ئۇ پات كەلگۈسىدە مۇشۇ قىزىقىشى بويىچە تىلشۇناسلىقنىڭ بىئولوگىيە بىلەن كېسىشىدىغان يېڭىدىن چىققان بىر تارماق ئىلىمى بولغان بىئو-تىلشۇناسلىق كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بۇ تىرىشچان يىگىتنىڭ ئارزۇلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن. بېيجىڭغا كىلىپلا بۇ ئوتتۇرا-بوي، خۇشخۇيلىقىدىن بۇ ئۆمرىدە ئاچچىقلىنىپ باققان چىراي كۆرۈنمەيدىغان يېڭى كۆرۈشكەن كونا دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ خىلى روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالدى.

بۇ كۈنى بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ چاڭ-توزانلىق كۆرۈنەتتى، بىز يولغا چىقىپلا يامغۇر يەنە تۆكۈشكە باشلىدى. بېيجىڭنىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرساممۇ، بۇنچىۋالا مەينەت ھاۋانى كۆرمىگىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغاچقا ھاۋانىڭ تەلەتىنىڭ سەتلىكى ۋە ئېغىر دەرىجىدە گۈڭگۈرت پۇراپ تۇرۇشى مېنى خېلىلا چۆچۈتتى. شوپۇر ئۇستام ماشىنىنى ھەدەپ تىزلىتىپ يانداپ ھەيداۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ كېچىدە بىزنى مەنزىلگە تېزراق يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئويلاشقىنى ئېنىق، ئەمما مەن بۇ خىل ماشىنا ھەيدەشكە ئىددىيەمدە زادىلا تەييارلىقىم بولمىغاچقا قورقۇپ يۈرىكىم سۇ ئولتۇراتتىم. قارىسام باشقا شوپۇرلار تېخى ئۇنىڭدىنمۇ قارام ھەيدەيدىكەن. كۆزىتىشىمچە، ئۇلارغا نىسبەتەن يولنىڭ سېزىقلىرى «چوقۇم مۇشۇ سېزىق ئىچىدە ھەيدىشىڭ كېرەك ئەمەس»، بەلكى «مۇشۇ سېزىق ئىچىدە ھەيدىسىڭىز ياخشىراق» دېگەننى بىلدۈرسە كېرەك، ئىشقىلىپ كىچىككىنە بوشلۇق بولسا سېزىق-پىزىق بىلەن كارى يوق ياكى بەلگە چىراقلارنى بېرىپ ئولتۇرمايلا ماڭىۋىرىدىغان ئىشكەن... ئامېرىكىدا بۇنداق ماشىنا ھەيدەيدىغان بولسا ساقچىلار يولدىكى ماشىنىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تۇتۇپ شوپۇرلارنىڭ پىراۋىسىنى يىرىم يىل مۇسادىر قىلغان بولۇشى ئېنىق ئىدى. ئەسلىدە تېخى بېيجىڭدا ۋاقتىم چىقسا پىراۋامنى يەڭگۈشلەپ يۇرتقا بارغاندا ماشىنا ھەيدەپ يۈرەرمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بۇ نىيىتىمدىن يېنىۋىلىشقا 15 مېنۇتمۇ كەتمىدى... بىز تىز سۈرەتلىك تاش يولدىن چىقىپ شەھەر ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن كارامەتنى ئاندىن كۆرگىلى تۇردۇم تېخى. موتسېكلىتلار، پىيادىلەر، ۋېلىسپىتلىكلەر ئىشقىلىپ ھەممىسى ئالدىغىلا ماڭىدىغان ئىشكەن مەيلى بىخەتەر بولسۇن بولمىسۇن... ماشىنىلار ئادەمنى كۆرسە 30 مېتىر نېرىدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ پىيادىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈۋىلىشىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ئامېرىكىدا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەنگەن ۋە جۇڭگودا ئەزەلدىن ماشىنا ھەيدەپ باقمىغان بولغاچقا، ئىچىمدە: «توۋا، بۇرۇنمۇ قاتناش مۇشۇنداق بولغۇيمىدى...؟» دەپ ئويلىماي تۇرالمىدىم. بۇ يەردىكى شوپۇرلارنىڭ كۆزىدە خۇددى ئۆتۈشۋاتقان ئىنسانلارنى كۆرسەتمەيدىغان سۈزگۈچ پەردە باردەك ئادەمنى كۆرگەنسېرى تېخىمۇ تىزلىتىپ دېگەندەك ھازىر سوقۇۋىتىدىغاندەك قىلىپ ھەيدەيدىكەن. شۇ كىشىلەرمۇ خۇددى ماڭا كۆرۈنمەس بىر پولات قورغانى ئۇلارنى قوغداپ تۇرغاندەك بىلىندى چۈنكى تىز سۈرئەتتە كىلىۋاتقان ماشىنىلارغا بوي بەرمەستىن ئالدىغان مېڭىشىۋىرىدىكەن. بۇ نېمانچە پىشىپ كەتكەن، «قورقماس» يۈرەكلەردۇ؟! بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئەمدى «ۋاي!!! ۋۇي....» دەپ ئولتۇرۇپ شوپۇرنى بىزار قىلىۋەتتىم بولغاي. ئىشقىلىپ بۇنداق توپ-توپ پىيادە ماڭىدىغان ئادەملەرنى كۆرمىگىلىمۇ يىللار بوپتىكەن، ئەمما ئۇلار ماڭا ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ قەدرىنى قىلمايدىغاندەك، باشقىلارنىڭ تېخى بۇنىڭ بىلەن ئەسلا كارى يوقتەكلا بىلىنىپ بىر قىسمىلا بوپقالدىم. ئامېرىكىدا مۇنچە يىل ياشاپ بۇنداق ئىشنى قەتئىي كۆرۈپ باقمىغاچقا، تەبئىي ھالدا بۇ ئىشلار مېنى جۇڭگودىكى ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ئۈستىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلدى. ئىنسان ھاياتى، بىخەتەرلىكىنىڭ قەدىر قىلىنىشى ياكى قىلىنماسلىقى مانا مۇشۇنداق ئىشلاردا ئىپادىلىنىدىغان ئىشكەن. شۇنچە قالايمىقان ھەيدىسىمۇ ئۇنچىۋالا كۆپ قاتناش ۋەقەسى چىقمىغانلىقىغا قاراپ ئەقلىم ھەيرانۇ-ھەس بولدى. شۇ تاپتا ئامېرىكىدا نەچچە يىل ياشاپلا ئادەتتىكى ئىشلارنى مۇبالىغە قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىشىم مۇمكىن، ئەمما بۇ مېنىڭ چىن ھېسسىياتلىرىم ئىدى. بىر سائەتتەك تاكسىدا ئولتۇرۇپ كەلگۈچە كۆرگەن بۇ «چېكىدىن ئاشقان دەرىجىدە قالايمىقان قاتناش» تىن چۆچۈپ كېتىپ، ئاخىرى قاراۋىرىشكە جۈرئىتىمنى يوقىتىپ قويدۇم ۋە «مەنزىلگە ساق بارالىسام شۈكرى دەي» دېگەن خىيال بىلەن كۆزۈمنى يۇمىۋىلىپ تىت-تىت بولغان ھالدا ئولتۇردۇم. ئاخىرى مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندە بولسا، «ئۇھ...» دېدىم ۋە شۇنچىۋالا خېيىم-خەتەردىن ئامان ساقلىغان ئاللاھقا مىڭ شۈكرى-مەرتىۋىلەرنى ئېيتىپ ئاران دېگەندە مېھمانخانىغا كىلىۋالدۇق. مانا ئەمدى يۈك-تاقلارنى ياتاققا ئەكرىپ جايلىشىپمۇۋالدۇق، ئەمما ھاردۇق يەتكەن قىزىم تۇمارىس شۇ تاپقىچە ئويغىناي دېمەي تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. شۇ قورساقنىڭ ئاچلىقىدا ئابدۇمىجىت بىلەن سىرتقا چىقىپ تاماق ئىلىپ كىرەيلىمۇ دەپ ئىشكىنىڭ تۈۋىگە چىقىشىمىزغا، بىر نەچچە ساقچى ئىشىكنى چەكتى...
گەرچە بېيجىڭ بىلەن بىز ياشايدىغان تېكساسنىڭ كېچە-كۈندۈز ۋاقتى پۈتۈنلەي ئالمىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، شۇ كۈندىكى ھارغۇنچىلىقتا ئېغىر ئۇخلاپ كېتىپتۇق. تاڭ سەھەردە مېھمانخانىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تۇڭگان ئاشخانىسىغا بېرىپ بولغۇچە ئەزەلدىن بۇنداق كۆپ ئادەم بار يەردە مېڭىپ باقمىغان قىزىم ماشىنا، موتوسېكلىت، ۋېلىسپىت ۋە پىيادىلەر قىستىلىشىپ ماڭىدىغان بۇ قىستاڭ كوچىغا ھاڭۋىقىپ قاراپ قالدى. ئۇدۇلدىكى بېيجىڭ شېيىخى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قەدىمكى ئۇسلۇپتا سېلىنغان قىزىل ئۆگزىلىك جۇڭگوچە بىنارلىرىغا قارىغاچ، بىردەم ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ باقتى. يولدىن ئۆتۈشۋاتقانلار قىزىمنىڭ ئانا ۋەتىنىدىكى ئامېرىكا كىشىلىرىدەك ئۇنىڭغا سالام قىلىپ قويمىغانلىقىدىن ياتسىراش ھېس قىلدىمۇ-تاڭ، ئۇ ماڭا چىڭ چاپلىشىپ يىقىملىق يۈزىنى مۈرەمگە قويۇۋالغان ئىدى. ئەلچىخانىدىكى ۋىزا رەسمىيتى ئۇچرىشىشىمىز سائەت 9:30 غا بېكىتىلگەن بولغاچقا، بىز بېيجىڭدىكى تۇنجى كۈننى ئالدىراشچىلىق، ئەنسىرەش ئىچىدە باشلىدۇق. بېيجىڭنىڭ تۇتۇق ھاۋاسى ئاخشام بېيجىڭ ئۈستىدە ئويلىغانلىرىمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ يەنە شۇ يېقىمسىز تەلەتى بىلەن بىزنى قارشى ئالغاندەك قىلمايتتى. ئەمما «غەربىي ماخۇا» دەپ ئاتالغان بىزگە تونۇش بولغان لەنشىياڭ تۇڭگان ئاشخانىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ ئاشخانىنىڭ كالا گۆشى ئۈگرىسىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، شۆلگەيلىرىمنى ئاران كونتىرول قىلغان پىتى ئىشتىھا بىلەن ناشتىلىققا تۇتۇندۇم. «ئاھ! تونۇش تەم، تونۇش پۇراق!» دەۋەتتىم تۆت ئادەم ئاڭلىغۇدەك قىلىپ. نە زامان مۇشۇ سېغىنغان سۇيۇقئاشنى ئىچىپ باقمىغىلى؟


ئاخشام يوقلاپ كەلگەن چاقىرىلمىغان «مېھمانلار»نىڭ غۇمى كۆڭلۈمدىن تېخى يۈتمىگەچ ھاياجانلىناي دېسەممۇ كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بىر قانداق ئىدى. مانا ئەمدى ئىسسىق باسقان بىر قاچا سۇيۇقئاش بىلەن پۇت-قولۇمغا باشقىچە كۈچ كىرگەندەك بولۇپ روھىممۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى. تۈنۈگۈن ئەسلى مۇشۇ ئاشخانىدىن تاماق ئەكىرگىلى ماڭاي دەپ تۇرغاندا ئىشىك چەككەنلەر بېيجىڭ ساقچىلىرى بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ كىملىكىمىز بىلەن مېھمانخانىدا تىزىملاتقان ھامان «ئەھۋال سورىغىلى» كىلىدىغان ئادىتى بار ئىكەن. ئىلگىرى بۇنداق ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىم بېشىمغا كىلىشى بولغاچقا، بۇ چاقىرىلمىغان مېھمانلارغا ئانچە ئوچۇق چىراي بولالمىدىم. ياخشى يىرى، ئۇلار مېنىڭ ئامېرىكىدىن كىلىپ بېيجىڭدا ئىلمىي لىكسىيە سۆزلەيدىغان تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ ئېنگىلىزچە خەت ئوقۇيالمىسمۇ، بېېجىڭ شىيېخې ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن تەكلىپنامىسىنى ئاتايىتەن كۆرۈپ بېقىشتى.  كۆزىمىزنى ئېچىۋالايلى دەپ ئويلىغان ئېھتىماللىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەلكىم بۇ بىر رەسمىيەتتۇ دەپ ئويلاپ مەنمۇ ئۇلارغا كۆپ گەپ قىلماي تەكلىپنامىنى سۇنغان ئىدىم. كېيىن ئۇلار بىر مۇنچە كەچۈرۈم سورىغاچ ناھايىتى خۇشخۇيلۇق بىلەن چامادانلىرىمنى ئېچىپ كۆرسىتىپ قويۇشۇمنى سورىدى. بۇ تەلەپ سەل ئېشىپ كەتتى دەپ ئويلىساممۇ، يەنىلا ماسلاشماي بولمايتتى. ئۇلارمۇ ھە ماۋۇ چامداندىكىلىرى كىتابكەن، ھە؟ ئاۋۇ چامانداندا كېيىم باركەن، يەنە بىرسىدە شەخسىي بۇيۇملار بار ئىكەن دېيىشىپ چاماداننىڭ ئېغىزىنى تولۇقمۇ ئېچىپ بولالماستا بىر مۇنچە رەھمەتلەر بىلەن كەينىگە يانغان بولۇشتى. ئەمما بۇ ئىشتىن كەيپىم ئۇچۇپ تاماققىمۇ مەيلىم بارماي ئابدۇمىجىتقا خوش دەپ قويۇپ ئاشخانىنىڭ ئورنىنى بىلىۋىلىپلا ئۇخلاپ قالغان ئىدۇق.

جۇغراپىيىلىك ئورۇن ھەممە ئىشلارغا تەسىر قىلامدىكىن دەيمەن. ھەممە ئىشنى شۇنچىلىك ئىنچىكە، ئەتراپلىق قىلىدىغان ئامېرىكىدىكى ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى گەرچە ئامېرىكىلىقلار باشقۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلار تور بېتىدە ياكى ئۇچرىشىشقا كىلىشكەن ۋاقىتتا ئەلچىخانىغا بارغاندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تولۇق يازمىغانىكەن. نەتىجىدە بىز بىر مۇنچە ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئەلچىخانا ئىشىكى ئالدىغا كەلسەك ئىشىك باقار ئەلچىخانىدا سومكا ساقلايدىغان ئورۇن يوقلۇقىنى ئېيتىپ يولنىڭ قارشىسىدىكى سومكا ساقلاش ئورنىغا سومكىلارنى قويۇپ قويۇپ كىلىشىمىزنى دېدى. بوپتۇ دەپ كوچىدىن ئۆتمەكچى بولدۇم، يۇ- ئەمما يېقىندا قىزىل چىراق بولمىغاچقا باشقا ئادەملەر بىمالال ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كوچىدىن كېسىپ ئۆتۈش ماڭا شۇنچىلىك تەسكە توختىدى... بىر قەدەم ئالدىمغا ماڭىمەنۇ دەھشەت بىلەن كىلىۋاتقان ماشىنىدىن قورقۇپ دەرھال كەينىمگە يانىمەن، يەنە تەمتىرەپ بىر نەچچە قەدەم مېڭىشىمغا ئۇ تەرەپتىن يەنە بىر مۇنچە قاتناش كەلگەن، ئەمما ھېچقايسىسى ئامېرىكىدىكىدەك پىيادىلەر ئۈچۈن توختاش تۈگۈل سوقۇۋەتمەي ھەيدەي دېگەن ئاڭمۇ كاللىسىنىڭ بۇ بۇرجەكلىرىدە بولسىمۇ بارلىقىدىن كۈچلۈك گۇمان قىلاتتىم. ئايالىم بىلەن ساقلاپ تۇرماقچى بولغان قىزىم بىر نېمىلەرنى دەپ مېنى كۆرسىتپ كۈلەتتى، مېنى زاڭلىق قىلمىغان مۇشۇ قالغان ئەمدى؟ كوچىدىن بىمالال ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كەينىگە قايرىلىپ ماڭا ھەيرانلىقتا قارىغان كۆزلىرى بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا ھەيران بولغان كۆزلىرىم ئۇچراشقاندا مەن بىلىنەر-بىلىنمەس مەسخىرىنى سەزمىگەن يەردە ئەمەستىم. ئاخىرى 3 مېنۇتتەك گاڭگىراشتىن كېيىن باتۇرلۇق بىلەن يولنى كېسىپ ئۆتتۈم ۋە سومكامدىكى مۇھىم نەرسىلىرىم ساق تۇرارمۇ-تۇرماسمۇ دەپ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي دېگۈدەك ئامالسىز سومكىنى ساقلاشقا بېرىپ ئاران دېگەندە ئۆچرەتكە يېڭى باشتىن قىستالدۇق. ئاخىرى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئىچىگە كىرەي دېگەندە يەنە بىر ئاۋارىچىلىققا يولۇقتۇق.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 20:02 , Processed in 0.225923 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat