ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 690|ئىنكاس: 2

ئەقىل بۆلۈنمىسى (IQ) دېگەن نېمە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-26 10:19:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەقىل بۆلۈنمىسى دىگىنىمىز ئۆلچەملىك ئۆلچەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئادەمنىڭ مىڭە تەرەققيات ئەھۋالىنى سىناش  . ئىنگىلىزچىدا (Intelligence Quotient)نى قىسقارتىپ IQدەپ ئاتىلىدۇ.ئەقىل بۆلۈنىمىسى ياكى ئەقىل كۈچى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مەسىلەن:كۆزۈتۈش ئىقتىدارى ، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ،ئۆزگىرىش ئىقتىدارى ، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى زاغرا تىلدا ئېلىپ ئېيتساق ئەقىل بۆلۈنمىسى كۆرسەتكۈچى قانچە يۇقىرى ئۇ كىشى شۇنچە ئەقىلللىق دىگەن گەپ. لېكىن بۇنى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئۆلچىمى دىيىشكە بولمايدۇ . ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەقىل بۆلۈنمە كۆرسەتكۈچى 101، يەھۇدىيلارنىڭ 125  . گىرمانىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەقىل بۆلۈنمىسى 112. گەرچە ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى شۇنچە باشقىلىرىغا قارىغاندا شۇنچە تېز بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى زاماندىكى تەرەققىيات سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز بولدى. دىمەك ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ يەنە بەزى ئىلمى بولمىغان تەرەپلىرىمۇ بار.

نورمال بولغان ئادەملەرنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى كۆرسەتكۈچى 80-120گىچە ئارلىقتا بولىدۇ. يەنى 80-90ئوتتۇرا تۆۋەن دەرىجە، 90-110نورمال ، 110-120 بىر قەدەر زېرەك كىشىلەر، 70-80 تۆۋەن، 70دىنمۇ تۆۋەنلىرى ئادەتتە ئەقلى كەمتۈكلۈك دەپ قارىلىدۇ. 120-130كىشىلەر يۇقىرى ئالاھىدە ئەقىللىق ، 130-140ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەر تالانت ئىگىسى دەپ قارىلىدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئەقىل بۆلۈنمىسى بىرقەدەر يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈكرەك بولىدۇ .

2006-يىلى دوكتۇر رىچاردنىڭ ئېلان قىلغان كىتابى«ئىرق-مىللەتلەرنىڭ ئەقىل پەرقى»ناملىق كىتابتا ئوخشىمىغان رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى پەرقىنى رەتكە تىزىپ چىققان ۋە سەۋەبىنى ئىزاھلىغان ۋە IQدۇنيا خەرىتىسى تۈزۈپ چىققان . دوكتۇرنىڭ خەرىتىسىدە كۆرسىتىلىشىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئوتتۇرىچە سانى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ 117دىن ئاشقان.ئۇنىڭ كەينىدىن گىرمانىيە109، گوللاندىيە 107 ، پولشا 106. ئەڭ تۆۋىنى ئافرىقىدىكى گانگو دۆلتى بولۇپ ئوتتۇرىچە سانى 54 چىققان.

بالىلارنىڭ ئەقلى كۈچىنى ئۆلچەش ئاتا-ئانىلارنى بالىلارنىڭ زېھنى كۈچىنى بالدۇرراق بايقاپ ئۇنى قوزغىتىشقا ياردەمدە بولىدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق بالىلار ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەشكە بولىدۇ ؟  ئۈگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن، قورقۇنچاقلىق، يالغۇزلىقنى خالايدىغان  بالىلارغا بۇنداق سىناق ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ ۋە مۇشۇ ئارقىلىق بالىلاردىكى يىتەرسىزلىكلىرىنى تۈزۈتۈش ۋە تولۇقلاشقا ياردەملىشىش زۆرۈر.
ئۇنداقتا ئادەمنىڭ ئەقلى كۈچىنى يۇقىرلاتقىلى بولامدۇ؟ جاۋبى: بولىدۇ.
ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان مەزگىلىدىكى ئەقىل كۈچى ئوخشاش بولمايدۇ.ئادەم بىر كىچىلىك ئۇيقۇنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەقلى كۈچى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە بولىدۇ، ئەكسىچە بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن كېيىنكى ھارغىن ھالەتتە ئۇنىڭ ئەقلى كۈچى ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە تۇرىدۇ. ئادەم خۇشال بولغان چاغدا ئۇنىڭ ئەقلى كۈچى يۇقىرى ھالەتتە بولىدۇ ، ئەكسىچە چارچىغان، جىددىيلەشكەن ، ھاياجانلانغان ، ئالاقىزادە بولغان ، قايغۇرغان ، قورققان ، ۋەھىمە ھېس قىلغان ، ئىچى تىتىلدىغان ، ھودۇققان ، زېرىككەن ، غەزەپلەنگەن چاغلاردا ئۇنىڭ ئەقلى كۈچى يەنە تۆۋەن ھالەتتە بولىدۇ . شۇڭا ئەقىل كۈچىنى يۇقىرلىتىشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولسا قايغۇلۇق، غەم ئەندىشىلىك ئىشلارنى ئۇنتۇپ ، خۇشال ئىشلارنى كۆپرەك ئويلاش .كۆپرەك كاللا ئىشلىتىشمۇ مېڭىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى . داۋاملىق كاللا ئىشلەتمەيدىغان ياشانغانلار ئاسانلا دېۋەڭلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋپى بار .

بۇندىن باشقا يەنە بەزى يىمەكلىكلەر بىلەنمۇ ئەقلى كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.مەسىلەن:ياڭاق ، تۇخۇم ۋە بېلىق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر.......

داڭدار شەخىسلەر:
ۋىللىيام جامىس سىدىس (William James Sidis)
ئەقىل بۆلۈنمىسى 265دىن يۇقىرى
بۇ بالا 19-ئەسرنىڭ ئاخىرىدا نىيوۋيوركتا تۇغۇلغان. ئۇ 6 ئايلىق ۋاقتتىلا 26ھەرىپنى ئۈگۈنۈپ بولغان . 1 ياش ۋاقتىدا نىيوۋيورك گېزىتىنى كۆگەن. 3 ياش ۋاقتىدا ماتىماتىكىغا ناھايىتى قىزىققان . 4 ياش ۋاقتىدا فىرانسۇز تىلىنى پىششىق ئىگەللەپ بولغان . 8 ياش ۋاقتىدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ۋە گىرىس ، لاتىنچە ، نېمىسچە ، رۇسچە ، تۈركچە ۋە يامانىيەچە تىللارنى ئىگەللەپ بولغان. 11 ياش ۋاقتىدا خارۋاردقا كىرگەن . كېيىن ئىيتىشلارغا قارىغاندا بۇ كىشى 40 نەچچە خىل تىلنى ئىگەللەپ بولغان ۋە ئۆز ئارا تەرجىمە قىلالايدىغان بولغان .

ۋىنتەگىستېن (Wittgenstein)
ئەقىل بۆلۈنمىسى 230
تالانتلىق پەلسەشۇناس . بۇ كىشىنىڭ ھاياتى ناھايىتى غەيرى . 11 ياش ۋاقتىدىلا بىر كىيم تىكىش ماشىنىسى ياسىغان . 22 ياش ۋاقتىدا ئايروپىلان ماتورىنىڭ بەزىبىر پاتىنتلىرىغا ئېرىشكەن . بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئەسكەر بولۇپ جەڭگە قاتناشقان ۋە شۇ جەرياندا پەلسەپەگە ئائىت بىر كىتاب يازغان . كىتابنى تاماملىغان ۋاقتتا ئۇ 29 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى كاتتا باي بولۇپ ، ئۇ دادىسدىن قالغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى باشقىلارغا بېرىۋەتكەن ۋە يېزىغا بېرىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان.

ئارستوتىل(Aristotle)
ئەقىل بۆلۈنمىسى 200
قەدىمكى گىرىتسىيەدىكى مەشھۇر پەلسەپەشۇناس، ئالىم ، مائارىپچى . ئارستوتىل پۈتۈن ھاياتىنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشكە ئۆتكۈزگەن . ئۇنىڭ ئۈگەنگەن ساھەلىرى لوگىكا، فىزىكا ، مائارىپ  ، پىسخىكا ، ئىقتىساد ، سىياسەت قاتارلىقلار .

يۇمشاق دىتال شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى-بىل گايتىس
ئەقىل بۆلۈنمىسى 160
ئۇ كاللىسىغا ، ئەقىلگە تايىنىپ بېيىغان كىشىلەرنىڭ بىرى . 1996-يىلىدىكى بايلىقى 1تىرلىيارد600مىليون.ئۇ قولىدا ھېچنىمىسى يوق بىر كىشىدىن قىسقىغىنە 20 يىلدا 1تىرلىيارد390مىليون ئامرىكا دوللىرى يارىتىش بىلەن مۆجىزە ياراتقان كىشى.
تۆۋەندىكىسى خەلىقئارالىق ئۆلچەملىك ئەقىل بۆلۈنمىسى سىناش تور بېتى بولۇپ جەمئىي 39 بولۇپ 39 مىنۇت ۋاقىت بېرىلگەن . قائىدىسى ناھايىتى ئاددى . پەقەت سىز رەسىملەردىكى قائىدە قانۇنىيەتنى بايقاپ ئاسىتىدىكى رەسىمدىن ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغاننى تاللاپلا قويسىڭىز بولىدۇ . تۈگىگەندە ئوڭ تەرەپ ئاسىتىدىكى تىزىملىكتىن (提交)بېسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ . قېنى سىزمۇ بىر سىناپ بېقىڭ .

http://www.iqeq.com.cn   http://www.tuyitu.com/iqtext  http://www.k369.com/iq   
- بەيدۇ قامۇسىدىن uyghur05 تەرجىمە قىلغان.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-26 10:22:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىل بۆلۈنمىڭىز كۆرۈش سەزگۈسىدىكى ئاجايىپ سۈرەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ بېقىڭ
   دۇنيادا نۇرغۇن رەسىملەر قارىماققا ئانچە غەلىتە كۆرۈنمەيدۇ، ئەمما سىز سىنچىلاپ كۆزەتسىڭىز، كۆرۈش سەزگۈڭىزدە ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئاجايىپ مەنزىرىلەر نامايان بولىدۇ، قېنى تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى سىناپ كۆرۈڭ.
















     مەنبە: شىنخۇا تورى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-26 10:25:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟

  1. ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلار: ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلاردىن يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى ئانا سۈتى تەركىبىدە كۆپ خىل ماددىلار بولغاندىن سىرت ئۇنىڭدا يەنە تائۇرېن دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، كالا سۈتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى تائۇرېننىڭ مىقدارى ئون ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى ئىكەن.

  2. ئۇيقۇسى يېتەرلىك بالىلار: بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بىلەن ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، سەككىز سائەتتىن ئاز ئۇخلىغان 61 پىرسەنت بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولغان، مەجبۇرىي ئۇخلاپ، نەتىجىسى ئوتتۇرىچە نۇمۇر سىزىقىغا يەتكەن 39 پىرسەنت بالىدىن بىرسىمۇ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلمىگەن؛ ئەمما، ئون سائەت ئۇخلىغان 76 پىرسەنت بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرىھال، 11 پىرسەنت بالىنىڭ ئەلا، پەقەت 3 پىرسەنت بالىنىڭ ناچار بولغان.

  

  3. داۋاملىق تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بالىلار: ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 20 مىنۇت يۈگۈرىدىغان ھەم گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناش قاتارلىق تەنھەرىكەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمايدىغانلاردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.

   4. ئۆگىنىش مۇھىتى ياخشى بالىلار: ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، شاۋقۇن مۇھىتتا ياشىغان يەتتە ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىنى دوراش ئىقتىدارى نورمال مۇھىتتا ياشىغان بالىلاردىن تۆۋەن بولغان، ئىككى ياشقا كىرگەندە تىلى چىقىشىمۇ ئارقىدا قالغان. فىرانسىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاۋقۇن 55 دېتسىبېل بولغاندا، بالىنىڭ خاتانى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 4.3 پىرسەنت بولغان؛ شاۋقۇن 60 دېتسىبېل بولغاندا، خاتانى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى ئۆرلەپ 15 پىرسەنتكە چىققان. ياپونىيەلىك ئالىملار خۇش پۇراقنىڭ بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، يەنى خۇش پۇراق مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كۆرۈش سىزىمى، ئىنكاسى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىناق ئائىلە مۇھىتىمۇ بالىلارنىڭ ئەقىللىق چوڭ بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەن.

  5. ئەتىگەندە ناشتا قىلىدىغان بالىلار: تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىپ بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ناشتا قىلمىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغرۇچە رادىئو تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 03:29 , Processed in 0.129576 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat