ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 809|ئىنكاس: 3

Windows 8 قانچىلىك تەرجىمە قىلىندى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-12 18:05:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
Windows قانچىلىك تەرجىمە قىلىندى؟

ئەمەلىيەتتە Microsoft شىركىتى Windows نىڭ قانداق ۋە قانچىلىك تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقىنى 10 يىل بۇرۇن ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان ئىدى. Windows نىڭ قانداق يەرلىكلەشتۈرۈلىدىغانلىقىغا قىزىقىدىغانلار بۇنداق ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ياكى توردىن Windows LIP دەپ ئىزدىسە بۇ يەرنى تاپالايدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ يەردىكى بەزى مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قوياي.

سوئال: Windows LIP دېگەن نېمە؟
جاۋاب: Microsoft Windows تىل ئارا يۈزى بولىقى (LIP) يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ياكى ئاساسىي ئېقىم بولمىغان تىل بازىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتتە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن «تېرە»دۇر. ئۇنىڭدا بىر گۇرۇپپا ئاددىي ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (UI) ئېلېمېنتىنى تەرجىمە قىلىنىپ، كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (MUI) تېخنىكىسى ئاساسىدىكى تىل بولىقى ئۈستەليۈزى ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن يەرلىكلىشىش نىسبىتى %80 دىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىلەر تەسىراتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

سوئال: تىل بولىقىدا قايسى مەزمۇنلار يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ؟ قايسى مەزمۇنلار يەرلىكلەشتۈرۈلمەيدۇ؟
جاۋاب: (LIP) تىل بولىقى پۈتۈنلەي يەرلىكلەشتۈرۈش دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان تىل ئارايۈزى ئېلېمېنتى (UI) يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ. يەرلىكلەشتۈرۈلمەيدىغانلار باشقۇرۇش قوراللىرى (管理工具)، سىستېما خاتالىق ئۇچۇرى (系统错误消息)، پائالىيەت خاتىرىسى (事件日志)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت ئاددىي ئىشلەتكۈچىلەر ياردىمى (ھۆججىتى) يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ.

سوئال: تىل بولىقى نەچچە پۇل؟
جاۋاب: (LIP) تىل بولىقى سېتىلمايدۇ، ئۇنى Microsoft تورىدىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز.

قىسقىچە خۇلاسە

Windows ئادەتتە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان تىللار ئۈچۈن (مەسىلەن: ئىسپانچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە،…تۈرۈكچە قاتارلىق 30 نەچچە ئاساسىي تىل) پۈتۈنلەي يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ يەنى كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (MUI) ئاساسىدا تەرجىمە نىسبىتى %100 بولىدۇ. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان، تېخى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانمىغان ئەمما مەلۇم دۆلەتنىڭ تىلى بولغان ئاساسىي تىللار ئۈچۈن (مەسىلەن: ئۆزبېكچە، قازاقچە (قازاقىستان)، تۈركمەنىستان،…قاتارلىق 70 نەچچە ئادەتتىكى تىللار) تىل بولىقى (LIP) ئاساسىدا %80 تەرجىمە قىلىنىدۇ. بارلىق تىل بولىقى ئوخشاش نىسبەتتە يەرلىكلەشتۈرىلىدۇ.

سوئال: ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چوڭلۇقى بىرنەچچە مېگابايت، خەنزۇچە تىل بولىقىنىڭ چوڭلۇقى 100 مېگابايتتىن ئاشىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە %10 تەرجىمە قىلىندىمۇ؟
جاۋاب: ئۇنداق ئەمەس، نەدىمۇ LIP ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى بىلەن تەرجىمە مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئىش بار. خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، ياپونچە،… قاتارلىق تىللار MUI ئاساسىدا %100 تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلارغا بىرنەچچە خەت نۇسخىسى قوشۇلغان بولىدۇ. خەنزۇچە بىر تال خەت نۇسخىسىنىڭ چوڭلۇقى 20-30 مېگابايت كېلىدۇ، 3-4 خەت نۇسخىسى قوشۇلسا 100 مېگابايتتىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى رەسىم، سىنبەلگىلەرمۇ يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ، يەرلىكلەشكەن ئاۋاز ھۆججەتلىرىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇلارنىڭ سىغىمى چوڭ بولىدۇ.
گەرچە ئۇيغۇر تىلى ئۆلكە دەرىجىلىك تىل سۈپىتىدە قوشۇلغان بولسىمۇ (دىققەت، ئىلگىرى ئۆلكە دەرىجىلىك تىللارغا تەستىق بەرمەيتتى)، لېكىن ئورگان تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە تەرجىمە مىقدارى جەھەتتە دۆلەت تىلى بولغان ئۆزبېكچە، قازاقچە، قىرغىزچە، تاتارچە،…دېگەندەك تىللار بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا يەنى LIP ئاساسىدا تەرجىمە قىلىندى ھەم ئۇلاردىن بالدۇر پۈتۈپ ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى. تەرجىمە مىقدارى %80 گە يېتىدۇ. باشقا تىل بولاقلىرىدا خەت نۇسخىلىرى قوشۇلغان بولسا، سىغىم جەھەتتە ئەلۋەتتە پەرق بولىدۇ.

سوئال: كېيىنچە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى %100 تەرجىمە قىلىنامدۇ؟
جاۋاب: ناۋادا ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئېھتىياجىدىكى تىل ياكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانمىغان تىل دەپ بېكىتسە، يەنىلا LIP تىل بولىقى شەكلىدە %80 ئەتراپىدا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەمما كېيىنكى نەشىرىدە داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىدىغان تىل قاتارىغا كىردى. بەلكىم يەنە باشقا مەھسۇلاتلارغا داۋاملىق كېڭىيىدۇ.

بەزىلەرنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن بۇ ئىشلارنى قەستەن بىلمەس بولۇۋالغاندەك ياكى باشقا مەقسىتى باردەك بىلىنىۋاتىدۇ، مەندىن يەنە گەپ ئېلىپ يۈرمەڭلار، كېلىشىم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېمىنى تەييارلايمەن دەپ 1 سائەت ۋاقتىم كەتتى.

تەرجىمىدە خاتالىق بايقىساڭلار، ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىپ، قىزىل رامكىغا بوياپ، بۇ تەرجىمە مۇنداق بولۇپ قاپتۇ، خاتالىقنىڭ دەرىجىسىنى ئېغىر، نورمال، يېنىك دەپ 3 دەرىجە ئىچىدىن بىرسىنى تاللاپ، كۆرۈلگەن خاتالىقنىڭ سەۋەبى ئاتالغۇ بىردەكسىزلىكى، گىرامماتىكا خاتالىقى،….دېگەندەك ئېنىق سەۋەبىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئاندىن ئۆزۈڭلارنىڭ پاكىتلىق، قايىل قىلارلىق پىكىرىڭلار بىلەن مۇنداق تەرجىمە قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى دېسەڭلار، تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئەلۋەتتە تۈزىتىشكە بولىدۇ. لېكىن ھېچقانداق ئېنىق خاتالىقنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ، ئۇنداق بولۇپتۇ، بۇنداق بولۇپتۇ، مېنىڭچە بولغاندا دەپ پىكىر يازساڭلار، بۇنداق پىكىر نەزەرگە ئېلىنمايدۇ ھەم ئوڭايلا خاتا تەشۋىقات بولۇپ قالىدۇ. ئىشقىلىپ دەلىلسىز پىكىر قىلماڭلار.

مۇمكىن بولسا ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇۋېلىڭلار، تور بېكەتلىرىگىمۇ ئۇيغۇرچە سۆز قالدۇرۇپ قويۇڭلار. مۇشۇنداق قىلساڭلار، مۇلازىمەت ئورنىغا بىرەر قېرىندىشىمىزنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشى مۇمكىن.

مەنبە: ئۆزلۈك تورى ( ئالىم ئەھەت بىلوگى)
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-12 18:07:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش، ئۇنداقتا مېنىڭ بىر سوئالىم بار، سىستېما تىل ھۆججىتىنىڭ قانچە پىرسەنت تەرجخمە قىلىنغانلىقىنى قانداق تەكشۈرگىلى بولۇدۇ؟ ئىگە تەرەپ بېتىدە ئۇچۇر بارمىدۇ؟
بىلىدىغانلار ئۇچۇر قالدۇرۇڭلار.
ۋاقتى: 2014-10-17 13:43:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tawlan12 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-12 18:07
خوش، ئۇنداقتا مېنىڭ بىر سوئالىم بار، سىستېما تىل ھۆججى ...

ھازىر بۇنىڭغا قىززىقىدىغانلار بەك ئازلاپ كەتتى جۇمۇ !
ھەممىسى تېلېفۇن ئويۇنلىرى بىلەن شۇ !
ۋاقتى: 2014-10-17 14:03:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alm+soft يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 13:43
ھازىر بۇنىڭغا قىززىقىدىغانلار بەك ئازلاپ كەتتى جۇمۇ ! ...

سورىغىنىم، تەرجىمىگە كىمنىڭ قىزىقىشى ئەمەس،  ھازىر قى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ تەرجىمە قىلىنىش نىسبىتىنى توردىن كۆرۈشكە بولارمۇ؟
ئۇبۇنتۇنىڭ شۇنداق بىر جەدۋىلى بارتىغۇ؟ شۇنىڭدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-23 14:44 , Processed in 0.167907 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat