ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 630|ئىنكاس: 0

‹‹ مىللىيچە ›› ئۇقۇمى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-12 17:29:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawlan12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-12 17:45  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز مۇنبەرداشلار ، ئالدى بىلەن تېنىڭلارغا ساقلىق ، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق ، كۈنلىرىڭلارغا خۇشاللىقلار تىلەيمەن .

خېلى ۋاقتتىن بېرى ‹‹ مىللىيچە ›› دېگەن بۇ سۆزگە ئۇبدانلا دېققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ، ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى  ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشنى ئويلاشقان بولساممۇ ، خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن ماتىرىيال توپلاشقا ۋاقت چىقىرالمىدىم ، بۈگۈن گەرچە تەييارلىقىم بولمىسىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئوي - پىكىرىنى ، كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى بۇ يەردە مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا كۆردۈم  . . .

‹‹ مىللىيچە ›› دېگەن بۇ ئۇقۇم ئۆز نۆۋىتىدە ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆز ئۆرۈپ - ئادىتىنى ، مىللەت خاسلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە ئىيتىلغان سۆز بولۇپ ، بۇ ھەرگىزمۇ بىرلا مىللەتكە قارىتىلغان ئۇقۇم ئەمەس ، مەسىلەن : خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ‹‹ مىللىيچە ›› ئەنئەنىسى  بولىدۇ ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ شۇنداق ، دۇنيادىكى ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ‹‹ مىللىيچە ›› ئەنئەنىسى ، خاسلىقى بولىدۇ . شۇڭا ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسى توغۇرسىدا سۆز ئاچقاندا ‹‹ مىللىيچە ›› سۆزىنى ئىشلەتمەي ئۆز مىللىتىنىڭ نامى بويىچە ئاتىسا مەنچە شۇ مىللەتنىڭ خاسلىقى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن بولىدۇ ، مەسىلەن ئۇيغۇرلار ياكى ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئۆزىنىڭ ماركىسىنى ‹‹ مىللىيچە ›› ماركا دېمەي ئۇيغۇرچە ماركا دىيىشى كېرەك ، ھەرقانداق مىللەت ئۆز نۆۋىتىدە شۇنداق قىلىشى كېرەك ئەلۋەتتە . يىقىندا توردا ۋە تاراتقۇ ئورۇنلىرىنىڭ خەۋەر ۋە يازمىلىرىدا كۆرسىتىلگەن ‹‹ مىللىيچە ›› كىيىم - كېچەك ، ‹‹ مىللىيچە ›› تائام ، ‹‹ مىللىيچە ›› نەقىش ، ‹‹ مىللىيچە ›› كارخانە . . .  قاتارلىق بىرقاتار خەۋەر ۋە مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چىقتىم  ( ئەلۋەتتە ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىكلىرىنى ) ، ئەپسۇس ، ئۇيغۇرچە كىيىم - كېچەكلەرنى ، ئۇيغۇرچە تائاملارنى ، ئۇيغۇرچە بېناكارلىق ۋە نەققاشچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرىقىدە ‹‹ مىللىيچە ›› دەپ ئاتىغان ، بۇلار ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتكە ۋەكىل بولالمايدۇ ، شۇڭا ئويلاپ قالدىم ، بۇلار نېمىشقا ‹‹ مىللىيچە ›› دېگەننىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە دەپ ئاتىمايدۇ ، ئۇيغۇر بېناكارلىقى ، ئۇيغۇر كىيىم - كېچەكلىرى ، ئۇيغۇر تائاملىرى ، ئۇيغۇر كارخانىلىرى ، ئۇيغۇر . . . . لىرى ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرغا خاس ئەمەسمۇ ، ئۇلارنى ‹‹ مىللىيچە ›› دەپ ئاتىساق توغرا بولامدۇ ؟ بىرقىسىم كىشىلىرىمىز ‹‹ مىللىيچە ›› ئاتالغۇسىنى ئىنتايىن چولتا ئويلايدۇ ، ئۇيغۇرغا خاس ، ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنىسىگە خاس ، ئۇيغۇرنىڭ ئۆرۈپ - ئادەتلىرىگە خاس بارلىق نەرسىلەرنى ‹‹ مىللىيچە ›› دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قالغان ، ئۇلار ‹‹ مىللىيچە ›› دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە پەقەت ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولالمايدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ ياكى بىلىپ تۇرۇپ كۆڭۈل بۆلمەمدىغاندۇ...
قەشقەر بازارلىرىدىن باشقا ئورۇنلاردا ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بۇ كاۋا كاۋىپى ئەجىبا ئۇيغۇرچە تائام ، ئۇيغۇرچە يىمەكلىك ئەمەسمۇ ؟ شۇڭا بۇ تېمىنىڭ توغرا يىزىلىشى ‹‹ شىنجاڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇرچە يىمەكلىك ـــ كاۋا كاۋىپى بولۇشى كېرەك . پەقەت بۇلا ئەمەس ، بىز دائىم ئىيتىپ كېلۋاتقان ئۇيغۇرغا خاس ، لېكىن ‹‹ مىللىيچە ›› نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلۋاتقان بارلىق تائاملار ‹‹ مىللىيچە ›› تائام ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرچە تائام ، ئۇيغۇرچە يىمەكلىك  دەپ ئاتىلىشى كېرەك .
تومۇرىدا ئېقۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ قېنى بولغان ھەربىر ئۇيغۇر  xxx توڭلاتقۇنىڭ ئۈستىگە يىزىلغان ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ چۈشىنەلمىگەن تەقدىردىمۇ بىر قاراپلا  ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن نەقىشنىڭ ئۇيغۇرچە نەقىش ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ ، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا ئۇيغۇرچە نەقىش دېمەي ‹‹ مىللىيچە ›› دەپ ئاتايمىز ؟؟؟
بۇ توغۇرسىدىكى مىساللار بەك كۆپ ، گەرچە بىرقىسىم زىيالىلىرىمىز ، مىللەتپەرۋەرلىرىمىز بۇ توغۇرسىدا كۈچ چىقىرۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز بۇ نوقتىغا بەكلا ئېتىبارسىز قارىماقتا .
ئەتلەستىن تىكىلگەن كىيىمنى ‹‹ مىللىيچە ›› كىيىم دېگەننى ۋە شۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەتلىسىنى ‹‹ مىللىيچە ›› رەخت دېگەننى ، ئۇيغۇر مائارىپىنى ‹‹ مىللىيچە ›› دېگەننى ، ئۇيغۇرچە ناخشا - ئۇسۇلنى ‹‹ مىللىيچە ›› سەنئەت دېگەننى . . .  قىسقىسى  ئۇيغۇر ئەنئەنىمىزنى ‹‹ مىللىيچە ›› ئەنئەنە دېگەننى كۆپ ئۇچرىتىمىز ، شۇڭا ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ نوقتا توغۇرسىدا ئويلاپ كۆرۈشىنى ، كۆپ ئېتىبار بېرىشىنى ، ئۆزىمىزنىڭكىنى ، ئۇيغۇرنىڭكىنى ‹‹ مىللىيچە ›› دېگەن نامدا باشقىلارغىمۇ تەۋە قىلىپ قويماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ۋاقت مۇناسىۋىتى بىلەن قالغان مۇنازىرىلەر ۋە كۆز قاراشلار ، ئىلغار پىكىرلەرنى مۇنبەرداشلارغا قالدۇردۇم . بەلكىم قىسقا ۋاقىتتا يىزىلغان تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى سەۋەنلىكلەردىن خالى بولماسلىقى مۇمكىن ، ئويلىنىش ،  تولۇقلاش ۋە تۈزۈتۈش سىلەرگە قالدى . . . .
-ئۇيغۇر ستۇدېنتلار تورىدىن نەزەر نىڭ يازمىسى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 02:26 , Processed in 0.119499 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat