ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 521|ئىنكاس: 0

‹‹كۈلتۈر›› ۋە ‹‹مەدەنىيەت›› ئۇقۇملىرى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-11 14:31:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يۈسۈپجان ياسىن  پازىل


مەنبەسى : ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››، 2013- يىلى 25-دېكابىردىكى سانى

‹‹كۈلتۈر›› بىلەن ‹‹مەدەنىيەت›› تىن ئىبارەت  بۇ ئىككى ئۇقۇم 18- ئەسىردىن باشلاپ غەربلىك تارىخشۇناسلار، مۇتەپەككۇرلار، پەيلاسوپلار، جەمئىيەتشۇناسلار ۋە مەدەنىيەتشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ ئىپادە قىلىدىغان مەنىسى، دائىرىسى ۋە بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى   نۇرغۇن ئالىملارنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، غەربتە بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى قاراشلاردا بەلگىلىك دەرىجىدە ئورتاقلىق شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن غەربنىڭ ئىلىم ساھەسىدە ‹‹culture››(كۈلتۈر ياكى كالچېر)، ‹‹sivilization›› (سىۋېلايزەيشن) دېگەن ئىككى سۆز ئومۇملىشىپ، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئامىللارنى چۈشىنىش ۋە ھەل قىلىشتا  ئېنىق بىر  ئۇقۇم ۋە مېتود مەيدانغا كەلدى. 1915- 1919- يىللاردا جۇڭگودا لۇشۇن ۋە چېن دۇشيۇ قاتارلىق زىيالىيلار يېتەكچىلىك قىلغان ‹‹يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى›› ئېلىپ بېرىلىپ، خەلقئارادىكى ناھايىتى نۇرغۇن كىلاسسىك كىتابلار خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ئىلغار ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋىي قاراشلار تۇنۇشتۇرۇلدى. شۇ قاتاردا ئىنگلىز تىلىدىكى ‹‹culture›› سۆزى خەنزۇچە ‹‹文化›› دېگەن خەت بىلەن،  ‹‹sivilization›› سۆزى بولسا ‹‹文明›› دېگەن خەت بىلەن ئىپادە قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە خەنزۇچە ئەسەرلەردە بۇ ئىككى سۆز ئىزچىل قوللىنىلىپ كەلمەكتە.

كۈلتۈر (文化) بىلەن مەدەنىيەت (文明) تىن ئىبارەت بۇ ئىككى  ئۇقۇم بىر مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككىسىنىڭ ھەم ئورتاقلىق  ھەم پەرقلىق تەرىپى بار. لېكىن، بۇلارنى ئوخشاش بىر ئۇقۇم دەپ ئارىلاشتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرىۋېتىلسە بىر مىللەتنى چۈشىنىشتە ۋە جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە زىددىيەت پەيدا بولىدۇ. ھەتتا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ توقۇنۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ھازىر خەنزۇ تىلىدىكى بۇ ئىككى سۆزنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا، تىل يېزىق تارماقلىرى ‹‹文化››نى ‹‹مەدەنىيەت››، ‹‹文明››نى ‹‹مەدەنىيلىك›› دەپ ئاتاشنى  خېلى ئومۇملاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ‹‹مەدەنىيەت›› بىلەن ‹‹مەدەنىيلىك›› دېگەن ئىككى سۆز ئەمەلىيەتتە پەقەت بىر خىل ئۇقۇمنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشىغا ئايلىنىپ قالغان، مەزمۇن جەھەتتىن بولسا ئۇنىڭغا ‹‹文明›› دېگەن سۆزدە ئىپادە قىلىنىۋاتقان مەنا  يۈكلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ‹‹كۈلتۈر››(文化) سۆزى بىلەن ئىپادە قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئۇقۇمنى ‹‹مىللىي مەدەنىيەت››(民族文化) دېگەن نام بىلەن ئاتايدىغان يەنە بىر سۆز پەيدا بولغان.

ئىلمىي مۇھىتىمىزدا ئومۇملاشقان بۇ ‹‹مەدەنىيەت›› سۆزى ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن. ئۇنىڭ ئەسلى شەكلى ‹‹مەدىنە›› بولۇپ، مەنىسى ‹‹گۈللەنگەن››، ‹‹روناق تاپقان››، ‹‹شەھەر›› دېگەنلىكتۇر. ئەسلىدە بۇ سۆزدە بىر مىللەتنىڭ مەلۇم بىر دەۋردىكى ئومۇمىي تەرەققىيات جەرىيانى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىسى نەزەردە تۇتۇلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىدە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇم بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مەنىسى ئىنگلىز تىلىدا ‹‹sivilization›› (سىۋېلايزەيشن)، خەنزۇ تىلىدا ‹‹文明›› دېگەن خەت بىلەن ئىپادە قىلىنغان ئۇقۇمغا تەڭدۇر. لېكىن، بۇ ئۇقۇم ئۇيغۇر تىلىغا  ‹‹مەدەنىيلىك›› دېگەن سۆز بىلەن تەرجىمە قىلىنىپ، ‹‹مەدەنىيەت›› سۆزىنىڭ سۈپەت شەكلى ئورنىدا قوللىنىلغاچقا، ئۇقۇم مۈجمەللىكى پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدە ئىككى سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنغان ئىككى ئۇقۇم ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹مەدەنىيەت››(文化)، ‹‹مەدەنىيلىك››(文明) ۋە ‹‹مىللىي مەدەنىيەت››(民族文化) دېگەن ناملاردا ئاتالغان ئۈچ ئۇقۇم شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئالدى بىلەن، ‹‹كۈلتۈر›› بىلەن ‹‹مەدەنىيەت››تىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ دائىرىسى ۋە خاراكتېرىنى ئېنىق چۈشەنگەندە، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا توتقان رولىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.   كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ئورتاقلىق ۋە پەرقلىق تەرەپلەر بار:

1-مەدەنىيەت خەلقئارالىق بولىدۇ، كۈلتۈر مىللىي بولىدۇ.

2- مەدەنىيەت ئەقىل ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. ئۇ سۈنئىي بولىدۇ. كۈلتۈر بولسا تۇيغۇ ۋە ئىلھامغا تايىنىپ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ تەبىئىي شەكىللىنىدۇ.

3- مەدەنىيەت بىر مىللەتتىن باشقا بىر مىللەتكە ئۆتىدۇ، لېكىن كۈلتۈر ئۆتۈشمەيدۇ.

4- بىر مىللەت مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، لېكىن كۈلتۈرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

5- مەدەنىيەت ئىقتىسادىي، قانۇنىي، دىنىي، ئەخلاقىي پىكىرلەرنىڭ توپلىمىدۇر، كۈلتۈر دىنىي، ئەخلاقى، بەدىئىي تۇيغۇ قاتارلىقلارنىڭ توپلىمىدۇر.

دېمەك، كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەتنى بىر بىرىدىن ئايرىغان نەرسە، كۈلتۈرنىڭ تۇيغۇدىن، مەدەنىيەتنىڭ چۈشەنچىدىن بارلىققا كېلىشىدۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، كۈلتۈر قەلبكە تايىنىدۇ، مەدەنىيەت مېڭىگە تايىنىدۇ.  مەسىلەن، خەلقنىڭ ئەدەبىي زوقىدىن مەيدانغا كەلگەن مەسەل، چۆچەك، لەتىپە، قوشاق، داستان قاتارلىقلار ئۇيغۇر كۈلتۈرىگە مەنسۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئىرادىسى بويىچە بەلگىلىك بىر ئەدەبىي شەكىلنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› داستانى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مەنسۇپتۇر.

كۈلتۈر تۇيغۇغا تايىنىپ تەبىئىي شەكىللەنگەچكە، ئۇنىڭ تەرەققىياتىمۇ يەنە بىرەر شەخسنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنماي تەبىئىي ھالدا مەيدانغا كېلىدۇ، ئۆزگىرىشىمۇ يەنە  شەخسنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمايدۇ. مەسىلەن، بىر تىلدىكى سۆزلەرنى كىشىلەر خالىغانچە بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى سۆزلەرنى ياساپ دەسلىتەلمەيدۇ. گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ كىشىلەر خالىغانچە ئۆزگەرتىپ يېڭى ئامىللارنى قوشالمايدۇ. تىلدىكى ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات كىشىلەر سەزمىگەن ھالدا تەبىئىي ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كۈلتۈرنىڭ ئەسلى مەنبەسى قەلپتۇر. كۈلتۈر قەلپتىن چىققان تۇيغۇدىن ياكى ھېسياتتىن شەكىللەنگەچكە، ئۇنىڭ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، ئۇنىڭدا مىللەتنىڭ ئەسلى روھى نامايان بولىدۇ. مىللەت ئەزالىرىنىڭ خوشاللىقى ۋە مەنىۋىي ھوزۇرى پەقەت كۈلتۈر ئارقىلىق قانائەت تاپىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى بىر بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق مىللەت كۈلتۈردىن ئايرىلالمايدۇ، ئەگەر ئايرىلىدىكەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ. كۈلتۈر  بىلەن مىللىي مەۋجۇتلۇق زىچ بىرىككەن بولىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ھاياتى پەقەت كۈلتۈرىگە تايىنىپ نورمال داۋاملىشىدۇ. كۈلتۈرنىڭ شەكىللىنىشىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە ئىنسان ئامىلى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مىللەت ئەزالىرىمۇ ئۆزى ياشىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ تەسىرى ئاستىدىلا ئۆز كۈلتۈرىنى ياراتقاچقا، ھەر خىل كۈلتۈرلەر ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرما قېلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرىنى ‹‹ئىلغار››، بىرىنى ‹‹قالاق›› دەپ ئايرىش ئىلمىي چۈشەنچىگە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈلتۈرنى ئاساس قىلىپ باھالاش توغرا ئۇسۇل ئەمەس. ئەمما، كۈلتۈردىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىراق بۇ ئۆزگىرىش ئۇنىڭ مەنىۋىي ئاساسلىرى ۋە قىممەت سىستېمىسىدە ئەمەس، بەلكى مۇئەسسىسەلىرىدە ۋە دەۋرىيلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بەزى ماددىي بەلگىلىرىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ مۇئەسسىسەلەر ۋە دەۋرىيلىككە ئىگە ئامىللار ئۆتمۈشكە مەنسۇپ بەلگىلەر سۈپىتىدە تارىخقا ئايلىنىدۇ. دېمەك، ئىلمىي ساھەدە ياكى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ‹‹مىللىي مەدەنىيەت›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن نەرسىلەر ئەسلىدە  كۈلتۈردۇر. كۈلتۈرنىڭ ئالاھىدىلىكى مىللىيلىكنى ئىپادە قىلىشتۇر. شۇڭا، بۇنى ‹‹مىللىي مەدەنىيەت›› دېمەي، ‹‹كۈلتۈر›› دەپ ئاتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ‹‹ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى›› دېمەي، ‹‹ئۇيغۇر كۈلتۈرى›› دەپ ئاتاش توغرىدۇر.

مەدەنىيەت بولسا ئەقىل ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق يارىتىلغاچقا، مەۋجۇت شارائىتتىكى ئېھتىياجغا ئاساسەن ئۇنى خۇسۇسىي ئىرادىگە تايىنىپ ئىجاد قىلىشقا، مەۋجۇت ھالەتتىكىلىرىنى تېز يېڭىلاشقا ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە بولىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە ئۇنى باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىش زۆرۈرىيىتىمۇ بار. مەدەنىيەت ئۆتمۈشتىن قالغان مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش،  مەۋجۇت شارائىتتا ئىجادىي شەكىل بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭا، ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرما قېلىشقا، بىرىنى ‹‹ئىلغار››، بىرىنى ‹‹قالاق›› دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىمۇ پەقەت ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەتكە ئاساسەن ئۆلچىنىدۇ. مەدەنىيەتتە ئالغا بېسىشتا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىك، ئۆز ئارا چۈشىنىش، بىر - بىرىنىڭ كۈلتۈرى ۋە خاسلىقىغا ھۆرمەت قىلىشتەك ئىجتىمائىي ھالەت مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. شۇ چاغدا بىر ئورۇندا ياشاۋاتقان مىللەتلەر بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار ئامىللارنى، يېڭىلىقلارنى تەبىئىي ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشكە پايدىلىق شارائىت ھازىرلايدۇ.  بۇنىڭدىن مەلۇمكى، كۈلتۈر مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرگىزمۇ توسقۇن بولمايدۇ، ئەكسىچە  كۈلتۈرنى رەت قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭغا  زەربە بىرىدىغان ھەر خىل بەلگىلىمە، قارار ياكى سىياسەتلەر مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتتە يۈكسىلىسىگە توسقۇن بولىدۇ، مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىنى چۈشىنىشىگە، بىر بىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار تەرەپلەرنى تەبىئىي ھالدا قوبۇل قىلىشىغىمۇ پايدىسىز  ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ.  

كۈلتۈر بىر مىللەتنىڭ تىلى، ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى، ئەخلاقى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، سەنئىتى، جەمئىيەت تەشكىلى قاتارلىق مەنىۋىي ھاياتىنىڭ ئومۇمىي توپلىمى بولغاچقا، ئۇ بىر ياشاش پىرىنسىپى سۈپىتىدە مىللەت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، نازارەت قىلىپ قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ مىللەت ئەزالىرى  ئۈچۈن قەتئىي ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ھاياتلىق مىزانى ھېساپلىنىدۇ.  شۇڭا، كۈلتۈر ‹‹يېزىقسىز قانۇن›› سۈپىتىدە بىر جەمئىيەتنىڭ تەرتىۋىنى، مۇقىملىقىنى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاشتا ناھايىتى مۇھىم بىر ۋاسىتە بولۇشتەك رول ئوينايدۇ.  ئەمما، بۇ جەھەتتە مەدەنىيەتنىڭ ھەر ۋاقىت بۇنداق رول ئوينىشى ناتايىن. مەسىلەن، خەلق ئىچىدىكى  ھېچقانداق بىر مەدەنىيەت تەربىيەسى ئالمىغان ئاددىي بىر ئادەم كۈلتۈرگە مەنسۇپ ئېتىقاد، ئەخلاق ياكى ئۆرپ – ئادەتنىڭ كۈچى بىلەن ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىپ، ئىجىمائىي تەرتىپكە، جەمئىيەت ئامانلىقىغا زىيان سالىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. ئەكسىچە مەدەنىيەت تەربىيەسىنى ئالغان، قانۇننى چۈشىنىدىغان بەزى رەھبىرىي كادىرلاردىكى چىرىكلىشىش، پاراخورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ كۆرۈلۈشى بولسا ئۇلاردا كۈلتۈر ئېڭىنىڭ يەنى، ئېتىقاد، ئەخلاق ياكى ئەنئەنىنىڭ يوقالغانلىقىدۇر. دېمەك، ئىنساندا كۈلتۈر بولمايدىكەن، ئۇنداق كىشىنى مەدەنىيەتمۇ تىزگىنلىيەلمەيدۇ، ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ھەتتا بەزىدە قانۇنمۇ توسۇپ بولالمايدۇ. كۈلتۈردە ‹‹ياخشى›› ۋە ‹‹يامان››، ‹‹توغرا›› ۋە ‹‹خاتا››، ‹‹دورۇست›› ۋە ‹‹ئەيىپ››نىڭ چەك – چېگرىسى ناھايىتى ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ، كىشىلەر ئومۇمەن ‹‹ياخشىلىق››، ‹‹توغرىلىق››، ‹‹دورۇستلۇق››نى ئۆزىگە  ھايات پىرىنسىپى قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا، كۈلتۈر چوڭقۇر يىلتىز تارتقان جەمئىيەتتە كىشىلەر مەنىۋىي ھوزۇر ئىچىدە ياشايدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىمۇ بۇزۇلمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹دۆلەتنى ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىش››نى تەشەببۇس قىلىشى دەل كۈلتۈرنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ساغلام بىر مەدەنىي جەمئىيەت يارىتىشتۇر. شۇڭا، ئىلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈرىنى قوغداش، ئاسراش، قېزىش، رەتلەش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش، كۈلتۈرنى نامايان قىلىدىغان سورۇن ۋە پائالىيەتلەرنى داۋاملىق كۆپەيتىش ئىلىمىزنىڭ تىنچلىق ئىچىدە يەنىمۇ قۇدرەت تېپىشىدىكى زۆرۈر ۋاسىتىلاردىن بىرىدۇر. بولۇپمۇ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈرىنى قوغداش ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشتە مائارىپ تارماقلىرى ‹‹كۈلتۈر دەرسلىكى››نى تۈزۈپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى پەن سۈپىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئۆگەتكەندە، كۈلتۈرنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە مەنىۋىي سۈپىتى تېز ئۆسىدۇ، جەمئىيەتتە ھەر خىل خۇراپىي ئەقىدىلەرنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىنى چۈشىنىشى ۋە بىر - بىرىگە بولغان ھۆرمىتى ئاشىدۇ. ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىمۇ تېزلىشىدۇ. مەدەنىيەتكە بولۇپمۇ كەلگۈسىگە، زامانىۋىيلىشىشقا، دۇنياغا يۈزلىنىشتە ناھايىتى پايدىلىق شارائىت يارىتىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 22:41 , Processed in 0.152651 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat