Windows 10 نىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ۋە ئەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئاشكارىلاندى
سىنا پەن-تېخنىكسىنىڭ 5-ئۆكتەبر خەۋىرى: مىكروسوفتنىڭ Windows 10 تېخنىكىلىق سىناق نۇسخىسى چۈشۈپ سىناپ بېقىشقا تەمىنلەندى، شۇڭا ئابونتلار بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىقتىدارلىرىنى كۆرەلەيدۇ.
10-ئاينىڭ 1-كۈنى، مىكروسوفت ئورگان بلوگىدا كارخانا ئابونتلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىشى مۇمكىن بولغان يېڭى ئىقتىدارلىرىنى ئاددىيلا تونۇشتۇردى. بىراق، مىكروسوفت ئەينى چاغدا بۇ ئىقتىدارلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرمىدى. بۇ ھەپتە مىكروسوفت Windows 10 نىڭ تېخنىكا سىناق نۇسخىسى ۋە كارخانا تېخنىكا سىناق نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. كارخانا سىناق نۇسخىسى مەخسۇس كارخانا ئابونتلىرىنى نىشان قىلغان نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن Windows To Go، DirectAccess، BranchCache ۋە AppLocker قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىقتىدارلار ئادەتتىكى تېخنىكا سىناق نۇسخىسىدا كۆرۈلمىدى.
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىك يادروسى ئەپ تەتقىقات دېرىكتورى ئولىۋېر نىيېخۇس 10-ئاينىڭ 1-كۈنى MSDN بلوگىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، Windows 10 نىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ ماقالە 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆچۈرۈلدى.
ئولىۋېرنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، مىكروسوفت Windows 10 نىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى جەھەتتە زور مىقداردا تەتقىقات قىلغان. ئابونت Azure Active Directory دىكى ئاكونتى بىلەن ئەسلىھەگە چىقالايدىكەن ھەمدە بىر قاتار ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشەلەيدىكەن. كارخانا ئابونتلىرىمۇ نۆۋەتتىكى Active Directory ئاككونتىنى ئىشلەتسە بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، Active Directory «كېيىنكى ئەۋلاد ئابونت دەلىللەش»نى توپلاشتۇرغان، مەسىلەن مەخپىي نومۇر ئالماشتۇۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلار.
ئولىۋېر بىرلا ۋاقىتتا:« Windows 10نىڭ سانلىق مەلۇماتنى قوغدىشى تېخىمۇ تەبىئىيلەشتى ھەمدە سۇپا قاتلىمىدىن سانلىق مەلۇمات قوغداش ئىقتىدارىنى توپلاشتۇردى» دېدى. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ سىستېما يەنە ئەپنىڭ VPN ئىقتىدارىنى قوزغىتىشىنى قوللايدۇ، يەنى ئابونت بەزى ئەپلەرنىڭ VPN ئىقتىدارىنى قوزغىتىشىنى بەلگىلىيەلەيدۇ. باشقۇرغۇچى بەزى ئەپلەرنى ياكى بەزى IP ئېغىزلىرىنى يىراق ئارىلىقتىن زىيارەت چىقىلىشىنى چەكلىيەلەيدۇ. مەسىلەن، كارخانىنىڭ IT بۆلىمى VPN ئارقىلىق زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئەمما بۇ زىيارەت بەزى ئېغىزلار ياكى IP تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ.
مىكروسوفتنىڭ خادىمى بۇ ھەپتە بىلدۈرۈشىچە، Windows 10 دا Windows، Windows Phone ۋە Xbox One نىڭ ئەپ دۇكانلىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدىكەن. ئولىۋېر ئاشكارىلىغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بىرلىككە كەلگەن بۇ Windows دۇكانلىرى بىر قاتار تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇشقا ئېرىشىدىكەن.
تەرجىمان: ئوكيان |