ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1295|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇرچە ئۆزگىچە سۆزلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىزدىنىشتىكى تېما ئۇيۇشتۇرغۇچى arslan428 نىڭ « ئۇيغۇرچە ئۆزگىچە سۆزلەر- بىلىدىغانلىرىڭىزنى يوللاڭ» دىن رەتلەندى
ئەسلى تېما مەزمۇنى:
ھەممىمىز ئۇيغۇرچىنى بىلىمىز دىيىشىمىز، ئەمما ئانا تىلى بولغان تىلنى كۈندىلىك تۇرمۇش سەۋىيەسىدە بىلىشنى بىلدىم دىيىش تازا جايىدا گەپ ئەمەس.  ئۆز ئانا تىلىنى بىلگەن كىشى شۇ تىلدىكى ناھايىتى ئىنچىكە لىكىن كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەرنى ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىشنى بىلگەندىلا ئاندىن بىلىمەن دىسە ئاندىن قاملىشىدۇ.
بايا بىر تېمىنى كۆرۇپ «ساماۋى ئەختەر، زىمىنى ئەپتەر » دىگەن گەپلەرنى كۆرۇپ ئەختەر ۋە ئەپتەر دىگەن سۆزلەرنى بىلمايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم  ھەمدە زۆر كۆپچىلىكنى بۇنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
شۇنى بۇ تېمىنى يازدىم، تەۋسىيەم شۇكى، ئۆزەڭلار بىلىدىغان شۇنداق نازۇك سۆزلەرنى يوللاڭلار، مەنىسىنى يىشىپ بىرەر جۈملە مىسال قىلىپ ئىنكاس يىزىڭلار. بەلكىم شۇنى كۆرگەنلەرنىڭ تىل بايلىقى ئېشىپ قالار، بۇمۇ بىر ھىسابتا تىلىمىزنىڭ تومتاق، قوپال بۇلۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۇن ئۆگىنىشىمىز بولسۇن. مەن تۆۋەندە بىر قانچە سۆزىنى دىسەم ، كۆپچىلىك خاتا بولسا تۈزىتىپ، ئۆزەڭلارنىڭ شۇنداق بىلىمىنى يوللىغايسىلەر.

ئەلەيھىسالام :  مەنىسى پەيغەمبەر، «قىسسەسۇل ئەنبىيا» دا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ساھىبقىران:  مەنىسى دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچى،  شاھلىق تاجىنى كىيگۈچى.  «ئەمىر تېمۈر كوراگان ھەققىدە قىسسە» دىگەن كىتابتا جىق ئۇچرايدۇ.
ھومايۇن قۇشى: رىۋايەتلەردىكى بىر خىل خىسلەتلىك قۇش، بۇ قۇش كىمنىڭ بېشىغا قونسا ياكى شۇ كىشى ئولتۇرغان دەرەخكە قۇنۇپ سايىسى شۇ كىشىگە چۈشسە ، شۇ كىشى پادىشاھ بولىدۇ.
كوھىقاپ: رىۋايەتلەردىكى دىۋىلەر ياشايدىغان جاي، ھىكايەتلەردە بۇ جايغا بېرىش ئۈچۇن نۇرغۇن مۈشكۇلاتلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ. چۆچەكلەردە شەخىسلەر دائىم بىر خاسىيەتنىڭ ياردىمى بىلەن كوھىقاپغا بارىدۇ ياكى قايتىپ كىلىدۇ.
زۇلمەت: بۇ قاراڭغۇ دۇنيا بۇلۇپ، ئىسكەندەر زولقەرنەيىن زۇلمەتكە كىرىپ ئابىھايات بۇلىقىنى ئىزدىگەن ھىكايىلەر بار. زۇلمەتكە كىرىپ 40 كۈن ماڭغاندا يەنە يۇرۇق دۇنياغا چىقتى دىگەندەك سۆزلەر ئۇچرايدۇ.
ئابىھايات بۇلىقى: بۇ بىر خسلەتلىك بۇلاق بۇلۇپ، سۈيىنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ياشايدۇ. رىۋايەتلەردە خىزىر ئەلەيھىسالام شۇ سۇدىن ئوتلىغان دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.
رۇستەم باتۇر: ئېران ئەپسانىلىرىدىكى باتۇر. «رۇستەمدەك باتۇر» ...
ساماۋى: ئاسمان، تەڭرىگە مۇناسىۋەتلىك مەنىلەردە.
ئەجەل: ئۆلۈم مەنىسىدە،  «ئەجەل شەربىتىنى ئىچتىلەر» دىگىنى ئۆلدى دىگەن گەپ.
پانىي دۇنيا: ئىنسانلار ياشاۋاتقان دۇنيا.
باقىي دۇنيا: ئىنسان ئۆلگەندىن كىيىن بارىدىغان دۇنيا
تىلسىم : سىھىر، جادۇ-ئەپسۇن بىلەن بەنىت قىلىنغان ھالەت. كۆپىنچە ھىكايىلەردە تىلسىمنىڭ بىر يىشىش ئۇسۇلى بۇلىدۇ، ئۇنى تاپماي تۇرۇپ تىلسىمغا يېقىنلاشسا يامان ئەقىۋەتلەرگە ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، تاشقا ئايلىنىپ قېلىش دىگەندەك
ئىلمىي بۇرۈچ: يۇلتۇزلارغا قاراپ كەلگۈسىنى پەرەز قىلىدىغان ئىلىم.
يۇنان: گىرىتسىيەنىڭ تۈركىي تىللاردىكى ئەسلى ئاتىلىشى.


مەن ئاز-تولا ئىسىمگە ئالالىغانلارنى يوللاپ قويدۇم، يەنە ئىسىمگە كەلسە داۋاملىق يوللايمەن. كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىنى مۇشۇنداق تىلىمىزدىكى مەنىگە باي، ئۆزگىچە،  لىكىن ھازىر كۆپچىلىك تازا بىلىپ كەتمەيدىغان سۆزلەر بىلەن ئاۋات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قېنى ئۆزىمىز، تىلىمىز ئۈچۇن قانچىلىك بەل باغلىدۇق، شۇنى كىچىككىنە ھەركەت بىلەن ئىپادىلەپ باقايلى.
مەقسىتىمنى خاتا چۈشەنمىگەيسىزلەر، مەن بىلمىگەن سۆزلەرنى بىلىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بەلكىم مۇشۇنداق ئويى بارلار مەنلا ئەمەستۇرمەن.
ئىنكاسلاردىن رەتلەنمە:
شىم پارىسچە ، ئىشتان رۇسچىدىن كىرگەن. ئۇيغۇرچىسى تامبال.
...
پارسچە «سەر»(باش) دېگەن سۆزدىن ياسالغان سۆزلەر:
سەركەردە، سەردار، سەركە، سەرخۇش، سەرتەراچ (ساتىراش)، سەرگۈزەشت (باشتىن ئۆتكەن ئىشلار)، سەرخىل، سەرمايە
پارسچە «پۇرۇش» (ئەھلى كەسىپ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ) قوشۇمچىسى قوشۇلغان سۆزلەر:
كىتابپۇرۇش، دوراپۇرۇش، كۇسپۇرۇش (بۇ سۆزنىڭ پارسچىدىكى ئەسلى مەنىسى ئەۋرەز لاتىسى بولۇپ، پۇرۇش  «لاتا-پۇرۇچ» دېگەن سۆزدىكى پۇرۇچتىن كەلگەن دەيدىغانلار بار).
نوچى:  بۇ سۆز ئەسلىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ناجى (قۇتقۇزغۇچى، نىجاتكار) دېگەن سۆزدىن كەلگەن.
يورۇق: بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «يارۇق» تىن كەلگەن.  «ئالتۇن يارۇق» دەيدىغان بىر بۇددا دىنىغا ئائىت كىتاب مۇشۇ سۆز بىلەن سۈپەتلەنگەن.
شوتا: بۇ سۆزنىڭ قەدىمكى ئېيتىلىشى شاتۇ
يوپۇرغا: بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ياباقۇ» (يەر ئىسمى)دىن كەلگەن.
كۇچا: بۇ سۆز دەسلەپتە كۆسەن، كېيىن كۇچان دەپ ئاتالغانىكەن.
بوي: بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «بود» دەپ ئاتالغان بولۇپ، كۆپلۈك شەكلى «بودۇن» (خەلق).  ھازىرقى ئىنگىلىزچىكى body (تەن، ۋۇجۇد، ئادەم) بىلەن تولىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى تامتۇ (خوتەن شېۋىسى) بىلەن tomato نىڭ ئوخشىشىپ كەتكىنىدەك بىر ئىش.
جۇشقۇن: قاينىغان دېگەن مەنىدە، جۇش ئۇرماق
ئەقىل: ئەرەبچە كەلىمە بولۇپ، تۆگىنى باغلايدىغان ئارغامچا دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن. دېمەك، ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتىشنى بىلىدۇ.
تىرەن: سانسىكرىتچە «ديان» (چوڭقۇر ئويلانماق) دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەيدىغان قاراشلار بار، قازاقلار تىرەڭ دەيدۇ.
ئەزگۈ، ئىزگۈ: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەدگۈ (ياخشىلىق، ساۋاب) دېگەن سۆزدىن كەلگەن.
يېڭىلىشماق: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ياڭلۇق» (خاتالىق) تىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، بۇنىڭدىن «ياڭىلماق» (خاتالىق ئۆتكۈزمەك) دېگەن سۆز كېلىپ چىققان؛ دائىم يېڭىلىشىدىغان ئىنسان بولسا «يالاڭۇق» دەپ ئاتالغان.
ئۈزۈندە: ئالىنتى، نەقىل
ۋەزىپە: فونكىسىيە، ئىشلەۋ ياكى ئىشلەك
دۇنيا: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «يەرسۇ» دەپ ئاتالغان.
باخشى: شامان بىلەن ئوخشاش مەنىدە، تۈركلەر شامان دېيىشنى تۇڭگۇسلاردىن ئۆگەنگەن بولۇپ، بۇرۇن باخشى دەيتتى. ئەلشىر نەۋائى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن غىياسىدىننىڭ كىچىك ئوغلى ئىدى.
دوبۇلغا: موڭغۇلچە سۆز
كى: تەكىتلەش ئۇرغۇسى، بەلكى، تاكى، چۈنكى، نىچۈنكى، ۋاھالەنكى، ھالبۇكى، شۇنداقكى...چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا  بۇ قوشۇمچە ئالدىنقى جۈملە بىلەن كېيىنكى جۈملىنى باغلاش رولىنى ئۆتىگەن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە تۈرك تىلىدا ھېلىھەم بۇ رولىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر تىلى شۇنداق بىر تىلكى، كۆڭۈلنى ئىپادىلەشتە ئۇنىڭدەك باي تىل ئازدۇر.      
...
ئەشيان :يەم بولماق،ئىلكىگەچۈشمەك .مەسىلەن :گۈل پەنجىرىلەر ئوتگىياھقا ئەشيان بولدى .
ئىزگۈ :ياخشى ،ياۋاش ،كۆرۈنىدىغان چىراي ئىپادىسى .
مۇئەللىپ :يازغان كىشى ،ئاپتۇر .
مۇتائىلە :مۇنازىرەقىلىشماق .
...
ئىچ+تون = ئىچتون     بۇنى روسلار قوبۇل قىلىپ ئاندىن بىز قايتۇرىۋىلىپ  ئىشتان   غا ئۆزگەرگەن
  قازاقلار  كۇسارنى ئىچتون ، ئىشتاننى سىم  دەيدىكەن
...
رېدى ۋېتەل: چېچىلاڭغۇ،رەتىسز،ئاقماس دىگەن مەنىلەردە . بۇ سۆزنىڭ مەنسى خەنزۇچىدىكى 邋遢 دىگەن سۆزگە يېقىن كېلىدۇ.
جۆن: ھورۇنلۇقنىڭ يۇقۇرى چېكىگە يەتكەن ئادەملەرنى بىزنىڭ مەلىدە جۆن دەپ قويدۇ
تاشا: ياقا يۇرتلۇق دىگەن مەنىدە
تۆۋەنكەن(تۆۋەنكەنت):ياقا يۇرت دىگەن مەندە
سانسالاش:چۆگىلەش،ئايلىنىش،لاغايلاش،
ئويمات:چوڭقۇرراق يەر،كىچىكرەك ئويمان يەر
...
بۇرغا: جەڭگە چىققاندا چالىدىغان مۈڭگۇزدىن ياسالغان نەرسە، ئاۋازى بوغۇق ، ئېغىر چىقىدۇ، يىراقلارغا يىتىپ بارىدۇ. «ئۈزۇك پادىشاھى»دىگەن فىلىمدە چىققاندەك ئىسىمدە. قەدىمقى زاماننىڭ جەڭلىرى تەسۋېرلەنگەن كىنولاردا تولا چىقىدۇ.
تۇغ: بايراق مەنىسىدە، دۆلەت، ئارمىيە ياكى نەسەپ پەرقىنى بىلدۇرۇش ئۈچۇن كوللىكتىپ پائالىيەتلەردە، سىياسىي ئىشلاردا ئىشلىتىدۇ.
ئەلەمدار: ئۇرۇشقا مۇناسۋەتلىك ھەربىي ئەمەلدارلار
قەلەمدار: مەمۇرىي ئىشلارنىڭ ئەمەلدارلىرى.
سۇبېشى: بارلىق قۇشۇننىڭ ئەڭ چوڭ سەردارى
تۈمەنبېشى: تۈمەن كىشىلىك قۇشۇننىڭ سەرداارى
ۋەيلۇن: بىر دوزاخنىڭ ئىسمى.
جەھەننەم: بۇمۇ بىر دوزاخنىڭ ئىسمى.
...
ئىلمى بۇرۇج ئەمەس ئىلمى نۇجۇم دەيمىز
بۇرۇج دىگەن يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىمىز
كىجىپەخەش - جاھىل ،قاتمال،غەرەزئۇقمايدىغان
ھېيۋىتىش - زاڭلىق قىلىش
ئۆمىلاقمان - داۋاملىق
بېخىل _ داۋاملىق (  بېخىل توپ ئوينايلى دەپ تۇرۇۋالىدىكەنسىلەر )
ئەدەسسىز - ناھايىتى ، ئىنتايىن ، بەك
...
تەتەمپەتى: تاققۇ-تۇققا، ئالجوقا دىگەن  مەنىدە
چورىتلا: پەقەتلا ،پۈتۈنلەي،ھەممىسى   دىگۈدەك  دىگەن  مەنىدە
پىشكە: ئازراق ،كىچىكىنە   دىگەن  مەنىلەدە
...
زىم:مۇت ،مۇتلەق،پەقەت دىگەن مەندە.مەسىلەن: مەنىدە زىملا پۇل قالمىدى
مۇت بىر: زىم دىگەن مەندە
غادىرۇسكۇن قىلماق: قالايمىقان قىلماق
مۇشتالاق:بۇ  ئادەم تىللايدىغان سۆز،مەنسىنى بىلمەيدىكەنمەن.
تىش ئېتىش: كىچىك بالىنىڭ سىيىشى.بۇ سۆز تۈركى تىللار دىۋانىدا باربولۇپ دىۋاندا خاقانىيە تىلى دەپ ئىزاھات بېرىلگەندەك ئېسىمدە بار.بۇ سۆز بىزنىڭ مەلىدە ھازىرمۇ شۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ.بۇنىڭ يەنە جىش ئېتىش دىگەن ۋارىيانتىمۇ بار.
پۇشۇقۇنۇش:ئاھ ئۇرۇش،ھەسرەتلىنىش،دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ قايغۇرۇپ يۈرۈش.
...
زاغۇنباش-كاللىسىنىڭ دەردى بار!…
ساپ-ساپچى:مەككار،قىزىلكۆز…
پىشكى ـ ئاز؛ غول ـ كۆپ
ئاپى دىگەن سۆز  80-يىللاردىكى باشلانغۇچنىڭ  ئەدەبىيات دەرسلىكدىكى بىر تېكىسىتتە تىلغا ئېلىنىدۇ، بۇ سۆز 19-ئەسىردىكى پارىژ كوچىلىرىدا چىرايلىق كىيىنىپ لاغايلاپ يۈرۈيدىغان ئاقسا ياشلارنى كۆرسىتىدۇ.بۇ سۆزنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىش مەنبەسى فىرانسۇز تىلى بولسا كېرەك .بۇ سۆز ھازىرمۇ خېلى كەڭرى ئىشلىتلىدۇ.
ناجى، ناجىيە دېگەنلەر ھەقىقەتەن ئەرەبچە. قۇتۇلغۇچى، نىجات تاپقۇچى دېگەن مەنىلەردە. نەجات (نىجات)، مۇناجات دېگەن سۆزلەر بىلەن يىلتىزداش.
خوتەنلىك بالىلار تولا دەيدىغان بىر گەپ بار، تەلى دەپ. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئەر-ئايال جىما قىلغاندىن كىيىن تەلى بۇلىدىكەن، ئەسلى مەنىسى شۇكەن. لىكىن ئېغىز تىلىدا چاقچاق ئارلاش بىرەرسىنى شۇنداق ئاتارمىش، تازى تەلىكەن بۇ دىگەندەك.
ئۇلارنىڭ يەنە بىر گىپى بار، قادىخان دەپ. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بىرەر كىشنىڭ بۇلۇمسىزلىقىنى ئىشارەت قىلىپ شۇنداق دەيدىكەن.
تەلى، قادىخان دىگەنلەر يىغىپ ئېيتقاندا مۇنداقلا ئېغىزگە ئەپلىك شەخسىنى ھەجۋىيرەك چاقىرىشنىڭ شەكلىكەن.
گەلدەمە - تەلۋە دېگەنگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
ئاپى، ياڭسۇڭ، قوناق ئۇنى بايۋەتچە ( 70- يىللاردىكى گەپ) دېگەنلەر ئوخشاش گەپ.
بىزنىڭ يۇرتتا چوڭلار ئۇششاق ئوغۇل باللىنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى «چوشماق» دەپ ئەركىلىتىدىغان بىر ئادەت بار…ھازىر ئويلىسام بۇ چوڭلارنىڭ ئالاھىدە ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ئىكەن…باشقا ئاتاشلارغا قارىغاندا سەت ئاڭلانمايدىغان ئىبارە ئىكەن!
سالجا - كانا دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، بىر خىل پارازىت  قۇرۇت .
ساياق - مۇساپىر سۆزىنىڭ سەلبىيچە ۋارىيانتى .
غۇلام -  چاكار ، مالاي ، قۇل  مەنىسىدىكى ئەرلەرگە خاس ئاتالغۇ . ئاياللارغا خاس ئاتالغۇسى  چۈرە .
ئىلىگ تۇتماق : ئىگە بولماق ،ئۆز ئۈستىگە ئالماق .
رەۋەندە -ئاشلىق سودىگىرى   كۇكۇلا  باشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چاچ  
مۇت--ھەقسىز،بىكارلىق دىگەن مەنىدە.مۇتقا بىرەمسىز؟   مۇتنىڭ ئانىسى ئۈلەپ قەپتو. دىگەندەك .
پەيچۇر-- كاللىسىنىڭ چېچى شالاڭ ياكى ئايپاڭۋاش سۇپۇن كاللا دىگەن مەنىدە. باكىر پەيچۇر،
دىسەك گەپ كۆپ
ئۆڭگىلەڭ                 -                 غەيرى، ئاجايىپ   ( كۇچار، توقسۇ شېۋىسى )
چىك-چاك               -                 ئۈز-چات            ( كۇچار، توقسۇ شېۋىسى )
دەخمىزە                  -                 پالاكەت              (  كۇچار، توقسۇ شېۋىسى )
سالتاڭ                   -                  ھېچنىمىسى يوق ( كۇچار، توقسۇ شېۋىسى )
سەراتان                   -                 تومۇز ئىسسىق
خيابان                   -                  خىيالى مەنزىرە
تەققاس                  -                  ئوخشاش-دىگەن مەنىدە
رەققاس                  -                  ئۇسسۇلچى
چەپ ~سول تەرەب
بالىغ: بالاغەتكە يەتكۈچى، «بەلەغە» نىڭ يەتمەك مەنىسى بار، «تەبلىغ» بولسا يەتكۈزگۈچى. تۈركچىدە بويىغا يەتكەن قىزلار «ئەرمىش كادىنلار» دەپ ئاتىلىدۇ. «ئەرمەك» نىڭ يەتمەك مەنىسى بار. ھازىرقى ئۇيغۇرچىدىكى «ئىدى»نىڭ ئەسلىسى «ئەردى».
گەر: پارسچە قوشۇمچە،  ھىيلىگەر، دەۋاگەر، سودىگەر، مىسگەر (مىسكەر)، دورىگەر...
ئەندە: پارسچە قوشۇمچە، سازەندە، داپەندە، گۈلەندە (گۈلەندەم)، بەخشەندە..  
چەرەندە-پەرەندە: پارسچىدىن كىرگەن جۇپ سۆز،  چەرەندە يەردە يۈرىدىغان جانلىقلارنى كۆرسەتسە، پەرەندە
ئۇچىدىغان جانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئەپشان: پارسچە قوشۇمچە، «چاچقۇچى» مەنىسى بار. زەرەپشان (زەر، نۇر چاچقۇچى)،
ئىنسۇ جىن: ئىنسان ۋە جىنلار
ئەرش: ئەرەبچە كەلىمە، ئەڭ يۇقىرى ئاسمان.
پەرش: پارسچە كەلىمە، زېمىن. ئەرشتىن پەرشكە چۈشكەن مەلەكلەر پارسچە «پەرىشتە» دەپ ئاتالغان.
مەلەك: پەرىشتە، كۆپلۈكى مەلائىكە. پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان.
جىن: ئوتتىن يارىتىلغان مەخلۇق بولۇپ، ئىنسانلاردىن بۇرۇن يارىتىلغان. ئۇلارنىڭمۇ مۇسۇلمانلىرى، كاپىرلىرى بار. كاپىرلىرى شەيتان دەپ ئاتىلىدۇ، بۇلارنىڭ ئاتامانى ئىبلىس. ئىبلىسمۇ پەرىشتە ئىدى، ئالىم ئىدى دېگەن گەپلەر توغرا ئەمەس، ئۇ پەرىشتە ئەمەس، جىن.  چۈنكى  پەرىشتىلەر خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ.
مەھكىمە: ئەرەبچە سۆز،  ھۆكۈم قىلغۇچى ئورۇن.  مەھكىمەئى كۇبرا: ئاخىرەتتىكى چوڭ سوت.
ئەدلىيە: ئەرەبچىدىكى «ئەدل»(ئادىللىق) تىن تۈرلەنگەن سۆز.
شائىر: ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز، «شۇئۇر»(ئاڭ، ھېس-تۇيغۇ) دىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، تۇيغۇچى، ھېس قىلغۇچى دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
مىزان: ئەرەبچە، تارازا دېگەن مەنىدە.
نىزام: ئەرەبچە «نەزەمە» (تۈزۈش، تەرتىپلەش) تىن تۈرلەنگەن كەلىمە بولۇپ، نازىم بولسا تۈزگۈچى، نەزم بولسا سۆزلەردىن تۈزۈلگەن، رېتىم، قاپىيەلىرى بولغان شېئىر. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، غۇلجىدا ئۆتكەن شائىر موللا بىلال ئۆزىگە نازىم دەپ تەخەللۇس قويغان.
نەۋائىي: ناۋا قىلغۇچى، كۈيلىگۈچى
گۇمنام: يوقالغان نام
خىرقىتى: خىرقە، ئەسكى چاپان كىيگۈچى (دەرۋىش).
زەلىلى: خار، خارلانغۇچى
نىزارى: جېدەللەشكۈچى، ئىسيانكار
قەلەندەر: دىۋانە، ھۆكمەت ئوقۇپ يۇرۈيدىغان جاھانكەزدى
خاراباتى: ۋەيران بولغۇچى
نىم شېھىت: يېرىم شېھىت، غازى
نىم (يېرىم) بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەر: نىمجان، نىمكەش، نىمپەدە...
سالتاڭ: بويتاق، يۈك ئارتىلمىغان ئېشەك
ياۋداق ئات: ئېگەرلەنمىگەن ئات
تايغان: ئىتنىڭ ياۋىسى
قاۋان: ئەركەك چوشقا
مىكەجىن: چىشى چوشقا
توروشە: چوشقنىڭ بالىسى (لوپنور شېۋىسى)
ئەدەدسىز: ئەرەبچىدىكى «ئەدەد» (سان، ھېساب) تىن كەلگەن سۆز بولۇپ، «ھېسابسىز، بىھېساب» مەنىلىرىدىن كېڭىيىپ، خوتەنگە كەلگەندە كۆپ، تولا، ئىنتايىن، بەكمۇ، دەھشەت... بولۇپ كەتكەن.
داۋىخو: داۋاخور، «خور» دېگەن قوشۇمچىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىم، (يېگۈچى-ئىچكۈچى) مەنىسى بار،  بۇنىڭدىن يەنە گۆشخور، ئوتخور، سۈتخور، قانخور، مەيخور...جىلىخور دېگەن سۆزلەر ياسالغان.
شاۋچى، شاۋىچى، شارۋىچى، شاۋىچى گۇي: 小气، 小气鬼  دىن كەلگەن بولۇشى ئېھتىمال.
گۇيتوزا: 龟头 دىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ، بەزى خەنزۇچە سۆزلەر شىنجاڭ لەھجىسىگە ئۆتكەندە 子 قوشۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋال بار، مەسىلەن، بالاڭزا، ياتوزا، ياڭگاڭزا، زىۋازا دېگەندەك.
خو: 好
ياڭزا: 样子
ماۋۇ قوشاق بۇنىڭ بىر مىسالى:
جاڭ تەتەيدە پاڭزى خو،
ياڭ تەتەيدە ياڭزى خو،
كىيىشلىرى دىچۈلىيەڭ،
يىيىشى قوناق موگو.

توخۇ بالىسى جىۋازا،
ئىتنىڭ بالىسى گوۋازا.
كۇلىدا ئۆلۈپ قالسام،
تېپىلمايدۇ جىنازا.  
...
«كاكاسالتاڭ» دېگەن گەپنى بىز ھازىرمۇ ئىشلىتىمىز. ئادەتتە ھېچنىمىسى قالمىغان ئاەمنى شۇنداق دەيمىز
قەشقەرنىڭ «شاۋچى» سۆزى «شورپا+چى»نىڭ «شوۋىچى»غا ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان. ئەمما بۇ «شورپا» باشقىچە مەنىدە
شاۋچى ،شاۋىچى گۇي،شوۋىچى گۇي دىگەن سۆز بىلەن خەنسۇچىدىكى 小气鬼 دىگەن سۆزنىڭ بىرەر باغلىنشى يوق. شاۋچى دىگەن سۆز  يەنە شوۋىچى،شوۋىچى گۇي ،شوۋا،شوۋەك،شوۋا گەدەن،شوۋا ئىچكەن،شوۋا قۇلاق،شوۋىغا بۇلىنىپ كېتىش،شوۋىغا مېلىنىش ()دىگەندەك نۇرغۇن شەكلىدە كېلىدۇ.بۇ سۆز  خوتۇنلارنىڭ ئىرىدىن باشقا ئەرلەر بىلەن باسمادىشىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.ئەرلەرگىلا ئىشلىتىلدۇ،ئاياللارغا ئىشلىتىلمەيدۇ،ئادەتتە خوتۇنلار يادىدا يوق ئىرىنى شاۋىچى ياكى شوۋىچى دەپ سالسا ئاغزى-بۇرنى گۇيخالىنىپ كېتىدىغان ئىش چىقىدۇ.
شوۋا دىگەن سۆز شورپا دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولىشى ياكى ئۆزىنىڭ ئايرىم مەنىسى بولىشى مومكىن ،ئىغىز تىلدا بۇ سۆزنىڭ بىلدۈردىغان مەنىسى ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمسى ياكى زىنادىن كىيىن يۇيۇنغاندا چىققان يۇندىنى كۆرسەتسە كېرەك.

پارسچە سانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە سۆزلەر:
يەك (بىر): يەكشەنبە (ھەپتىنىڭ بىرى)، يەكچەشمە (بىر كۆزلۈك)، يەككە، يەكپاي (بىر پۇت)…
دۇ (ئىككى): دۈشەنبە (ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى)، دۇتار (ئىككى تار)
چاھار (تۆت): چاھارشەنبە، چاھارپاي (تۆت ئاياغلىق ھايۋانلار)، چاۋاغ (چاھارباغ، تۆت باغ)
پەنج (بەش): پەنجشەنبە، پەنجىتار…
ئەمدى، 12 مۇقام ناملىرىدىكى «سىگاھ، چارىگاھ، پەنجىگاھ»لارنىڭ نامىنى «سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە» بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ باقىدىغانلار بولسا مەرھەمەت.
پايپاق: ئەسلىي پايقاپ، يەنى پاي(پۇت)نىڭ قېپى؛
يامغۇر: ئەسلىي ياغمۇر، «مۇر» قەدىمىي ئۇيغۇرچىدە سۇ مەنىسىدە، «مۇرەن» دەريا (مۇر+ئەن، ئەن:بىزنىڭ يۇرتلاردا «توسقۇنسىز، راۋان مەنىسىدە، مەسىلەن: سودىڭىز ئەن كەتسۇن! ئۇ بۇ ئىشقا خېلى ئەن.
ھىجىقىز: (سەت گەپ، لېكىن تىلىمىزدا بار، ئەيىبكە بۇيرىماڭلار) ئىچى+قىز، يەنى، تاشقى قىياپىتى ئەر، ئىچكى مىجەزى قىزلاردەك.
بەشەكشىن قوغۇن: بىشەك شېرىن، يەنى تاتلىقلىقىدا شەك يوق
تايغان - ئىتنىڭ ياۋىسى ئەمەس ، ئوۋ ئىتى . يۈگرۈك كېلىدۇ ، پوتلىرى ئۇزۇنراق ، بەل قوساقلېرى ئىنچىكە بولىدۇ . يۈگرۈكلۈككە  مىسەل قىلىنىدۇ .  
تاھسىن تايغان  دەپ  《مەمەت ئاۋاق》تا بىر پىرسوناژ بار
ياپسا دېگەننى مەن مۇنداق چۈشىنىدىكەنمەن.
يەنى ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا، بۇنىڭ دوپپىسىنى ئۇنىڭغا كەيدۈرۈپ، ئۆزى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە زىيان تارتىپ، ياكى پەقەتلا زىيان تارتماي ئىشىنى ئىش قىلىپ كۆنۈپ قالغان ھىيلىگەر، قۇۋ، چاشقانغا كىپەك ئالدۇرمايدىغان ئادەملەرنى « **** ياپسا» دەپ قويىدۇ بىز تەرەپلەردە. (بۇ بەلكىم كۆچمە مەنىسى بولسا كېرەك)
ھە راست، بۇ گەپنى ياغاچچىلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ ئاڭلىغاندەك قىلغان. يەنى ئۇلار بىر ياغاچ-تاختايلارنى رەندىلەپ بولۇپ، بىر-بىرىگە جىپىسلاشتۇرۇپ، تەكككۈزۈپ بېقىپ كۆزىنى سىڭايان قىلىپ تۇرۇپ، «ياپساسى كەپتۇ، كەلمەپتۇ» دېگەندەك قىلغان. قارىغاندا شۇ كەسىپنىڭ كەسپى ئاتالغۇسى بولسا كېرەك.
گورۇز --- دېگەن بەھەيۋەت ئۇستىخانلىق، تەتۈر ئۇستىخان، ناھايىتى گەۋدىلىك، يوغان ئادەم دېگەن مەنىدىكى گەپمىكى
سالجا --- يەنى (كانا) مۇ دەپ قويىمەنغۇ. بىر خىل بەك چاپلىشىۋالىدىغان، يۈزى قىلىپ بىرخىل قۇرتنى كۆرسىتەمدىكى.
مەسىلەن :قوينىڭ (ھايۋانلارنىڭ ) قۇلىقىنىڭ ئىچىگە پەيدا بولۇپ قالىدىغان، شۇ يەرگە چىڭ چاپلىشىۋىلىپ ئۇلارنىڭ قېنىنى شورايدىغان بىرخىل پارقىراق قۇرت بولىدىغان؛ بۇ بەك چاپلىشىدىغان بولغاچقا ئاجراتماقمۇ ناھايىتى تەس. چىڭراق مىجىپ سالسىڭىز ئىش تېرىيدۇ.
         ئادەمنىڭ كەينىگە كىرىۋىلىپ، زىرىكتۈرۈۋىتىدىغانلارنى «ھەجەپ سالجىدەك (كانىدەك) نېمىكەنسەن؛ سالجىدەكلا كەينىمگە كىرىۋالدى» دەپ قويىمىز.
        رەۋەندە --- قەشقەر تەرەپلەردە ئاشلىق تىجارىتى قىلىدىغانلارنى  مەسىلەن بازار كۈنلىرى دېھقانلار ئىشەك ھارۋىلىرىغا بېسىپ كىرگەن بىرە-ئىككى خالتا بۇغداي، قوناق...دېگەندەك ئاشلىقلارنى ھەمدە كىپەك، كۈنجۈرە، پوستەك دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ ساتىدىغانلارنى رەۋەندە دەپ قويىدۇ.
ئىگىن -  كىيىم دېگەن مەنىسى بار.

سەرگەردان: پارسچە سۆز بولۇپ، سەر (باش)، گەردان (يۇمىلاق نەرسە، ئايلىنىدىغان دائىرە)غا قوشۇلۇپ،  بېشى ئايلىنىپ قالغان دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.
شاپ بۇرۇت: شاپ ئەسلىدە شاف (قىلىچ) دېگەن سۆز بولۇپ، كۆچمە مەنىدە بۇرۇتنىڭ سۈپىتى بولۇپ قالغان.
نامرات: بۇ سۆزنىڭ ئەسلىسى نامۇراد ، مۇرادىغا يېتەلمىگۈچى
تىلىمىزدا پارسچە «نا» قوشۇمچىسى بىلەن ياسالغان ئىنكار سۆزلەر بىر قەدەر كۆپ: نائۇستا، ناجىنس، نامۇۋاپىق، نالايىق، ناماقۇل، نائېنىق، نارسىدە (نارەسىدە، رەسىدە بولمىغان، بويىغا يەتمىگەن، كىچىك)، ناقايىل، نائەھلى،  نامۇسۇلمان، نائاداش (خوتەن شېۋىسى، يارىماس ئاغىنە دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ)...
ھەرەم: چەكلەنگەن يەر، مىقاتتىن ئۆتمىگىچە كىرىش جائىز بولمىغان مۇقەددەس جاي. بۇ جايغا كاپىرلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن.
ھارام: چەكلەنگەن، مەنئى قىلىنغان.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-4 15:16:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەرەبچىدە يۇقىرىقى ئىككى سۆزنىڭ مەنبەسىمۇ، مەنىسىمۇ بىر بىر، ئەمما تىل ئادىتىمىزدە ئۇنى ئايرىم قوللىنىمىز.
مەزلۇم: ئەسلى مەنىسى- زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى، بىزدىكى كۆچمە مەنىسى- قېرى ئايال
چوكان: ئەگرى، ئەۋرىشىم دېگەن مەنىلەرگە ئىگە «چەۋگان» سۆزىدىن كەلگەن، قەدىمدە ئەگرى تاياق بىلەن ئوينايدىغان توپ چەۋگان دەپمۇ ئاتالغان. چوكان تال دېگەن سۆزمۇ بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
جالاپ: ئەسلىدە «جەلپ قىلغۇچى» دېگەن مەنىگە ئىگە بۇ سۆز كېيىنكى ئىستېمالىمىزدا ئەشەددىي سەت سۆزگە ئايلىنىپ كەتكەن.
تۈپەيلىدىن: بۇ سۆز ئەرەبچىدىكى «تۇفەيل» (كىچىك، ئىش كۆرمىگەن) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، سەلبى سەۋەب ئۇقۇمىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.
مۇپتى: پەتىۋا بەرگۈچى
زادە: زات، مەنسۇبىيەت ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان سۆز: ئېسىلزادە، ھارامزادە (ھارامدىن بولغان)، گۈلزادە، بەگزادە...
جەپپىر:  كونا ھەم يىرتىق (ئونسۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيە شېۋىسى)
جۆندەك: كونىرىغان، ئىسكەتسىز (خوتەن شېۋىسى)
چەلەڭگۈش: چالا، ئەبجەش، قالايمىقان
ئەدناسى: ھەتتا، پەقەت
چىن: راست، ھەقىقى. خەنزۇچە 真 دىن كەلگەن دېگەن قاراشلار بار.
پارسچە «پاي» (پۇت) دىن ياسالغان سۆزلەر: پايتەخت (تەخت ئورۇنلاشقان جاي)، پايپېتەك، پايخان (دەسسىمەك، چەيلىمەك)، پايلىماق، پايسىنماق (ئۆزىنى تۆۋەن كۆرمەك)، پايپاق، يەكپاي (ئاياغ)...
ھەزلەك: ئەسلى مەنىسى، ئوردا قىزىقچىسى. ھەزلكەش
تەركىسالات: ناماز ئوقۇمايدىغان پاسىق
جوھوت: يەھۇدىيلار
تەرسا: خىرىستىيانلار
قالماق: موڭغۇللار
پەرەڭلەر: فرانسىيەلىكلەر، كۆچمە مەنىدە پۈتۈن چەت ئەللىكلەر
ئەجەم: ئىران، ئىرانلىقلار
خىتاي: قاراقىتان ياكى كىدانلار
تۇڭگان: چىڭ سۇلالىسىدا قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ شەرققە كۆچكەن خۇيزۇلار، ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خۇيزۇلار 东干 دەپ ئاتىلىدۇ.
لومودى: «ئويغانغان زېمىن» رومانىدا خوجانىياز ھاجى دۈشمەنلىرىنى مۇشۇنداق تىللايدۇ، بۇ سۆزنىڭ مەنبەسىنى تورداشلار ئىزدىنىپ باقسا، 骡 (قېچىر) بىلەن ئالاقىسى باردەك قىلىدۇ.
كىشمىش: بىر زامانلار  يۇۋاش، يۇمشاق بالىلارنى مۇشۇنداق ئاتايدىغان ئادەت بار ئىدى بىزدە.
سېقىمە گەپ: قوپال، ئەمما ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن سۆزلەر.
تۈركچىدە بىر ئايال تىلشۇناس ئاۋامنىڭ تىلىنى تەكشۈرۈپ،  يېشى چوڭراق، گەپدان، ئاغزى بەزەپ ئاياللارنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن مەخسۇس سېقىمە سۆزلەرنى خاتىرىلەپ بىر لۇغەت تۈزۈپتىكەن، ئەيھات،  بۇ گەپ-سۆز، ئوخشىتىش، مازاقلارنىڭ سېسىقلىقى ھەم غىدىقلىغۇچى پۇراقلىرىدىن ئايلىنىپ كەتتىم. ئۇيغۇر تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق سۆز-جۈملىلەرنى يىغىپ كەلسە، چوڭ لۇغەت چىقىشى مۇمكىن.     

تۇرپاننىڭ سىڭگىم يېزىسىدا يەنە بىر خىل شىۋىلەر باركەن،
تۈۋى (ياكى تۈۋ مۇ ئىشقىلىپ شۇنداراق نەرسە دەيدۇ)- ئۆگىزە
كىلەك-گارنىڭ چەمبىرىكى ، توپنى كىلەككە باستى دەيدىكەن
ئاندىن كېيىن ، «تارت» دىگەن پېئىل بار، بەك تۇلا ئىشلىتىدۇ، نورمال مەنىسىدىن تاشقىرى يادىمغا كەلگەنلىرى:
سىڭگىم كۇماندىسى ئاستانە كوماندىسىنى تاتىۋاتتى  (يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۇتتى)
تېش(تىنچ) تۇر، ئالىم مالىم تاتىۋاتىدۇ جۇمۇ. (قاتتىق ئەدىبىنى بېرىدۇ،  ئۇرىدۇ )
-دەپتىرىڭ قېنى؟
-پارتامغا قوقويسام تاتۋىتتۇ. (ئوغۇرلىۋاپتۇ، ئېلىۋاپتۇ)

نەررە تارتىش: «ھۆركىرىمەك، چوقان سېلىپ تاشلانماق، ئاتلانماق»  دېگەن مەنىدە دەپ چۈشىنىدىكەنمەن.
جۇۋاينىمەك: كىنولاردا ئۆزىنى مەرتىۋىلىك سانايدىغانلار ئۆزىدىن ئاجىزلارنى، چاكارلىرىنى، غىرىپ-غۇرۋالارنى بولۇپمۇ يېشى كىچىك، قورامىغا يەتمىگەنلەرنى «جۇۋاينىمەك» دەپ ھاقارەتلەيدىغان كۆرۈنۈش تولا چىقىدۇ ....

ئۆمىسە ـ  بىر قىسما،
ئاسنا ـ  ھوي ئاسنا ، تۈز  گەپ قىلغىنا.
ژىن سوپىسى ـ نەپسى يامان.
زاغۇن باش ـ گەپ  ئۇقماس.
پوق تەڭنىسى ـ يارىماس

ساندىكىتاز: جۇغى قارلىغاچتەك بىر خىل قۇش بار، يەرگە قونغاندا لىك-لىك سەكرىگەندەك ماڭىدۇ، شۇ قۇشنى مۇشۇنداق ئاتايدۇ.
ئارخىل: مەنىسى ئوتتۇراھال، چوڭ بىلەن كىچىكنىڭ ئارىسىدا
بىر قىسماڭ: غەلىتە، بىنورمال دىگەن مەنىدە

خوزۋانەك - ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئوغۇللارنى تىللىغان گەپ.
تىلە- شىلماق
گۆشى شىلىنغان سۆڭەك (كۇتۇ)- كەمرۈك(دىۋانۇ لۇغەتۇ تۈرك)

ھۆكمەت :  دىنىي قەسىدە
رودۇپاي: پارسچە سۆز،  ئەپسانىلەردىكى سۆڭەكسىز مەخلۇق، پۇتى ئۈچەيگە ئوخشايدۇ، ئادەمگە چاپلىشىۋالسا ئاجراتقىلى بولمايدۇ.
مۇرتەد: ئىسلامدىن يېنىۋالغۇچى
ئەڭگىزە: شۇنداق قىلىپ، ئەمدى... (ئۇچتۇرپان شېۋىسى، باشقا جايلاردىمۇ بولۇشى مۇمكىن)
ئەيزىگە-مەيزىگە: ئۇياققا-بۇياققا (خوتەندە ئىيىنغا-مىيىنغا شەكلىدە ئېيتىلىدۇ)
داققال: ئېچىق بېشىدا سۇ باققۇچى
سۆرەم: ئاغدۇرۇلغان يەرنى تۈزلەشتە ئىشلىتىدىغان سايمان
جۇلدا: كەتمەننىڭ ئارقا تەرىپى
ئەيىپناق: ئەيىۋى بار، بىر يېرى مېيىپ
پەپىلىقۇش: (ئۇچتۇرپان شېۋىسى، ئەركە نايناق، بىر ئىشقا ئەستايىدىل قارىمايدىغان)
داپخون: تونۇرنىڭ شامال كىرىدىغان تۆشۈكى
تۈكۈچ: نانغا گۈل چىقىرىدىغان ئەسۋاپ
گېزىندە: ناننى قويۇپ تونۇرغا يېقىشتا ئىشلىتىدىغان نەرسە
پەشتاما: پەرتۇق
ئاختاملىق: سۇ قويماي ئاق تاشلىۋەتكەن يەر، م: ئاختاملىقنىڭ چالمىسى
تىرگەن: ئېتىزنىڭ قىرى
ئىستىما: شال تېرىغاندا سۇ سۈزۈلدۈرىدىغان كۆلچەك
قوشقۇن: ئۇلاغنى ھارۋىغا قاتقاندا ئىشلىتىدىغان ئارقا بەلباغ، م: ئېشەك قوشقۇنغا ئولتۇرۇۋالدى
جىڭبو: ھارۋا قاتقاندا ئات-ئېشەكنىڭ بوينىغا سالىدىغان مەخسۇس جابدۇق
بۈلە قىلماق: خامان يۇمشىغاندا چەش بىلەن ساماننى بىر يەرگە دۆۋىلىمەك
بوجاڭ: بۇرۇنقى زاماندا يۇرت-مەھەللىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئەمەل نامى بولسا كېرەك، ھازىر بەزى كىشىلەرگە لەقەم سۈپىتىدە ئۆزلىشىپ قالغان.  堡长  دىن كەلگەن سۆز بولۇشىمۇ مۇمكىن.
قۇززات: ئەرەبچە سۆز، «قازى»نىڭ كۆپلۈكى،  يۇرتىمىزدا ئابدۇرەھىم قۇززات ھاجى دەيدىغان ناھايىتى مۆتىۋەر كىشى ئۆتۈپتىكەن.
موللا:  ئەرەبچىدىكى«مەۋلا» دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن،  بۇ سۆز ئەرەبچىدە «ئۇستاز، خوجا، ئىگەم، ئەپەندى»مەنىلىرىگە ئىگە بولۇپ، ئىسلام دىنىدا يۇقىرى بىلىم ئىگىلىرىنى، ئالىم-ئۇلىمالارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن مەۋلانە، مەۋلەۋى دېگەن سۆزلەر ياسالغان.  جالالىدىن رۇمى «مەۋلانا» دەپ ئاتىلىپتىكەن. بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ كۆزدە تۇتقىنى «بىزنىڭ ئۇستازىمىز، يولباشچىمىز، سەردارىمىز» دېگەن مەنە بولسا كېرەك، بولمىسا «ئىگەم ئاللاھ» دەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەلۇم بىر كاتتا كىشىنى «مەۋلانا» (ئىگىمىز)، «مەۋلا» (ئىگە) دېيىشى تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ، تىل دېگەنمۇ ئاجايىپ نەرسىكەن.
داموللا: بۇ يەردىكى «دا»  خەنزۇچىدىكى 大 دىن كىرىپ قالغان دېگۈچىلەرمۇ، پارسچىدىكى «دەھ مەنلا» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دېگۈچىلەرمۇ بار. «دەھ» پارسچىدا 10 دېگەنلىك، دەھ مەنلا بولسا «ئون ساھەدىكى بىلىمنى ئىگىلىگەن ئەھلى ئىلىم، ئون خىل ئىلىمدە توشقان زات » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ قاراش بىر قەدەر ئىشەنچلىك بولسا كېرەك.
ئاخۇن: «ئاق ھۇن» دىن كەلگەن سۆز دەپ قارىلىدۇ، باشقا خىل قاراشلارنى ئاڭلاپ باقمىدىم. تۇڭگانلار 阿訇 نى بەك ئىشلىتىدۇ. ئۇلارمۇ ئاق ھۇنلارنىڭ ئەۋلادىمۇ ياكى بۇ سۆزنى بىزدىن قوبۇل قىلدىمۇ؟ ئىزدىنىپ باقىدىغان مەسىلە. ئۆزبېكلەر بىزنى ئاخۇنەكلەر دەيمىش، كەمسىتىش مەنىسىنى بەرسە كېرەك.
قارىي: قۇرئان ئوقۇغۇچى،  قۇرئاننى قىرائەت قىلغۇچى. خوتەن تەرەپلەردە قۇرئاننى تولۇق ياكى كۆپ قىسمىنى يادا ئالغانلار قارىي دەپ ئاتىلىدىكەن، بىز تەرەپلەردە قۇرئاننى ئوقۇيالىغانلار، 10 سۈرىنى بىلىدىغانلارمۇ قارىي دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى يەرلەردە قۇرئاندىن ئەلىق چاغلىق بىر نەرسە بىلمىسىمۇ قارى دەپ ئاتىلىدىغانلار، چاقىرىلىدىغانلار بار، خۇددى ئاخۇن... پالاناخۇن دېگەندەك.
خاتىپ: خۇتبە ئوقۇغۇچى.  ئادەتتە خاتىپلار چوڭ جامەلەردە، جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئوقۇيدۇ، بەزى مەسچىتلەردە ئىمام بىلەن خاتىپ بىر ئادەم بولىدۇ.
ئىمام: ئەرەبچە«ئەمامە» (ئالدى تەرەپ) دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغۇچى، جامائەتكە باشچىلىق قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
مۇتىۋەللى: ئەرەبچە سۆز، مۆتىۋەر كىشى دېگەن مەنىدە، بىزدە بولسا مەسچىتنىڭ مال-مۈلۈك ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.
خەلپەت، خەلپەم: «خەلىپە» (ئىزباسار) دىن كەلگەن سۆز، ئىستېمالىمىزدا  ئىلىمنى داۋاملاشتۇرغۇچى مەنىسىدە كېلىدۇ، بىز تەرەپلەردە بىر زامانلاردا بالىلارغا دىندىن ساۋاق بېرىدىغان كىشى خەلپەم دەپ ئاتىلاتتى.
قۇشناچىم: موللىنىڭ ئايالى. م: موللامنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان قۇشناچىمنىڭ ئوتيېشى (ماقال)
جارۇپكەش: مەسچىتنىڭ تازىلىقىنى قىلىدىغان كىشى
سوپى: تەسەۋۋۇپ ئەھلى، كۆچمە مەنىدە، دىنغا بەك بېرىلىپ كەتكۈچى
ئىشان: پارسچە سۆز، «نۇرلۇق» دېگەن مەنىسى بار.  سوپىلىقنى تەرغىب قىلغۇچى، سوپىلارنىڭ ئۇلىماسى
پىر، پىر-ئەۋلىيا: چوڭ ئەۋلىيا، «ئەۋلىيا» ۋەلى(دوست)نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، ئاللاھنىڭ دوستى دېگەن مەنىدە. ئەۋلىيالارغا بەزى كارامەتلەر بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى ئىنكار قىلىشقىمۇ، بەك ئىشىنىپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ.
غوجا، غوجام، خوجا، خوجام:  ئۆزىنى سەييىدلەر (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇغ-ئەۋلادى) دەۋالغان سوپىلار.
ئەسھابۇل كەھف: غار ساھابىلىرى، قۇرئاننىڭ «كەھف» سۈرىسىدە بۇ ھەقتە مەلۇماتلار بار.
مازار: ئەرەبچە «زارە، يەزۇرۇ، زىيارەتەن» (كۆرمەك، زىيارەت قىلماق) تىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، زىيارەت قىلىنىدىغان جاي دېگەن مەنىدە،  تاۋاپ قىلىدىغان جاي دېمەپتۇ.
نەقشىبەندى: ئىماننى قەلبكە كەشتىلىگۈچى، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ پېشىۋاسى مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان.
ئىشق: تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسىدە ئىلاھىي سۆيگۈ، قىز-يىگىتلەر چۈشەنچىسىدە بولسا مۇھەببەت.
ئاشىق: سۆيگۈچى
مەشۇق: سۆيۈلگۈچى
مۇلھىد: دىنسىز، ھېچنېمىگە ئىشەنمىگۈچى
زىندىق: مۇناپىق، مۇسۇلمان سىياقىغا كىرىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا ئىش قىلىدىغان سۈيىقەستچى
مۇناپىق: قەلبىدە نىفاق (ئىككى يۈزلىمچىلىك) كېسىلى بولغان، كاپىردىنمۇ ئۆتە ئازابقا دۇچار بولىدىغان بەدبەخ      

ئىسەنگىرەش ---- ھۇدۇقۇش
ئەلەڭگۈش --- خۇدىنى يوقاتماق
ساز قىلىش ---- ئەخمەق قىلىش
چوپكەز --- تامچىلار ئىشىك-دىرىزىلەرنىڭ گىۋىنىنى قىرلاشتا، كەڭ دائىرىلىك تاملارنى سۇۋاشتا ئىشلىتىدىغان ئالقاندەك كەڭلىكتە، ئۇزۇن كىلىدىغان ياغاچ تاختاي، ھازىر ئىچى كاۋاك ئاليومىندىنمۇ ياسىلىدىكەن.
قالاق --- تامچى ئۇستاملار پىششىق خىش چىقىشتا، لاي قويۇشتا ئىشلىتىدىغان يۈرەك شەكىللىك ئەسۋاپ.
گىۋان --- قىر. ئەڭ چەت تەرەپ ، لىۋى...(ئىشىك -دېرىزىلەرنىڭ گىۋىنى )
گەلدەمە --- «ساراڭقېتىش، دەلتە، گالۋاڭ»  دەپ چۈشىنىدىكەنمەن.
شەيتان  -   تامچىلار ئىشلىتىدىغان تەكشىلىك ، تىكلىك ، يانتۇلۇقنى ئۆلچەش ئەسۋابى ...
رېپىدە -   نان ياققاندا قولىغا كىيىۋالىدىغان پەلەيدەك نەرسە ،  
رېل ئالماق  - قايىل بولماق ،  تەن ئالماق
زەدەك  -  سەۋزە
زەللە  -   مېھماندارچىلىقتىن يانغاندا ساھىبخان كۆتەرتىپ قويغان ئاش ...
ساخو  -  ( قۇمۇل )   ئېلىشاڭغۇ ، ساراڭقېتىش ، ئەخمەق ، ھاماقەت ...
سارىغۇچ  -  ئاياللارنىڭ بىر خىل رومىلى ،  لىچەك ...
قاراق -   كۆز قارچۇقى
ساغدىغىنى ئاسماق   -   ئۇرۇشۇشقا تەييارلىنىش ،  غەزەپلىنىش ...
قاشاڭ  -   يۈزى قېلىن ،  
كالتىساق  -  قىسقا قونچىلىق ئاياق
مىتىكوت  -  پۇتى قايرىلىپ كەتمەك ...
قىمقىم، مىتمىت: جايىدا جىم تۇرالمايدىغانلار
مىس مىس: سۈرىتى ئاستا
كالاكومشا: دۆت ، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان
ئىنجىيماروق: ئورۇق، ئاجىز
لەلە: بارغان-تۇرغان يىرى ئىنىق ئەمەس ،لاغايلاپ يۈرۈيدىغان
چامچا كۆڭلەكنى كۆرسىتىدۇ .
ئاتتاممممممم ! ھەيران قالغان مەنىسى .
توقسۇن شىۋىسىدە - ئەپپەييييي ! قورقۇش ، ھەيران قېلىش مەنىسى .
غۇناجىن - ئىنەك ، چىشى كالا .
تۇرپاننىڭ يالقۇنتاغ دەپ يېرى بار پەقەت ۋە پەقەت شۇ كىچىككىنە جايغىلا خاس سۆز - پوقباش ! مىيەناسى - خوتۇنىنى باشقۇرالماي بېشىغا پوق سۈركىۋالغان .
ئايلا - ئاچا
يامداق - سۈپۈرگە
كىلىت - ئاچقۇچ
ئىشەك مەردىگى - ياۋا موگۇ
ياپېرررر ! - پىرىدىن مەدەت تىلەش
ئۇستخان - سۆڭەك
ئاقتۇرما - لوبۇ
ھەلەپ - تۈرمەل
ئىلدام - تېز
كۆت - كاسسا
ئىشەك - چايان قۇمۇلچە گېزەندە
لومودى - بۇزۇقچىلىق قىلغۇچى
چۆپچى - بۇزۇقچىلىق قىلغۇچى
شوۋىچى - بۇزۇقچىلىق قىلغۇچى
گورۇزا - ساراڭ مەنىسىدە
ساخو ، سارخۇش - كاللىسى ئىشلىمەيدىغان
ساغرو ، پاڭ - قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان
نومويەن - ساراڭ
ئۆڭگىلەڭ              -               ئاجايىپ، غەيرى، غەلىتە                                                                          ( كۇچار، توقسۇ شېۋىلىرى )
خەيناخا                 -               تايىنلىق، ئەتىمالىم                                                                                 ( كۇچار، توقسۇ شېۋىلىرى )
ياڭلىدا                   -               ئۆتكەندە، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا                                                              ( كۇچار، توقسۇ شېۋىلىرى )
زادىروشكا              -               ئالاڭزادە، كاللىسىنىڭ تورمۇزى تۇتمايدىغان، تەلۋە                                     ( كۇچار، توقسۇ شېۋىلىرى )
غورتەك                 -               كىچىك تۇرۇپ پىشىپ كەتكەن، قاقباش، ئاساسەن ئوغۇللارغا قوللىنىلىدۇ    ( كۇچار، توقسۇ شېۋىلىرى )
ئەڭلى                   -               كىيىم-كېچىكى، ئىگىن، ئۈستى-بېشى                                                     ( كۇچار، توقسۇ شېۋىلىرى )
مەدىكار                -                كۈنلۈك ئىشلەمچى
نىمكار                  -               ۋاقىتلىق ئىشلەمچى
زەللە                    -                مىھماندارچىلىقتىن قايتقاندا داستىخانغا يۆگەپ ئېلىۋالىدىغان تاماق، يەنى، ئېشىپ قالغان تاماقلارنى داباۋ قىپ بەرسىلە. بىزدە - داباۋ قىلىش - دىگەن خەنسوچە سەل بەكرەك ئومۇملىشىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە زەللە قىپ بەرسىلە دىيىلسە نەق جايىغا باراتتى.
دەللە                  -                 سەلبى مەنىدىكى سۆز. بىر-بىرىگە يات ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسدا گەپ توشۇپ، ئالاقىچىلىك قىلىدىغان ياشانغان ئايال دەللە دىيىلىدۇ
دوقا ماڭلاي: پېشانىسى دۆڭ، كۆچمە مەنىسى: قاپىقى يامان، دائىم ھۇمىيىپ تۇرىدىغان
ساراڭقېتىش: كاللىسى تازا ساق ئەمەس
دەلتە: دۆت، كالۋا، ئىنكاسى ئاستا
تەلۋە: ئىشنى ئەقىل بىلەن قىلمايدىغان، ئەسەبىيلىك خۇمارى، ئاشقۇن
دەلدۈڭ: دەلتە بىلەن ئوخشاش مەنىدە (ئۇچتۇرپان شېۋىسى)
پاڭقۇش: قۇلىقى ياخشى ئاڭلىمايدىغان. كۆچمە مەنىسى: قاشاڭ، گەپ ئاڭلىمايدىغان
پاڭ: گاس
سەينا: ھويلا، كىچىك مەيدان، باغ، باغچە
رەللە بولماق:  جىلە بولماق، تېرىكمەك
گاڭگۇڭ: باتۇر
ئاچ پاقا: ئاچكۆز
گەدەنكەش: بوينى قاتتىق، جاھىل
پوق قورساق، قارا قورساق: ساۋاتسىز، ھېچنېمە بىلمەيدىغان
قاراتۈرك: ساۋاتسىز، بىلىمسىز
يۇنداپۇرۇش: تىلەپ ھاراق ئىچىدىغان ھاراقكەش: بۇزۇقچىلىق، مەينەتچىلىككە ئادەتلەنگەن ئادەم
رەسۋا: نومۇسسىز، ھاياسىز(ئاساسەن ئاياللارغا قارىتىلىدۇ)
جەددال: مەككار موماي، ئوسال قېرىغان ئايال،  بەزى يەردە «جادى» دەپمۇ قويىدۇ. بۇ گەپنى ئاساسەن ئاغزى يامان كېلىنلەر تىلغا ئالىدۇ.
توخۇپوقى مەرەز: رودۇپاي، چاپلىشىۋالسا ئاجرىمايدىغان، يۇقۇپ قالسا چىقمايدىغان؛ كۆچمە مەنىسى: ئولتۇرغان-قوپقان يېرىدە پىتنە-ئىغۋا، جېدەل تېرىپ يۈرۈيدىغان سۇخەنچى، غەيۋەتخور.
يۇمىلاق تاۋۇز: ئىككى يۈزلىمىچى، مەيدانى يوق، خوشامەتچى
قارغىشتەگكۈر، قارغىش قېپى:  ئەسكىلىكتە ئۇچىغا چىققان، بەددۇئاغا، قارغىشقا لايىق بەدبەخ
لەنەتگەردى: لەنەتكە لايىق، لەنەت-نەپرەتكە كۆمۈلگۈچى
ئىگەكىم، ئىگەكىم بار: شۇنداق بولسىكەن، شۇنداق بولسىدى (سەلبى مەنىگە بەكرەك ماڭىدۇ)، م: پۇتۇڭ سۇنۇپ كېتەر ئىگەكىم...
پوخۇرلۇق قىلماق: قىز-ئاياللارغا ھاياسىزلىق قىلىش
ياۋايى: تەربىيە كۆرمىگەن، مەدەنىيەت يۇقمىغان
ياۋا تالىپ: يېڭى پەيدا بولغان سۆز بولۇپ، رەسمىي دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇمىغان تالىپلارنى كۆرسىتىدۇ.
غانجۇغىلاش: ھەممىنى سۈپۈرۈپ ئېلىپ كېتىش
زەينىگاس: زېھنى گاس، ئىنكاسى ئاستا
ۋەسى: ئەرەبچە «ۋاسى»دىن كەلگەن، ئىگە، ئىگىدار
ۋاسىل: ۋەسىلە بولغۇچى
ۋەيلۇن دوزاخ: ئەڭ دەھشەتلىك دوزاخ
ۋادەرىخ، ۋادەرىخا:  ۋاي ئىست، ئاھ ھەسرىتا...  م: ۋادەرىخا، ئوقنى تەگكۈزدۇق چالا، ھەممىدىن يامان ئىكەن سۈلھى-سالا
بېدىك: سودىنى كېلىشتۈرۈپ قويغۇچى
ھايانكەش: ئۆسۈم، جازانە ياكى ھارام پايدىنى كۆپ يېگۈچى
براك مال: رۇسچە، ئەتكەس مال ياكى ئۆتمەس مال
زاڭ مال: خەنزۇچە، ئەتكەس مال، قانۇنسىز مال
جازانە:  يۇقىرى ئۆسۈم، 高利贷 گە تەڭداش كېلىدۇ
ئاكسىيە: پاي، قەرز چېكى، فوند
ئالۋۇن: كۆزنى ئالدايدىغان گىرىمسەن مەنزىرە، خىيابان
چەشمە: كۆز، بۇلاق
پاتروشكىلاش: رۇسچىدىن غۇلجىغا كىرگەن سۆز، قولتۇقلىۋېلىش
ساقى: ئەرەبچە سۆز، سۇغارغۇچى
شاراپ: ئەسلىدە شەربەت، مېۋە سۈيى دېگەن مەنىسى بار بۇ سۆز بىزدە «ھاراق-شاراپ» بولۇپ كەتكەن.
ناخۇن: بەزى يەردە «ناخىل» دەپمۇ قويىدىكەن، تەمبۇر چالغاندا بىگىز بارماققا باغلىنىدىغان سىم زەخمەك.
زەخمە: يارا، جاراھەت. تۈركچىدە «زەخمەت» دېگەن سۆز بولۇپ، تەلەپپۇز قىلغاندا «زاھمەت» دەيدۇ. بىر كىمگە « سىزنى ئاۋارە قىلدىم» دېمەكچى بولسا، «سىزە زاھمەت ئولدۇ» (سىزگە زەخمەت، يەنى ئاۋارىچىلىق بولدى) دەپ قويىدۇ.   
قىسمەت: ئىنسانغا بۆلۈنگەن نېسىۋە، ئۆمۈر، تەقدىر
تەقدىر: قازايى قەدەر، ئەجەل كەلگىچە تەقدىر قىلىنغان ئىشلار، پېشانىگە پۈتۈلگەن ئىشلار.
تىلىمىز ئەدەبىيات-سانئەت تەرەققىياتى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، رىۋايەت، داستان، كىنو، دىراممىلاردىكى تىپىك ئوبرازلار، ئىسىملار سموۋۇللۇق مەنىگە ئايلىنىپ، جەمئىيەتلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللار بار، مەسىلەن:
ئاپئاق غوجامنىڭ ئۇمىچى ئەمەس: بۇ بىكارلىق نەرسە ئەمەس
سېيت نوچى: باتۇر، ئەمما نادان
سېيت ماڭقا: لەقۋا بايۋەچچە
سايىماخۇن: خوتۇندىن قورقىدىغان
ئايپاتەم: ئولتۇرۇپ قالغان قىز-چوكان...

غۇلجا شىۋىلىرى
ساقام-ئۆزىدىن كىچىكلەرگە ئامراقلىقى كېلىپ ۋە ياكى مەلۇم بىر ئىشقا بۇيرۇماقچى بولغاندا ئىشىلتىلدۇ.مەسىلەن:جۇگۇ ساقام!ماڭا ماگىزىندىن تاماكا ئاچچىقىپ بەرگىنە!
تېرموس-روسچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ چايداننى كۆرستىدۇ.
پىژژىكتور- روسچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ،ئىلكتېر ياكى قول چىراقنى كۆرستىدۇ.
يەلەلەمسە-يىيەلەمسەن،دەلەلەمسە-دىيەلەمسەن.دەرە-دىگىنە.
قاقۋاش(قاقباش)-دۆت ،كالۋا.(كۆچمە مەنىسى:تۇرمۇش تەجىرىبىسى مول،ھەممە ئىشنى بىلىدىغان دىگەن مەنىلەردە)
سادىغاڭ كېتەي-ئۆتۈنۈپ قالاي.
دۆۋلەت-دۆلەت(ئادەتتە چوڭلار كۆپ ئىشلىتىلدۇ).
سىركە-قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ،ئاچچىقسۇنى كۆرستىدۇ.
ئاشسەي-ئۆي لەڭمەن ياكى سۇيرۇ  لەڭمەننى كۆرستىدۇ.
ئۇز______ چىرايلىق
سەينا _________ھويلا
ئايۋان_________دالان ئۆي
شەرانداز_______ھەممە ئىشلارنى قاملاشتۇرالايدىغان ئاياللارغا قارىتىلغان
سەتەڭ_______جەلىپكار،ياسىنىپ يۈرىدىغان ئاياللارغا قارىتىلغان بولۇپ،ھازىرقى كۇندە ئازراق سەلبى مەنا ئېلىپ قالغان.
تامغاق_______ تاماخور
تايلاق_______ غىلجىڭ ئەر
ئۆمرى كۆتە،ئەقلى كۆتە___________ ئۆمرى قىسقا،ئەقلى قىسقا
قىيان__________كەلكۈن،سەلەپ
سەڭگەر قىلماق-دىققەت قىلماق،سەپ سالماق دىگەن مەنىدە، مەسىلەن: سەڭگەر قىماپتىمە دىگىنى دىققەت قىلماپتىمەن دىگىنى.
سىركاي- پىيالە دىگەن مەنىدە، بۇ سۆزنى توخسۇندىمۇ ئىشلىتىدۇ.
زەڭ سالماق ، زەڭ قويماق …  بۇ يەردېكى زەڭ سۆزى  زېھىن  سۆزىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن شەكلى بولسا كېرەك  .
جۇلدا: كەتمەننىڭ ئارقا تەرىپى
  تۈكۈچ: نانغا گۈل چىقىرىدىغان ئەسۋاپ
  ئاختاملىق: سۇ قويماي ئاق تاشلىۋەتكەن يەر، م: ئاختاملىقنىڭ چالمىسى
جىڭبو: ھارۋا قاتقاندا ئات-ئېشەكنىڭ بوينىغا سالىدىغان مەخسۇس جابدۇق

  كەتمەننىڭ ياكى كەكىنىڭ ئارقا تەرىپى «چۇلدا» دىيىلىدۇ.
  تۈكۈچ ئەمەس «تۈكچە»
  ئاختاملىق ئەمەس ئاختاما، ئاختامىلىق. تېرىلغۇ يەرنىڭ تېرىلغاندىن كىيىن تېخى سۇ قويۇلمىغان ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە سۆز بار، «ئوسا» _تېرىشتىن بۇرۇن قويۇلغان سۈيى، ئوسا يەر_ تېرىشقا تەييارلاپ سۇ قويۇلغان يەر. «ئاختاما»_ تېرىلغاندىن كىيىن تېخى سۇ قويۇلمىغان يەر، ئاختاما سۈيى_ تېرىلغاندىن كىيىنكى بىرىنچى سۈيى. «گەجگە سۈيى»_ ئىككىنچى سۈيى. گەجگىلەپ بولدۇق_ ئىككىنچى سۈيىنى قويۇپ بولدۇق.

   ئاختامىلىقنىڭ چالمىسى دىگەن سۆز «ئاختامىلىقتىن چالما تاپالماپتۇ» دىگەن ماقالدىن كەلگەن بولۇپ، ئاختاما يەر ئاغدۇرۇپ تېرىلغان، تېخى سۇ قويۇلمىغان بولغاچقا پۈتۈنلەي چوڭ-كىچىك چالما بىلەن تولغان بولىدۇ. ئاختامىلىقتىن چالما تاپالماسلىق بار نەرسىنى كۆرمەسلىك، بار نەرسىنى تاپالماسلىق، بار نەرسىنى كۆرمەسكە سېلىش قاتارلىقلارغا مىسال قىلىنىدۇ.

   «جىڭبو» بۇمۇ بۇزۇلغان ئاتالغۇ بولسا كېرەك، بىزدە «جۇمبۇر» دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق سىز ئاتىغانغا قارىسام باشقا تىلدىن كىرگەن ئەسلى مەنىسىدەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. قارىغاندا بۇ سۆزنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ بېقىش زۆرۈر بولسا كېرەك.
   ئۇندىن باشقا ئات-ئېشەكنى ھارۋىغا قاتقاندا سالىدىغان يەنە بىر ياغاچ جابدۇق بار، «شاڭتۇڭ» دەپ ئاتىلىدۇ، ئات-ئېشەكنىڭ بوينىغا سېلىنىپ، ھارۋىغا چېتىلىدۇ. جۇنبۇر مۇشۇ شاڭتوڭنىڭ ئىچىگە سېلىنىدىغان بولۇپ، شاڭتۇڭنىڭ بويۇننى ئاغرىتىۋىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سېلىنىدۇ.
دەلدۈشنىڭ ئەقلى- ھۇشى ساراڭدىن ياخشىراق بولۇدۇ.
گەلدەمە- ئەقلى ھۇشى نورمال ئادەمگە ئوخشاشراق بولۇدۇ ئەمما تەلۋىلىكى كۈچلۈك كېلىدۇ.
سەگ (خوتەن كېرىيە شىۋىسى ،   ئىت دىگەن مەنىدە )
جۇ ( موچەن ، خەلق پۇلىدىكى موچەننى جۇ دەپمۇ ئاتايدۇ ، كېرىيە يەرلىك شىۋىسى )
خاللاپ (گىلەمچى ، گىلەم تۇقۇيدىغان ھۈنەرۋەن )
شىلدىرشاپ (چوڭلۇقى كۆرپە كىرلىقىچىلىك رەخت پارچىسى ،    مىسال : شىلدىرشاپنى ئەكىلىپ تۇتۇپ تۇرۇڭلار ، ئۈجمىنى مەن ئېغىتاي .    مىسال :   شىلدىرشاپنى سېلېپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۈستىگە قۇيايلى )
چۇقۇتاش (چوقۇرتاش ،   دورا سۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ئوتتورسى ئويمان تاش ، ئۇيغۇر تىبابىتىدە ۋە ئائىلىلەردە بوزوغا ، ئىگى ،دىگەندەك دورىلارنى سۈرۈپ (ئۇۋاش) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ )
لاخشىگىر (قىسقاچ )
سىركە-قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ،ئاچچىقسۇنى كۆرستىدۇ.


سىركە  خوتەن رايۇنىدا ئۇمۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ   ، يۇقارقى مەنىسى ئاجىزراق ، ھازىر ئىستىمالدىكى مەنىسى چالا پىشقان ئۈزۈمىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئاپتاپتا ئېچېتىپ تەييارلانغان ئۈزۈم سىركىسىنى كۆرسىتىدۇ .
مىسال :  ئاداشوي ، ئۈيۈڭدە ئۇزۇن ساقلانغان سىركە بارمىدۇ ،  تىۋىپقا بارسام كونا سىركە تېپپ ئۇلىنشنى دىۋىدى ، ھېچ ئىزدەپ تاپالمىدىم
مىسال :  بالامنىڭ سۇغۇقى ئېشېپ كىچىسى تولا يىغلايدىغان بۇلۇپ قېلېۋىدى ، سىركىگە دورا سۈرۈپ ئۇۋىلاپ قويسام ساقىيىپ قالدى .

جىڭبو: ھارۋا قاتقاندا ئات-ئېشەكنىڭ بوينىغا سالىدىغان مەخسۇس جابدۇق
جىڭبو ئەمەس ، جۇمبۇل  مەنىسى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش
جىمبىل  :  مانتا ، ھورنانغا ئوخشاش يىمەكلىكلەرنى پۇشۇرۇشتا مىنگەن ئىچىگە سالىدىغان نۇرغۇن تۈشۈكچىلىرى بار لىگەنسىمان نەرسە  ،  مىسال :   قىزىم ، قازانغا سۇنى ئازرااق قۇيۇپ ، مانتىنى جىمبىلگە تىزىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئوت ياق
ھاۋانچا  (خاتا يازمىغاندىمەن) - تاشتىن ياكى مىتالدىن ياسالغان،چۇڭقۇرراق قۇتا شەكىللىك ئۈستى ئوچۇق نەرسە، بىر تال قىسقا نوغۇچى بار. دورا-دەرمەكلەرنى ئىزىشقا ئىشلتىدۇ.
شىللە- دۈمبىنىڭ ئۈستى، بويۇننىڭ ئاستى.
قوڭالتاق --- مال مۈلكى يوق
گاڭسا جىسا---- ۋەيران بولۇش
جانىپىدىن---- سەۋەبلىك
ئالۋاق-------- ئاق كېسەل
ئەزىمايلا------  ئەرنى تىللاش
ساڭگۇك------- ئايالنى تىللاش
سۆرەم پايىتما------ مىس مىس        
پەپىلىقۇش--------كاللىسى ئىشلىمەس كىچىك بالنى كەمسىتكەندە ئىشلىتىلىدۇ
موخو----------- يىراقنى كۆرەلمەس               
جۇل جەپپە---------ئەسكى تۈسكى
كاشا باغلاش------- كىر بېسىپ كېتىش
ئېگىن------------ كىيىم
كىپىش------------ ئاياق
شىپەك-----------ساپما كەش
چىلپاق----------- پارچە  مەسىلەن:  پۈتۈن بېرىپ   چىلپاق پۇل بەرمىسەم بۇلارمىكىن
ئەتىينى-------- ئەت تېنى( بەدىنى)
پەللەك---------- كاسا
ئەگۈن----------- كىچىك دەرۋازا
باشتۇڭ------------ ياغاچ قولاق
چاپتىكەش----------- كەپسىز
بىمەسەل---------- تېتىقسىز.

يۇقارقىلار تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان چۈشەندۈرۈش بولۇپ ھەممىسى ئۆلچەملىك بولۇشى ناتايىن، پايدىلىنىش ئۈچۈن رەتلەندى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-9 13:45:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاللاپ
ئەسلىدە ئەرەپچە سۆز.توغرا يېزىلىشى : جەللاب  مەنىسى : سودىگەر، ئېلىپ -ساتار .

كاسىۋال - ئىكەك (بۇنى يىزىلاردا ھازىرمۇ خېلى ئىشلىتىدۇ.)
دىيەپشە - بىگىز (بەزى جايلاردا دەرەپشە دەيدىغان ئوخشايدۇ.)
ئاختامىلىق - زىرائەتنى يېغىپ بولۇپ، كىيىنكى تىرىلغۇغا تەييارلانغان يەر (ئاختامىلىقتا چالما تالىشىپ دەيدىغان گەپ شۇ.
كۆتىچەك - قوناقنىڭ شىخىنى چاناپ بولغاندىن كىيىن، يەردە قالغان يىلتىزى شۇ.
ۋاقتى: 2014-10-10 14:14:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« غوجالدۇرۇۋاق» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى نېمە؟

باھا سۆز

ئۆزى مەينەت، رەتسىز، سەرسانە ئەمما ئاقسا يۈرۈيدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-10-14 00:00
ۋاقتى: 2014-10-14 00:00:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cholpan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 14:14
« غوجالدۇرۇۋاق» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى نېمە؟

ئۆزى مەينەت، رەتسىز، سەرسانە ئەمما ئاقسا يۈرۈيدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

باھا سۆز

ياخشى: 4.0
ياخشى: 4
تەشەككۈر  ۋاقتى: 2014-10-14 20:48
ۋاقتى: 2014-10-14 00:10:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« قىتلالما» - قەشقەردە تازا قىتلانغان لالما مىجەز ئادەملەرنى قىتلالما دەيمىز(كەسپىي لالما، ھەقىقىي لالما).

قىلاتلاش- تىغلىق ئەسۋاپنى چاققا تۇتۇپ بولغاندا بىسىدا نىپىز بىر ياپراقچە قالىدۇ، شۇنى بىلەي تاشتا يۇقىتىدۇ. مۇشۇنداق قىلمىسا مىڭ چاققا تۇتسىمۇ دېگەندەك ئۆتكۈرلەشمەيدۇ. بۇنى قىلاتىنى ئېلىش يەنى قىلاتلاش دەيمىز. (پىچاقنى چارقىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى تاشتا بىرقېتىم بىلەيدۇ، مۇشۇ بىلەشنى پىچاقنىڭ قىلاتىنى ئېلىش دەيدۇ، بۇ دېگىنى سىلىغلاش دېگەن مەنىدە، يەنە موتوسىكىلىتنى يېڭى ئالغاندا بىرەر مىڭ كىلو مېتىر ماڭغىچىلىك ئادەم مۈنگۈزمەيدىغان ئادەت بار، بىرەرسى مۈنگەشمەكچى بولسا، موتوسىكىلىت ئىگىسى  مېنىڭ موتۇرۇم تېخى قىتلىنىپ بولالمىغان دەيدۇ.)

قىتىغور :  سۇخەنچى ،كاززاپ ، ئوزچە يوق يەردىن باشقىلارنى بالاغا قويدىغان ، يوق يەردىن گەپ تاپىدىغان ئادەملەرنى قىتغور دەيمىز .
ۋاقتى: 2014-10-17 13:32:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالچاڭلاپ دەپ بىر گەپمۇ بارتى؟

باھا سۆز

ئۆردەكتەك ئىككى يانغا چايقاپ ماڭغان ئادەمنى ئالچاڭلاپ ماڭدى دەيمىز.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-10-22 01:11
ۋاقتى: 2014-10-22 01:11:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cholpan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 13:32
ئالچاڭلاپ دەپ بىر گەپمۇ بارتى؟

ئۆردەكتەك ئىككى يانغا چايقاپ ماڭغان ئادەمنى ئالچاڭلاپ ماڭدى دەيمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 02:03 , Processed in 0.190694 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat