قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ساقلانغان قەدىمكى فامىلە ۋە ئەن − تامغىلار
ئارسلان ئابدۇللا
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى فامىلىلىرىمۇ كۆپلىگەن باشقا مىللەتلەرنىڭ فامىلىلىرىگە ئوخشاش ئۇرۇق ۋە ئۇرۇق ئەزالىرىنى پەرقلەندۈرۈش، جەمەت ئەزالىرى ئارا نىكاھلىنىش ياكى يېقىن تۇغقانلار ئارا زىنا قىلىشنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىپ شەكىللەنگەن قەبىلە بەلگىسى، ئۆزى تەۋە قەبىلىنىڭ نامى ياكى تۇتېم نامىنى ئىسىمنىڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە قوشۇشتىن ئىبارەت نام − ئاتاق، بەلگە سىستېمىسىدۇر. ئالايلۇق، تۇتېمدىن كېلىپ چىققان فامىلىلەر: بۆرى بارس، ئارسلان تۇڭا، ئارسلان پالۋان، ئالپ ئارسلان، ئەرك ئارسلان، تەمۈر بۇقا، بەگبۇقا، باي بۇقا، بۇلات بۇقا قاتارلىقلار، ئۇرۇق − قەبىلە نامىدىن كېلىپ چىققان فامىلىلەر: قارلۇق ئەۋزۇر، باسمىل سارىغ، چىپاق ئۇرۇق، ئۇيغۇر تاپمىش ۋەھاكازالار①.
فامىلە بىر خىل ئالاھىدە مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە ئۇرۇق ياكى جەمەتنىڭ ئۆرپ − ئادەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەلۇم ئورتاق ئالاھىدىلىكى ۋە نەسەب مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ خېلى كۈچلۈك داۋاملىشىشچانلىق ۋە ۋارىسچانلىققا ئىگە. جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار كۆچمەن − چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن مۇقىم ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ھەرقايسى ئۇرۇق − قەبىلىلەر پەيدىنپەي قوشۇلۇپ بىر گەۋدىلەشكەن، جەمەت قارىشى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىلىرىنىڭ ئىپتىدائىي فۇنكىسىيىسى، سىرلىق تۈسى ۋە داۋاملىشىشچانلىقىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاشقان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئەرەبلەرنىڭ فامىلىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەنئەنىۋى فامىلە سىستېمىسى پەيدىنپەي يوقىلىپ، ئاخىرى ئۇيغۇرلاردا داۋاملىشىشچانلىقى بولغان ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى فامىلە قىلىدىغان ھەتتا ئانچە قاملاشمىغان جەمەت لەقىمى بىلەن ئۇرۇق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ مۇجەسسەمگاھىدا ياشايدىغان كۆپ قىسىم قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى 16 − ئەسىرگە كەلگەندىمۇ يەنىلا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئالاھەزەل تۆت − بەش يۈز يىل كېيىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئەرەب − پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلىغان بولغاچقا، كۆچمەن − چارۋىچىلىق تۇرمۇش شەكلىنى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلاپ قالغان، شۇنداق بولغاچقا قەدىمكى تىل − مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى خېلى كۆپ ساقلاپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى قەدىمكى فامىلىلەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ قوللىنىلماقتا. بۇ يەردە شۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش زۆرۈركى، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان «فامىلە»، ئۇنىڭ ئۇرۇق ياكى جەمەت − نەسەب مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرۈش فۇنكىسىيىسىگە قارىتا ئېيتىلغان، ھالبۇكى ئاتاش شەكلى ياكى ئىشلىتىش شەكلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنتايىن ئاز ساندىكى فامىلىلەر قەدىمكى فامىلىلەرگە ئوخشاش ئىسىمنىڭ ئالدىغا قوشۇلۇپ ئىشلىتىلگەندىن باشقا، كۆپ قىسىم فامىلە ئىسمىنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ ئىشلىتىلمەكتە. تۆۋەندە تەسىرى كۈچلۈك بىر نەچچە جەمەتنىڭ فامىلىسى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز:
1. ømε11ε ) t ømεr/t چۇمۇل(
t ømεn ياكى ømεllεl قەدىمكى تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى )چۇمۇل( دىن كېلىپ چىققان. مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا چۇمۇللار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«تۈركلەر ئەسلىدە يىگىرمە قەبىلىدۇر…… ھەربىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ بىر مۇنچە ئۇرۇقلىرى بولۇپ، مەن بۇلاردىن ئاساسىي ۋە ئانا قەبىلىلەرنى يازدىم. ئۇرۇق − ئايماقلىرىنى تاشلىدىم. ………… مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، رۇم ئولكىسىنىڭ يېنىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە، شەرقتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. رۇمغا ھەممىدىن يېقىن جايلاشقان قەبىلەبجنك −−−− Pəqənək پەچەنەك، ئاندىن قالسا قفجاق −−−− kifqakقىپچاق، اغز −−−o uz ئوغۇز، يماك −−−−yəmək يەمەك، بشغرت −−−− bχ irt باشقىرت، بسمل basmil ، قاى −−−− kay قاي، يباقو −−−− yαbαkuياباقۇ، تتار −−−− tαtα تاتار، قرقز−−−− kirkiz قىرغىز قەبىلىلىرىدۇر. قىرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى رۇم ئۆلكىسى يېنىدىن شەرققە قاراپ شۇ تەرتىپتە سۇزۇلغان. ئاندىن جكل−−−− qigil چىگىل، تخسى −−−− tohsi توخىسى، يغمyαmα −−−−ياغما، اغراق −−−− u rakئۇغراق، جرق −−−− qαrukچارۇق، جمل −−−− qomul چومۇل، ايغىر −−−− uy urئۇيغۇر، تىنكت −−−− tαŋut تاڭغۇت، ختاى −−−− hitαy خىتاي قەبىلىلىرىدۇر…… سەھرا − قىر خەلقلىرىدىن بولغان چومۇللارنىڭ تىلى ئالاھىدە بىر تىل بولۇپ، ئۇلار تۈركچىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ». « سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. قوچۇ تەزكىرىسى» (ۋاڭ يەندېنىڭ «قوچۇغا ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى» دىن ئېلىنغان) دا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «قوچۇ دېمەك غەربىي ئايماق (شىجۇ) دېمەكتۇر.……… جەنۇبىي تۈركلەر، شىمالىي تۈركلەر، چوڭ چىگىل، كىچىك چىگىل، ياغما، قارلۇق، خاككاس، مومانغۇت، ئۇرۇن دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلىلەر بار». (14110 – بەت) «سۇڭ، لياۋ، جىن دەۋرلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» دە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «چۇمۇللار بەش دەۋر مەزگىلىدە خېلى كۈچلۈك ھاكىمىيەت قۇرغان. تەخمىنەن مىلادىيە 11 − ئەسىردىن كېيىن، تارىخنامىلەردە ئۇلارغا دائىر خاتىرىلەر چېلىقمايدۇ. ئېھتىمال ئۇيغۇرلارغا پەيدىنپەي سىڭىپ كەتكەن بولسا كېرەك». ئادەتتە چۇمۇللارنىڭ قارارگاھى ئىۋىرغول (ھازىرقى قۇمۇل) ئەتراپىدا دەپ قارىلىدۇ»○2. باشقا بىر قىسىم تارىخ ماتېرىياللىرىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا لوپنۇر، چۇرچان (چەرچەن)، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردىمۇ چۇمۇللار ياشىغانىكەن. بۇ چۇمۇللار كېيىن ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرغاچقا، بۇددا دىنى راۋاج تاپقان قۇمۇلغا كۆچۈپ كېلىپ، قۇمۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى لوپنۇرغا ئەڭ يېقىن بولغان بوغاز، لاپچۇق، قارا دۆۋە قاتارلىق جايلارغا ماكانلىشىپ يەرلىك خەلققە سىڭىپ كەتكەن. ئەمما، بۇ چۇمۇللارنىڭ ئەۋلادلىرى، ھېلىمۇ tømεl ياكىtømεn دەپ ئاتىلىدۇ tomul . نىڭ فونتىكىلىق ئۆزگىرىپ tømεl ياكى tømεn غا ئۆزگەرگەن بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. چۈنكى، قۇمۇل شېۋىسىدە تاۋۇشنىڭ تىل ئورنى ۋە ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتىنىڭ تەسىرىدە، تىل ئۇچى، تىل ئالدى ئۈزۈك تاۋۇشىغا يانداش تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلىرى بەزىدە تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدۇ. ئالايلۇق، ئەدەبىي تىلدىكى شولا، korα ) (كورا) غا، سودىغا، (كالپۇك) قا، (سوناي) غا ئۆزگىرىدۇ ۋاھاكازالار. يۇقىرىقى مىساللاردىكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش [o], [u] لار تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش [ø]،[y]غا ئۆزگىرىدۇ. بۇ فونتېكىلىق ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ۋ قۇمۇل شېۋىسىدىكى [n]ۋە [I] ئۈزۈك تاۋۇشلىرىنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرى ياكى بۇغۇم ئاخىرىدا كەلگەندە ئۆزئارا ئالمىشىش ھادىسىسىگە ئاساسەن ئۇنى فونتىكىلىق ئۆزگەرگەن شەكلى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۇمۇل جەمەتى ئاساسلىقى قۇمۇلنىڭ boʁazبوغاز، rahεtbaʁ راھەتباغ، palwantur پالۋانتۇر، saqa ساقا ،) xotuntam خوتۇنتام( قاتارلىق جايلىرىغا تارقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، (tomul) يەنە يەر نامى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، ئالايلۇق: چۇمۇلتۇر، چۇمۇل بۇلاق، چۇمۇل كۆل، چۇمۇل قورۇسى ۋاھاكازالار.
2. εlkilεr ئەلكە
εlkε ئەلكە سۆزى «تۈركىي تىللار دىۋانى) « بىرىنچى توم، 175 – بەت) داεlkε bulaq (ئەلكە بۇلاق) شەكلىدە كۆرۈلگەن بولۇپ، «بىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى» دەپ ئىزاھلانغان. («دىۋان» بىرىنچى توم 429 – بەت) دا يەنە بۇلاق bulaq سۆزى مۇنداق ئىزاھلانغان: «بۇلاق بىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى. ئۇلارنى قىپچاقلار ئەسىر ئالغان ئىدى، كېيىن ئۇلۇغ تەڭرى ئۇلارنى قۇتقازدى». قۇمۇل شېۋىسىدە εlkε دېگەن سۆزمۇ، εlkεbulaq دېگەن سۆزمۇ بار. بۇلار ھەرئىككىلىسى تارىخىي ئىنتايىن ئۇزاق بىر كەنت − قۇمۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىسىنىڭ ئالتىنچى كەنتىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر كەنتتە εlkεtura دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ تۇر بار، بۇ تۇرنىڭ ئەتراپىدىن بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلدى، بۇ مەزكۇر جاينىڭ تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. قۇمۇل خەلق قوشاقلىرىدىمۇ بۇ يەر ناملىرى كۆپ جايدا تىلغا ئېلىنغان. ئالايلۇق:
ئەلكىدە تاۋۇز تېرىپ، قاپاق باراڭلىق قىلدىلا، يار ئۈستىگە يار تۇتۇپ، ئەجەپ ساراڭلىق قىلدىلا.
قوش سوغامغا سۇ ئەكەلدىم، ئەلكە بۇلاقتىن سەن يايرىمنى دەپ كەلدىم شۇنچە يىراقتىن
εlkilεΥ دېگەن سۆز يەر نامى بولۇشتىن باشقا يەنە ئەلكە ۋە سوقا، لەڭگەر، ئاستانە، قوراي قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان بىر چوڭ جەمەتنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە بۇ سۆز قەدىمكى فامىلىلەرگە ئوخشاش ئىسىمنىڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە قوشۇلۇپ كەلمىسىمۇ، لېكىن εlkilεΥ دېگەن كۆپلۈك شەكلىدە بىر جەمەتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يەنىلا فامىلە فۇنكىسىيىسىگە ئىگە.
3. qarluklar(قارلۇقلار)
«تۈركىي تىللار دىۋانى»(بىرىنچى توم، 618 – بەت) دا qarluk دېگەن سۆز «قارلۇق، كۆچمەن − چارۋىچى تۈركلەرنىڭ بىر گۇرۇھى، ئوغۇزلاردىن باشقىدۇر، ئۇلارمۇ تۈركمەن ھېسابلىنىدۇ». قۇمۇل شېۋىسىدە، مەزكۇر سۆز ھەم قەبىلىنى ئىپادىلەيدۇ ھەم يەر نامى ۋە فامىلە بولۇپ كېلىدۇ.
قارلۇقلار ئەسلىدە كۆك تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاساسلىقى tagil ,tari (بۇلاق/بۇلاگ) دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاساسلىقى ئالتاي تېغىنىڭ غەربىدىكى جايلاردا پائالىيەت قىلغان، كېيىن بىر قىسمى ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىغا كۆچۈپ كېلىپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا بېقىنغان. كېيىن پەيدىنپەي قۇدرەت تېپىپ، تەسىر دائىرىسى شەرقىي قىسمىدىكى ئالتاي تېغى، تارباغاتاي تېغى ۋە بېشبالىق ھەمدە ئىۋىرغول (قۇمۇل) قاتارلىق جايلارغا كېڭەيگەن. 766 − يىلى بالاساغۇن شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، قۇدرەتلىك قارلۇق خانلىقىنى قۇرغان.
قارلۇقلار چۆللۈكنىڭ شىمالىدىن ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كەڭ كەتكەن رايونلاردا بىر مەھەل ياشىغان، كېيىن ئۇلارنىڭ «ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىدا ياشايدىغان قەبىلىلىرى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا بېقىنغاندىن باشقا، غەربىي قىسمىدىكى قارلۇقلار ئالتاي تېغى، تارباغاتاي تېغىنىڭ غەربىدىكى ئۆزلىرىگە قاراشلىق رايونلاردىن تۈركەش خانلىقىنىڭ زېمىنى − ھازىرقى تالاس ۋە چۇ دەريا ۋادىلىرىغا كۆچۈپ كەلگەن»○3. ياش ئالىم سەمەت ئەسرانىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا بېقىنغان ھەمدە ئىۋىرغولدا پائالىيەت قىلغان بىر قىسىم قارلۇقلار بۈگۈنكى
قۇمۇلنىڭ k⍬kjar, ⍬ryklyk,tarati,qalʁajti,،ulanbulaq (qarluq) qorluq، qotazliq، قاتارلىق جايلىرىدا داۋاملىق كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانىكەن. قارلۇقلارنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرى توغرىسىدا قۇمۇل خەلقى ئارىسىدا مۇنداق قوشاقلار تارقالغان:
قارلۇقۇم قارلۇق سايان، سەگۈنچىكى سەرۋان سايان. زاماننىڭ دۇشقارىدا، سەن بىر سايان، مەن بىر سايان
بۇ قوشاق بىر قىسىم قارلۇقلارنىڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقى دەستىدىن ئۆزلىرىنىڭ قەبىلىسى ۋە ئۇرۇق − تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا سەرسان − سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلىكىدەك پاجىئەلىك قىسمىتىنى تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرگەن بولسا ئۇنداقتا ھازىرقى قۇمۇل تەۋەسىدىكى قارلۇقتاغ، قارلۇق غول، قارلۇق كارىز، قارلۇق تۈگمەن قاتارلىق يەر ناملىرى بىر قىسىم قارلۇقلارنىڭ قۇمۇلدا ئۇزاق مەزگىل ياشاش ۋە جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر سۆز يەنە لاپچۇق، قارادۆۋە قاتارىق جايلاردا ياشاۋاتقان بىر جەمەتنى كۆرسىتىدۇ ھەم ئىسىمنىڭ ئالدىدا فامىلە بولۇپ كېلىدۇ، ئالايلۇق، قارلۇق ئىسھاق، قارلۇق سېتى، قارلۇق توختى ۋاھاكازالار.
4. t oruqlar چورۇقلار
t oruq بولسا t aruq دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. «تۈركىي تىللار دىۋانى» (بىرىنچى توم، 494 – بەت) دا t aruq دېگەن سۆز تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلانغان: «چورۇق تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى، بارچۇق barquk شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ياشايدۇ». مەھمۇد كاشغەرى تەرتىپ بويىچە كۆرسەتكەن شەرقىي تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ماكانلاشقان جايلىرىغا ئاساسلانغاندا، چورۇقلار قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئۇيغۇرلار ۋە چۇمۇللار بىلەن قوشنا بولۇپ ياشىغان. t aruq (قۇمۇل شېۋىسىدە t oruq دېيىلىدۇ) دېگەن سۆز كۆپلۈك شەكلىدە قۇمۇلنىڭ شەھەر ئىچى ۋە لاپچۇق، قارا دۆۋە قاتارلىق جايلىرىدا ياشايدىغان بىر جەمەتنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇيغۇر خوجىلار جەمەتى ھەققىدە تەتقىقات» تەتقىقات گۇرۇپپىسى 1998 − يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ئىگىلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، t oruq جەمەتنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرۇپ بارچۇق ئەتراپىدىن قۇمۇلغا كۆچۈپ كەلگەن چورۇق قەبىلىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
5. εlεr k⍬nt كەنچەك
k⍬nt εk بولساkεnt εk نىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگەرگەن شەكلى.«تۈركىي تىللار دىۋانى» (بىرىنچى توم، 626 – بەت) دا تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلانغان: «كەنچەك، تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى». مەھمۇد كاشغەرى «دىۋان» نىڭ يەنە بىر جايىدا مۇنداق دەيدۇ: «قەشقەردە كەنچەكچە سۆزلىشىدىغان يېزىلار بار، شەھەر ئىچى خەلقى خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن سۆزلىشىدۇ»○4. مەزكۇر سۆز قۇمۇل شېۋىسىدە يەر نامى بولۇپ كېلىپ قۇمۇلنىڭ باغداش يېزىسى بوستان كەنتى ئەتراپىدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىسى(كەنچەك شەھىرى) نى كۆرسەتكەندىن باشقا، يەنە قۇمۇلنىڭ بوغاز، راھەتباغ ۋە لاپچۇق، قارا دۆۋە قاتارلىق جايلىرىدا تارقاق ماكانلاشقان بىر جەمەتنى كۆرسىتىدۇ.
6. xular (خۇلار)
«Xu» (ئاھاڭ تەرجىمىسى «خۇ») فامىلىسىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا ھەرخىل كۆز قاراشلار بار، بەزىلەر ئۇنى توققۇز ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇرۇقىنىڭ بىرى) qun قۇن) دىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇنىoʁur/ʁur (ئوغۇز، غۇز) نىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگەرگەن شەكلى دەپ قارايدۇ. فونېتىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشنىڭ ئېھتىماللىقى يوق دىيەرلىك. بىزچە، مەزكۇر فامىلە تىبەتلەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنى ئاتىشى xuy (خۇر) دىن كېلىپ چىققان بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. بۇنىڭ ئاساسى تۆۋەندىكىچە: (1) xu فامىلىلىك جەمەت ئاساسلىقى قۇمۇلنىڭ لاپچۇققا ماكانلاشقان، ھالبۇكى لاپچۇقلارنىڭ بىر قىسمى ئىلگىرى تىبەتلەر بېسىۋالغان لوپنۇر ۋادىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن. لاپچۇقنىڭ ئۇيغۇرچە نامىlap uq نىڭ ئېتمولوگىيىسىمۇ بۇ نۇقتىنى ياندىن ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا،lap uq دېگەن سۆز lop(لوپ) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان، يەنى lop دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بىلەن «نۇرغۇن»، «يىغلىماق» دېگەن⑤ tuʁ دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «لوپلۇقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، xu ئاتالمىسىنى قۇمۇلغا كۆچۈپ كەلگەن لوپلۇقلار قۇمۇل شېۋىسىگە ئەكىرگەن، (2) xur نىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىپ xu غا ئۆزگىرىشىمۇ تامامەن مۇمكىن. چۈنكى، بوغۇم ئاخىرىدىكى بولۇپمۇ بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى[r] نىڭ ئېغىز تىلىدا چۈشۈپ قېلىشى خېلى كۆپ كۆرۈلىدىغان فونېتىكىلىق ھادىسە. ئالايلۇق:
bar→ba :,t ar →t a:,Kelεrjil → Kelεju ۋەھاكازالار. ئەلۋەتتە، xu فامىلىسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
xu ئاساسلىقى لاپچۇقتا ماكانلاشقان بىر جەمەتنى كۆرسىتىدۇ، بۇ سۆز يەنە ئىسىمنىڭ ئالدىغا قوشۇلۇپ فامىلە قىلىنىدۇ. ئالايلۇق: خۇ ئابدۇۋايىت، خۇ سەيدۇللا، خۇ ئىلياس ۋاھاكازالار.
11- ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «oʁuz» ئوغۇز سۆزىنى ئىزاھلىغاندا ئوغۇزلارنىڭ ئۇرۇقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىغا باسىدىغان ئەن − تامغىلىرىنى كۆرسەتكەن○6، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچىسى ۋە يېتەكچىسى — kinik :قېنىق. زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى شۇلاردىندۇر. ماللىرىنىڭ تامغىسى : ئىككىنچىسى: ǧКаУi — قايىغ. ئۇلارنىڭ تامغىسى: I V I. ئۈچىنچىسى — bayundur بايۇندۇر. ئۇلارنىڭ تامغىسى: . تۆتىنچىسى — ivα ئىۋا. ئۇلار «— yivαيىۋا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تامغىسى: بەشىنچىسى: ǧ sal —سالغۇز. ئۇلارنىڭ تامغىسى: ئالتىنچىسى: afxar — ئافشار. ئۇلارنىڭ تامغىسى: يەتتىنچىسى: bəktili — بەكتىلى. ئۇلارنىڭ تامغىسى: سەككىزىنچىسى: bügdüz — بۈگدۈز. ئۇلارنىڭ تامغىسى: توققۇزىنچىسى: bayat — بايات. ئۇلارنىڭ تامغىسى: ئونىنچىسى: ǧ yaz — يازغىر. ئۇلارنىڭ تامغىسى: ئون بىرىنچىسى: əymür — ئەيمۈر. ئۇلارنىڭ تامغىسى:♀. ئون ئىككىنچىسى: kara bØlük — قارا بۆلۈك. ئۇلارنىڭ تامغىسى: ئون ئۈچىنچىسى: alka bØlük — ئالقا بۆلۈك. ئۇلارنىڭ تامغىسى: ئون تۆتىنچىسى: ئون بەشىنچىسى: ürəgir — ئۈرەگىر. بۇلار« — yürəgir» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تامغىسى: ئون ئالتىنچىسى: tutirka — تۇتىرقا. ئۇلارنىڭ تامغىسى: ΛV . ئون يەتتىنچىسى: ǧ ulayundlu — ئۇلايۇندلۇغ. ئۇلارنىڭ تامغىسى: ئون سەككىزىنچىسى: tügər — تۈگەر. بۇ سۆز بەزىدە «و − ۋاۋ» ھەرپى تاشلىنىپ، (tükər) شەكلىدىمۇ يېزىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تامغىسى:I〥 . ئون توققۇزىنچىسى: pəqənək — پەچەنەك. ئۇلارنىڭ تامغىسى: يىگىرمىنچىسى: quωuldar — جۇۋۇلدار. ئۇلارنىڭ تامغىسى: يىگىرمە بىرىنچىسى: qəbni — چەننى. ئۇلارنىڭ تامغىسى: يىگىرمە ئىككىنچىسى: ǧ— qaruklu چارۇقلۇق. بۇلارنىڭ سانى ئاز، تامغىسى نامەلۇم.
مەشھۇر تارىخشۇناس ئەبۇلغازى باھادىرخان « شەجەرەئى تۈرك» « itεrakimε،εdзεrε » ناملىق ئەسىرىدە: «ئوغۇزخاننىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى. چوڭىنىڭ ئېتى كۈن خان، ئىككىنچىسى ئاي خان، ئۈچىنچىسى يۇلتۇزخان، تۆتىنچىسى كۆك خان، بەشىنچىسى تاغ خان، ئالتىنچىسى دېڭىزخان. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ دانىشمەن خوتۇنلىرىدىن تۇغۇلغان تۆت ئوغلى بار ئىدى.………… تۈركمەنلەر ئىچىدىكى تارىختىن خەۋىرى بار بىلىملىك زاتلار ئوغۇزخاننىڭ ئون ئىككى ئۆلكىگە تارقالغان 42 نەۋرىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى، تامغىسىنىڭ شەكلى ۋە چوقۇنىدىغان قۇشنىڭ نامىنى بىلىدۇ»○7 دېگەن ھەمدە ئۇلارنى بىر − بىرلەپ كۆرسەتكەن:
... |