skypeغا خەتلىتىش ۋە ئۇنىڭ چىرايىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
skype يۇمشاق دىتالى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە يامىقىنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى
يۇمشاق دىتالSkpyeنى http://fs21.filehippo.com/4076/c20290b731f54393902c20ee2fb8c13e/SkypeSetupFull.exe
دىن چۈشۈرىسىز، ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغان ياماقنىڭ ئەڭ يېڭىسىنى [url=http://forum.skype.com/index.php?app=core&module=attach§ion=attach&attach_id=83143دىن]http://forum.skype.com/index.php?app=core&module=attach§ion=attach&attach_id=83143دىن[/url] دىن چۈشۈرىسىز.
skypeغا خەتلىتىش
skypeنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تىل يامىقىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، skypeنى كومپيۇتېرىمىزغا قاچىلاپ، مەلۇم بىر ئىسىم بىلەن خەتلىتىمىز، خەتلەتكەن بۇ ئىسىم كىۇكىۇرىمىزدىكى نۇمۇرىمىزغا ئوخشاشskype نامىمىز(نۇمۇرىمىز) بولىدۇ، يەرشارىنىڭ قەيىرىدىن skypeنى قوزغاتساق ئاشۇ خەتلەتكەن نام بىلەن قوزغىتىمىز، شۇڭا بۇ نامنى ئەستايىدىل تاللىشىمىز(سىزنى قوشۇۋالماقچى بولغانلار بىر قاراشقىلا سىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىڭىزنى بىلەلىگىدەك بولسا ئەلبەتتە ياخشى)، ئاشۇ نامنىڭ يېزىقىنى بىرلەككە كەلگەن ULY بىلەن يېزىشىمىز لازىم(بۇ نام باشقىلارغا مەلۇم جەھەتتىن بىزنىڭ خەرەكتىرىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپ قويىدۇ). نامنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن سىز ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئوخشاش بىر ئېلخەت ئادىرىسىنى مۇناسىبەتلىك ئىككى كاتەكچىگە تولدۇرۇپ، ئىككى كاتەكچىگە ئوخشاش بىر ئىم(پارۇل)نى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن جەزملەشنى چەكسىڭىز، سىز ئىشلەتكەن نامنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ كىتىلگەن ياكى سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزگە بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلايدۇ، ئىشلىتىپ بولۇنغان بولسا، بۇ نامغا مەلۇم ھەرپ ياكى رەقەم قوشۇلغان بىرقانچە نامنى چىقىرىپ بېرىدۇ، بۇلاردىن بىرەرسى سىزگە يارىسا، يارىغىنىنىڭ يېنىدىكى يۇمۇلاقنى مائۇستا چىكىۋەتسىىز بولىدۇ، ناۋادا يارىماي باشقا بىرنامنى ئىشلەتسىڭىز كەينىگە ياندۇرۇپ يۇقۇرىدىكى تەرتىپ بويىچە قايتىدىن مەشغۇلات قىلىسىز، تاكى سىزگە يارىغان ئىسىمدا خەتلەتكىلى بولغىچە مەشۇلاتنى تەكرالاپ، داۋامىغا ئۆتۈپ، خەتلىتىشىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ، مەن باشتا ئىخچامراق ئىسىم ئېلىش ئۈچۈن تەگئاتىم Qutlan نى خەتلەتمەكچى بولۇپ كىرگۈزدۈم، بۇنى بۇرۇن خەتلىتىپ ئىشلەتمەي ئۇنتۇلۇپ قالدىممۇ ياكى باشقا بىرسى خىيانەت قىلىپ خەتلىتىۋالدىمۇ بىلمىدىم، Qutlan1, Qutlan2, ... دېگەندەك تاللاش چىقىۋىدى، رەقەم كەلگەن ئىسىمنى ياقتۇرمىغىنىم ئۈچۈن Bidar-Qutlanنى كىرگۈزسەم مۇۋەپپىقىيەتلىك خەتلەندى. ھەم skypeندىكى مۇڭداشقۇم قوزغالدى.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
skype قوزغالغاندىن كېيىن تىزىملىك قۇرىدىكى (工具(Vنى چەكسەك بىرتىزىملىك ئېچىلىدۇ، تىزىملىكتىكى(更改语言(Xنى چەكسەك، بىرمۇنچە تىللارنىڭ تىزىملىكى چىقىدۇ، ئەڭ ئاستىغا سۈرۈپ، ئاستىدىن 2- قۇرنى تاللاپ قويساق، كومپيۇتېرىمىزدىكى ھۆججەتنى ئېچىش كۆزنىكى پەيدا بولىدۇ، بۇ كۆزنەكنى بايام چۈشۈرۈپ قويغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ يامىقى بار جايغا باشلاپ كىرىپ ياماقنى كۆرسىتىپ قويساق، مۇڭداشقۇمىز دەرھال ئۇيغۇرچىغا ئۆزگىىرىدۇ. بىز بۇ جەريانلارنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ھەرقانداق تىلدا، ھەرقانداق يېزىقتا بىمالال، ئىشلەتسەك بولىدۇ، ھىھچقانداق يېزىقنى چەتكە قاقمايدۇ، يەكلىمەيدۇ. ئالاقىدار قانۇن، سىياسەتلەرگە خىلاپلىق قىلماي ئىشلەتسەك ئۇ ئەڭ بىخەتەر مۇڭداشقۇ بولالايدۇ.
يۇقۇرىدىكى يازغانلىرىم چۈشۈنۈشكە كەمتۈگلۈك قىلسا، چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ، خەتلىتىپ بولغاندىن كېيىن، مېنى قوشۇۋالسىڭىز، مۇڭداشقۇمىزدا چۈشەندۈرەي.
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
|