ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 803|ئىنكاس: 1

سۆزلەر تەكرارلىقىنى ھېسابلاش پىروگراممىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mouse تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 13:46  

نېمىشقكىن سۆزلەر تەكرارلىقىنى ھېسابلاشقا ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغانمەن،بولۇپمۇ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدىكى سۆزلەر سۆزلەر تەكرارلىقىنى تېپىش مەن ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.بىر چاغلاردا ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇرتىلىدىكى چاستوتىسى ئەڭ يۇقىرى ھەرپنىڭ «ى» ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بەك سۆزنىڭ ۋە، بۇ ، بىلەن، بىر، بولۇپ (لېكىن بۇ تۈپ سۆز ئەمەس، تۈپ سۆز بويىچە «قىل-» دېگەن تۈپ پېئىل بۇ يەرگە تىزىلىدۇ) ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇيغۇرچە 22 مىليون تەبئىي سۆزلۈك ئامبىرى تېمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ ماڭا ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك تۇيۇلغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى بولۇپ زور ئەھمىيەتكە ئېگە بىر ئىش ھەم جاپالىق بىر خىزمەت. ئالىم مۇئەللىم، ئۆزىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى يىغىۋاتقىلى ئون نەچچە يىللارنىڭ بولغانلىقى، نۇرغۇن زېھنىنى سىڭدۈرگەنلىكى ۋە ھازىرقىدەك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى دېگەن ۋاقتىدا سۆزلەر تەكرارلىقىنى ھېسابلاشقا ئاجايىپ قىزىقىپ قالغان ئىدىم.مۇشۇ قىزىقىشلارنىڭ تۈرتكىسىدە توردىن كۆپلەپ مەزمۇن كۆرۈش ئارقىلىق گەرچە بەك ئىلغار دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ھەرھالدا قىزىقىشىمنىڭ ئاددىي بىر نەتىجىسى سۈپىتىدا MS Word دا سەل كالامپاي بولغان سۆزلەر تەكرارلىقىنى ھېسابلاش مەقسىتىگە يەتكەن ئىدىم(بۇ تېمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:سۆزلەر تەكرارلىقى). سۆزلەر تەكرارلىق ئېنىقلىمىسى، پىرىنسىپى قاتارلىقلار ئىلگىرىكى شۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېمىدا قايتا تىلغا ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ قاراپ، قايتا بۇ تېمىغا كىرگۈزمەيمەن. قىزىقدىغانلار ئىلگىرىكى تېمىغا كىرىپ ئوقۇۋالساڭلار بولىدۇ.بۇ تېمىغا كەلسەك، چەتئەل تورلىرىدىن سۆزلەر تەكرارلىقىغا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆپلەپ كۆرۈش، ئىجادىي پايدىلىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئاددىي پىروگرامما تۈزۈلدى، بۇ پىروگراممىنىڭ سۆزلەر تەكرارلىقىنى ھېسابلاشقا ئائىت كودلار يەنىلا ئەسلى ئاپتورغا مەنسۇپ، مېنىڭ قىلغىنىم پەقەت ھېسابلاش ئالگورىزىمىغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئىجادىي ئىشلىتىش ئارقىلىق ۋە ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق بۇ پىروگراممىنى قىلغان بولدۇم ۋە قاچىلاش پىروگراممىسىنى ياساپ قويدۇم، قىزىدىغانلار چۈشۈرۈپ سىناپ باقساڭلار. بۇ پىروگراممىدا نەتىجىنى ئىككىك كود شەكلىدە ۋە XML ھۆججىتىدە ساقلىغىلى بولىدۇ، ۋە يۈكلىگىلى بولىدۇ.تېكىست ھۆججىتى قىلىپ ساقلاشنى قىلمىدىم، چۈنكى تەتىجىنى بىۋاستە پىروگرامما يۈزىدىن كۆچۈرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئەمەلىي سىناقتىن ئۈزۈندىلەر
1.مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى(بۇ كىشىگە ئىككى دۇنيالىق كاتتا ئەجر،ساۋابلار بولسۇن)دىن تۇتۇلغان رەسىم
1.gif
2.jpg
بۇ نەتىجىنى كۆرۈپ ئاۋۇ «نىڭ»، «ئۇ» لارنىمۇ بىر سۆز دەپ بىر تەرەپ قىلىپتۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ پىروگرامما تىنىش بەلگىلىرىنى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا بوشلۇقنى بىرلىك قىلىپ سۆزلەرگە پارچىلايدىغان بولغاچقا ئەسلى تېكىستىكى «اﷲ نىڭ» دېگەن جايلاردىكى بوشلۇقنى بىرلىك قىلىپ ئايرىۋېتىدۇ، شۇڭا نەتىجىسى شۇنداق بولغان.
2.قۇرئان كەرىم ئەرەبچە تەرجىمىسىدىن تۇتۇرلغان رەسىم
3.jpg
4.jpg
3.قۇرئان كەرىم ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىدىن تۇتۇلغان رەسىم
6.jpg
7.jpg
قۇرئان ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىدىن شۇنى بايقىيالايمىزكى، The دېگەن سۆزنىڭ تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىگە قاراپ باقسام ھەقىقەتەن The دېگەن سۆز ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاللاھنىڭ 99 سۈپىتىنىڭ ئىنگىلىزچىسىدىمۇ ھەربىر سۈپەتنىڭ ئالدىغا The سۆزى ئىشلىتىلگەن.

ئەسكەرتىش:بۇ پىروگرامما پەقەت ئۆزۈمنىڭ شەخسى قىزىقىشى تۈپەپلى تۈزۈلگەن، پىروگرامما نەتىجىسىدە خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما پۈتۈنلەي خاتا ئەمەس، ئازراق پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن.چۈشۈرۈپ سىناپ باققان دوستلىرىمىزنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى، يەنە باشقا تەجرىبىلىرى بولسا ئورتاقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە بىرگەپ، بۇ پىروگرممىدا ئىشلىتىلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈچ خىل تىلدىكى تېكىست ھۆججىتى ئېھتىياجلىقلارغا ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىلىدۇ، ئېھتىياجى بارلار ئىناس قالدۇرۇپ قويساڭلار، رەھمەت.


پايدىلىنىلغان مەنبەلەر

مۇھەممەت سالىھ ھاجىمنىڭ قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

پادىشاھ فەھەد(King Fahad ) نىڭ ئەرەبچە قۇرئان كەرىم

يۈسۈف ئەلىنىڭ قۇرئان كەرىم ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى


قاچىلاش پىروگراممىسىنى چۈشۈرۈش

مەنبە:چاشقان تور خاتىرىسى

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2015-2-20 19:01
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 03:32 , Processed in 0.126583 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat