Windows Live Messenger ( قىسقارتىلىمىسى MSN ياكى Messenger ) ، بۇ پەقەت بىر ئاددىغىنە مۇڭداشقۇ بولۇپ قالماستىن، كىشىگە ئۆزگىچە ھوزۇر بېغىشلايدىغان، تورداشلار ئارا ئالاقىلىشىش ۋە رەسىم ، ھۆججەت ، بوشلۇقلارنى ھەمبەھىرلىنىش ئىنتايىن قولايىلىق بولغان ، كۆپ خىل كۈچلۈك ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئالاقە دېتالى بولۇپ، بۇ Microsoft نىڭ Windows تىن باشقا يەنە بىر مەشھۇر دېتالىدۇر. مەزكۇر دېتال دۇنيا بويىچە ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيادىكى قاپلىنىش نىسبىتى مۇشۇ تۈردىكى ئالاقە دېتاللىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ( ئامېرىكىنىڭ ستاتىستىكىسى بويىچە 6 يۈز مىليۇندىن ئارتۇق تور ئاممىسى MSN نى ئىشلىتىدۇ ) . جۇڭگودىمۇ 72 مىليۇن تور ئاممىسى MSN نى ئىشلىتىدۇ. مېنى ئەڭ كۆيدۈرگىنى MSN
ئۇيغۇر يېزىقىنى ناھايىتى بىمالال قوللايدىكەن. بەلكىم بارچە مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ئۆز تىل – يېزىقىدا پاراڭلىشىش ، ئالاقىلىشىش ئوخشاش ھوزۇرلۇق ئىش بولسا كېرەك. مەن پەقەت MSN نى بۇ جايدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ، ئىلقۇت بلوگى تەمىنلىگەن MSN ئىشلىتىش قوللانمىسى بويىچە تىزىملىتىپ ۋە تەڭشەپ ، ئەلكاتىپ ياكى ئويغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىنى قاچىلاپلا ، يېقىن دوست – بۇرادەرلىرىم ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم بىلەن بىۋاسىتە ئۇيغۇر يېزىقىدا ناھايىتى خۇش كەيپىياتتا مۇڭدىشالايدىكەنمەن. كىشى ئۈچۈن ئۆز يېزىقىدا خەتلىشىپ مۇڭدىشىشتىنمۇ ئارتۇق ھوزۇر بارمۇ دەيسىز ؟! نېمە دېگەن مېھرى ئىللىق يېزىق ، نېمە دېگەن كۆركەم يېزىق ! بۇ يەردە بەلكىم پۇكۇنچى مۇڭداشقۇ كىشىنىڭ تور مەخپىيەتلىكىنى ئوغۇرلايدىكەن ، دائىم كومپيۇتېر مەشغۇلاتىمىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن ۋە بىزنىڭ تور زىيارەت ھوقۇقىمىزغا مۇتىھەملەرچە دەخىلە – تەرۇز قىلىدىكەن ، دەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ بىزگە قولايلىق تەمىنلەپ بېرىۋاتقان ، تور ھاياتىمىزغا ئۆزگىچە مەنا بېغىشلاۋاتقان دېتاللارنى بىرىنى ياخشى بىرىنى ئەسكى دەپ سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. ئەمما، مېنىڭچە قايسى خىل دېتالنى تاللاپ ئىشلىتىش، قايسىسىنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك يەنىلا بىز تورچىلارنىڭ ئەركىمىزدۇر. خۇسۇسەن، مەن MSN نى ئۇيغۇر يېزىقىنى ناھايىتى ياخشى قوللاپ بېرەلىگەنلىكى، ئۆزەمنىڭ MSN ئارقىلىق يېقىن – يورۇقلىرىم بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقىدا بەھۇزۇر مۇڭدىشالىغانلىقىم ئۈچۈن ياقتۇرۇپ قالدىم. ئەگەر سىزمۇ ئۆز ئانا تىل يېزىقىدا مۇڭدىشىشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرمەكچى بولسىڭىز MSN نى ئىشلىتىپ سىناپ كۆرۈڭ! مەن MSN نى يېڭياچىلەردىن ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى تازا دېگەندىكىدەك بىلىپ كېتەلمىدىم. ناۋادا بۇ ھەقتە تەجرىبە – تەسىراتلىرى بار تورداشلار بولسا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان بولسا دېگەن ئۈمىدتىمەن. |