ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1116|ئىنكاس: 16

چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى 2.0 ئېلان قىلىندى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابباس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 20:42  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ياخشى شىركىتى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ روزى ھېيتىنى ئالدىن قۇتلۇقلايدۇ .
چېچەن كىرگۈزگۈچىسى 1.0 نۇسخىسى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى تارقىتىلغان ئىدى ،  بۈگۈن مەن يەنە روزى ھېيت ھارپىسى مەزگىلىدە  چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىنىڭ  2.0 نۇسخىسى ئېلىپ كەلدىم.
1.0 نۇسخىدا بايقالغان بارلىق مەسىلىلەر تۈزىتىلدى  ئۇنىڭدىن سىرت  نامزات سۆز تەرتىۋى جەھەتتە ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى.
چېچەن كىرگۈزگۈچ 2.0 نۇسخىسى ئالاھىدىلىكلىرى :
1. ئەزالارنىڭ كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلۈكلىرىنى ئەستە ساقلايدۇ ، يەنى سىز چېچەن كىرگۈزگۈچ سۆزلۈك ئامبىرىدا يوق سۆزلەرنى بىر نەچچە قېتىم تەكرار كىرگۈزۈپ ئىشلەتكەندىن كىيىن ، چېچەن بۇ سۆزلۈكلەرنى ئەستە ساقلايدۇ ، ھەم نامزات سۆز قاتارىدا ئالدىغا تىزىپ بېرىدۇ بۇ 2.0 نۇسخىسىدىكى ئەڭ يارقىن نوقتا
2.ۋىندوۋس 8 مېترو نۇسخىسىدا نورمال ئىشلەيدۇ

3.ئاپتوماتىك ئەمزە قويۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى ، ئەلۋەتتە بۇ ئىقتىدارنى سىز تەڭشەك رايونىدىن تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز .
4.قاچىلىغاندا ئىزدە تورىنى باشبەت قىلىش ياكى قىلماسلىقنى تاللىيالايسىز .
5.قاچىلىغاندا مۈدۈك باشبېتىنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىكنى تاللىيالايسىز .
6. چېچەن 2.0 نۇسخىسىدا نورمال ھالەت بىلەن چېچەن ھالەتنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز، تەڭشەك ئورنىدىن ئالماشتۇرسىڭىز ياكى shift + space يەنى شىفت بىلەن بوشلۇقنى تەڭلا بېسىپ ئالماشتۇرۇشقىمۇ ، ھالەت ستونىدىكى يۇلتۇز بەلگىسىنى يۇرۇتۇش ، ئۆچۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئالماشتۇرالايسىز (چېچەن ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنىدىغان ھالەت ، نورمال ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنمەيدىغان ، بىۋاستە يېزىلىدىغان ھالەت)
7.كىرگۈزگۈچتە خەت يازغاندا نامزات سۆزلۈك ئۈستىدىكى سىز ئۇرۇپ كىرگۈزگەن ماس ھالدىكى لاتىن يېزىقى ئورنىغا ، ئۇيغۇرچە ئېلىندى (1.0 نۇسخىدا ئەڭ كۆپ ئىنكاس قىلىنغان نۇقتىلارنىڭ بېرى )
1. نۇسخىدىكى ھالىتى
haha-1.jpg

2.0 نۇسخىدىكى ھالىتى
ha2.0.jpg

8. چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئۆلچەملىك  يونىكود ئۆلچىمى ئاساسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان دېتال بولۇپ ، ئەلكاتىپ ، UKIJ ، ئەلپىدا قاتارلىق يونىكودلۇق كىرگۈزگۈچلەردە يېزىلغان بارلىق ماتېرىياللارنى قوللايدۇ . بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 2.0 نۇسخىسىدىكى يارقىن نوقتىلار يۇقارقى 8 تۈرلۈكلا ئەمەس ، قالغانلىرىنى ئۇدا 5-10 كۈن ئىشلەتكەندىن كىيىن تەبىئىيلا ھىس قىلىپ يىتەلەيسىز .
كىرگۈزگۈچنى ياقتۇرغان دوستلارنىڭ باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى ، توربېكىتى بار دوستلارنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ھە-ھۇ دىيىشىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز .


b_banner.jpg



چېچەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى Windows  مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالى بولۇپ ، XP/Vista/Win7/win8 قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

چېچەن كىرگۈزگۈچ ئاساسلىق ئىقتىدارى :
1. ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنالايسىز، سۆزلۈك ئامبىرى تەجرىبىلىك كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن.
2.ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ، چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىرگۈزۈش ئادىتىنى ئەستە ساقلايدىغان بولۇپ، كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىزنى نامزات سۆزلۈك قاتارىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنىغا تىزىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3.يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەگەر سىز يېڭى ئۆگەنچى بولسىڭىز يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسىنى قوزغىتىپ ، كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ( ياكى كۇنۇپكا تاختىسىغا قاراپ ) خەت كىرگۈزسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
4. كىرگۈزۈش سۈرئىتىڭىز تېزلىشىدۇ، سىز كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىنى كىرگۈزسىڭىزلا ، چېچەن سىزگە كىرگۈزگەن ھەرپلىرىڭىزگە ماس كېلىدىغان ، كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى نامزات سۆز قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
5.سۆز بىرىكمىسى كىرگۈزۈش تېخىمۇ قولايلىق ھەم تېز، مەسىلەن: ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز پەقەت ‹‹ ش ۇ ا ر ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز ‹‹ ۈ ش ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ. ( سۆز بېرىكمىسى يازغاندا ئەمزە ‹‹ ئ ››قوشۇپ يېزىشىڭىز ھاجەتسىز )
6.كۆپ خىل كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇبى تەمىنلەندى، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇب، رەڭلەرنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز. يەنە شىركىتىمىز تەمىنلىگەن Chichenicc ئۇسلۇب لايىھەلەش قورالى ئارقىلىق ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسوندىكى ئۇسلۇبلارنى ياساپ ئىشلىتەلەيسىز.
7.بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئەڭ يېڭى سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلىتەلەيسىز، سۆزلۈك ئامبىرىنى توردا يېڭىلاشقا بولىدۇ، شىركىتىمىز سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق تولۇقلايدۇ، سۆزلۈك ئامبىرى يېڭىلاش ئۈچۈن دېتالنى قايتا قاچىلىشىڭىز ھاجەتسىز.
8.shift كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، لاتىنچە كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرالايسىز، ئىنتايىن قولايلىق.
9.قاچىلاش باسقۇچى ئاددىي، قولايلىق؛ قاچىلاشتىن ئىلگىرى ياكى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
10. چېچەن 2.0 نۇسخىسىدا نورمال ھالەت بىلەن چېچەن ھالەتنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز، تەڭشەك ئورنىدىن ئالماشتۇرسىڭىز ياكى shift + space يەنى شىفت بىلەن بوشلۇقنى تەڭلا بېسىپ ئالماشتۇرۇشقىمۇ ، ھالەت ستونىدىكى يۇلتۇز بەلگىسىنى يۇرۇتۇش ، ئۆچۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئالماشتۇرالايسىز (چېچەن ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنىدىغان ھالەت ، نورمال ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنمەيدىغان ، بىۋاستە يېزىلىدىغان ھالەت)



چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى .
چېچەن كىرگۈزگۈچ توربېتى (كىرگۈزگۈچ چۈشۈرۈش ) ئادرېسى : http://ime.izda.com
چېچەن كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش قوللانمىسى ئادرېسى : http://ime.izda.com/ime/help
مەزكۇر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھەقسىز يۇمشاق دېتال.
نۇسخا نومۇرى : چېچەن 2.0
مەزكۇر دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە


ۋاقتى: 2014-7-25 10:45:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
win7 دە نورمال ئىشلىتەلمىدىمغۇ. 维吾尔语 دىگەن تۈرنىڭ ئاستىدىكى 键盘 دىگەندە   chichan Uyghur input بار، لىكىن ۋەپىچە سىتونىدىكى تىل تاللاش تالچىسىدىن ui نى تاللىسام، كونۇپكا تاختىسى تاللاش ئورنىدا chichan Uyghur input  يوق.
ۋاقتى: 2014-7-25 10:57:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆزلىك ئامبىرى يېڭىلاش ئىقتىدارىمۇ ئىشلىمەيۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 2014-7-25 12:14:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ كومىپىيۇتىرىمىغىمۇ نورمال قاچىلانمىدى سىتىما win7 64
ۋاقتى: 2014-7-25 16:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ截图20140725161016.png
مۇشۇنداق   چىقۋالدىغۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-25 18:55:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kusan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-25 16:10
مۇشۇنداق   چىقۋالدىغۇ

كومپيۇتېرىڭىز قايسى مەشغۇلات سىستېمىسى ؟
ۋاقتى: 2014-7-25 20:46:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
win7 نىڭ 64بىت غا نۇرمال قاچىلاشقا ئامال بولمىدى، بۇ پەقەت 32بىت قىلا ماس كىلەمدۇ قانداق؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-25 21:49:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bostan305 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-25 20:46
win7 نىڭ 64بىت غا نۇرمال قاچىلاشقا ئامال بولمىدى، بۇ پەقە ...

بىز ئىشخانىلاردىكى 64 بىتلىق كومپيۇتېرلاردىمۇ سىنىغان ئىدۇق ، باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمىگەن نورمل ئىدى، سىز توردىن چۈشۈرگەندە 64 بىتلىق نۇسخىسىنى چۈشۈرگەنلىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز ؟
ۋاقتى: 2014-7-26 11:55:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابباس يوللىغان ۋاقتى  2014-7-25 18:55
كومپيۇتېرىڭىز قايسى مەشغۇلات سىستېمىسى ؟

سېستىما  windows7     
32 بىت   دۇكاندا   ئىككى  كومپيوتېر  بار  ئىدى  ئىككىلىسىدە   شۇنداق   
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-26 13:18:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kusan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 11:55
سېستىما  windows7     
32 بىت   دۇكاندا   ئىككى  كومپيوتېر  بار  ...

كومپيۇتېرىڭىز سېستىمىسى 32 بىتلىق بولسا ، 32 بىتلىق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىشىڭىز نورمال قاچىلىنىدۇ
ۋاقتى: 2014-7-26 15:26:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچىلاش پروگراممىسى inno setup ئارقىلىق ياساپ چىقىلغانمۇ؟
ۋاقتى: 2014-7-26 17:24:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەچەتكەنغۇ مەن بەكمۇ ياقتۇرۇپ  قالدىم ، سوگو شۇرۇفادىنمۇ بەك نوچى چىقىپتۇ
ۋاقتى: 2014-7-26 18:47:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن نورماللاشتى .
ۋاقتى: 2014-7-28 14:19:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزا ھېيىت ھارپىسىدىكى شۇنداقلا مەن بۈگۈن كۆرگەن ئەڭ ئىسىل سوۋغاتلىق تېمىكەن بۇ، ئىلگىركى نۇسقىدىكى كومپىيۇتېر قوزغالسىلا چاچراپ چىقىۋالىدىغان ئېلاننى قالدۇرۋەتكەنسىلە ھە
ۋاقتى: 2014-7-28 14:53:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابباس يوللىغان ۋاقتى  2014-7-25 21:49
بىز ئىشخانىلاردىكى 64 بىتلىق كومپيۇتېرلاردىمۇ سىنىغا ...

ئىكراندىن رەسىم تۇتۇپ يوللاپ قويدۇم كۈرۈپ بېقىڭ!
ياكى مىنىڭ سېستىمام ھەقلىق نەشىر بولمىغاندىكىن نۇرمال ئىجرا بولمىدىمۇ؟
QQ截图20140728125019.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 19:46 , Processed in 0.283470 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat